ۋاھىتجان ئوسمان 1963- يىلى 4 - ئايدا كەلپىن ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1985 - يىلى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزگەن. 1985 - يىلىدىن 2001 - يىلىغىچە «مىراس» ژۇرنىلىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. 2001-يىلى شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىغا يۆتكەلگەن. 2002 - يىلىدىن 2005-يىلىغىچە «شىنجاڭ مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى بولغان. 2006-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇرچە دەرسلىك بۆلۈمىدە ئىشلەۋاتىدۇ. شائىرنىڭ تۇنجى شېئىرى 1983-يىلى ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە 500پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە داستانلىرى ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان. بىرتۈركۈم شېئىرلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنغان. بىر قىسىم شېئىرلىرى چەتئەللەردە ئېلان قىلىنغان. 40پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىغا ئاھاڭ ئىشلەنگەن. شېئىرلىرى مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. 2012-يىلى «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتىنىڭ «مۇنەۋۋەر ئەدىب» مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. «ئاۋازلىق ئوقيا» ناملىق شېئىرلار توپلىمى 10-نۆۋەتلىك «تۇلپار ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ئاۋازلىق ئوقيا»، «شائىر رىۋايىتى» ناملىق شېئىرلار توپلاملىرى نەشىر قىلىنغان. ئۇ يەنە ئۇيغۇر خەلق ئەدەبىياتىنى توپلاش ۋە نەشر قىلىش خىزمىتىدە ئاز بولمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. ئۇ نەشىرگە تەييارلىغان «تېپىشماقلىق چۆچەكلەر»، «ئۇيغۇر بالىلار قوشاقلىرى»(1993-يىل)، «ئىبراھىم سايىت لەتىپىلىرى»(2010-يىل) شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان. 2001-يىلىدىن ھازىرغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ «تىل-ئەدەبىيات» دەرسلىكىنى تۈزۈش، تەھرىرلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن. 15پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى دەرسلىكلەرگە كىرگۈزۈلگەن. ئۇ ئىشلىگەن «قىرلىق ئىستاكان»، «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈل» قاتارلىق كىنو ۋە بىرقىسىم ناخشا پىلاستىنكىلىرى كەڭ جامائەتچىلىكنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن. ئۇ تەرجىمە ۋە نەشىرگە ئۇيۇشتۇرغان تۈركىيەنىڭ كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «چالىقۇشى» كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
|