تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ximal
كۆرۈش: 76|ئىنكاس: 3

مۇھەممەتجان مەخمۇت : ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 134
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                       ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق

                               مۇھەممەتجان مەخمۇت

كىتاپ دىگەن ئالتۇن بۇغدايلىق،
كىتاپ دىگەن خامان ئۈگۈتلىك.
تاغىرىڭغا قاچىلا جىق-جىق،
ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق.

قەلبتە كۆپ كۆرۈنمەس كىرلار،
ھاياتتا كۆپ بىز بىلمەس سىرلار.
بىلىملىكلەر ئاشقان كۆپ قىرلار،
ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق.

كىتاپ كۆرەر ئەللەرنى كۆرە،
ئەللەر ئىچرە باشلىرى ئۆرە.
ئۇلارغا ھەم راسلاق كۆپ تۆرە،
ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق.

پۇل تاپقاندا كىتاپ سېتىپ ئال،
كىتاپ دىگەن مەڭگۈ مىراس مال.
تەقدىرىڭگە كۆرسىتەر ئامال،
ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق.

كىتاپ قۇتلۇق كەڭرى داغدام يول،
ئىستىقبالغا تارتىپ ماڭار قول.
ھەر بىر كىتاپ بىردىن ئالتۇن سول،
ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق.

مەخمۇت بوۋام ، يۈسۈپ بوۋاملار،
كىتاپ بىلەن ياندۇرغان شاملار.
بىلىم بىلەن سۇنغان كۆپ جاملار،
ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق.

كىتاپ ياقار زۇلمەتتە مەشئەل،
تۈننى قوغلاپ بېرەر  نۇردىن ھەل.
قۇت تاپىدۇ ئۇندىن قەۋم ئەل،
ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق.

بىرەر ياخشى كىتاپ ئالغىنىڭ،
ئورۇن بولار داناغا جېنىڭ.
نادانلىقنى يولغا سالغىنىڭ،
ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق.

كىتااپ ئوقۇ بولسىمۇ ئاز ئاز،
روھىڭنى شۇ كىتاپ بىلەن قاز.
كىتاپ بىزگە مەڭگۈ پىر ئۇستاز،
ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق.

كىتاپ بىلەن يۈكسىلەر ئادەم،
كىتاپ بىلەن گۈللىنەر ئالەم.
كىتاپ بىلەن دادىل ھەر قەدەم،
ئېتىزغىمۇ كىتاپ ئوقۇپ چىق.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  110
يازما سانى: 181
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 611
تۆھپە : 50
توردا: 78
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 08:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىم شېھىتنىڭمۇ ياكى لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭمۇ  «ئىتىزغىمۇ كىتاب ئوقۇپ چىق» دەيدىغان بىر شىئىرى بولىدىغان.  بۇ شىئېرنى ئوقۇپ شۇ شىئېر ئىسىمگە كەلدى.
كىتاب ئوقۇش ياخشى ئادەت، لېكىن  ھازىر كۆپ ۋاقتنى تور ئىپ كىتىۋاتىدۇ.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  419
يازما سانى: 52
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 198
تۆھپە : 0
توردا: 44
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇ مىسرا تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ.ئىشلەتكەندە ئەسكەرتىش بېرىپ قويسىڭىز بولاتتى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  210
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 240
تۆھپە : 0
توردا: 30
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياقتۇردۇم  بۇ شېئىرنى، ئاپتۇرغا، يوللىغۇچىغا رەھمەت!!!

«بولاي دېسەڭ ياراملىق، كىتاب كۆرگىن داۋاملىق»
http://www.ozqutbook.com
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش