تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
ximal
كۆرۈش: 75|ئىنكاس: 6

ئابدۇلىتىپ ئىمىن: گۈل ئەمەس سۇنغىنىم قىپقىزىل يۈرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 134
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                    گۈل ئەمەس سۇنغىنىم قىپقىزىل يۈرەك
                                             
                                                      ئابدۇلىتىپ ئىمىن
تۇغۇلدۇڭ گۈل بولۇپ، كۈلدۈڭ قۇياشتەك،
جامالىڭ نۇر چېچىپ راستلىدى كۈرەك.
چوڭ بولدۇڭ پەزىلەت، ئەقىلگە تولۇپ،
قەلبىڭدە قوش كېزەك ئۆزگىچە تىلەك.

تۇغۇلدۇڭ گۈل بولۇپ، ئېچىلدىڭ گۈلدەك،
ئۇز خۇلقۇڭ ھارارەت پۈركۈيدۇ چوغدەك.
چىن دىلدىن قۇت تىلەپ سۇندۇم قىزىل گۈل،
گۈل ئەمەس سۇنغىنىم قىپقىزىل يۈرەك.

تۇغۇلغان كۈنۈڭگە سۇندۇم قىزىل گۈل،
سۇنغىنىم گۈل ئەمەس  قىران مۇھەببەت.
تىلەيمەن ئىزىڭدا كۈلسۇن گۈل چىمەن،
سەن مېنىڭ قەلبىمدە مەبۇدە ئەبەد.

                                 «تۇرپان گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 134
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 19:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                               خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا
                                          
                                        ئابدۇلىتىپ ئىمىن

تېپىۋالدىڭ  مېنى قەيەردىن،
قونماي تۇرۇپ ساھىللىرىمغا.
ئىزگۈ سالام  ئەۋەتتىڭ نەدىن،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا .

سەن بېغىمغا  كىرمىگەن تۇرۇپ،
سۇلار قويدۇڭ گۈلزارلىقىمغا.
جىلۋە قىلىپ ياشاردى گۈلۈم،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا .

شېرىن، تاتلىق لىرىكاڭ بىلەن،
ئىلھام قوشتۇڭ شائىرلىقىمغا .
گۈزەللىككە باشلاندى دۇنيا،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا.

ۋەزنى چوڭقۇر پىكىرلىرىڭدىن،
مەدەت ئالدىم داۋانلىرىمدا .
ئاچقۇچ سالدىڭ تەپەككۇرۇمگە،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا .

مېھرىڭ بىلەن رەڭلەندى گۈلۈم،
ئارمان قوشۇپ ئارمانلىرىمغا.
ئارمانلىرىم قاقىدۇ قانات،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا .

ئۈمىد قەسىرىم نۇرلاندى يۇرۇق،
قۇۋۋەت بېرىپ قاناتلىرىمغا .
ھەر شۇڭغۇشتىن تۇغۇلار مەنا،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا .

بۈيۈكلۈككە ئاقىمەن ئوخچۇپ،
ئارمانلىرىم تۇمۇرلىرىدا .
داۋان ئېشىپ قۇچىمەن زەپەر ،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا .

ئەجرىم بىلەن  پۈتمەكتە ئىمكان،
ئىزىمدا گۈل ئېچىلدۇرۇشقا .
ھەر گۈلۈمدىن يارالسۇن بەخت،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا .

خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا،
شۇڭغۇپ كىردىڭ بوستانلىقىمغا .
ئىزگۈلۈككە  باشلىدىڭ بۇدەم،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا .

خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا،
دىل خۇشۇمنى قىلدىڭ مەھلىيا .
يۈرىكىمگە تۇتاشتى بىر  ئوت،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا .

خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا ،
بىلىنىسەن ئەتراپىمدىلا.
چۈشلىرىمدە تۈنەيسەن مەغرۇر،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا .

خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا ،
ۋىسالىڭغا بولدۇم مەن  تەشنا.
ئاچقىن قۇچاق،  قاندۇر مېھرىڭگە،
خىيال قوشۇپ خىياللىرىمغا .


                                              «تۇرپان گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 134
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                             ئايال

                                      ئابدۇلىتىپ ئىمىن

ئاھ ...ئايال!
ئايال،
ئۇ- گۈل.
كۆزى ئوخشار،
يۈزى ئوخشار،
سۆزى ئوخشار،
كۈلۈشلىرى ھەم گۈل.
كۆڭلى گۈلدەك،
خۇلقى گۈلدەك،
تەبەسسۈمدە قاراشلىرى گۈل،
يەر تېگىدىن ماراشلىرى گۈل.

ئايال،
ئۇ-گۈل.
نېنى گۈلدەك كۈلىدۇ،
چېيى گۈلدەك كۈلىدۇ،
تائامىدىن تىل كۈلىدۇ،
چىۋەر قولى گۈل.
ئايال،
ئۇ-گۈل.
قايەردە ئايال،
ئەشۇ يەر ۋال-ۋال،
كىرسە ئايال ،
ئۆي يانار يال-يال،
ئايال ئەجرىدىن،
كۆىنىدۇ تۆت تام،
ھەتتا ھويلا گۈل.
ئايال ئەجرىدىن،
مېھنەت تەرىدىن،
يۈزى ساق،
تەخسە گۈل.
نۇرى ئاق،
چىنە گۈل.
قوينى پاكىز،
قازان گۈل.
ھەممە رەتلىك،
قازناق گۈل.
چىۋەرلىكىدىن،
رەتلىكلىكىدىن،
ئاشخانىسىمۇ،
گۈل كۆرىنىدۇ گۈل،
ھەر خانىسىدىن،
گۈل پۇرايدۇ گۈل.

ئايال ،
ئۇ- گۈل.
يېنىڭدا  بولغاچ،
كۈلكە قاش،
مېھرى ياش،
شۇ - ئايال گۈل،
يۈرمىدىڭ رەتسىز،
يا ياقاڭ كىرسىز ،
سالاپەت سەندە ،
سالامەت ساندە،
ئاشۇ ئايالنىڭ،
كۆيۈنۈشلىرى گۈل.
شۇ ئايال بولغاچ،
تۈكۈلىدۇ ،
بويلىرىڭدىن گۈل،
يوللىرىڭدىن گۈل،
تويلىرىڭدىن گۈل.
چۈنكى،
يېنىڭدىكى شۇ ئايال- گۈل.

ئايال ،
ئۇ- گۈل.
زېھنى يېتىشلىك،
سېھرى جەزىبىلىك،
سىزغانلىرى گۈل .

سىپتا ئىش  قىلۇر،
چىپتا ئىش قىلۇر،
تىزغانلىرى گۈل.
ئاخشام – ئەتتىگەن،
تىنماي تېنىگەن،
قېيىپ كەتمىگەن،
ھېرىش سەزمىگەن،
زىيالىرى گۈل.
تارتقان سولى گۈل،
باسقان يولى گۈل.

ئايال!
ئۇ – گۈل.
سىماسىدىن،
نىگاھىدىن،
ساداسىدىن،
تارىتىدۇ گۈل،
يارىتىدۇ گۈل.
ئىشچان خۇمارى،
جەڭدە جۇلاسى،
سەپتە ھۇرراسى،
چۆلنى قىلار گۈل.

ئايال،
ئۇ – گۈل .
ئۇ تۇققان،
ئۇ باققان،
ئۇ قاتارغا قاتقان،
باتۇر ئوغلان... لار،
<<نوزۇك>>،<<رىزۋان>>... لار ،
تاغنى قىلار كۈل ،
چۆلنى قىلار گۈل.

ئايال،
ئۇ – گۈل.
ئۆزى شەيدا گۈلگە،
ناۋاسى بار گۈلدە،
ھاياتى رەڭدار گۈلچە،
قايناملىرى ياسىشىدۇ گۈل.
دولقۇنلىرىدىن قاتلىشىدۇ گۈل.
..................

شۇڭا دەيمەن،
ئايال- گۈل.
ئەجدادى گۈل،
ئەۋلادى گۈل،
ئۇدارى گۈل،
نەقراتى گۈل،
ئايال بىلەن پەسلىمىز گۈل،
نەسلىمىز گۈل،
ئايال بىلەن جاھان گۈل- گۈل.

شۇڭا دەيمەن،
ئايال كۈل،
قاھ ...قاھلاپ كۈل،
ھوزۇرلىنىپ كۈل.
پەخىرىدە ئايال،
چاچار نۇر زىيا،
ھەر زەررىسى بىر دەستە گۈل.

ئايال،
ئۇ-گۈل.
گۈل چىرايلارغا نۇر بەرگەن،
پاك كۆڭۈللەرگە گۈل تەرگەن،
قەدەملەرگە قۇت بەرگەن،
<<ئايال>> دىگەن
ئۇلۇغ نامدا بىزەلگەن،
گۈل ئاتالغان گۈل،
گۈللەر شاھى گۈل.
<<ئايال>> دىگەن ،
<<ئانا>> دىگەن،
مەنالارغا كۆمۈلگەن،
تىللارنى كۆيدۈرگەن،
مۇقەددەس نام ئۇ،
مەڭگۈ قېرىماس،
مەڭگۈ سۇلماس،
مەڭگۈ جىلۋىگەر،
مەڭگۈ سېھرىگەر،
يەنىلا  قىران، ياش ئۇ.

ئايال – گۈل،
مېھرىدىن – بال تامغان،
تومۇرىدا ئوت ئاققان،
مەنزىللەرگە نۇر چاچقان ،
تارىخقا يول ئاچقان ،
جاھانغا گۈل قاتقان،
كۆڭۈلگە خۇش ياققان،
مەگگۈ كۈلگۈن گۈل.

ئايال،
ئەي ئايال،
ئۆزۈڭنى قولۇڭغا ئال،
ئەقىلنى قىلىپ لال،
تاڭ قالدۇرۇپ قال.
بولۇپ<<گۈل ئايىم>>،
مەڭگۈ مۇلايىم،
ئىللىق، مېھرىبان،
غەمخان - پاسىبان،
مەڭگۈ دىيانەتلىك،
مەڭگۈ ھىدايەتلىك،
مەڭگۈ شىجائەتلىك،
مەڭگۈ پاراسەتلىك،
ياپياش كۈلۈپ قال.
چاۋاكلار تۆرىدە،
ئورۇلۇپ گۈلگە ،
چۆمۈلۈپ كۈلكىگە ،
چاقناپ ئۆزگىچە،
مېزىلىك تائام،
شەربەتلىك جام،
ئۇلۇغ نام،
داستان بولۇپ قال.
مەڭگۈ ئۆچمەس،
قۇياش... بولۇپ قال.

            
                                       «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇلىتىپئىمىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-16 20:03  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1383
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 134
تۆھپە : 0
توردا: 18
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-17
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                   سېغىنىش

                            ئابدۇلىتىپ ئىمىن

ھەر سەھەر ئۇيقىغا خەير دىگەن چاغ،
كۆزلىرىم تۇنجى رەت سۆيەتتى سېنى.
يىلاندەك تولغىنىپ تاتلىق ئەسنىشىڭ،
بىر شېرىن تۇيغۇغا چۆمدۈرگەن مېنى.

ئاھ، نىچۈن بۇ سەھەر تۇرمىدىڭ دەرقەم،
تەبەسسۈم ئوينىغان نازلىرىڭ قېنى.
قەلبىمنىڭ تارىنى چېكەتتى ئۈنسىز،
باغرىڭدا دانلىغان مۇھەببەت قۇشى.

تېنىقىڭ توختاۋسىز تۇرسا يېلىنجاپ،
ئازاتتى گۈلخاننىڭ شەۋقىدىن مۇڭ كۈي.
تاغ ئارا سەيلىگە چىققان كېيىكتەك،
ئويغىتار قەلبىمدە ھاياجان شوخ ئوي.

ۋە لىكىن بۇ دەقىق باغرىمدا بوشلۇق،
تەئەججۈپ ئىلكىدە تۇرار تېڭىرقاپ.
غايىۋى بىر سىيما غىدىقلار دەم-دەم ،
قەلبىمنى ئۆرتەيدۇ  سۆيگۈ ئېچىرقاپ.

2012-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنى جەنۇبى تاغ خاتىرىسى

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1928
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 69
تۆھپە : 0
توردا: 13
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 23:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر تىمىڭىز ئۇف دەپ يىنىپ چىقسام ماۋۇ تىمىدىكى  ئەسىرىڭىز ماڭا ھىجراندىن بىر نى سوۋغا قىلدى.
بولۇپمۇ ئاۋۇ شىنجاڭ گىزىتىدە ئېلان قىلغان ئەسىرىڭىز...
بولدىلا ھەسرىتىمنى چىكىپ ئولتۇراي..

قىززىق ئىشتە...

روھىمدا مۇقەددەس ناخشا!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  252
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 529
تۆھپە : 2
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 10:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لېرىكىلىرىڭىز بىر-بىرىدىن ئېسىل چىقىپتۇ.بەك ياقتۇردۇم،ئىجادىيەتلىرىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  209
يازما سانى: 211
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 548
تۆھپە : 0
توردا: 0
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-18
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 11:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ سېغىنىش ›› قا ئوخشاش تاتلىق لىرىكىلىرىڭىزنى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرساقكەن دەيمەن...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش