ximal
كۆرۈش: 339|ئىنكاس: 0

مىرزاھىد كېرىمى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 14Rank: 14Rank: 14Rank: 14

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 158
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 718
تۆھپە : 56
توردا: 180
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-31 20:08:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



شائىر مىرزاھىد كېرىمى 1939 – يىلى 11 – ئاينىڭ 21 – كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1947 – يىلىدىن 1955 – يىلىغىچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1958 – يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1959 – يىلى ‹‹سول›› لۇشيەننىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ، چىدىغۇسىز ئازاب – ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن. 1981 – يىلى ئاقلىنىپ، قەشقەر ئۇيغۇر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. 1983 – يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىغا يۆتكىلىپ مۇھەررىرلىك قىلغان.
مىرزاھىد كېرىمى ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا شېئىر يېزىشقا كىرىشكەن. ئۇ مۇھەممەتجان سادىق، مۇھەممەت رەھىم، ئابدۇسالام داۋۇت قاتارلىق پېشقەدەم شائىر ۋە پېداگوگلارنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيەلىشى ئارقىسىدا، تىرىشىپ مەشىق قىلىپ، شېئىر ئىجادىيىتىدە تېز كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلىغان. ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىن، مىرزاھىد كېرىمىنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچەيگەن. جۇڭگو ۋە چەت ئەل ئەدەبىياتىنى، تارىخىنى، ئەدەبىيات نەزەرىيەسىنى، يېزىقچىلىق بىلىملىرى ۋە لوگىكا پەنلىرىنى ئىخلاس بىلەن ئۆگىنىپ، ئەدەبىياتنىڭ قائىدە – قانۇنىيەتلىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئېنىق تونۇشقا ۋە چۈشەنچىگە ئىگە بولغان. پۇشكىن، لىرمونتوۋ، نىكراسوۋ، ماياكوۋسىكى، خەمىت ئالىمجان، مىر تۆمۈر، ھادى تاقتاش قاتارلىق رۇس – سوۋېت شائىرلىرى ۋە ل . مۇتەللىپ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەلقەم ئەختەم، تېيىپجان ئېلىيوۋ قاتارلىق ئۇيغۇر شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ئۆگىنىپ، شېئىرىيەت توغرىسىدا تىرىشىپ ئىزدەنگەن. 1956 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىدا ئۇنىڭ ‹‹ئانا ۋەسىيىتى›› ناملىق تۇنجى شېئىرى ئېلان قىلىنغان. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى گېزىت – ژۇرناللاردا ‹‹ئاق يول تىلە››، ‹‹جەڭچىمەن››، ‹‹سۆيگۈ دېڭىزى››، ‹‹خوش قەشقەر››، ‹‹ئادىل جازا››، ‹‹ئۈمىد ئۈزمە›› قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىپ، مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە لىرىك شائىر سۈپىتىدە تونۇلۇشقا باشلىغان. 1957 – يىلى ‹‹تارىم›› ژۇرنىلىنىڭ ئون ئىككىنچى سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق›› ناملىق شېئىرى بىلەن بىراقلا داڭ چىقارغان. شائىر بۇ شېئىرىدا يېڭى تۇغۇلغان بىر بوۋاقنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ ساندۇققا سولاپ تاشلىۋېتىلگەنلىكىدىن ئىبارەت ئېچىنىشلىق پاجىئەنى يېزىش ئارقىلىق، ۋاپاسىز، شەھۋانە مۇھەببەتكە لەنەت ياغدۇرۇپ، ساداقەت ھەم ۋاپادارلىقنى يادرو قىلغان چىن ئىنسانىي مۇھەببەتنى مەدھىيەلىگەن. بۇ شېئىرنىڭ خاھىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك.
پارتىيىنىڭ ‹‹بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش›› فاڭجېنى ئېغىر توسالغۇغا ئۇچراپ ‹‹سول›› پىكىر ئېقىمى كەڭ يامراۋاتقان، پەقەت مەدھىيە خاراكتېرلىك ئەسەرلەرنىلا يېزىشقا يول قويۇلۇپ، پاش قىلىش خاراكتېرىدىكى ئەسەرلەرنى يېزىشقا يول قويۇلمايۋاتقان يىللاردا ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە چىن ئىنسانىي مۇھەببەت كۈيلەنگەن ‹‹ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق›› ناملىق شېئىرنىڭ مەيدانغا چىقىشى گويا ئوچۇق ئاسماندا چاقماق چاققاندەك، ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىنى زىلزىلىگە كەلتۈرۈۋەتكەن. ‹‹سول›› لۇشيەننىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدىكى تەسىرى ئارقىسىدا، بۇ ھەقتە قەستەن قارىلايدىغان ۋە بۇرمىلايدىغان ماقالە – ئوبزورلار ئارقا – ئارقىدىن ئېلان قىلىنىپ، بۇ ئەسەرگە تۇشمۇ تۇشتىن قورشاپ ھۇجۇم قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن تۇرمۇشتىكى ناچار ئىللەتلەرنى قامچىلاش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ دىققەت – ئېتىبارىنى قوزغاش ۋە تۈزىتىشنى مەقسەت قىلىپ يېزىلغان بۇ ياخشى ئەسەر يامان غەرەز بىلەن بىر يولىلا ئۇجۇقتۇرۇۋېتىلىپلا قالماستىن، بەلكى شائىرنىڭ ئۆزىمۇ گۇناھسىز ھالدا تۈرمىگە تاشلانغان. ئەمما ئۇ كىچىكىدىنلا بارلىقىنى شېئىرىيەتكە بېغىشلىغانلىقى ئۈچۈن ئازاب – ئوقۇبەتلىك تۈرمە ھاياتىمۇ ئۇنىڭ ئىجادىيەت قىزغىنلىقىنى يوقىتىۋېتەلمىگەن. ئۇ تۈرمىدىكى چاغلىرىدا ‹‹خوش ئۈرۈمچى››، ‹‹چۆلدە كۈز››، ‹‹مەن گۈل ئىچىدە››، ‹‹بەختلىك سانا››، ‹‹تۇتقۇن غەزىلى››، ‹‹ئانا دېسەم››، ‹‹مەن ئۆلمىدىم›› قاتارلىق شېئىرلارنى يېزىپ، ‹‹تاڭ چولپىنىنىڭ بالقىپ چىقىشىنى كۈتۈش›› تەك قەيسەر روھىنى ئىپادىلىگەن.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 11 – نۆۋەتلىك 3 – ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىنلا، شائىر مىرزاھىد كېرىمى يېڭىباشتىن ئازادلىققا ۋە ئىجادىيەت ئەركىنلىكىگە ئېرىشكەن. 1979 – يىلى 5 – ئايدا يازغان ‹‹باھار ناخشىسى›› ناملىق شېئىرى ئۇنىڭ شۇ چاغدىكى خۇشاللىق ھاياجىنى ۋە ئىپتىخارلىق ھېسسىياتىنىڭ بەدىئىي ئىنكاسى. شۇنىڭدىن بۇيان ئۇ ‹‹قاناتلانغان تىلەك››، ‹‹ۋەتەن قەسىدىسى››، ‹‹ھەممىلا يېرىڭدە مېنىڭ يارىم بار››، ‹‹ئاھۇ كۆز قەسىدىسى››، ‹‹مېنىڭ ئوقۇغۇچۇم›› قاتارلىق ئىككى يۈز پارچىدىن ئارتۇق شېئىر، ‹‹شائىر خىتابى››، ‹‹ھېيتگاھدا ھېيت كۈنى››، ‹‹تەۋەرۈك كۆڭلەك››، ‹‹بىباھا تۇپراق››، ‹‹ئالتۇن چاچ›› قاتارلىق ئون نەچچە پارچە باللادا ۋە داستان يېزىپ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن مۇناسىپ تۆھپە قوشقان. بۇ ئەسەرلەرنىڭ بىر قىسمى ‹‹ئالتۇن ئاچقۇچ›› (ھاجى ئەخمەت بىلەن بىرلىكتە)، ‹‹قاناتلانغان تىلەك››، ‹‹بىباھا تۇپراق›› قاتارلىق داستانلار توپلاملىرىغا، ‹‹توي چاچقۇسى››، ‹‹تارىم ئۆركەشلىرى››، ‹‹بۇلبۇل ناۋاسى››، ‹‹غەزەل ۋە مۇخەممەسلەر›› قاتارلىق كوللېكتىپ توپلاملارغا كىرگۈزۈلگەن. مىرزاھىد كېرىمىنىڭ يەنە ‹‹جۇدالىق›› ناملىق ئىككى قىسىملىق رومانى نەشىر قىلىنغان.
شائىر مىرزاھىد كېرىمى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسىنىڭ ئەزاسى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىياتچىلار جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى. قەشقەر ‹‹قۇتادغۇبىلىك›› تەتقىقات ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Elayi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-1 23:53  


QQ截图20120801044319.jpg
ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش