كۆرۈش: 105|ئىنكاس: 0

«شىنجاڭ يازغۇچىلارلېكسىيەخانىسى»ئاساسى قاتلام ـ جايلارغا چۈشتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: -3
تۆھپە : 1
توردا: 2
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-3-10 16:02:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جايلارلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ «خوشاللىق يەتكۈزۈش، ئاساسى قاتلاملارغا بېرىش»پائالىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش روھىغا ئاساسەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى 2011-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى قەشقەردە،19-كۈنى ئاقسۇدا، 21-كۈنلىرى كۇچاردا ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرى بويىچە «شىنجاڭ يازغۇچىلار لېكسىيەخانىسى» پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان ئىدى.

   12-ئاينىڭ 16-كۈنى چۈشتىن كېيىن قەشقەر ۋىلايىتىدىكى ئەدەبىيات لېكسىيەسى ئايرىم – ئايرىم ھالدا«قەشقەر مېھمانخانىسى» ۋە «قەشقەر گېزىتى ئىدارىسى يىغىن زالى» ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئازات سۇلتان،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، يازغۇچى ليۇ لياڭچېڭ قاتارلىقلار ئۇيغۇر ۋە خەنزۇ تىللىرىدا ئەدەبىيات ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەت ھەققىدە لېكسىيە سۆزلىدى.ئىككى تىل بويىچە ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى لېكسىيەگە قەشقەر شەھىرى ۋە ئەتىراپتىكى توققۇزاق، يېڭىشەھەر،ئاقتۇ،يەكەن،پەيزىۋات قاتارلىق ناھىيەلەردىن كەلگەن يازغۇچىلار،شائىرلار ۋە ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىدىن بولۇپ 160دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

   بۇ قېتىمقى لېكسىيەنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەشكىللەپ، ئۇيۇشتۇردى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش