شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە 2013-يىلى قوبۇل قىلىنغان يېڭى ئەزالارنىڭ ئىسىملىكى
(شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىلغان ھەيئەت رىياسەت يىغىنىدا ماقۇللانغان)
1.تۇرسۇن ھامۇت، 44ياش، بايىنغولىن ئوبلاستلىق نوپۇس،پىلانلىق تۇغۇت كومېتىتىدىن، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا «بىز قاچان خاتىرجەم داۋالىنىمىز»،«دەۋر ساداسى»، «مانا بۇ تۇرمۇش»قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. «بەختىمىز كىمنىڭ قولىدا »ناملىق ماقالىسى 17-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
2. نىجات سوپى، 45ياش،ئىلى پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى فىلولوگىيە ئىنىستىتۇتىدىن،دوكتۇر، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە 100پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە زىيارەت خاتىرىلىرى ئېلان قىلىنغان.2003-يىلى خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «سۆيگۈ»ناملىق شېئىرلار توپلىمى ، 2008-يىلى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئوخشىتىشلار ھەققىدە تەتقىقات»ناملىق ئىلمىي كىتابى نەشىر قىلىنغان.
3.ئەسقەر ئابدۇللا، 61ياش، قەشقەر «يېڭى يۇلتۇز سودا شىركىتى»دىن ، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 300پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ،نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
4. مامۇت داۋۇت، 46ياش، قاغىلىق ناھىيىسى شەھەر باشقۇرۇش مەركىزىدىن ، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە «ئەلۋىدا ، غۇنچە گۈلۈم»،«قىزىل لەيلى»،«ياز كېچىسى»قاتارلىق ھىكايە-پوۋېستلىرى ۋە «قارا كۆزلەر» ناملىق رومانى ئېلان قىلىنغان. «تەنھا بۆرە»ناملىق پوۋېستى 18-نۆۋەتلىك «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.
5. رېھىم نىياز، كېرىيە ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ پىنسىيونېرى ، كېرىيە ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە 200پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى ، 2003-يىلى «ئۆچمەس ئابىدە»،2011-يىلى «ئەسلىمە»قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى ئېلان قىلىنغان.
6. ئابدۇۋەلى راخمان ، كەلپىن ناھىيەلىك رادىيو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ پىنسىيونېرى، پارتىيە ئەزاسى. ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 350پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل تېمىدىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان. 2011-يىلى شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن «ھەسەت»ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
7. مەمتىمىن تۇرسۇن، چەرچەن ناھىيە چوڭكۆل يېزا دۆڭمەھەللە كەنتىدىن دىھقان،پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە «مەن نىمىشقا ئەمەلدار بولالمىدىم»،«شۆھرەتپەرەس »قاتارلىق 70 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل تېمىدىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
8.ئابلىپىز توختىمۇھەممەت، گۇما ناھىيىسى «غەربىي دىيار» ئىمپورت –ئېكىسپورت شىركىتىدىن، ھازىرغىچە مەتبۇئاتلاردا «ئالتۇن پاجىئەسى»،« ھاۋانچا»،« يارغۇنچاق» قاتارلىق 100پارچىدىن ئارتۇق ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
9.تۇرسۇننىياز توختى ،بىڭتۇەن يېزا – ئىگىلىك 3-دىۋىزىيەسى «يەكەن گېزىتى» تەھرىر بۆلۈمىدىن، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە 600پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل تېمىدىكى ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان،2011-يىلى «كىچىنىڭ كۆز يېشى »ناملىق رومانى نەشىر قىلىنغان.
10.تۇراپجان مۇھەممەت تەلقىن،يەكەن ناھىيىسى پەكچى يېزىسىدىن، ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا «شېرىن چۈش»،«سەككىز پارچە شېئىر »قاتارلىق 250پارچىگە يىقىن شېئىر ئېلان قىلغان.
11.قۇربان ئىبراھىم، قاغىلىق ناھىيىسى سايباغ باشلانغۇچ مەكتىپىدىن، پارتىيە ئەزاسى. مەتبۇئاتلاردا 10پارچە پوۋېست،300پارچە شېئىر ئېلان قىلغان.
12.ماخمۇتجان يانتاق،يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار ئوتتۇرا مەكتەپتىن، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە 300پارچە شېئىر،200پارچە نەسىر،100پارچە تەرجىمە ئەسەر، 20پارچە ماقالە ئېلان قىلغان .
13.رەشىدە مەمەت،غۇلجا شەھىرى ھەرەمباغ ئىش باشقارمىسىدىن، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە «كەچكۈز كۈيلىرى»،«ھايات ۋە سۆيگۈ»،«مىھرىگىياھ»قاتارلىق 30 پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە، نەسىر ۋە شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
14.يەھيا خەمىت ، غۇلجا شەھىرى ئىلى ئېلىكتىر ئىستانسىدىن ، ھازىرغىچە «ئىلى يولى بوستانلىق»،«ئانام ياققان نان»قاتارلىق 100 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
15. ھاجى ئابدۇراخمان باقى ، قەشقەر ۋىلايەتلىك مىللىي –دىننىي ئىشلار باشقارمىسىدىن، ھازىرغىچە «مىللى تېرىتورىيىلىك ئاپتونومىيە قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا»،«ئۇيغۇر قەدىمىي كىتابەتچىلىك مەدەنىيىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن يۈز كىتاب» قاتارلىق200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە ۋە «ئۇيغۇر قەدىمكى كىتاپ مەدەنىيىتى»ناملىق كىتاۋى ئېلان قىلىنغان.
16.ئانىقىز ئەزىز، ئاتۇش شەھەرلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتىن، ھازىرغىچە «مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئادىمىيلىك روھى»،«بالىلار ئىزدەۋاتقان ئائىلە مۇھىتى»،«يىتىملەر نىمىگە مۇھتاج»قاتارلىق 300پارچىدىن ئارتۇق ماقالە، ئەسەرلىرى ئېلان قىلغان.
17.مۇختەر داۋۇت، ئۈچتۇرپان ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىدىن، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە «مەكتۇپ»،«پەننىي ئەدەبىيات ۋە بالىلارنى تەربىيىلەش » قاتارلىق 500پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ،نەسىر ،ئوبزور ۋە ئىلمىي ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.
18.ئابلىتىپ ئىمىن ، تۇرپان شەھەرلىك يار يېزا چوڭ كۆۋرۈك مەكتىپىدىن، پارتىيە ئەزاسى.ھازىرغىچە «ئانا»،«قىزىل» قاتارلىق 150 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
19.ئىلھام ئابدۇرېھىم ، كورلا شەھەرلىك توبىرىچى يېزىلىق مەركىزى باشلانغۇچ مەكتەپتىن، ھازىرغىچە «تىلەمچى»،«شېرىن چۈش»،«جىن چاپلاشقان ئۈجمە دەرىخى» قاتارلىق 14 پارچە ھىكايىسى ئېلان قىلىنغان.
20.ئابدۇراخمان ساۋۇت ، يېڭىسار ناھىيىسى توپلۇق يېزىلىق مەدەنىيەت پۇنكىتىدىن، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە«ئوغلۇمغا»،«ياشلىق ناخشىسى»قاتارلىق 400پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى ئېلان قىلىنغان.
21.ئەمەت يولداش ، يېڭىشەھەر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدىن، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە «تەكلىماكان تىلى»، « سېغىنىش پەسلى»،«تاشرەڭ تۇيغۇلار »قاتارلىق 250 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلغان.
22.ئابدۇجاپپار ھامىدىن، كەلپىن ناھىيەسى تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتىتىدىن، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە«ئالما چىچىگى»،«باشلىق توقۇغان لەتىپە»،«يېڭى يىل ھارپىسىدا »قاتارلىق 100پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە،شېئىر، ئوبزور ۋە تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان.
23. ئابدۇناسىر ئابدۇرېھىم ،ئۈچتۇرپان ناھىيىسى ئىماملىرىم يېزىلىق دوختۇرخانىدىن، «ئانا»،«مۇھەببەت سەپىرى»،«مېھنەت ۋە خىسلەت »قاتارلىق شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
24.باھارگۈل زىياۋۇدۇن ،توقسۇن ناھىيەلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسىدىن، «تۇمانلىق يۇلتۇزلار »ناملىق رومانى ۋە بىر قىسىم شېئىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
25.توختى قاسىم خوشال، قاراماي كەسپىي – تېخنىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ پىنسىيونېرى، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە 700پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە «جۇڭغاردىكى مەرۋايىت» ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.
26.ئەركىن ئابلىمىت ،قەشقەر ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدىن، «ئىسسىق شامال»،«دەۋاگەر » قاتارلىق ئون نەچچە پارچە ھىكايە-پوۋېستلىرى،«ئازغۇنلار »،«يېزا ۋە ئىجتىمائىي رايونلار ئۈچۈن قانۇندىن سوئال-جاۋابلار »قاتارلىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان.
27.كىۋىر ھىمىت ،شىنجاڭ ئۇنۋېرستىتىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى. «ئەدەبىي پىكىر ئېقىمى توغرىسىدا»،«تور ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكلىرى » قاتارلىق ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان.
28.قۇربان ئابلىمىت، يېڭىشەھەر ناھىيىسى يامانيار يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن، پارتىيە ئەزاسى. 400پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ،ئىككى پارچە ھىكايە، 30 پارچىدىن ئارتۇق نەسىر ۋە 10پارچە ماقالىسى ئېلا ن قىلىنغان.
29.ئوسمانجان مۇھەممەت ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىن، تۆت پارچە پوۋېست، سەككىز پارچە ھىكايە، 150 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
30.ئابدۇراخمان ئابدۇللا ، تۇرپان شەھەرلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيونېرى، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە 300پارچە شېئىر،6 ھىكايە، 14 پارچە ئەدەبىي ئوبزور، 18پارچە تارىخىي ماقالە،«تاشكەنتچىلەر»ناملىق ئۈچ قىسىملىق كىتاۋى نەشر قىلىنغان.
31.ئەمەتجان سەمەت،خوتەن شەھىرى توساللا ئوتتۇرا مەكتەپتىن، پارتىيە ئەزاسى. ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 250پارچىدىن شېئىر،ھىكايە، ماقالە ،ئەدەبىي ئاخباراتلىرى ئېلان قىلىنغان
.
32.كامىلجان ناسىر،يېڭىشەھەر ناھىيىسى ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن، 500پارچىدىن ئارتۇق شېئىر،نەسىر،ھىكايىلىرى،100پارچىگە يىقىن ئۇيغۇر تىبابىتىگە دائىر ئىلمىي ماقالىلىرى ۋە «ياشا يۈرىكىم،ياشا مۇھەببىتىم»ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.
33.ئابدۇرېھىمجان يۈسۈپ، ئاقسۇ شەھىرى ئايكۆل بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن، 20پارچە ئىلمىي ماقالىسى، 150 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ،نەسىر ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلىرى، «ئۈمىد تىنىقلىرى»ناملىق ئەدەبىي خاتىرىلەر توپلىمى ۋە «قارچۇقۇمداچاقنىغان دۇنيا»ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان.
34.يۈسۈپجان نىياز ،توقسۇ ناھىيىسىدىن، ھازىرغىچە «قىيامەت چۈشى»،«يامغۇر ياغقان غېرىب سەھەردە»قاتارلىق 15 پارچە ھىكايە،شېئىر ۋە ئوبزورلارنى ئېلان قىلغان.
35.ماھىرە ئوبۇلقاسىم، قورغاس ناھىيىسى 5-ئوتتۇرا مەكتەپتىن، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە «چىمەن دوپپا»،«گۈلە ساتقۇچى بوۋاي»قاتارلىق ھىكايە، نەسىر ، ماقالە ۋە تەرجىمە ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
36.گۈزەلىم ساۋۇت، ئاقسۇ شەھەرلىك ئۇرۇقچىلىق مەيدانى ئىتتىپاق كومىتىتىدىن، ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئەتلاردا 100پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ۋە نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان.
37.ئەزىز مۇھەممەت، خوتەن ۋىلايەتلىق قاتناش – تىرانسىفورت باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن، پارتىيە ئەزاسى. ھازىرغىچە 300 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ،نەسىرلىرى ۋە «ياشلىق ئىلھامى»ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان.
38.ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى، شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىدىن،ھازىرغىچە 50 پارچىدىن ئارتۇق ھىكايە،شېئىر ،فىليەتونلىرى ۋە «مەن نىمىشقا قورقۇنچاق»ناملىق بالىلار ھىكايىلىرى توپلىمى نەشر قىلىنغان.
39. مۇھەممەدئىمىن ئابلىز ، خوتەن گۇما ناھىيەسىدىن. ھازىر جاڭسۇ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان خەنزۇ ۋە ئۇيغۇر تىلىدا ئەسەر يازىدىغان ياش ئاپتور. ھازىرغىچە خەنزۇچە «قايتىش» ناملىق شىئېرلار توپلىمى نەشر قىلىنغان. خەنزۇچە «شىئېرىيەت»، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»،«غەرىب»، «ئەدەبىيات - سەنئەت گېزىتى» قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا كۆپلىگەن شىئېرلىرى ئېلان قىلىنىپ كەل ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىرلەرنى قوزغىغان.
40. ۋارىسجان ئاتاخان، تاجىك، تاشقورغان ناھىيىسى كۆكچىلىك يېزا ئەمگەك – سۇغۇرتا پونكىتىدىن،ھازىرغىچە 380پارچىدىن ئارتۇق شېئىرىلىرى ئېلان قىلىنغان.
41. ئامىنە ئابدۇۋايىت، تاجىك، ئاقتۇ ناھىيەلىك ئۇيغۇر تىبابەت دوختۇرخانىسىدىن،ھازىرغىچە ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا 100پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل ژانېردىكى ئەسەرلىرى ئېلان قىلىنغان.
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى