كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
»
مۇنبەر
›
مۇنبەر مۇلازىمەت رايونى
›
شىنجاڭ يازغۇچىلار لۇغىتى
›
نۇرمۇھەممەت جېلىل
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
1207
|
ئىنكاس:
0
نۇرمۇھەممەت جېلىل
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىلقىز سۇلايمان
بىلقىز سۇلايمان
توردا يوق
ۋاقتى: 2013-2-20 13:03:45
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
نۇرمۇھەممەت جېلىل 1950-يىلى گۇما ناھىيەسىنىڭ كۆكتېرەك يېزىسىغا قاراشلىق ياڭاقلىق كەنتىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1966-يىلى لوپ ناھىيلىىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇق سىنىپىنى پۈتتۈرگەن. 1968-يىلىدىن 1973- يىلىغىچە لوپ ناھىيىلىك قول سانائەت بىرلەشمىسىدە ئىشچى بولۇپ ئىشلىگەن. 1973-يىلىدىن 1977-يىلىغىچە شىنجاڭ ئۇنۋېرىستېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان.1977-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ ئەدەبىيات-سەنئەت بۆلۈمىدە ئەدەبىي مۇھەررىر بولۇپ ئىشلەپ پېنسېيەگە چىققان.
شائىرنىڭ ئىجادىيىتى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا باشلانغان بولۇپ،تۇنجى شېئىرى 1972-يىلى «يېڭى خوتەن گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇنىڭ 1000 دىن ئارتۇق شېئىر،ناخشا تېكىستى، نەسىر ،ئەدەبىي ئاخبارات ۋە ماقالىلىرى ھەر قايسى گېزىت -ژورناللاردا ئېلان قىلىنغان. 100دەك ناخشا تېكىستى ئاھاڭغا سېلىنىپ، رادىيو ۋە تېلېۋىزورلاردا بېرىلگەن. «ئاي بىر جۈپ بوپ كۆرۈندى» ناملىق شېئىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ناخشا مۇزىكا دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.خېلى كۆپ شېئىرلىرى «باھار جىلۋىسى»،«تەنتەنە»،«نىفىتچىلار ناخشىسى»،«توي تەنتەنىسى»قاتارلىق كوللىكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. 1994-يىلى شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاي بىر جۈپ بوپ كۆرۈندى » ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.ئۇنىڭ 40تىن ئارتۇق ناخشا تېكىستى ۋە ئەدەبيي پىرۇگىراممىسى مەملىكەت ۋەئاپتونۇم رايون بويىچە ئايرىم-ئايرىم 1-،2-،3- دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن.
ئۇ 120دىن ئارتۇق رومان ،پوۋېستنىڭ،نەچچە مىڭلىغان ئەدەبىي ئاڭلىتىشنىڭ مۇھەررىرلىكىنى ئىشلىگەن. 1500دىن ئارتۇق ناخشىنى رادىيوغا ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ ،ئەدەبىي مۇھەررىرلىكىنى قىلغان،شۇ قاتاردا «قۇمۇل سەنىمى»، «خوتەن سەنىمى» ،«چىرا سەنىمى»نى ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ،ئەدەبىي مۇھەررىرلىكىنى قىلغان.«تاشۋاي»،«مۆلجەر تاغ بورانلىرى»،«مۇقام ئەجدادلىرى»،«چىن مودەن»قاتارلىق دىرامما ،ئوپېرالارنى ئۈنگە ئېلىش خىزمىتىگە قاتنىشىپ،ئەدەبىي مۇھەررىلىكىنى ئىشلىگەن.
«جوڭگو مۇتەخەسىسلەر قامۇسى» غا تەرجىمھالى كىرگۈزۈلگەن. گوۋۇيۇەن تەرىپىدىن ئاخبارات ساھەسىدە 30يىل ئىشلىگەن شەرەپ گۇۋانامىسىگە ئېرىشكەن.
ئۇ دەم ئېلىشقا چىققاندىن كېيىنمۇ ،قەلىمىنى تاشلىماي ،ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.
1989-يىلىدىن باشلاپ،ئۇ جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆作家协会网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش