كۆرۈش: 533|ئىنكاس: 0

نۇرمۇھەممەت جېلىل [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  718
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 693
تۆھپە : 2
توردا: 176
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-27

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-20 13:03:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

TH[__NQnurmuhammat5VXG1E.jpg


   نۇرمۇھەممەت جېلىل 1950-يىلى گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىغا قاراشلىق ياڭاقلىق كەنتىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1966-يىلى لوپ ناھىيلىىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. 1968-يىلىدىن 1973- يىلىغىچە لوپ ناھىيىلىك قول سانائەت بىرلەشمىسىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1973-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان.1977-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ  ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىدە ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ    پېنسېيەگە چىققان.
    شائىرنىڭ ئىجادىيىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا باشلانغان بولۇپ،تۇنجى شېئىرى 1972-يىلى «يېڭى خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ 1000 دىن ئارتۇق شېئىر،ناخشا تېكىستى، نەسىر ،ئەدەبىي  ئاخبارات ۋە ماقالىلىرى ھەر قايسى گېزىت -ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان.   100دەك  ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ، رادىيو ۋە تېلېۋىزورلاردا بېرىلگەن. «ئاي بىر جۈپ بوپ كۆرۈندى»  ناملىق  شېئىرى  ئوتتۇرا مەكتەپ ناخشا مۇزىكا دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.خېلى كۆپ شېئىرلىرى «باھار جىلۋىسى»،«تەنتەنە»،«نىفىتچىلار ناخشىسى»،«توي تەنتەنىسى»قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 1994-يىلى شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاي بىر جۈپ بوپ كۆرۈندى » ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.ئۇنىڭ 40تىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى ۋە ئەدەبيي پىرۇگىراممىسى مەملىكەت ۋەئاپتونۇم رايون بويىچە  ئايرىم-ئايرىم 1-،2-،3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا  ئېرىشكەن.
      ئۇ 120دىن ئارتۇق رومان ،پوۋېستنىڭ،نەچچە مىڭلىغان ئەدەبىي ئاڭلىتىشنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. 1500دىن ئارتۇق ناخشىنى رادىيوغا  ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ،ئەدەبىي مۇھەررىرلىكىنى قىلغان،شۇ قاتاردا «قۇمۇل سەنىمى»،    «خوتەن سەنىمى» ،«چىرا سەنىمى»نى ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ،ئەدەبىي مۇھەررىرلىكىنى قىلغان.«تاشۋاي»،«مۆلجەر  تاغ بورانلىرى»،«مۇقام ئەجدادلىرى»،«چىن مودەن»قاتارلىق دىرامما ،ئوپېرالارنى ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ،ئەدەبىي مۇھەررىلىكىنى ئىشلىگەن.
    «جوڭگو  مۇتەخەسىسلەر قامۇسى» غا تەرجىمھالى كىرگۈزۈلگەن. گوۋۇيۇەن  تەرىپىدىن ئاخبارات ساھەسىدە 30يىل ئىشلىگەن شەرەپ گۇۋانامىسىگە ئېرىشكەن.
     ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ،قەلىمىنى تاشلىماي ،ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
  1989-يىلىدىن باشلاپ،ئۇ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش