تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ximal
كۆرۈش: 106|ئىنكاس: 4

نۇرۇز چۈشى ( ھىكايە ) -يانغىن [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20Rank: 20

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2293
تۆھپە : 80
توردا: 421
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نۇرۇز چۈشى



(ھىكايە)


ئەزىز ئىمىر يانغىن



مەزكۇر ئەسرىم  2002-يىلى ''تارىم غۇنچىلىرى ''ژۇرنىلىنىڭ 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان .


-بالام  نېمە بولدۇڭ ، مىجەزىڭ يوقمۇ نېمە ؟ مەكتەپتىن قايتىپ كەلگەندىن بۇيان خىيال سۈرۈپلا ئولتۇرىسەن .نىمىنى خىيال قىلىۋاتىسەن ،-سورىدى ئانام  مىنىڭ خىياللار دۇنياسىغا غەرق بولغىنىمنى كۈرۈپ .
-ھېچنىمە بولمىدى ئانا . شۇ بىر تېما ئۈستىدە ئويلىنىۋاتقان ئىدىم ، ھېچ يازالمايۋاتىمەن ...
-يەنە قانداق ھىكايە يازماقچىتىڭ بالام ،-دېدى ئانام گىپىمنى ئاڭلاپ كۈلگىنىچە .
- ''تارىم غۇنچىلىرى '' ژۇرنىلى ئالدىمىزدىكى نۇرۇز بايرىمىغا ئاتاپ ''نۇرۇز تېمىسىدىكى  نادىر تېما ئىجادىيەت مۇسابىقىسى '' ئۆتكۈزۈپتىكەن . مەنمۇ خىيال قۇشلىرىمنى ئەركىن قانات قاقتۇرۇپ شۇ مۇسابىقىگە قاتنىشاي دەۋىدىم ، لىكىن كاللامغا ھېچنىمە كەلمەيۋاتىدۇ .
شۇنداق دىگىنىمچە  ''تارىم غۇنچىلىرى ''نىڭ مۇكاپاتلىق ماقالە قۇبۇل قىلىش توغرىسىدىكى ئېلانىنى  ئانامغا ئۇقۇپ بەردىم .
-ھە ، مۇنداق دە بالام . ئەجەپ ياخشى ئىشتىن بىرنى قىلىپتۇ . بۇ ساڭا ئوخشاش ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا ئۆزىنى سىناشتىكى ياخشى بىر پۇرسەت ئىكەن بالام ...بۇ تېمىدا ئويلانغانلىقىڭ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ . قېنى ئۇقۇپ باقە نىمىلەرنى يازدىڭكىن ؟...
ئىككى كۈندىن بېرى كىتاب ئاختۇرۇپ ، ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ نۇرۇز توغرىسدا يازغان ماقالىسىدىن بەزى مەزمۇننى خاتىرلىۋالغان  ئىدىم .
-" نورۇز " ئەسلىدە پارسچە سۆز بولۇپ ، " باھار يامغۇرى " ، " تۇنجى باھار كۈنى " ، " يېڭى يىل كۈنى " دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ . بۇ بايرام قەدىمدىن باشلاپ شەمسىيە (كۈن) كالېندارى بويىچە قىش ئاخىرلىشىپ ، باھارنىڭ باشلىنىش كۈنى ( ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ) يەنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن باش باھارنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ . " ئۇيغۇرلار ئارىسىدا 'نورۇز' بايرىمىنىڭ قاچاندىن باشلانغانلىقى ھەققىدە ئىشەنچلىك ماتېرىياللارغا ئىگە ئەمەسمىز . لېكىن 'نورۇز' بايرىمى ھەققىدىكى كۆپلىگەن گۈزەل ئەپسانە - رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، 'نورۇز' بايرىمىنىڭ پەيدا بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشتىن بۇرۇنقى كۆك تەڭرىگە چوقۇنغان دەۋرلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك " بولۇپ ، بەزى تەتقىقاتچىلار تارىخىي مەنبەلەرگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ " نورۇزنىڭ كېلىپ چىققىنىغا 4000 يىلدىن ئاشقان دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قۇيۇشىدۇ ...
-ۋۇي بالام ، بۇنى ئۆزەڭ يازمىغانسەن ؟ باشقىلار كۆرسە<< كۆچۈرۈپتۇ >>دەپ سىنى تەنقىدلەپ كەتمىسۇن يەنە ،-دېدى ئانام ئوقۇغانلىرىمنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق كۆزلىرىنى تىككىنىچە .
-ياق ئانا ، بۇنى ئۆزەم يازمىدىم . داڭلىق ئالىمىمىز ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمننىڭ ماقالىسىدىن پايدىلاندىم . ماقالەمنىڭ ئاخىرىغا  ئەسكەرتىپ قۇيىمەن ،  شۇندىلا باشقىلارمۇ توغرا چۈشىنىدۇ ،-ئانامغا چۈشەندۈرۈپ بۇ ھەقتە سۆزلەپ بەردىم .
-مۇنداق دە بالام ، بۇنداق ئىشتىن مىنىڭ خەۋىرىم يوق ...بۇرۇن نۇرۇز بايرىمى ئەلنىڭ قىش زىمىستاندىن ئامان-ئىسەن چىقىپ ، ئىللىق باھار كۈنلىرىنى ئارزۇلايدىغان ، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا -يۇرتىغا ، گۈزەللىكىگە بولغان مىھر -مۇھەببىتىنى ، ئۆزئارا ئىناق -ئىتتىپاقلىقنى ،ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە قىلغان ھىممەت -ساخاۋەتلىرىنى ، بەخىتلىك ئەتىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقنى نىشان قىلىپ ئۆتكۈزىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى ئىدى . مەن بىلىشىمچە نۇرۇز بايرىمىدىن كىيىنلا  پۈتۈن جانلىقلار جانلىنىپ ،دەل -دەرەخلەر كۆكىرىپ ، تەبىئەت گۈزەللىشىپ كىتەتتى . 70ياشتىن 7ياشقىچە ھەممىمىز كەنت كومىتى ئالدىغا يىغىلىپ نۇرۇز بايرىمىنى تەبرىكلىشەتتۇق .چوڭلار كۆك مەشرىپى بىلەن توڭ قىشنىڭ تىمتاس مىنۇتلىرى ئۈندۈرگەن مايسىلارنى كۆتۈرۋىلىپ ساماغا چۈشۈپ كىتەتتى . ھەممىمىز تەنتەنە قىلىشىپ نۇرۇز ئىشى يەيتۇق .. ئاخىرىدا تۇخۇ سۇقاشتۇرۇش ، ئىت تالاشتۇرۇش ، ئوغلاق تارتىشىش ، ئىلەڭگۈچ ئۇيۇنى قاتارلىق شەكىللەر بىلەن داۋام قىلاتتى . ھەراس ،تېخى نۇرۇز قوشاقلىرى تۇقۇشۇپ ، مۇشائىرە قىلاتتۇق .ئشىقىلىپ نۇرۇز بايرىمى بەك  كۆڭۈللۈك بۇلاتتى .
ئانام بۇلارنى سۆزلەۋىتىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتتى .
-نىمە بولدى ئانا ، كۈلۈپ كەتتىڭىزغۇ ؟ ،-دېدىممەن قىزىقىپ .
-سۆزلەپ بەرسەم كۈلۈپ كىتىسەن بالام ،-دېدى ئانام گىپىنى باشلاپ ،- ئۇ ۋاقىتلاردا قىزلار چىمەن دوپپىلارنى،ئەتلەس كۆينەكلىرىمىزنى كىيىشىپ ئىلەڭگۈچ ئۇيۇنى ئوينايتتۇق .  مەنمۇ ئىلەڭگۈچتە ئۇچۇۋاتىمەن ، لىكىن ئېگىزگە چىقسا بېشىم قاياتتى ،بىر چاغدا ئۈزەممۇ بىلمەيمەن ، باشقىلار چىرقىرىشىپ كەتتى ،'' ۋاي ''دەپ بولغىچە ،كۈزۈمنى ئاچسام يەردە ياتىمەن ، بەدەنلىرىم سىرقىراپ ئاغرىپ كەتتى . ئەسلىدە ئىلەڭگۈچكە ئورناتقان تانا ئۈزۈلۈپ كېتىپتىكەن . بىر ناتۇنۇش يىگىت مىنى دەس كۆتۈرۈپ ، دوختۇرلارنىڭ  قېشىغا ئېلىپ كەلدى . مانا شۇندىن كىيىن ئىلەڭگۈچنى كۆرسەم قورقۇپ كىتىمەن . تېخى قىزىقارلىقى ئۇ يىگىت بىلەن تۇنۇشۇپ قالدۇق ، مانا توي قىلىپ سەن تۇغۇلدۇڭ ...
-ھە ،ئۇ يىگىت ئەسلى دادام ئىكەندە .
-داداڭ بەك قىزىقارلىق ئادەم ئىدى ، بىر كەمدە نۇرۇز توغرىسىدا مۇشائىرىگە قاتنىشىپ ، ھەممەيلەننى يېڭىۋالاي دەپ تۇرسام ، داداڭ بىر كەمدە نەدىن پەيدا بولغانكىن ، مىنى نۇرۇز قوشىقى تۇقۇپ يېڭىۋالغان ئىدى .
-ھى...ھى...ھى...ئاشۇ نۇرۇز قوشاقلىرىنى ئوقۇپ بېقىڭە ئانا ، ئەسەر يېزىپ مۇكاپاتقا ئېرىشىپ قالسام سىزنى ئوبدان مىھمان قىلىمەن ،-دېدىم ئانامنى گەپكە سېلىپ .
-بالام مۇكاپات مۇھىم ئەمەس ، مۇھىمى باشقىلارنىڭ ساڭا قىلغان مەدىتى ، شۇنداق بولسىمۇ ئىسمدە قالغانلىرىنى ساڭا ئېيتىپ بىرەي .

ئىتىزا ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ﻧﯘﺭﯗﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ ،
ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻮﺷﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﯘﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ .
ﺷﺎﺗﺎﯞﺍﺩﺍ ﺗﻮﻥ ﻛﯩﻴﯩﭗ،ﺟﯘﯞﺍ -ﺗﯘﻣﺎﻗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ ،
ﺳﺎﻳﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﻧﻪﻏﻤﻪ - ﻧﺎﯞﺍﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ .
ﺋﺎﺕ ﻣﯩﻨﯩﭗ ،ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺋﺎﻟﯩﭗ ،ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ ﻗﯩﻠﯘﺭﻛﯜﻧﺪﯛﺭ ﺑﯜﮔﯜﻥ .

ﻛﻪﻟﺪﻯ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﻳﯩﻞ ﺑﺎﺷﻰ ،ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻛﯜﯕﯜﻟﻨﯩﯔ ﭼﯩﺮﻛﯩﻨﻰ ،
ﻧﯘﺭﯗﺯ ﺩﯨﺒﺎﻥ ﻛﯩﻠﯘﺭﻟﻪﺭ ،ﺧﺎﺗﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻨﻰ .
ﮔﯜﻟﻠﻪﺭ ﻗﯩﺴﯘﺭ ﻗﯩﺰ - ﺋﯘﻏﯘﻝ،ﺋﻪﮔﺮﻯ ﻗﯘﻳﺎﺭ ﺑﯜﺭﻛﯩﻨﻰ ،
ﻣﻪﺟﻠﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﯘﺭ،ﺋﺎﭼﯘﺭ ﻛﯜﯕﯜﻝ ﻣﯜﻟﻜﯩﻨﻰ .
ﻗﺎﻳﻐﯘ - ﻣﯩﮭﻨﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﻳﻨﺎﺷﯘﺭ ﻛﯜﻧﺪﯛﺭ ﺑﯜﮔﯜﻥ.(1)

-ھى..ھى...ھى... ماۋۇ ئانامنى ، نىمانچە ئۇستا سىز . ئەجەپ بىلمەي يۈرۈپتىمەن .  شائىرە ئىكەنسىز جۇمۇ  ئانا ،-دېدىم ئانامدىن پەخىرلىنىپ .
-يەنە نۇرغۇنلىرى بار ئىدى ، ئىسىمدىن چىقىپ قاپتۇ ، لىكىن داداڭ بەك ئۇستا ئىدى ، داداڭدىن سورىساڭ دەپ بىرىدۇ ،-ئانام شۇنداق دىگىنىچە سىرتقا قاراپ قويدى . دادام بازارغا كەتكەن بۇلۇپ تېخىچە قايتىپ كەلمىگەنىدى .
-ئانا ،يەنە نۇرۇز توغرىسدا بىلىدىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بىرىڭا .
-مىنىڭ بىلىدىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بولدۇم بالام ، ئەمدى داداڭ قايتىپ كەلسە سۆزلەپ بەرسۇن . مەن تاماق ئىتەي ،-ئانام  ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمىشلۋىدى  ،سىرتتىن دادامنىڭ يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى .
-ھە...ئولتۇرۇپ كىتىپسىلەنغۇ ..يەنە كىمنىڭ غەيۋىتىنى قىلىپ ...
دادام شۇنداق دىگىنىچە يېنىمغا كىلىپ ئولتۇردى .
-دادا ، زامان ئاخىرى بۇلىۋاتامدۇ نىمە ؟ تېخى بايىلا سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىپ تۇرساق مانا سىز پەيدا بولدىڭىز .
-مىنىڭ قايسى يامان گىپىمنى قىلىۋاتقان ، قۇلىقىم نىمىشقا قىزىپ كەتتىكىن دىسەم ئەسلى سىلەر مىنىڭ غەيۋىتىمنى قىلىۋىتىپتىكەنسىلەردە !،-دادام مەن بىلەن ئوينىشىپ قۇلىقىمنى سۇزۇپ قويدى .
-ياقەي  ..سىزنىڭ غەيۋىتىڭىزنى قىلىشقا  كىمنىڭ چولىسى باركەن ، شۇ بالىمىز نۇرۇز توغرىسىدا بىر نىمىلەرنى سورىغان .شۇ گەپلەرنى قىلىشىۋاتقان ...-ئانام بايىقى ئىشلارنى سۆزلەپ دادامغا چۈشەندۈردى .
-ھە ،مۇنداق دە ،بالام . يېقىندىن بۇيان ئەجەپ يازىدىغان بۇلۇپ كەتتىڭ . ھېلى پوۋىست يازدىم دەيسەن .ھېلى ھىكايە يېزىپ توردا ئېلان قىلدىم دەيسەن ...يازغۇچى بۇلۇپ كىتەي دىدىڭغۇ زادى ..
دادامنىڭ بۇ گىپىدىن ئۆز -ئۆزەمدىن پەخىرلىنىپ كۈلۈپ كەتتىم .
-قېنى دادا ، ئەمدى سىزمۇ ماڭا نۇرۇز توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بىرىڭە .
-مەنمۇ جىق نەرسىلەرنى بىلمەيمەن بالام ، بەلكىم ئاناڭ سۆزلەپ بەرگەندۇ . نۇرۇز - ئۇ شۇنداق خاسىيەتلىك بايرامكى،بىرلىك، ئىناقلىق نامايەندىسى بىلەن ئەل ئارىسىدىكى ئۆچ-ئاداۋەت، سوغاقچىلىق يوقىتىلىپ ئۆتكەنگە سالاۋات قىلىنىدۇ. ئۇرۇق-تۇققان دوست-يارەنلەر ئارىدىكى ئىناقسىزلىقنى يوقلاش پائالىيىتى سەيلە-مەشرەپ، نۇرۇز مەشرىپى ۋاقتىدا چوقۇم ئادا قىلىناتتى. شۇڭا ئۇ ئەنئەنىۋى بايرام بولۇپلا قالماي، ئەمگەك بايرىمى، ساۋاپلىق بايرىمى، ئامانلىق بايرىمى، شاتلىق بايرىمى، ئۆملۈك بايرىمى بولغاچقا بۇ بايرام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ بايرامدۇر.نۇرۇزنى قەدىرلەش بىزنىڭ قەرزىمىز ۋە بۇرچىمىزدۇر. بۇ بايرام پەسىللەرنىڭ ئالمىشىشى، كۈن-تۈنىڭ تەڭلىشىشى بىلەن قەلىبلەرگە ئىللىقلىق ،رەت قىلىپ بولمايدىغان ھېسسىيات بىلەن بىزنى ئۈمىتكە، ئىشەنچكە، تولۇپ تاشقان چىدام، غەيرەتكە ئىگە قىلىدىغان ئىپتىخار بايرىمىمىزدۇر. ئۇنىڭ تەرىپىنى سۆزلەپ بۆلۇشقا قۇربىم يەتمەيدۇ. (2)
ئاتا بوۋىلىرىمىز بىر يىلدا  ياز چىللىسى ، قىش چىللىسى دەپ ئىككىگە ئايرىغان .
-دادا ،نىمە ئۇ ، قىش چىللىسى ،ياز چىللىسى دىگەن ،-سورىدىم دادامنىڭ دىگەن گىپىنى  چۈشەنمەي .
-ياز چىللىسى دىگىنىمىز( 6.21__7.31 كۇنلىرى كونىچە 6.10__7.20كۇنلىرى ) ، قىش چىللىسى( 12.21__1.31كۇنلىرى كونىچە 12.9__1.18 كۇنلىرى) ھەربىرىنى  40 كۇن قىلىپ قىش ياز پەسىللىرىنى توققۇز`ئون بويىچە 90 كۇندىن بۆلگەن. (3)
-مۇنداق دەڭ ...ئەسلىدە مۇنداقمۇ ئايرىيدىكەندە ...-دادامغا قايىل بۇلۇپ بېشىمنى لىڭىشتتىم .
-ھەراست ،  دادىسى سىلى نۇرۇز قوشىقى ئوقۇشقا بەك ئۇستا ئىدىڭلار ، قېنى بالىمىزغا بىر ئوقۇپ بىرىڭلار ،-يېنىمىزدا گىپىمىزگە زەن سېلىپ ئولتۇرغان ئانام شۇنداق دەپ دادامغا قارىدى .
-ھا...ھا...ھا...شۇ ۋاقىتنى تېخى ئۇنتۇپ قالماپسەن ھە ، شۇ كۈنى سېنى قوشاق تۇقۇشتا يېڭىۋالغان ئىدىم ،-دادام قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتى .
-نەدىكىنى ، شۇ كۈنى سىلىگە يول قويدۇم شۇ ...
-ۋوي ، ماۋۇ گەپنى ، ماڭا يول قويدۇڭ تېخى ، بالىمىزنىڭ ئالدىدا خىجىل بۇلىۋاتىسەن ھە ..
-راستقۇ . سىلىگە يول قويمىغان بولسام يۈزۈڭلار چۈشۈپ كىتەتتى ئەسلى . ئەمدى ئېشىۋالغىنى كۈرۈڭ ،-ئانام دادامغا قاراپ پىسىڭڭىدە كۈلۈۋەتتى .
-ھى..ھى..ھى...قېنى بۈگۈن مىنىڭ ئالدىمدا بەيگىگە چۈشۈپ بېقىڭلار . مەن سىلەرگە ئادىل ھۈكۈم قىلىپ بىرىمەن ،-ئۇلارنى دەيدەيگە سالدىم .
-ئۇنداق دىگىنىڭ بىلەن بالام ، بىزنىڭ ياشلىق مەزگىلىمىز كەلمەسكە كەتتى . مەن ئەمدى ئۇنداق قوشاقلارنى تۇقۇيالمايمەن بالام ، قېرىپ قالدۇق ...- ئانام شۇنداق دەپ ياشلىق مەزگىللىرىنى ئەسلىگەندەك ئۇھ تارتىپ قويدى.
-ھا...ھا..ھا...مانا دىمىدىممۇ . قورقۇۋاتىسەن ھە ،ماڭا يېڭىلىپ قېلىشتىن .
-ۋۇي ...سىلىدىن كىم قورقۇپتۇ . دەپ قويسام ... ئېيتىسلا قېنى ،كىم يېڭىۋالىدىكىن ؟!
ئۇلارنىڭ شۇ تاپتىكى قىزغىن كەيپىياتىغا قاراپ زوقلىنىپ بۇ ئىناق  ئائىلەم ، كۈيۈمچان دادا-ئانام ئۈچۈن ئاللىقانداق بىر بەخىت تۇيغۇسىغا چۈمۈلدۈم .

-كەلدى نۇرۇز شوخ كۈيىنى ياڭرىتىپ ،
بارچە دىلنى شوخ بۇلبۇلدەك سايرىتىپ،
قاينار ئېتىز باغۋاران چىمەنلەر ئارا،
دېھقان ئاكام توۋلايدۇ ئايارەينى ئاڭلىتىپ،-دادام قوشىقىنى باشلىۋەتتى . ئارقىدىنلا ئانام :
-دىھقان ئاكا-ئۇكىلار دۇتتارىنى ياڭرىتىپ .
نۇرۇز كەلدى بوۋايلار ناخشىسىنى توۋلىشار،
شوخ يىگىتلەر چۈشسە ئەگەر ساماغا،
جاھان ئەھلى ھەيران بۇلۇپ قارىشار.
ئانامنىڭ قوشىقىنى ئاڭلاپ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي كۈلۈپ كەتتىم . ئارقىدىن دادام يەنە باشلىدى :
-قىز جۇۋانلار لەرزان ئويناپ ئۇسسۇلنى ،
قىزىتىدۇ بۇ مەشرەپنى سۇرۇننى.
شوخ بالىلار تايچاقلارچە سەكرىشىپ،
مومام ئېيتىپ بېرىدۇ شۇقەدىمى چۆچەكنى.

-ۋۇي...بولدى ..بولدى ...سىلىگە گەپ بەرگىلى بولمايدىكەن . تېخى قىز -جۇۋانلار دىگىننى كۆرمەمدىغان ، قېرىغاندا كىم قۇيۇپتۇ سىلىگە قىز -جۇۋانلارنى ..-ئانام دادامغا قاراپ ئاغزىنى ئۆمەللىتىپ قويدى .
-ۋوي..كىم مېنى قېرىدى دەيدۇ ..18ياش قىران ۋاقتىم جۇمۇ مىنىڭ .قىز -جۇۋانلار ھازىرمۇ قوغلىشىدۇ مىنى،-دېدى داداممۇ ئانامغا گەپ بەرمەي .
-بولدى ..بولدى ...مەن تاماق ئىتەي . يەنە سىلىگە يول قۇياي بوپتۇ .ھېلى ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىدا چېنىپ يۈرمىسىلە ،-ئانام يېڭىلگىنىگە تەنە بەرمەي كۈلگىنىچە  ئاشخانا ئۆيگە چىقىپ كەتتى .
دادام ئىككىمىز ئانامنىڭ بۇ ھالىتىدىن تەڭلا كۈلۈشۈپ كەتتۇق .
-ﺭﺍﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻡ، ﮬﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﻴﻪ، ﺭﺍﺩﯨﺌﻮ، ﮔﯧﺰﯨﺖ-ﮊﯗﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻛﯜﭼﻪﭖ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﻮﺭﯗﺯﻟﯘﻕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺷﻘﺎﺭ، ﺗﻮﺧﯘ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ، ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺋﯧﺸﻰ ﺋﯧﺘﯩﺶ، ﺋﺎﺕ ﺑﻪﻳﮕﯩﺴﻰ، ﺋﻮﻏﻼﻕ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ، ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﺶ، ﺑﺎﻍ-ﺗﺎﻍ -ﺩﻩﺭﻳﺎ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ، ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﻪﺷﺮﻩﭖ-ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﻰ سەن تېخى ئۆز كۈزۈڭ بىلەن كۆرمىدىڭ بالام ،-دېدى دادام بىردىنلا غەمكىن ھالدا ،-بۇرۇن ...ﺗﻮﯕﻼﺭ ﺋﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯧﺮﯨﻘﻼﺭ ﺋﻪﮔﯩﺰ ﺳﯘﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ۋاقىتلاردا ﻗﻪﻏﻪﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﻻﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ﺳﯘﻻﺭﻏﺎ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﭘﯘﺷﻘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﮬﯚﻝ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ، ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮬﺎﻱ-ﮬﺎﻳﻠﯩﺮﻯ...ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ-ﻛﻮﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﯕﺘﯘﺷﻼﺭ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻛﻮﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻠﯩﻖ ﺋﻮﭼﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ...ﺋﻪﻳﻨﻪﻙ ﺳﺎﻗﺎ، ﭘﺎﺧﭙﺎﻕ، ﺋﻮﺷﯘﻕ، ﯞﺍﻟﻠﻪﻱ، ﻟﻪﮔﻠﻪﻙ، ﻣﯚﻛﯜ-ﻣﯚﻛﯩﻠﻪﯓ، ﺋﻮﻏﺮﻯ-ﺳﺎﻗﭽﻰ، ﭼﺎﻟﻤﺎ-ﻛﯧﺴﻪﻙ، ﺋﺎﺗﻼﻧﻐﯘﭺ، ﺗﻪﭘﻜﯜﭺ.....ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻧۇرۇﺯﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.ﮬﻪﺭﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﺭﯗﺯ ﺋﯧﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺑﯩﺮ ﻣﻮ ﻛﻪﻟﮕﯜﺩﻩﻙ ﮬﻮﻳﻼ -ﺋﺎﺭﺍﻣﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﻘﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮬﻪﻡ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ، ﮬﻪﻡ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ... ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﺎﻗﻤﺎﻱ ﮬﻮﻳﻠﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﻰ ﺗﯩﻜﻜﻪﻥ، ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﮔﻪﻥ، ﺋﯘﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﯧﯟﻩ ﻛﯚﭼﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﺪﻯ...ﺋﯧﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻡ ﮬﻪﺭﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﮬﺎﺭ ﺋﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻡ ﺋﯩﻨﯩﻢ ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻧﮕﻪنگە ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭼﻪﺕ ﺗﯩﻜﻜﯜﺯﻩﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﻟﻪﻣﭽﻪ ﻗﻮﻳﻐﯘﺯﺍﺗﺘﻰ... ﺑﯘﻧﻰ ﺑﺎﮬﺎﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻰ ﺩﻩﭖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻩﺗﺘﻰ...ﺷﯘ ﻳﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﻤﺪﻩ ﻧﻮﺭﯗﺯﻧﯩﯔ ﺧﺎﺳﯩﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﺎﻏﺪﯨﻜﻰ، ﺳﺎﻳﺪﯨﻜﻰ، ﺋﯧﺘﯩﺰﺩﯨﻜﻰ، ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﻰ، ﺋﯚﻱ ﯞﻩ ﮬﻮﻳﻼ-ﺋﺎﺭﺍﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﻨﻪ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﺎﺗﻘﺎﻗﻠﯩﻖ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﺵ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺑﯧﺸﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﭼﯩﻘﺴﺎﻕ، ﺗﯩﺰﻏﯩﭽﻪ ﺭﯦﺰﯨﻨﻜﻪ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻛﯩﻴﯟﺍﻟﺴﺎﻗﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻛﯩﻴﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﻐﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻻﻟﻤﺎﻳﺘﺘﯘﻕ...ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺩﯨﻘﻘﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ، ﭘﻮﺗﻼ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺩﻩﻝ-ﺩﻩﺭﻩﺥ، ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﻪﺭ، ﭼﺎﯓ-ﭼﺎﯓ ﺳﺎﻳﺮﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﻪﺭﺧﯩﻞ ﻗﯘﺷﻼﺭ...ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯘﻳﻘﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﭗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺭﻭﮬﻼﻧﻐﺎﻥ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻜﻪﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻪﯕﻼ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻳﯘﻥ-ﺗﺎﻣﺎﺷﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ...ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ...ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﭼﺎﻏﻼﺭ ئىكەندۇق بالام . (4)ئەشۇ ۋاقىتلاردا ئوينىغان ئۇيۇنلىرىمىزنىڭ تەڭدىن كۆپىنى سەن كۆرمىگەن ،سەن ئويناپ باقمىغان . نۇرۇز بايرىمىمىزمۇ ھازىر بۇرۇنقىدەك ئۆتكۈزۈلمەيدىغان بولدى ، پەقەت تېلىۋىزوردىلا كۈرۈپ تۇرىۋاتىمىز ...ھەي ...
دادامنىڭ ئېغىر خۇرسىنىش ئارلاشقان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ قالدىم ، دىمىسىمۇ مەن ئىسىمنى بىلگەندىن باشلاپ دادا-ئانام ئېيتقاندەك نۇرۇز بايرىمىنى كۈرۈپ باقمىغان ، دادام دىگەن ئاشۇ ئۇيۇنلارنىڭ بىرىنىمۇ ئويناپ باقمىغان ئىدىم .<< جەمئىيەت قانچە تەرەققى قىلغانسىرى بىزنىڭ ئاتا -بوۋىلىرىمىزدىن قالغان ئەھمىيەتلىك بايراملىرىمىز يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتامدۇ نىمە ؟>>مۇشۇلارنى ئويلاۋاتقىنىمدا يۈرىكىمگە ئىچىم ئاچچىق  بۇلۇپ ئەندىكىپ كەتتىم .
-مەنمۇ ئىشىمنى قىلاي بالام ، ئۈزەڭ ئوبدان ئويلىنىپ يازغىن ،-دادام مىنىڭ گەپ قىلماي ئالىقانداق ھىس -تۇيغۇلارغا بەند بۇلۇپ تۇرغىنىمنى كۈرۈپ ، بۇ تىنىچلىقنى بۇزۇپ قويغۇسى كەلمىدى بولغاي ،شۇنداق دەپ چىقىپ كەتتى .
خىياللىرىمنى  بولسا ئۈزەممۇ ئىپادىلەپ بىرەلمەيدىغان ھېس -تۇيغۇلار چىرمىۋالغان ئىدى  .كۆڭلىمدە دادام -ئانامغا ئۇزۇن ئۆمۈرلەرنى تىلەپ ، مىنى مىڭبىر جاپادا  بېقىپ چوڭ قىلغان  ئەجرىگە چۇشلۇق جاۋاب قايتۇرشۇم كىرەكلىكىنى تۇنۇپ يەتتىم .قۇلۇمغا قەلەم ئالدىم ، نۇرۇز بايرىمىغا ئاتاپ يېزىلدىغان مۇسابىقىگە بۈگۈن ئائىلەمدىكى قىزىقارلىق ئىشلارنى ، دادا -ئانامنىڭ دىگەنلىرىنى يېزىشنى ئويلاشتىم .
   چۈش كۆرىۋاتىمەن ، بۈگۈن ئىللىقلىنىڭ پەرىسى ،يېشىللىقنىڭ ئەلچىسى ،كۆكلەم تېرىمنىڭ مەرىكىسى ،پەسىللەرنىڭ كۆركى ۋە سەرخىلى -نۇرۇز يىتىپ كەلگەن قۇتلۇق كۈن . ھەرقايسى يۇرت، يايلاق ،دالالاردا ، ئۆي-ئۆيلەردە نۇرۇز ئەھلى جەم بۇلۇشۇپ ، كۈلكە -چاقچاق ، نەغمە -ناۋالار بەزمىسى ئەۋجىگە چىقىپ ، تازا قىزىۋاتقان كۈن . قىز -يىگىتلىرىمىز تەبىئەت بوۋاي سېخىيلىق بىلەن سالغان باھار زىلچىسى ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ، ئۆزلىرىنىڭ يېڭى باھاردىكى توي مەرىكىلىرى ئۈستىدە پاراڭ سوقىدىغان ئامەتلىك قۇتلۇق كۈن .
  ئەنە زەن سېلىپ قارىسىڭىز، نۇرۇز گۈزەللىكىگە ھامىلدار بولغان تەبىئەت ئانامنىڭ كۆزى يۇرىغان خاسىيەتلىك كۈن . يەنىمۇ زەن سېلىپ قارىسىڭىز ،ئېتىز -قىرلاردا باھار تەنتەنىسىگە قىلىۋاتقان تىراكتۇردىن چىقىۋاتقان يېقىملىق مۇزىكىلار ، دېھقان تاغىلىرىمىزنىڭ باھارنىڭ كەلگۈسى نىمەتلىرىگە ئۈمىد بىلەن خۇشال -خۇرام كۈرنۈشلىرى ، كۆككە زەن سالسىڭىز ،تۇرنىلارنىڭ قاتارلىشىپ ئۇچۇشلىرى ، بالىلارنىڭ لەگلەك ئۇچۇرۇشلىرى ، باغلىرىمىزغا زەن سالسىڭىز ، ئېچلىپ كەتكەن ئۈرۈك چىچەكلىرى ، يېڭىدىن بىخ سۈرۈۋاتقان مايسىلار نۇرۇزنىڭ ھەقىقەتەن خاسىيەتلىك كۈن ئىكەنلىكىدىن دىرەك بەرمەكتە . قىسقىسى نۇرۇز -مۇھەببەتتتىن مۇھەببەت تۇغۇلىدىغان مۇھەببەتلىك كۈن .(5)
ئەنە چۈشۈمدە  ھايات بىزگە ئاتا قىلغان شاپەئەتتىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىۋاتىمەن  ،  چەكسىز سېغىنىش ۋە زوق شوقىم بىلەن نۇرۇز تەنتەنىسىنى ئەۋجىگە چىقىرۋاتىمەن .قۇتلۇق تىلەكلىرىم ، يۈرەك قېتىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇرغۇپ چىققان تەبرىك سادالىرىم پۈتۈن كائىناتقا تارىماقتا ...


تۇلۇقلىما :
(1)--------ئۈمۈدۋارنىڭ ''نۇرۇز قوشاقلىرى ''ناملىق  شېئىرىدىن .
(2) -(3) ئىمىن تۇرسۇننىڭ <<نۇرۇزنامە>>دىگەن كىتابىدىن .
(4)ئەركەمنىڭ نۇرۇز بىزدىن قانچىلىك يىراقلىقتا دىگەن ماقالىسىدىن .
(5)قۇتلۇغبەگنىڭ '' نۇرۇزنامىدە سۆزلىنىدىغان نۇتۇق ''ناملىق ئەسىرىدىن .




مەن ئۆزۈمگە ئىشىنىپ ياشاۋاتىمەن ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  690
يازما سانى: 16
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 213
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 01:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئەسەر ياخشى چىقىپتۇ .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  463
يازما سانى: 180
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 491
تۆھپە : 0
توردا: 45
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 02:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنىم يانغىن ،بۇ ئەسىرىڭىزنى ئوقۇغۇچىلىرىمغا «نورۇز قوشىقى» دېگەن دەرسنى سۆزلىگەندە ،قايتۇرما ئىنكاس سۈپىتىدە بىر رەت ئوقۇپ بەرسەم بولغىدەك. ئەجرىڭىزدىن سۆيۈندۈم.ھارماڭ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  274
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 321
تۆھپە : 1
توردا: 46
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلىدىغان زىرائەت كۆكىدىن مەلۇم دىگەندەك يانغىن ئىنىمىزنىڭ ئەسلىدىنلا بەددىي دىتى باركەن ئەمەسمۇ؟يېزىقچىلىقتىكى ئىزچىللىقنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭالىسلا چۇقۇم نەتىجە قازنالىغىدەك.تىرىشىڭ ئىنىم.

ئۆزىنى ئالداش ئازابلىق،باشقىلارنى ئالداش رەزىللىك.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 444
نادىر تېمىسى: 3
تېللا: 1438
تۆھپە : 20
توردا: 334
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئون يىل بۇرۇنقى يازمىڭىزكەندە؟ بەختلىك ئائىلىنىڭ شاتلىقىدا يايراۋاتقان‹‹مەن›› بىلەن ئورتاق كۈلۈمسىرەش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. بۇ قېتىمقى شىمال سەپىرى ۋە جەنۇپ ساياھەتلىرىڭىزدىن زەر-ئۈنچىلەرنى كۈتىۋاتىمىز جۇمۇ ئۇكام؟!

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش