كۆرۈش: 3218|ئىنكاس: 0

ئالتۇنگۈل رەجەپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
909090.jpg

     1968-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى خوتەن ۋىلايىتى لوپ ناھىيىسىدە زىيالى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.1987-يىلى خوتەن  پىداگوگىكا ئالى تېخنىكومىنىڭ تىل ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرگەن.خىزمەتكە چىقىپلا ئىككى يىل تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولغان .1989-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتنىڭ قانۇن كەسپىدە تۇلۇق كۇرستا ئوقۇپ، قانۇن پەنلىرى بويىچە باكلاۋۇر بولغان. 2010-يىلى مەزكىزى سودىيىلەر ئىنىستۇتىدا ئوقۇپ سودىيە بولغان. مەملىكەتلىك ئەدلىيە ئىمتاھانىدا ئا دەرىجىدىن ئۈتۈپ تەپتىش ئادوۋكاتلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.‹‹ زەنجىرى ئۈزۈلگەن مىدالىيون›› ناملىق ھىكايىسى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە كىرىپ كەلگەن ئالتۇنگۈل رەجەپنىڭ ھازىرغىچە قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «يېنىڭىزدا مەن بار»، مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان‹‹ بېشى ئۈزۈلگەن ۋىناس ھەيكىلى›› ناملىق ئىككى پارچە ھىكايە-پوۋىستلار توپلىمى ۋە «ئاق ۋە قارا»ناملىق رومانى  ئۇقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۈرۈشتى. ئۇنىڭ ‹‹بېشى ئۈزۈلگەن ۋىناس ھەيكىلى››،‹‹ قىرىق ياشلىق ئايال›› ‹‹غورتەك›› قاتارلىق ئەسەرلىرى «تارىم»، «تەڭرىتاغ»، «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» قاتارلىق ژورناللاردا ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، جامائەتچىلىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن. تۆت پارچە ئەسىرى كىنو سىنارىيىسى قىلىپ ئىشلىنىپ، ئىككى پارچە ئىتوتى شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ‹‹ قۇربان ھېتلىق سەنئەت كىچىلىگى››دە ئوينالغان.‹‹قارا رەڭلىك كادىلاك›› ناملىق پوۋىستى «تارىم ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا،‹‹زۇمرەتتەك زۇمرەت›› دىگەن ھېكايىسى‹‹ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ئالتۇن چاغ›› ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 2010-يىلى ‹‹شىنجاڭدىكى مۇنەۋۋەر ئەدىپ›› بۇلۇپ باھالانغان.‹‹ تارىم تۆھپىكار ئەدىپ مۇكاپاتى›› غا ئېرىشكەن.
    ئۇ ھازىر شىنجاڭيازغۇچىلار جەمىيىتىنىڭ ئەزاسى. خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىيىتىنڭ ئەزاسى. خوتەن ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە 1-دەرىجىلىك سودىيە بۇلۇپ ئىشلىمەكتە.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش