3-ئاينىڭ 22-كۈنى كۇچادا ‹‹كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› تەسس قىلىنىپ، ‹‹كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى››نىڭ تاللاش، مۇكاپاتلاش چارىسىنى ئېلان قىلدى. ‹‹كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم باھالىنىدىغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى مۇكاپات سوممىسى 30 مىڭ يۈەنگە يېتىدىكەن.
كۇماراجىۋا ئەينىۋاقىتتىكى كۈسەن، ھازىرقى كۇچادا تۇغۇلغان (مىلادىيە 344~ 413 ) بولۇپ، ئېلىمىزنىڭ بۇددىزم ساھەسىدىكى ئۈچ مەشھۇر تەرجىماننىڭ بىرى. ئۇ يەتتە يېشىدا راھىب بولۇپ، كۈسەنلىك مەشھۇر راھىب بۇددا شېمىندىن بۇددا نوملىرىنى ئۆگىنىپ، توققۇز يېشىدا ئانىسى بىلەن بىللە كەشمىرگە بېرىپ، كەشمىر پادىشاھىنىڭ ئىنىسى پەنتو دادونى ئۇستاز تۇتۇپ، بۇددا نوملرىنى ئۆگىنىدۇ، 12 يېشىدا كۈسەنگە قايتىپ كېلىپ، بۇددىزم تەرغىباتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. مىلادىيە 382 يىلى كۇماراجىۋا چاڭئەنگە كېلىپ، بۇددانوملىرىنى تەرجىمە قىلىش، ئەسەر يىزىش ۋە دەرس ئۆتۈش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ.بۇ جەرياندا ئۇ 800 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان تەرجىمە ئاپپاراتى تەشكىل قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، 11 يىل ئىچىدە 35 قسىىم، 300 نەچچە جىلد نوم تەرجىمە قىلىپ چىقىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تەربىيەلىگەن شاگىرت 5000 دىن ئاشقان ئىدى.
كۇچا ناھىيەسى تارىخىي مەدەنىيەت ماركىسى يارىتىش ئۈچۈن مەخسۇس ‹‹كۇماراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى›› تەسس قىلىپ، ناھىيە ئىچىدىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى زامانىۋى مەدەنىيەت ئارقىلىق، ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ كارتىنىسى سىزىپ چىقىشقا ئىلھاملاندۇردى.
ئىگىلىنىشچە، بۇ مۇكاپات شەخس مۇكاپات تۈرى بولغان ‹‹كۇماراجىۋا مەدەنىيەت خىزمىتىگە تۆھپە قوشۇش مۇكاپاتى››، ئەدەبىيات-سەنئەت ئەسەرلىرى مۇكاپاتى تۈرى بولغان ‹‹كۇماراجىۋا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتى››دىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدىكەن. ناھىيە تەۋەسىدىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىنىڭ مۇكاپاتلاشنىڭ ئەڭ يۇقىرى سوممىسى 30 مىڭ يۈەن، ئەڭ تۆۋەن مۇكاپات سوممىسى 5000 يۈەن. ناھىيە سىرتىدىكى مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئەسەرلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى مۇكاپاتلاش سوممىسى 10 مىڭ يۈەن، ئەڭ تۆۋەن مۇكاپات سوممىسى 3000 يۈەن.
ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقىنىڭ تۇنۇشتۇرىشىچە، ‹‹كۇمىراجىۋا ئەدەبىيات مۇكاپاتى››نى باھالاش پائالىيىتىدە باشتىن-ئاخىرى ئۈچكە يېقىنلىشىش، ئالتىدە ياخشى بۇلۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دەۋر روھى ۋە شىنجاڭچە روھنى كۈيلەپ، كۇچانىڭ قەدىمدىن ھازىرغىچە بۇلغان مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە، باھالاش پائالىيىتى ئارقىلىق بىر تۈ*ركۈم مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرى، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى بايقاپ، كۇچانىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرىنىڭ ھەم ياخشى ھەم تېز تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت.(تاھىر ھىمىت، نۇرىمانگۈل داۋۇتلار خەۋىرى)
http://nur.cn/html/news/63937.shtml