ئىنسانىي يوللىغان ۋاقتى 2013-2-25 11:48
مۇبارەك بولسۇن! سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. سالامەت ب ...
ئەھەدنىڭ بۇ سۆزىدىن ئۇنىڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە تېخى ئەزا ئەمەستەك ھىس قىلدىم . ئەمەلىيەتتە ، بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيىتى توغرىسىدا توختالغاندا ، ئۇنىڭدەك ئىسىمىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان بىر شەخسنىڭ بۇ جەمىيەتكە تېخىچە ئەزا ئەمەسلىكىدىن ھەيرانلىق ھىس قىلدىم . ئەلۋەتتە ، بۇ ھىچكىمنىڭ خاتالىقى ئەمەس .
باشقىلارغا ۋەكالىتەن سۇئالىڭغا مەنلا جاۋاب بىرىۋىتەي ئاداش . سەن ئاۋۋال مۇشۇ مۇنبەردىن يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولۇشنى ئىلتىماس قىلىش جەدۋېلىنى چۈشىرىۋالىسەن . ئاندىن تەلەپ بويىچە تولدۇرۇشقا تىگىشلىك جايلارنى ئەستايىدىل تولدۇرىسەن . يالاڭباشتاق ھالەتتە 2 سۇڭلۇق رەڭلىك سۈرەتكە 4 پارچە چۈشۈپ ئىلتىماسقا قوشۇپ يازغۇچىلار جەمىيىتىدىكى پەرىدە مالىكقا ئەۋەتىسەن . ئالاقىلىشىش نۇمۇرۇڭنى تولتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالما .