كۆرۈش: 1586|ئىنكاس: 0

ئەمەتجان سەمەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەمەتجان سەمەت


538_768_2c0485995d09e611.jpg


   ئەمەتجان سەمەت جىلال  1983-يىلى 9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۇنسۇ ناھىيەسىدە تۇغۇلغان. 1990-يىلغىچە ئائىلە تەربىيەسدە بولغان. 1990-يىلى 9-ئايدىن 1999-يىلى7-ئايغىچە قارايۇلغۇندا باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە، 1999-يىلى 9-ئايدىن 2002-يىلى 7-ئايغىچە ئۇنسۇ ناھيلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇقۇغان. 2002-يىلى 9-ئايدىن 2007-يىلى 7-ئايغىچە ئىلى پېداگوگىگا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تىل -ئەدەبىيات كەسپىدە ئۇقۇغان. 2009-يىلى3-ئايدا خىزمەتكە قاتناشقان. ئاپتورن 2003-يىلى «ئېلى گېزى»تىدە ئېلان قىلغان « گۈل » ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىگە قەدەم تاشلىغان. ھازىرغا قەدەر « شىنجاڭ ئونۋېرسېتىتى ئىلمىي ژۇرنىلى »، « خوتەن پىداگوگىكا ئالىي تېخنىكومى ئىلمىي ژۇرنىلى »، « جوڭگۇ مىللەتلىرى ژۇرنىلى »، « ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژۇرنىلى »، « پەن ۋە تۇرمۇش ژۇرنىلى »، « ئىلى مائارىپى ژۇرنىلى »، « شىنجاڭ ئاياللىرى ژۇرنىلى »، « شىنجاڭ گېزىتى »، « شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى »، « شىنجاڭ قانۇنچىلۇق گېزىتى »، « شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى »، « ئاسىيا كىندىكى گېزىتى »، « ئىلى گېزىتى »، « ئىلى كەچلىك گېزىتى »، « خوتەن گېزىتى »، « ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى گېزتى » قاتارلىق ھەر قايىسى گېزىت- ژۇرناللاردا 500 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل تەتقىقات ماقالىلىرى،  ئەدەبىي ئوبزورلىرى، ھېكايە، شېئىر، نەسىرلىرى،  تۈرلۈك ئاخبارات ئەسەرلىرى ئېلان قىلىغان.  مەكتەپتە تەسس قىلىنغان « ئۈمىد يولتۇزى » گېزىتىنىڭ نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان 50 سانىنىڭ توپلىمنى، خوتەن شەھەر توساللا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ « توساللا دىياردىكى مەرىپەت بۇلىقى » ناملىق مەكتەپ تەزكىرسىنى ئۆزى مۇستەقىل تۈزۈپ چىققان. 2012-يىلى،2013-يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، «خوتەن گېزتى» ئىدارىسى تەرىپىدىن « ئالاھىدە دەرىجلىك »مۇنەۋەر ئىختىيارى يمۇخبىر بولۇپ باھالانغان. ئۇنىڭ « بەخىت دائىم سىزنىڭ ئەتىراپىڭىزدا » ناملىق ماقالىلەر توپلىمى بىلەن « ئانا مەڭزىدىن ئاققان ياش» ناملىق رومانى نەشرگە تاپشۇرۇلغان.
ئەمەتجان سەمەت  جىلال ھازىر خوتەن شەھەر توساللا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى بولوپ ئىشلەپ كەلمەكتە.  ئۇ  شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىئيىتى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار  جەمئىيىتى قاتارلىق ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ  ئەزاسى. «شىنجاڭ مائارىپ گېزىتى» ۋە «شىنجاڭ ئۆسمۈرلەر گېزىتى»نىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 18:20  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش