يىغلىغىن
يىغلىغىن باھاردەك
ۋىسال ئەتىرگۈللىرى ئېچىلسۇن دەيلى.
دەرەخلەردە جىمجىت ھاياجان
دېرىزىدە يالىڭاچ لەيلى.
ئۇ بىر شېئىر ئەمەس
ئۇنى ھېس قىلىش مۇمكىن سۇغۇق ئاپتاپتا.
ئۇسۇل ئوينالمايدۇ، يامغۇر ياغمايدۇ
ناخشا مۇڭغا پاتىدۇ داپتا.
بىز كۈرۈشمىدۇق تاشقا ئايلاندۇق
ئارىمىزدا تەنھا بىر كېچە.
قېلىچ غايىپ بولىدۇ قاندا
سۇ قىينىلىدۇ ئۆز مەنىسىدە.
ئىشەنمەيمىز ئەمدى گۈللەرگە
ئۆلتۈرۈۋېتىش مۇمكىنچىلىكى
ھايات ھەققدىكى بىر جۈملە سۆز
مەن كىتاب ئوقۇۋاتىمەن دەيمەن
لېكىن، ئالدىمدا يىراق بىر كۈندۈز.
مۇھەببەتتىن قايتتىم يالىڭاچ
جىمجىت پۇراق تارقىتار جىگدە چېچىكى.
تاشلاردىكى ئاخىرقى نەپەس
تىرىلدۈرەر قايتىدىن مېنى.
بىر قەدەھ مەي ئىچىلدى شۇنداق
خاتىرجەملىك كەينىدىكى چىملىقتا.
ھېس قىلدىم ئۆزۈمنى جازالاپ تۇرۇپ
سەن ماڭا ئىختىيارسىز قارىدىڭ قىيا...
ئىشەنمەيمىز ئەمدى گۈللەرگە
راستۇر پەقەت تۇپا رەڭ ئاپتاپ.
مىڭ يىل ئۆتسە ئايلىنىدۇ قىزىق چۆچەككە
سۆيۈشكىنىمىز ئۆز ئارا قاخشاپ.
يېڭى مىڭ بىر كېچە
قاخشال زامانلاردىن كەلدىم
قېلىچىمدا بىر تامچە قان.
مىڭ بىر كېچەمدە لەپىلدەر بايراق
كېسىلگەن باشلاردا ئاخىرقى چۇقان.
ئاتلار تۇپا تۇزۇتۇپ سىياھلارغا ئايلاندى،
مەن ئۇنى سۆيەلمىدىم، ئايرىلدىم لېكىن
خەۋەرچى قۇش ماي ئايلىرىدا،
يېزىلمىغان خەتلىرىمدە پايانسىز ئېقىن.
ناخشىلىرىڭنى ئاڭلايمەن، ئېيتالمايمەن
چۆچەكلىرىڭگە يۇشۇرنىمەن.
قىرىق قاراقچى يوق، ئوتتۇز ئەر
ئىشىكىڭنى چېكىمەن سۇنغان قوللىرىم بىلەن.
مەن ئويلايمەن دېڭىزنى
سەھەر بىر پارچە خەت يارغا يازغان
جىمجىت چاقناپ ئۇقۇيدۇ ئاسمان.
تەنھالىق ئۇ كۈز يۇپۇرماقلىرى
ۋىسال پەيتلىرىدە سارغايغان.
ئىشىكتىن چىقسام تالا بار ئۇندا
سۆزلىسەم مەۋجۇتلىقىم بۇلار ئاشكارە.
ئىككى ئوغلۇم ئوينار پەرۋاسىز
3 نىڭ كەينىدىكى ئاپتاپلىق يەردە.
مەن ئويلايمەن دېڭىزنى
ئايالىمغا گۇمانلىق قىزنى.
ئىشىك چېكىلگەندە كۆرەر ئۇ ئاخىر
قەغەزدە قېتىپ قالغان بىر پارچە ئىزنى.
شېئىر يېزىۋېتىپ
مۇشۇ يەردە شېئىر يېزىپ
بۇ يوقلۇقتىن كېتىمەن چىقىپ.
ئىز ياكى كۈلەڭگىلەر
قالار ماڭا خوش ئېيتىپ.
چىن تۆمۈر ئەمەسمەن
بۇ زاماندا قېلىچ ئېلىپ يۈرگىلى بولماس.
ھېس قىلىمەن لېكىن بىرىنىڭ
مېنى پايلاپ يۈرگىنىنى، راسىت...
خىيال سۈرۈپ مەغلۇبىيەت ھەققىدە
ئەينەكلەرنى چاقىمەن بىردىن.
كۈز ئايلىرى - ئايال سايلىرى
خاتىرەمدە ئوينار ئىزغىرىن.
يۈرەك ساق، ئوق ئېتىلمىدى
32 ياشلىق بالىمەن.
ھېچنېمە يوق، قارىساڭ بۇندا -
يېزىلمىغان بىر پارچە ۋەتەن...
سەرسان ھاياجان
قار يېغىۋېتىپتۇ سىرتقا چىقسام
ئاقىرىپ كۆرۈنەر ھەممە شۇ پەيتتە.
ھېس قىلدىم يار بىلەن يۈرگەن دەملەرنى
تىترەۋاتقان ھالەتتە.
مەن تامدىكى بىر پارچە رەسىم
ياكى قېيىق ئۇ قىرغاقتىكى.
ئاق قەغەزنى كۆرسە تۇيۇقسىز
خەت يېزىشى مۇمكىن ھەر كىشى...
يېرىلىپ تۇرار سۇۋادان
ئاستىدا يەر، ئۈستىدە ئاسمان.
بىر تېۋىش بار مۇشۇ يېقىندا...
بۇ مەندىكى سەرسان ھاياجان.
سۆزلەر قاراڭغۇلۇقتا
ئالدىمدا قۇرۇق دېڭىز.
بۇ يانۋارنىڭ ئاخىرقى تۈنى،
ئەمەلىيەتتە ئۇ قالدۇرغان ئىز...
قىش قۇياشى
قىش قۇياشى، ئەي سەن ئالدامچى،
دوستۇم بولۇپ كەلدىڭ بۇ كەمگە.
توڭلاپ تۇرۇپ سېنى كۈيلىدىم
بېشىم سىققان ئۈشبۇ ۋەتەندە.
ئايال، قەغەز، ۋاقىت... ھەممىسى
مەنىلەردىن زېرىككەن كىتاب.
جەڭ پەيتىدە قان بەك چىرايلىق
ئۆلۈم چاقناپ تۇرغان بىر پىچاق.
سۆزلەردىن كۆز قۇراشتۇرىمەن
زېرىكىشلىك ئىچىدە.
دېڭىز تاشار، زامانلار ئاشار
چېقىلىدۇ ئەينەك كېچىدە...
دېرىزەمنىڭ سىرتىدا تالا
ئاخىرقى قار، تەنھا ئۇرۇندۇق.
بۇ ئالتىنچى قەۋەتتە
مەن ئازغۇچى، سەن يۇرۇق.
سەن بىر ئايال...
سەن بەكمۇ ئۇز قۇياشتەك، ئايدەك
يا ھۇزۇرلۇق شېرىن خىيالدەك.
ساڭا قاراپ مېنىڭ ھاياتىم
قۇرۇپ كەتتى بىر مەجنۇنتالدەك.
ساڭا يازغان سالام خەتلىرىم
سۇزۇلغان تا ئۈلۈمگە قەدەر.
قەبرەم بولۇپ چوخچىيىپ تۇرار
مەن ئويغانغان ئاخىرقى سەھەر.
قۇلۇڭدىكى تۇتۇن ياغلىقتا
تىترەر ساڭا ئېيتار سۆزلىرىم.
چېچىڭدىكى قاراڭغۇ يولدا
جەھلى بىلەن چاقنار كۆزلىرىم.
سەن بىر ئايال بىلسەم نىھايەت
رەڭدىن چىققان، قەغەزگە پاتقان.
قارشىڭدىكى جىمجىت دەريادا
مۇڭلۇق كۈيلەپ ئولتۇرار رەسسام...