ئاخشامقى ناخشا
(1)
مېنى ھەر زامان قىيناپ يېنىڭغا كېتىشكە ئۈندەيسەن... ئۆز كونتىروللىقىن يوقاتقان قەدەملىرىم مېنى ھىجران چۆللىرىگە ئىتتىرىشىدۇ. ھاياتىمنىڭ يارقىن مەنىسى، سۆيگۈمىزنىڭ بىردىنبىر شاھىتى بولغان ئەشۇ ۋەدىمىز ماڭا چۆللەردىمۇ، بوستانلارىدىمۇ بىردىنبىر ھەمراھ...
چۆچەكلەردە پادىشاھلار قىزىنى يوقسۇللارغا بېرىشكە قەتئى ئۇنىمايدىكەنتۇق. ئەنسىرەيمەن... ئاتاڭنىڭ ياقامنى سىلكىشلەپ تۇرۇپ "يوقال يالاڭتۆش! ئۆز خىلىڭنى تاپ" دىيىشلىرىدىن.
ئەنسىرەيمەن... ئاناڭنىڭ " دادىسى قىزىمىزغا ئوبدانراق كۆز قۇلاق بولايلى، نەدىكى بىر سەھرالىقنىڭ كەينىدىن كەتمىسۇن ئەمدى" دەپ قاقشاشلىرىدىن...
ئىچكى سىرلىرىمنى ناخشا قىلىپ ساڭا قۇشلاردىن ئېۋەتكۈم بار. سەن بار جايدا سايراپ تۇرىدىغان قۇشلارنىڭ بولماي قېلىشىدىن.
سېنى ئامرىقىم دەپ چاقىرغۇم بار. ئەنسىرەيمەن... "ئەسكى" دېگىنىڭچە مېنىڭدەك دەرتمەن ئاشىقىڭغا باتناپ قېلىشلىرىڭدىن...
سېنىڭدىن ئايرىلغۇم يوق. رەشىك ئوتىدا كۆيگەن يۈرىكىمدىن ساقىغان قىپقىزىل قان، كۆزلىرىمدىن ساقىپ چۈشكەن ياشلىرىم
ئاپئاق كوپتاڭنى بويىۋەتسە، نەمدىۋەتسە دەيمەن... لېكىن سەن مەندىن تولىمۇ يىراقتا، مېنىڭدىن تولىمۇ ئۇزاق جايدا سەن تېخى كىملىكىنىمۇ بىلمەيدىغان بىر ئاشىقنىڭ ساڭا بولغان مىسكىن سۆيگۈسىنى بىلمەستىن يۈرۈيدىغانسەن... بەلكىم سەن مېنى مەڭگۈ تونىيالمايدىغانسەن...