ئېقىن سۇ
يۇمشاق لېكىن تىرىك نەرسە سۇ،
چاڭگال سېلىپ تۇتقىلى بولماس.
ئالدىرايدۇ مەنزىلىگە ئۇ،
يا كۆڭلىنى ئۇتقىلى بولماس.
شۇنچە باي سىر ـ ھېكمەتلەرگە ئۇ،
سۈزۈلدۈرمەي يۇتقىلى بولماس...
قاتتىق تاشنى تېشەر تامچىلاپ،
قىلىچ ئۇرسا ئۈزۈلمەيدۇ سۇ.
قىل يورغىدەك يورغىلاپ، تاقلاپ،
لايقىپ ئاقار، سۈزۈلمەيدۇ ئۇ.
قۇم ئېرىقتا ئوينار ئېغىناپ،
ئۈگۈت قىلسا، تۈزۈلمەيدۇ ئۇ.
تاڭ نۇرىدەك مامۇق بولسىمۇ،
قۇچۇپ ئۆتەر قىلىچتەك تاشنى.
«ئېتىزلارنى سۆيىمەن» دەيدۇ،
سىڭدۈرىدۇ تالاي كۆز ياشنى.
مايسىلارنىڭ غېمىنى يەيدۇ،
يېشىللىققا چىللاپ قۇياشنى...
قۇرام تاشلار توسسا ئالدىنى،
سۇ ئۆزىنى ئۇرار ھىملىشىپ.
مۆكۈۋالماس كۆرسە دالدىنى،
ئالغا قاراپ چاپار لىملىشىپ...
قۇچقان كۈنى ئېتىز باغرىنى،
مۇراد تېپىپ قالار جىملىشىپ.
....................
ئۆرنەك بولسۇن سۇ خىسلىتى، يار،
تاشنى قۇچۇپ، تېشىپ ئۆتەيلى.
كۆڭۈللەردىن يوقالسۇن دىشۋار،
ھىملىشىپ نۇر، ئىقبال كۈتەيلى.
شۇندا بىزگە يۈزلەنمەس جۇت، قار...،
دوقاللاردىن ئېشىپ ئۆتەيلى!!