ximal
كۆرۈش: 260|ئىنكاس: 14

ۋىسال ئەتىرگۈلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 801
تۆھپە : 27
توردا: 163
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 18:20:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يىغلىغىن


يىغلىغىن باھاردەك

ۋىسال ئەتىرگۈللىرى ئېچىلسۇن دەيلى.

دەرەخلەردە جىمجىت ھاياجان

دېرىزىدە يالىڭاچ لەيلى.


ئۇ بىر شېئىر ئەمەس

ئۇنى ھېس قىلىش مۇمكىن سۇغۇق ئاپتاپتا.

ئۇسۇل ئوينالمايدۇ، يامغۇر ياغمايدۇ

ناخشا مۇڭغا پاتىدۇ داپتا.


بىز كۈرۈشمىدۇق تاشقا ئايلاندۇق

ئارىمىزدا تەنھا بىر كېچە.

قېلىچ غايىپ بولىدۇ قاندا

سۇ قىينىلىدۇ ئۆز مەنىسىدە.

ئىشەنمەيمىز ئەمدى گۈللەرگە


ئۆلتۈرۈۋېتىش مۇمكىنچىلىكى

ھايات ھەققدىكى بىر جۈملە سۆز

مەن كىتاب ئوقۇۋاتىمەن دەيمەن

لېكىن، ئالدىمدا يىراق بىر كۈندۈز.


مۇھەببەتتىن قايتتىم يالىڭاچ

جىمجىت پۇراق تارقىتار جىگدە چېچىكى.

تاشلاردىكى ئاخىرقى نەپەس

تىرىلدۈرەر قايتىدىن مېنى.


بىر قەدەھ مەي ئىچىلدى شۇنداق

خاتىرجەملىك كەينىدىكى چىملىقتا.

ھېس قىلدىم ئۆزۈمنى جازالاپ تۇرۇپ

سەن ماڭا ئىختىيارسىز قارىدىڭ قىيا...


ئىشەنمەيمىز ئەمدى گۈللەرگە

راستۇر پەقەت تۇپا رەڭ ئاپتاپ.

مىڭ يىل ئۆتسە ئايلىنىدۇ قىزىق چۆچەككە

سۆيۈشكىنىمىز ئۆز ئارا قاخشاپ.


يېڭى مىڭ بىر كېچە


قاخشال زامانلاردىن كەلدىم

قېلىچىمدا بىر تامچە قان.

مىڭ بىر كېچەمدە لەپىلدەر بايراق

كېسىلگەن باشلاردا ئاخىرقى چۇقان.


ئاتلار تۇپا تۇزۇتۇپ سىياھلارغا ئايلاندى،

مەن ئۇنى سۆيەلمىدىم، ئايرىلدىم لېكىن

خەۋەرچى قۇش ماي ئايلىرىدا،

يېزىلمىغان خەتلىرىمدە پايانسىز ئېقىن.


ناخشىلىرىڭنى ئاڭلايمەن، ئېيتالمايمەن

چۆچەكلىرىڭگە يۇشۇرنىمەن.

قىرىق قاراقچى يوق، ئوتتۇز ئەر

ئىشىكىڭنى چېكىمەن سۇنغان قوللىرىم بىلەن.

مەن ئويلايمەن دېڭىزنى


سەھەر بىر پارچە خەت يارغا يازغان

جىمجىت چاقناپ ئۇقۇيدۇ ئاسمان.

تەنھالىق ئۇ كۈز يۇپۇرماقلىرى

ۋىسال پەيتلىرىدە سارغايغان.


ئىشىكتىن چىقسام تالا بار ئۇندا

سۆزلىسەم مەۋجۇتلىقىم بۇلار ئاشكارە.

ئىككى ئوغلۇم ئوينار پەرۋاسىز

3 نىڭ كەينىدىكى ئاپتاپلىق يەردە.


مەن ئويلايمەن دېڭىزنى

ئايالىمغا گۇمانلىق قىزنى.

ئىشىك چېكىلگەندە كۆرەر ئۇ ئاخىر

قەغەزدە قېتىپ قالغان بىر پارچە ئىزنى.


شېئىر يېزىۋېتىپ


مۇشۇ يەردە شېئىر يېزىپ

بۇ يوقلۇقتىن كېتىمەن چىقىپ.

ئىز ياكى كۈلەڭگىلەر

قالار ماڭا خوش ئېيتىپ.


چىن تۆمۈر ئەمەسمەن

بۇ زاماندا قېلىچ ئېلىپ يۈرگىلى بولماس.

ھېس قىلىمەن لېكىن بىرىنىڭ

مېنى پايلاپ يۈرگىنىنى، راسىت...


خىيال سۈرۈپ مەغلۇبىيەت ھەققىدە

ئەينەكلەرنى چاقىمەن بىردىن.

كۈز ئايلىرى - ئايال سايلىرى

خاتىرەمدە ئوينار ئىزغىرىن.


يۈرەك ساق، ئوق ئېتىلمىدى

32 ياشلىق بالىمەن.

ھېچنېمە يوق، قارىساڭ بۇندا -

يېزىلمىغان بىر پارچە ۋەتەن...


سەرسان ھاياجان


قار يېغىۋېتىپتۇ سىرتقا چىقسام

ئاقىرىپ كۆرۈنەر ھەممە شۇ پەيتتە.

ھېس قىلدىم يار بىلەن يۈرگەن دەملەرنى

تىترەۋاتقان ھالەتتە.


مەن تامدىكى بىر پارچە رەسىم

ياكى قېيىق ئۇ قىرغاقتىكى.

ئاق قەغەزنى كۆرسە تۇيۇقسىز

خەت يېزىشى مۇمكىن ھەر كىشى...


يېرىلىپ تۇرار سۇۋادان

ئاستىدا يەر، ئۈستىدە ئاسمان.

بىر تېۋىش بار مۇشۇ يېقىندا...

بۇ مەندىكى سەرسان ھاياجان.


سۆزلەر قاراڭغۇلۇقتا

ئالدىمدا قۇرۇق دېڭىز.

بۇ يانۋارنىڭ ئاخىرقى تۈنى،

ئەمەلىيەتتە ئۇ قالدۇرغان ئىز...


قىش قۇياشى


قىش قۇياشى، ئەي سەن ئالدامچى،

دوستۇم بولۇپ كەلدىڭ بۇ كەمگە.

توڭلاپ تۇرۇپ سېنى كۈيلىدىم

بېشىم سىققان ئۈشبۇ ۋەتەندە.


ئايال، قەغەز، ۋاقىت... ھەممىسى

مەنىلەردىن زېرىككەن كىتاب.

جەڭ پەيتىدە قان بەك چىرايلىق

ئۆلۈم چاقناپ تۇرغان بىر پىچاق.


سۆزلەردىن كۆز قۇراشتۇرىمەن

زېرىكىشلىك ئىچىدە.

دېڭىز تاشار، زامانلار ئاشار

چېقىلىدۇ ئەينەك كېچىدە...


دېرىزەمنىڭ سىرتىدا تالا

ئاخىرقى قار، تەنھا ئۇرۇندۇق.

بۇ ئالتىنچى قەۋەتتە

مەن ئازغۇچى، سەن يۇرۇق.


سەن بىر ئايال...


سەن بەكمۇ ئۇز قۇياشتەك، ئايدەك

يا ھۇزۇرلۇق شېرىن خىيالدەك.

ساڭا قاراپ مېنىڭ ھاياتىم

قۇرۇپ كەتتى بىر مەجنۇنتالدەك.


ساڭا يازغان سالام خەتلىرىم

سۇزۇلغان تا ئۈلۈمگە قەدەر.

قەبرەم بولۇپ چوخچىيىپ تۇرار

مەن ئويغانغان ئاخىرقى سەھەر.


قۇلۇڭدىكى تۇتۇن ياغلىقتا

تىترەر ساڭا ئېيتار سۆزلىرىم.

چېچىڭدىكى قاراڭغۇ يولدا

جەھلى بىلەن چاقنار كۆزلىرىم.


سەن بىر ئايال بىلسەم نىھايەت

رەڭدىن چىققان، قەغەزگە پاتقان.

قارشىڭدىكى جىمجىت دەريادا

مۇڭلۇق كۈيلەپ ئولتۇرار رەسسام...


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1079
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 102
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 18:21:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھرىرلەشكە ۋاقتىڭىز يەتمەپتۇ دە، ئۆزىڭىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىلسىڭىز بولاتتى.

كىتاب -رىئاللىققا ھامىلدار بولۇپ قالدى، رىئاللىق -كىتابنى تاشلىۋەتتى...

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 801
تۆھپە : 27
توردا: 163
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 18:23:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بانۇ يوللىغان ۋاقتى  2012-8-25 18:21
تەھرىرلەشكە ۋاقتىڭىز يەتمەپتۇ دە، ئۆزىڭىز قىلىشقا تىگ ...

تەھرىرلىنىۋاتقاندا كۆرۈپ قاپسىز-دە ئوڭشاپ قويدۇم.
يا ئاللا، كۇبلېت - بۆلەكلىرىنى ئايرىماق شۇنداق تەسكە چۈشتى دېسە. تاس قويدۇم ئۆچۈرۈپلا تاشلىغىلى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1079
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 102
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 18:27:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرشىتكا شېئىرنى خېلى ياخشى يازدىكەنسىز، بىلمەي يۈرۈپتىمەن دىسە، كەچۈرۈڭ، قەلمىڭىزنىڭ بەركەتلىك بولشىغا تىلەكداشمەن!

كىتاب -رىئاللىققا ھامىلدار بولۇپ قالدى، رىئاللىق -كىتابنى تاشلىۋەتتى...

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 801
تۆھپە : 27
توردا: 163
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 18:28:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بانۇ يوللىغان ۋاقتى  2012-8-25 18:27
ئابدۇرشىتكا شېئىرنى خېلى ياخشى يازدىكەنسىز، بىلمەي يۈ ...

بەك يۇقىرى باھا بېرىپسىز، رەھمەت!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66
يازما سانى: 374
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 794
تۆھپە : 3
توردا: 350
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 18:40:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ ئابدۇرېشىت ئىلىغا بىرىدىغان ئەڭ تۆۋەن باھايىم، شېئىرنى ياخشى يازىسىز...

ھايات ـ ھەربىر نەپەس ئۈچۈن ھېساپ بىرىشتۇر
ئالاقە مەنزىلى: 5951-7971-137
كوت-كوت نۇمۇرۇم: 1499827437

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1933
يازما سانى: 313
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 917
تۆھپە : 0
توردا: 65
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 19:01:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست ، بەك ياخشى يىزىپسىز...

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 322
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1156
تۆھپە : 0
توردا: 83
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 19:10:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىغلىغىن باھاردەك

ۋىسال ئەتىرگۈللىرى ئېچىلسۇن دەيلى.

دەرەخلەردە جىمجىت ھاياجان

دېرىزىدە يالىڭاچ لەيلى.


ئاجايىپ تېتىملىق ھە!

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  301
يازما سانى: 670
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1405
تۆھپە : 1
توردا: 534
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 20:12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيغۇلار پەرۋازىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان مىسرالىرىڭىزنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا تېلەكداشمەن !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1247
يازما سانى: 385
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1575
تۆھپە : 0
توردا: 153
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-25 22:41:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەرەخلەردە جىمجىت ھاياجان

دېرىزىدە يالىڭاچ لەيلى.


ساڭا يازغان سالام خەتلىرىم

سۇزۇلغان تا ئۈلۈمگە قەدەر.

قەبرەم بولۇپ چوخچىيىپ تۇرار

مەن ئويغانغان ئاخىرقى سەھەر


مەنىسى تىرەن مىسرالار بوپتۇ. بارلىق شېئىرلاردا پىكىر ئۆزگىچىلىكى چۇڭقۇر ئىكەن. ياخشى ئەسەردىن ھوزۇرلاندۇرغىنىڭىزغا رەھمەت.

تۇرسۇن جامال

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1128
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 52
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 00:42:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىكى سۆزلەرنىڭ پەرۋازىغا بىر دەم مىنگىشىۋالدىم.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  244
يازما سانى: 151
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 390
تۆھپە : 0
توردا: 64
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-26 00:52:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئويلايمەن دېڭىزنى

ئايالىمغا گۇمانلىق قىزنى.

ئىشىك چېكىلگەندە كۆرەر ئۇ ئاخىر

قەغەزدە قېتىپ قالغان بىر پارچە ئىزنى.


ئۆزگىچە تەپەككۈر،ئوبرازلىق تىلدىن ئەڭ ياخشى مەنالار يۇشۇرۇنۇپ شېئىرىڭىزنى بىر پارچە گۈزەل يايلاقلاردەك،شىلدىرلاپ ئىقىپ تۇرغان سۈزۈك بۇلاق سۈيىدەك  رومانتىك تۇيغۇغا ئىگە قىلىپتۇ.ھەقىقەتەن ياخشى يىزىپسىز.
ماڭا بەك ياقتى.

ئادەم ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خۇشاللىق،ئەڭ زور بەخت ئۆزىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى باشقىلارغا تەغدىم قىلىشتۇر.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1642
يازما سانى: 198
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 410
تۆھپە : 0
توردا: 41
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 00:21:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىش بەلگىلەرگە يەنە بىر قاراپ باقايلى.

دۇنيا مىھرى- مۇھاببەت بىلەن گۈزەلدۇر !

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36
يازما سانى: 462
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1570
تۆھپە : 6
توردا: 448
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 00:25:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىكى گۈزەل مىسرالاردىن ھۇزۇر ئالدىم ،«يىغلىغىن»«سەن بىر ئايال» ماڭا ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلىدى.


ھارمىغايسىز.

يىغلىغىن يىغلىغىن بۇ گۇناھ ئەمەس،

ئازاپلار چىرمىسا نەپەس ئالماق تەس.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2236
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 203
تۆھپە : 0
توردا: 40
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-9-20 08:10:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبرازلىق تەپەككۈر ئاساسىدىكى تىل گۈزەللىكى سىزنىڭ شېئىرىلىرىڭىزدا ھەقىقەتەن ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپتۇ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش