ximal
كۆرۈش: 867|ئىنكاس: 13

ۋاھىتجان ئوسمان [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 2
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 15:48:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

wahitjan.jpg

ۋاھىتجان ئوسمان  1963- يىلى 4 - ئايدا كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1985 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن.  1985 - يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە «مىراس» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2001-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىغا يۆتكەلگەن. 2002 - يىلىدىن 2005-يىلىغىچە «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولغان.  2006-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرچە دەرسلىك بۆلۈمىدە  ئىشلەۋاتىدۇ.

شائىرنىڭ تۇنجى شېئىرى 1983-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە 500پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە داستانلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. بىرتۈركۈم شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى چەتئەللەردە ئېلان قىلىنغان. 40پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىغا ئاھاڭ ئىشلەنگەن. شېئىرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2012-يىلى «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ «مۇنەۋۋەر ئەدىب» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.  «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 10-نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ئاۋازلىق ئوقيا»، «شائىر رىۋايىتى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنى توپلاش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىدە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ نەشىرگە تەييارلىغان «تېپىشماقلىق چۆچەكلەر»، «ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى»(1993-يىل)، «ئىبراھىم سايىت لەتىپىلىرى»(2010-يىل) شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان.

2001-يىلىدىن ھازىرغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكىنى تۈزۈش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 15پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇ ئىشلىگەن «قىرلىق ئىستاكان»، «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈل» قاتارلىق كىنو ۋە بىرقىسىم ناخشا پىلاستىنكىلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇ تەرجىمە ۋە نەشىرگە ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «چالىقۇشى» كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان.

ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.



Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 2
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 16:45:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھىتجان ئوسمان

مەن شېئىر يېزىۋاتقاندا

يۇلتۇزلار سەپ تۈزۈپ كۆكسۈمگە كۆچەر،
ئاھىمدىن بوراننىڭ ئاۋازى ئۆچەر،
ئاق بۇلۇت ئاق يىغلاپ كوچامدىن كېچەر،
قەلبىمدىن دەريالار سۇ تىلەپ ئىچەر،
مەن شېئىر يېزىۋاتقاندا.

ئەتىرگۈل بېغىدا قاندىن ھىد چاچار،
قاراتاش تېغىدا كۆيۈپ ئوت ئاچار،
كىيىكنىڭ يۈرىكى تېنىدىن قاچار،
بۈركۈتنىڭ پەرۋازى بىر ئاسمان ئاچار،
مەن شېئىر يېزىۋاتقاندا.

قېشىمدىن يىراقلاپ كېتىدۇ قورقۇش،
باغرىمغا ئۇۋۇلاپ كېتەر تۈمەن قۇش،
دوزاخقا كىرىدۇ قان تۆكۈش – ئۇرۇش،
بىر تاتلىق سېزىمدىن بولىمەن بىھۇش،
مەن شېئىر يېزىۋاتقاندا.

مەلىكە چوپاننى سۆيەر كەپىدە،
يېتىم قىز ئوينايدۇ ئالتۇن مەپىدە،
شاھلارنىڭ قىسمەتتىن يۈرىكى زېدە،
بىر كىملەر ئويلىنار شائىر ھەققىدە،
مەن شېئىر يېزىۋاتقاندا.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 628
تۆھپە : 0
توردا: 88
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 16:50:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭغا سالاملار بولسۇن!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  61
يازما سانى: 321
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1067
تۆھپە : 0
توردا: 198
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 18:32:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئاشىق ھېكايىسى


تېكىست ئاپتورى:ۋاھىتجان ئوسمان



ئاسمان دەز كەتسە كەتسۇن، كۆڭۈل دەز كەتمىسۇن!...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  39
يازما سانى: 795
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1298
تۆھپە : 7
توردا: 120
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 18:40:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرىكەت تىلەيمەن .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 19:03:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھىتجان ئوسمان ئاكىنىڭ ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق، قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 2
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 19:10:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھىتجان ئوسمان

كونا جاي

ئۇخلىماقتا تۈن قوينىدا تۈن،
سۇدا ئوينار ئىزغىرىن شامال.
ئاي نۇرىنى چۈشىمەكتە كۈن،
بىردە جاۋاب، بىرىدە سوئال.

قېرى سۆگەت تۈۋى ـــ كونا جاي،
كۆيەر بىر تەن ئاھتىن لاۋۇلداپ.
خىيال قىلار ئۇۋىدا تورغاي،
ئۆيدە يىغلار بىر قىز بۇقۇلداپ.

خەنجەرسىمان سائەتنىڭ تىلى،
سانجىلىدۇ ئاچچىق بىر جانغا،
كۆيۈپ تۇرغان قىزنىڭ جان – دىلى،
يالقۇنلارنى چاچار ئاسمانغا.

چىرمىشىدۇ بۇ جايدا تەشۋىش،
ئەمما ۋىسال تېپىشمايدۇ تەن.
ئۇلار ئۈچۈن ھامان كۆكلەم – قىش،
سۆگەت تۈۋى ھىجرانلىق ۋەتەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  297
يازما سانى: 95
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 196
تۆھپە : 2
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 19:12:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاھىتجان ئوسمان

شامالنىڭ ھەيكىلى

قانات ئۇردۇڭ ئەينەككە يەنە،
ئىزدەپ كەلدىڭ مېنى ئېھتىمال.
ئۇخلاتمىدى قانداق مۇھەببەت؟
سىرلىرىڭنى ئېيتقىنا شامال.

سەن سىرتتا، مەن ئۆينىڭ ئىچىدە،
ئارىمىزدا بىر قات ئىزتىراپ.
قىش قەلبىگە ئۈندۈرمە تېرىپ،
ئېپ كەلدىڭمۇ باھارغا ئوراپ.

نۇرغا تولغان يوپۇرماقلارنىڭ،
جىلۋىسىدە نازىڭ ئۇخلارمۇ؟
گۈلنى ئويناپ ئۆتسەڭ سەھەردە،
شەبنەم ئېقىپ – ئېقىپ يىغلارمۇ؟

سەن دالادا كۈندە كىشنىسەڭ،
قىلىقلاندى ھەممە ئىچىدىن.
ئاينىڭ بېشى يەتتى زېمىنغا،
يۇلتۇز بىدار چىقتى كېچىدىن.

بىر يەرلەرگە ئۇچتى سەن بىلەن،
ئېپتىخاردا قۇشلار غۇرۇرى.
قەلبىڭدىكى ئۇرۇقلار بىلەن،
تۆت پەسىلنىڭ ئاشتى ھۇزۇرى.

تاغ زېمىننىڭ، دەرەخ يىلتىزنىڭ،
ياسىۋالغان ھەيكىلى ئىكەن.
ئۆز كويىدا ھالسىرار ھەممە،
سەن بىپەرۋا يۈرگىنىڭ بىلەن...

ھەيكەل قاتقان مۇھەببەت، شۇڭا،
يۈرەك يېرىپ يېزىلغان باھا.
ھەيكىلىڭنى روھىمغا تىكلەپ،
ئۇچقۇم كەلدى سەن بىلەن تازا.

                 

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  101
يازما سانى: 173
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 628
تۆھپە : 0
توردا: 157
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-27 22:00:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ئاۋازلىق ئوقيا›› نى سومكامدا كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئوقۇۋاتىمەن. شائىرىمىزغا سالاملار يوللايمەن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  334
يازما سانى: 639
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2258
تۆھپە : 18
توردا: 416
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 00:19:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ۋاھىتجان ئوسمان ئاكا!!!

مەن ‹‹شائىر رىۋايىتى››دېگەن شېئىرلار توپلىمىڭىزدىن سىزنى تونىغان.

تۇلپار مۇكاپاتىغا ئېرىشكەلىگىڭىزنى ئاڭلاپ ئالەمچە سۇيۇندۇم،تېخىمو بەرىكەتلىك بولوڭ!

گۇھەر ياتىدو سايدا قازمىسا

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1554
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 178
تۆھپە : 0
توردا: 21
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 10:26:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ۋاھىتجان ئاكا، تۇلپار ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلىكىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. 99 - يىللىرى ئەتراپىدا ‹‹تەڭرىتاغ›› ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان ‹‹ئالتۇن شاخلار›› شېئريەت كۇچىسىغا بىلىپ بىلمەي ئەمدىلا قەدەم ئالغان ئەشۇ چاغلاردا خاتىرەمگە كۈچۈرۈپ ئېلىنغان، ھىلىھەم ئاشۇ شېئرنى ھەر قېتىم ئۇقۇغىنىمدا روھىمنى قايتىدىن يۇيغاندەك بۇلىمەن. ئىجادىيتىڭىز بەركەتلىك بولسۇن ئاكا. سىزگە سالامەتلىك، ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق، قەلىمىڭىزگە بەركەت تىلەيمەن.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  228
يازما سانى: 1019
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 2217
تۆھپە : 14
توردا: 246
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 12:59:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئىسىل شېئىرلاركەن، بەرىكەت تىلەيمەن.

مەن ئېتىمنى تاغقا قويسام،
يۈرۈپتۇ سايدا.
بىر ئاتىدىن يەتتە ئىدۇق،
ئالتىمىز قايدا؟!
                       -ئۇيغۇر خەلق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 993
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1341
تۆھپە : 22
توردا: 167
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 13:41:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋازلىق ئوقيا دېگەن شېئىرلار توپلىمى  ساقلاش قىممىتى يۇقىرى كىتاپ دەپ قارايمەن

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5
يازما سانى: 305
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1099
تۆھپە : 4
توردا: 208
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-28 22:54:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ۋاھىتجان ئوسماننىڭ تۇلپار ئەدەبىياتى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەنلىكنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۇنىڭ كېيىنكى ئىشلىرىغا يەنىمۇ يېڭى ئۇتۇغلار تىلەيمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش