كۆرۈش: 224|ئىنكاس: 1

18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: -3
تۆھپە : 1
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 16:08:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى تارقىتىش يىغىنى 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 12-كۈنى ئۈرۈمچى «كوئېنلۇن مېھمانسارىيىدا غەلبىلىك ھالدا ئېچىلدى.يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئاپتونوم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تىلىۋالدى ئابدۇرىشىت، ئاپتونوم رايۇنلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىئادىل خالىق، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ پارتىگۇرۇپپا شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن،ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان، ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى غەيرەت ئاسىم، ئېركەش قۇرمانبەك،دوڭ لىبو قاتارلىق رەھبەرلەر ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن يازغۇچى،شائىرلار، مۇھەررىر، ئەدەبىي تەرجىمانلار ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئاپتورلاردىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.

     يىغىنغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ يوڭجۈن تەبرىك سۆزى سۆزلىدى. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئىسمايىل تىلىۋالدى، تۆمۈر داۋامەت، ئىسمايىل ئەھمەد، ئابلەت ئابدۇرىشىت قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنغا ئەۋەتكەن تەبرىك خەتلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى ھەم ھەرقايسى ئورۇنلاردىن كەلگەن تەبرىكنامىلەر ئېلان قىلىندى.

   يىغىندا 18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»نى باھالاش ھەيئىتىنىڭمۇئاۋىن مۇدىرى ئابدۇبەسىر شۈكۈرى مۇكاپاتلانغان ئەسەرلەر ئىسىملىكىنى ئېلان قىلدى.ئاندىن مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە شەرەپ گۇۋاھنامىسى ۋە 6000 يۇەن نەق پۇل تارقىتىپ بېرىلدى. ئەكپەر ئىمام كۆكبۆرە مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرگە ۋاكالەتەن سۆز قىلىپ كۆڭۈل ئىزھارىنى ئىپادىلىدى.

ئاخىرىدا ئاپتونوم رايۇننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھىم سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئەدىپلەردىن كۈتىدىغان تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.



قوشۇمچە:



18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئەسەرلەرنىڭ ئىسىملىكى



1. «536-بېكەتتىكى قار ناخشىسى»         (ھېكايە)     ئەكپەر ئىمام كۆكبۆرە «تارىم» ژۇرنىلى 2009-يىل 3-سانى

2.«تەنھا بۆرە»                         (پوۋېست)         مامۇت داۋۇت   «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى 2010-يىل6-سانى

3.«ئانا»                                      (ھېكايە)         نۇرگۈل ئەبەي  «تارىم» ژۇرنىلى 2010-يىل 1-سانى

4.«سەھرالىق ئاتا»                         (پوۋېست)      ئابدۇراخمان ئەزىز  «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى 2009-يىل4-سانى

5.«مۇقام ھەققىدە»                              (ماقالە)     سەمەت دۇگايلى «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلى2009-يىل5-6-سانى

6.«ئاقسۇ خاتىرىلىرى»                            (شىئېر)     ئىمىن ئەخمىدى   «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010-يىل4-سانى

7.«توققۇز باياۋان قەسىدىسى»             (شىئېر)    ئابدۇلئەھەد ئىسمايىل  «قەشقەر» ژۇرنىلى2009-يىل4-سانى

8.«سەھەردىكى مونۇلۇگ» (تەرجىمە ئەسەر) ئاپتورى:  ھاياتنوپۇس مۇھەممەت، ئەكبەر غۇلام تەرجىمىسى  

«مىللەتلەر ئەدەبىياتى» ژۇرنىلى 2010-يىل6-سانى




idraksoft

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8
يازما سانى: 127
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1943
تۆھپە : 17
توردا: 366
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-26 17:30:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇشۇ ئەسەرلەرنى بىر ئىشلەپ باقسام، بەك تەسكە توختاپ كېتەرمۇ؟

چۈشىنىكسىز ھەرپ،سان،غەيرى،سەلبى ئىسم، باشقا يېزىقلاردا تىزىملاتماڭ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش