كۆرۈش: 864|ئىنكاس: 0

ئەمەتجان سەمەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 800
تۆھپە : 20
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 22:42:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

538_768_2c0485995d09e611.jpg

ئەمەتجان سەمەت (جىلال ) 1983-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇنسۇ ناھىيسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلغىچە ئائىلە تەربىيىسدە بولغان. 1990-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى7-ئايغىچە قارايۇلغۇندا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1999-يىلى 9-ئايدىن 2002-يىلى 7-ئايغىچە ئۇنسۇ ناھيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇغان. 2002-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە ئىلى پىداگوگىگا ئىنىستىتوتىنىڭ ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات كەسپىدە ئۇقۇغان. 2009-يىلى3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. ئاپتۇرنىڭ ئىجاديتى 2003-يىلى ئېلى گېزىتىدە ئېلان قىلغان « گۈل » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە قەدەم تاشلىغان. ھازىرغا قەدەر « شىنجاڭ ئونۋېرسېتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى »، « خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى »، « جوڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى »، « ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژۇرنىلى »، « پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى »، « ئىلى مائارىپى ژۇرنىلى »، « شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى »، « شىنجاڭ گېزىتى »، « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى »، « شىنجاڭ قانۇنچىلۇق گېزىتى »، « شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى »، « ئاسىيا كىندىكى گېزىتى »، « ئىلى گېزىتى »، « ئىلى كەچلىك گېزىتى »، « خوتەن گېزىتى »، « ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتوت گېزتى » قاتارلىق ھەر قايىسى گېزىت- ژۇرناللاردا 300 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل تەتقىقات ماقالىلىرى،  ئەدەبىي ئوبزورلىرى، ھېكايە، شېئىر، نەسىرلىرى شۇنىڭدەك يەن   تۈرلۈك ئاخبارات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىغان.  خوتەن شەھەر توساللا يېزىسدىكى ھەر قايىسى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ يەرلىك مەكتەپ دەرسى سۈپتىدە « توساللا يېزسىنىڭ مائارىپ تارىخى » دېگەن كىتابنى، مەكتەپتە تەسس قىلىنغان « ئۈمىد يولتۇزى » گېزتىنىڭ نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان 80 سانىنىڭ توپلىمنى، خوتەن شەھەر توساللا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىۋىنىڭ « توساللا دىياردىكى مەرىپەت بۇلىقى » ناملىق مەكتەپ تەزكىرسىنى ئۆزى مۇستەقىل تۈزۈپ چىققان. 2012-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك تەشۋىقات بۈلمى، خوتەن گېزتى ئىدارىسى تەرپىدىن « ئالاھىدە دەرىجلىك »مۇنەۋەر ئىختىيارى مۇخبىر بولوپ باھالانغان. ئۇنىڭ « بەخىت دائىم سىزنىڭ ئەتىراپىڭىزدا » ناملىق ماقالىلەر توپلىمى نەشىرىياتقا يوللانغان.
ئەمەتجان سەمەت ( جىلال ) ھازىر خوتەن شەھەر توساللا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولوپ ئىشلەپ كەلمەكتە. ئۇ شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىئيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمىئيىتى قاتارلىق ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ  ئەزاسى.





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەمەتجان سەمەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-13 15:00  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش