كۆرۈش: 1618|ئىنكاس: 0

ئالتۇنگۈل رەجەپ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12
يازما سانى: 566
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 2003
تۆھپە : 49
توردا: 690
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-23 16:44:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

909090.jpg

1968-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىدە زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1987-يىلى خوتەن پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومىنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن.خىزمەتكە چىقىپلا ئىككى يىل تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان .1989-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ قانۇن كەسپىدە تۇلۇق كۇرستا ئوقۇپ، قانۇن پەنلىرى بويىچە باكلاۋۇر بولغان. 2010-يىلى مەزكىزى سودىيىلەر ئىنىستۇتىدا ئوقۇپ سودىيە بولغان. مەملىكەتلىك ئەدلىيە ئىمتاھانىدا ئا دەرىجىدىن ئۈتۈپ تەپتىش ئادوۋكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.‹‹ زەنجىرى ئۈزۈلگەن مىدالىيون›› ناملىق ھىكايىسى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ ھازىرغىچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان‹‹ يېنىڭىزدا مەن بار››، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان‹‹ بېشى ئۈزۈلگەن ۋىناس ھەيكىلى›› ناملىق ئىككى پارچە ھىكايە_پوۋىستلار توپلىمى ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۈرۈشتى. ئۇنىڭ ‹‹بېشى ئۈزۈلگەن ۋىناس ھەيكىلى››،‹‹ قىرىق ياشلىق ئايال›› ‹‹غورتەك›› قاتارلىق ئەسەرلىرى تارىم، تەڭرىتاغ، شىنجاڭ مەدەنىيىتى قاتارلىق ژورناللاردا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، جامائەتچىلىنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. تۆت پارچە ئەسىرى كىنو سىنارىيىسى قىلىپ ئىشلىنىپ، ئىككى پارچە ئىتوتى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ قۇربان ھېتلىق سەنئەت كىچىلىگى››دە ئوينالغان.‹‹قارا رەڭلىك كادىلاك›› ناملىق پوۋىستى تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، ‹‹زۇمرەتتەك زۇمرەت›› دىگەن ھېكايىسى‹‹ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئالتۇن چاغ›› مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى ‹‹شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەر ئەدىپ›› بۇلۇپ باھالانغان.‹‹ تارىم تۆھپىكار ئەدىپ مۇكاپاتى›› غا ئېرىشكەن.يېقىندا‹‹ئاق ۋە قارا››ناملىق رومانى نەشىردىن چىقىش ئالدىدا.ئۇ ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ ئەزاسى. خوتەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە 1-دەرىجىلىك سودىيە بۇلۇپ ئىشلىمەكتە.


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىشۆھرىتى تىللاسى تۆھپىسى يىغىش سەۋەبى
Arghu + 10
saltanat + 10 + 10 + 7
كۆزگۈ + 5 + 5 + 6

ھەممە باھا نومۇرى : شۆھرىتى + 15  تىللاسى + 25  تۆھپىسى + 13   باھا خاتىرىسى

ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش