مۇنىرە ئالىم دىگەن ئسىمنى مەن دەسلەپ مەلۇم بىر مۇنبەردە ئۇچراتقان ئىدىم. دىققىتىمنى تارتقىنى ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئىسمى ئەمەس نەسىرلىرى ئىدى. ئىشقىلىپ ئۇنىڭ نەسىرلىرىدە ئۆزگىچە تىل بار، يەنى شېئرغا ئۇخشاش ئاھاڭدارلىق. مەن شۇنداق دىيىشنى لايىق تاپتىم. ئۆزىگە خاس ئۇسلۇپ بۇلۇش ئۆز قەلبىنى ھەقىقى ئىپادە قىلىش ھەربىر ئەدەبىيات پەرۋانىسى ئۈچۈن مۇھىم. بىر تۇنۇشۇم مۇنىرە ھەققىدە شۇنداق دىگەنىدى: «ئۇنىڭ ھەربىر ئىنكاسى نەسىر، بەكمۇ ھەۋەس قىلىمەن.»
مۇنىرەنىڭ ئشلىرى ئۇڭۇشلۇق، ئىجادىيتى مول بولغاي، تىمتاس ھاياتنىڭ ھەربىر بېتىنى مەنىلەرگە باي قۇرلار بىلەن بېزەشكە مۇيەسسەر بولغاي.
|