يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 704|ئىنكاس: 4

ئىشنى قانداق قىلىش ۋە كىمگە قىلدۇرۇش - تۇردى لېتىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىشنى قانداق قىلىش ۋە كىمگە قىلدۇرۇش

تۇردى لېتىپ


ئالدىنقى كۈنى ئىش ئارىلىقىدا، گەرچە ئۇزۇندىن بۇيان كۆپ قېتىم پىكىرلىشىپ كەلگەن بولساقمۇ، ئارىمىزدا بىرەر سودا مۇئامىلىسى بولۇپ بېقىلمىغان بىر خوجايىن ئاغىينەم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئىلگىرى كۆپ ئۇچراشقان بولساقمۇ، ئۆزئارا قىلىشىدىغان سودا توغرىلىق پاراڭ سېلىشمىغان ئىدۇق. بۇ قېتىم ئىش ئۈستىدە بولغاچقا، «بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارمۇ بار بولغىيتتى، ھازىرغىچە بىرەر ئىشلىرىنى قىلىپ باقماپتۇق، ھەمكارلىشىپ ئۆتەيلى، بىزنىڭمۇ پايدىمىز تېگىپ قالار...» دەپ گەپنى ئۇچۇقلا ئېيتتىم. بۇ ئاغىينەم بىر ھازا ئويلىنىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، مەلۇم بىر ئاغىينىسىنىڭ ئۆي بىزەش ئىشىدا قولىدىن ئىش كېلىدۇ دەپ تەرىپلەنگەن بىر ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنگە ئىش بەرگەنلىكى ۋە مەزكۇر ھۇنەرۋەننىڭ قولىدىن ئىش چىقماي، باھاردا بىزەشكە باشلىغان ئۆي تاكى قىش كىرگۈچىمۇ پۈتمىگەنلىكى ۋە ئاخىرى چىدىغۇچىلىكى قالمىغان ئۆي ئىگىسى ئىش ئىگىسىنى ئىزدەپ بېرىپ سەتلەشكەنلىكى توغرىسىدا بىر تالاي گەپ قىلدى. ھەتتا، ئۇ ھۈنەرۋەننىڭ ھە دېسىلا ناماز ئوقۇشنى باھانىداپ تېلېفوننى ئالمايدىغانلىقى، يەنە شۇنداق باھانىلەر بىلەن ئىشنى كەينىگە چېكىندۈرىدىغانلىقى توغىرلىق سۆزلەپلا كەتتى. ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ يەنە بىر شەھەردىكى مەن قىلىۋاتقانغا ئوخشىشىپ كېتىدىغان ئىشىنى بىر خەنزۇ يولداشقا قىلغۇزغانلىقىنى ئېيىتپ، گەرچە ئىش ۋاقتىدا پۈتكەن بولسىمۇ، يەنە مەلۇم جەھەتتىن چالىسى قالغانلىقى ۋە ھازىرغىچە ھەر خىل چىقىملارنى باھاناداپ، پۈتۈشكەن دەرىجىگىچە ئورۇنداپ بەرمىگەنلىكىنى دېدى. گېپىنىڭ ئۇرانىدىن قارىغاندا باشقىلار قىلغان ئىشنىڭ چالىسىنى مېنىڭ ئورۇنداپ بېرىشىمنى كۈتىدىغاندەكمۇ قىلاتتى.
نېمە دەپ باشقىلار قىلىپ، چالا تاشلاپ كەتكەن ئىشنىڭ ئاخىرىنى مەن قىلغۇدەكمەن، دەپ ئىچىمدە نارازىلىقىم ئاشتى. ئويلانغانسېرى بۇ ئىشنىڭ تېگىدە يەنە قانداقتۇر بىر مەنالار يوشۇرۇنغاندەكمۇ قىلاتتى. مېنىمۇ شۇ ئۇيغۇر ھۈنەرۋەندەك ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ئادەم دەپ ئويلاپ قالغانمىدۇ؟ دەيدىغان دەرگۇمان ئىچىمدە غەليان كۆتۈرمەتكە ئىدى.
ھازىرقىدەك كۈندىلىك ئىستىمال كۈنسېرى ئۆرلەۋاتقان، ئىقتىسادىي ئېھتىياج كۈنسېرى گەۋدىلىنىپ، ھەر بىر كىشى ھەر دائىم تىرىكچىلىك غېمىنى يېمىسە بولمايدىغان ھالەتكە كەلگەن مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە ھەر بىر ئىنسان ئۈچۈن قىلغىلى خىزمەتنىڭ بولۇشى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. خىزمەت قىلىش ياشاش نىزامىغا ئەمەل قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خىزمەتنى قانداق قىلىش شۇ ئادەمنىڭ ئۆزىگە باغلىق. باشقىلارنىڭ ياخشى قىلمىغانلىقى سەۋەبىدىن بىر تاياقتا ھەيدىلىپ كېتىشمۇ بىر خىل ئۇۋالچىلىق ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن تىلدىن ئوبدان پايدىلىنىلماي بولمايدۇ. قائىدىگە چۈشىدىغان، ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئىجادكار پىكىرلەرنى كۆپرەك قىلىش، باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق تەكلىپلەرنى كۆپرەك بېرىش، شۇ ئادەمنىڭ ئىشىنىڭ تېخىمۇ ئېقىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەكسىچە ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئويلايدىغان، باشقىلارغا زىيان سېلىش بەدىلىگە ئۆز مەنپەئتىنى كاپالەتلەندۈرىدىغان ئادەملەر بارا–بارا ئىجتىمائىي توپتىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
تىل ئالاقە دىل ئورتاقلىقنىڭ ئاساسى، دىل ئورتاقلىقى بولمىغان ئىشتىن ياخشى نەتىجە چىقمايدۇ.
كۆچمە ئالاقە قوراللىرىنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىن ئەتتى. كىشىلەر يۈز كۆرۈشمەي تۇرۇپمۇ بىر- بىرى بىلەن يېقىن ئالاقىدا بولالايدىغان ۋە سودا ئىشلىرىدا ئۆز- ئارا ھەمكارلىق ئورنىتالايدىغان بولدى. بۇرۇن ھەر كىشى ئۆز ئېھتىياجىنى ئەتراپىدىكى كىشىلەردىن- تۇنۇش بىلىشلىرىدىن سوراپ ھەل قىلىدىغان بولسا، ئەمدى دائىرە ھالقىغان، ئورۇن چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان ھالدا ھەر يەردىن ئىزدەپ، سېلىشتۇرۇپ، تاللاپ كۆرۈش ئارقىلىق، ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدا ھەل قىلىشقا ئۇرۇنىدىغان بولدى. بولۇپمۇ دۆلىتىمىزدەك دائىرىسى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، ھەر يۇرتنىڭ ئۆز ئالدىغا باشقىچە ئالاھىدىلىكى بولىدىغان چوڭ مەملىكەتتە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىنىڭ تەرەققىي قىلىشى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە غايەت زور كۆلەمدىكى سودا پۇرسىتىنى ياراتتى ۋە ئەڭ زور دەرىجىدە ھەممە ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان سودا سەيناسىنى ھاسىل قىلدى.
نەتىجىدە، كىملەرنىڭ كىملەرنى ئىزدىشى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان بولدى. سودىدىكى ئېھتىياجنى قاندۇرۇش پۈتۈن مەملىكەت مىقىياسىدا توسالغۇسىز كېڭىيىدىغان بولدى. قەيەرنىڭ مەھسۇلاتى ئەرزان، سۈپەتلىك بولسا شۇ يەردىن سېتىۋېلىش ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى. بۇنىڭلىق بىلەن يۇرت- يۇرتلار ئۆز ئالدىغا ئۈلگە يارىتىپ، مەلۇم مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشتا نام چىقىرىدىغان، شۇ تاۋارنىڭ سېتىلىش مۇھىتىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ھالەت شەكىللەندى. سېتىشتىن كېيىن تېخنىكىلىق مۇلازىمەت قىلىش تەلەپ قىلىنمايدىغان تاۋارلار مۇشۇ تەرىقىدە كەڭ دائىرىدە ئالماشتۇرۇلدى، قاينام تاشقىنلىق سېتىش كەيپىياتى ھاسىل قىلىندى، بۇنداق بولۇشى بىر قىسىم ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بولسا، بىر قىسىم ئورۇنلار ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولدى. ئېھتىياجنى قامداش ئۈچۈن ھە دېسىلا يەرلىك ئىقتىسادنىڭ سىرتقا يۆتكىلىشى نەتىجىسىدە مەھسۇلاتلىرى تاۋارلاشمىغان ياكى سىرتقى ئۆلكىلەرگە چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن ئورۇنلارنىڭ ئىقتىسادىي چېكىنىشكە باشلىدى. ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى، تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش زۆرۈرىيىتىنىڭ بولماسلىقى شۇ يەرلىك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشسىز قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئىسىزلارنىڭ كۆپ بولۇشى ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنى تېزلەتسە، ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى بىر قىسىم ئىلغار تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنىڭ بۇ يۇرتقا كىرىشىگە توسالغۇ پەيدا قىلىدى. نەتىجىدە بىر قىسىم يۇرتلار ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە مائارىپ-تېخنىكا جەھەتتە بىراقلا ئارقىدا قېلىش ۋەزىيىتىگە دۇچار بولدى.
يەرلىك تاۋارلىرىنىڭ سىرتقا كېڭىيىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئاۋۋال، شۇ تاۋارنىڭ شۇ ئورۇندا كەڭ ئومۇملىشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇھىمدۇر. يەرلىك كىشىلەرنىڭ شۇ تاۋارنى كەڭ تۈردە ئىستىمال قىلىشى نەتىجىسىدە شۇ تاۋارغا بولغان قىزغىنلىق كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، شۇ تاۋارنىڭ يەنىمۇ ياخشىلانغان يېڭىچە نۇسخىلىرىنىڭ ئىجاد قىلىنىشىغا پايدىلىق شارائىت يارىتىلىدۇ. چۈنكى ھەر بىر خىل تاۋارنىڭ ئەڭ ياخشى ئىستىمالچىلىرى يەنىلا شۇ يۇرتنىڭ خەلقىدىن ئىبارەت. شۇنداقلا شۇ تاۋارنى يەنىمۇ تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە سىرتقى ئۆلكىلەرگە توشۇپ ئاپىرىپ سېتىش ئۈچۈنمۈ يەنىلا يەرلىك كىشىلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە سودا ئوبۇرۇتىنى تېزلەشتۇرشى بولماي بولمايدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر سودا پۇرسىتىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سۈيئىستىمال قىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئامال بار ئۆز ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە بىلدۈرمەسلىككە تېرىشىدۇ، ھەتتا پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىمۇ باشقا يۇرتتا قۇرۇشقا، باشقا يۇرتنىڭ كىشىلىرىنى ئىشچىلىققا ئىشلىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ سېپى ئۆزىدىن ئەخمەقلىق.
گەرچە ئۆز مەھسۇلاتىنى باشقا يۇرتلارغا سېتىپ چىقىرىش قارىماققا زور ئىلگىرىلەشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن شۇ يۇرتقا ئېلىپ كېلىدىغان پايدىسى ۋە كېيىنكى رىقابەتتە يوقۇلۇپ كەتمەي، داۋاملىق كېڭىيىپ مېڭىش ئۇچۇن يەنىلا ئالدى بىلەن ئۆز يۇرتىنىڭ ئېھتىياجىدىن تولۇق چىقالاشنى قولغا كەلتۈرمىكى مۇھىمدۇر. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، باشقىلارنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالىغىنىمىز ياكى باشقىلارنى خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرالىغىنىمىزدىن پەخىرلىنىش ئەمەس، ئەكسىچە، ئۆزىمىزنىڭ ئادەملىرىنىڭ ئېھتىياجىتىدىن چىقالىغىنىمىز ۋە ئۆز ئادەملىرىمىزنى كۆپلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرالىغىنىمىزدىن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك.
شۇنداق بولغان ئىكەن، ھەرقانداق ئىشنى قىلىشتا، مەن مۇشۇ توپقا تەۋە بولغاچقا مۇشۇنداق قىلىشىم كېرەك، ھەممە ئادەم شۇنداق قىلغاندىكىن مەنمۇ شۇنداق قىلىشىم كېرەك دەپ كونا، ۋاقتى ئۆتكەن ئۇسۇل بىلەن قىلىش ئەمەس، ناۋادا باشقىلار بۇ ئىشنى قىلسا قانداق قىلار بولغىيتتى دەپ ئىزدىنىپ، ئەڭ ياخشى ئۇسۇلدا بۇ ئىشنى ئورۇنداشنىڭ غېمىدە بولۇشىمىز، شۇنداقلا بىرەر ئىشنى باشقىلارغا قىلدۇرۇشتىمۇ ئۇ پۇستانى توپقا تەۋە، چوقۇم شۇ بويىچە قىلىدۇ دەيدىغان پەرىزىمىز بويىچە ئەمەس، ھەر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كىم ياخشى قىلسا شۇ كىشىگە قىلدۇرىشىمىز كېرەك.
شىنجاڭ ئىزگۈ ئۇچۇر پەن تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى تۇردى لېتىپ 2012- يىلى 30- دىكابىر ئۈرۈمچى
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-2-20 14:40:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى بىركۈنى تۇردى لىتىپ ئەپەندىنى ياد ئەتكەنىدىم. مانا بۈگۈن ئىللىق بىر مۇھاكىمىسىنى كۆردۈم.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-21 10:16:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت! ئەتراپىمىزدىكى كۆز كۆرگەن، قۇلاق ئاڭلىغان راست ئىشلار توغرىسىدا ئويلىنىپ بېقىش مۇشۇ يەردىكى ھەر بىر ئەقىل ئىگىسىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن ئىش بولسا كېرەك دەپ ئويلايمەن، مەن قۇلۇمدىن كېلىشىچە شۇنچىلىك شەرھىلەپ باقتىم. قالغىنىغا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق پىكىرلىشىپ بىر نەرسە دەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، كۆپچىلىككە رەخمەت!
ۋاقتى: 2013-2-21 11:39:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2013-2-21 11:47:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش