جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 2093 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 64|ئىنكاس: 0

ياغىدۇ سېغىنىش باغرىمدىن سىم-سىم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  72
يازما سانى: 233
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 591
تۆھپە : 4
توردا: 101
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-6 22:40:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ياغىدۇ سېغىنىش باغرىمدىن سىم-سىم




تۇرنىسا رەھىم ئاينۇرى



تاش شەھەر باغرىنى كېزىمەن ھارماي،
ئىنتىزار كۆزىمدە بېقىپ ھەممىگە.
ئارمانلار كۆكلەيدۇ شاخلاپ،غۇنچىلاپ،
ناتىۋان كۆڭۈلنى سېلىپ لەرزىگە.

كۈتۈشلەر ئىچىدىن كېلەر ئەسلىمە،
چاپتۇرۇپ خىيالنىڭ ئۇچقۇر ئېتىنى.
بىر ئەزىم دەرياغا كەتتىم قوشۇلۇپ،
ۋاراقلاپ سۆيگۈنىڭ كەچمىش بېتىنى.

دۈپۈلدەر يۈرىكىم كۆكرەك قەپەزدە،
ئايىقىڭ تىۋىشى كەلسە يېقىنلاپ.
ھىجراندا تاۋلانغان غۇبارسىز سۆيگۈ،
ياش بولۇپ تۆكۈلەر تارام تاراملاپ...

ياغىدۇ سېغىنىش باغرىمدىن سىم-سىم،
جۈپ كۆزلەر بېقىشسا ئەسلا قېنىشماي.
ۋىسالنىڭ ياپ- يېشىل چىمەنزارىدا،
خۇش ناۋا قىلغاندەك بۇلبۇل توختىماي.

ئاقىدۇ ھاياجان تومۇر- تومۇردا،
تىنىقىڭ  قوشۇلسا تىنىقلىرىمغا.
تۇيغۇمدا ھەممە يەر يېلىنجىغان چوغ،
ئوخشايدۇ ۋولقاننىڭ ئېتىلغىنىغا.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاينۇرى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-6 22:43  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش