ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنىرە، يازغۇچىلار مۇنبىرىمىز بۇ قېتىم سىزگە نەزەر ئاغدۇرۇپتۇ. ھېلىمۇ جىق كېچىكىپ كەتتى. 2011 - يىلى باھار كۈنلىرىدە مۇشۇ مېھرى ئىسسىق مۇنبەردە سىزنى ئۇچراتقىنىمدىن بېرى سىزگە ھۆرمىتىم بار ئىدى. ئاللاھنىڭ قۇدرىتى بىلەن كېيىنچە سىرداش دوستلاردىن، قېرىنداشلاردىن بولۇپ قالدۇق. سىز بىلەن پىكىرلەشكەن، مۇڭداشقان كۆڭۈللۈك كۈنلەرنى ئەسلەيمەن. مېھىر - مۇھەببەت يامغۇرى يېغىپ تۇرغان نەسىرلىرىڭىزدىن سۆيۈنىمەن.
مېھرىبان ئاللاھتىن سىزنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەزىز قىلىشىنى تىلەيمەن. شاماللار ئويغانغان گۈزەل كۈنلەردە سىزنى يەنە كۆرسەم دەيمەن.
|