يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: mihray

2013-يىلى جەمئىيىتىمىزگە قوبۇل قىلىنغان ئەزالار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2013-2-22 17:24:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان بارلىق دوستلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۇلارنىڭ تېخىمۇ قىزغىنلىق بىلەن نادىر ئەسەرلەرنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىگە بەخت، ئىجادىيىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2013-2-22 17:59:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلكەش، تاھىر خالىق قاتارلىق دوستلارغا ۋە يېڭى قوبۇل قىلىنغان ئەزالارغا ئەزگۈ تىلەكلەرنى بىلدۈرگەن ئەزىزلەرگە مىڭلارچە تەشەككۈر، ھارمىغايسىلەر!  مەن ئەزالىقنىڭ شەرەپلىك، مەسئۇلىيىتىمنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى چوڭقۇر ھىس قىلماقتىمەن.

ۋاقتى: 2013-2-23 11:47:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
ئانىقىز بۇ خەۋەردىن تولىمۇ سۆيۈندۈم ،ئۇتۇقلار سىزگە يار بولغاي!

ۋاقتى: 2013-2-23 15:11:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىڭلارنىڭ مەدەت بەرگىنىگە كۆپ ھەمدۇسانالار ئوقۇيمەن.   يېڭى يىل باشلىنىش ئالدىدا يىتىپ كەلگەن (نورۇز بىزگە نىسبەتەن يېڭى يىل بولىدۇ)  دەملەردە بۇ خوش-خەۋەردىن شۇنداق سۆيۈندۈم.  ئىجاد بۇلىقىم ئوخچۇپ، قەلىمىم ئۇيقۇمدىن سەگىتىپ، يېڭى ئىجاد بېتىنى ئېچىشقا ئۈندىدى. سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلارنى ياخشى ئەسەرلىرىم ئارقىلىق ئاقلايمەن.

ۋاقتى: 2013-2-23 15:13:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاھىركا، سىلىنىڭ بۇ مۇنەرگە كىرگەنلىكلىرىنى قارشى ئالىمىز. بۇ مۇنبەردە نۇرغۇن ئىسىل يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ، ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنىڭ ياخشى، تېتىملىق ئەسەرلىرى بار. ‹‹شىنجاڭ مائارىپى›› ژورنىلىدا مۇشۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنى كۆپلەپ ئېلان قىلىپ، ئىلھام، مەدەت بىرىشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.   
قاغىلىقتىن   قۇربانجان ئىبراھىم

ۋاقتى: 2013-2-23 15:15:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوسىتلار، ‹‹شىنجاڭ مائارىپى›› ژورنلىدىكى تاھىركام (تاھىر خالىق) بۇ مۇنبەرگە كىرىپتۇ. مائارىپ سېپىدىكى دوسىتلارنىڭ ياخشى ئەسەرلىرىنى تاھىركامغا ئەۋەتىپ بىرىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. تاھىركام، ياخشى ئەسەرلىرىڭلارنى ‹‹شىنجاڭ مائارىپى››دا ئېلان قىلدۇرۇپ، بۇ ژورنالنىڭ ئەدەبىي بېتىنى تېخىمۇ ياخشى ھەم سۈپەتلىك چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ دەپ ئىشىنىمەن.

ۋاقتى: 2013-2-23 19:37:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل قۇبۇل قىلىنغان بارلىق ئەزالارنى تەبرىكلەيمەن ~!

ۋاقتى: 2013-2-24 00:17:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارلىق يېڭىدىن ئەزا بولغانلار قاتارىدا مەخمۇتجان يانتاق ، قۇربان ئابلىمىت ،كامىلجان ناسىر, ئەمەتجان يولداشلارنىڭ  شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.ساۋۇت ئۆزقان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-24 00:21  


ۋاقتى: 2013-2-24 00:44:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلىپىز توختىمۇھەممەد ئارىقۇمىغىمۇ مۇبارەك بولسۇن!

ۋاقتى: 2013-2-24 00:47:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھارگۈل زىياۋدۇن، مۇبارەك بولسۇن.

ۋاقتى: 2013-2-24 01:50:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇران يوللىغان ۋاقتى  2013-2-24 00:47
باھارگۈل زىياۋدۇن، مۇبارەك بولسۇن.

رەھمەت سىزگە . ھەم بارلىق دوسلارغا رەھمەت . بۇ ماڭا تېخىمۇ زور مەدەت بولغۇسى .

ۋاقتى: 2013-2-25 11:48:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن! سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. سالامەت بولسام، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئارقاڭلاردىن ئەگىشىپ كېلەرمەن. سوراپ باقسام، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن ئاپتۇرلار ئۆزلىرى ئىلتىماس يازامدۇ ياكى يازغۇچىلار جەمئىيىتى نەزىرىنى يىراقلارغا تىكىپ ئۆزلىرى تاللامدۇ؟

ۋاقتى: 2013-2-25 11:55:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇۋېلى راھمان ھەققانىي، ئابدۇجاپپار ھامىدىن ... قاتارلىق ئاكىلىرىمىنىڭ ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ بەرىكەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2013-2-25 14:27:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھارگۈل زىياۋدۇننىمۇ  مۇبارەكلەيمەن،

ۋاقتى: 2013-2-25 18:03:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزگۈ يوللىغان ۋاقتى  2013-2-23 15:15
دوسىتلار، ‹‹شىنجاڭ مائارىپى›› ژورنلىدىكى تاھىركام (تا ...

قۇربانجان ، سىزنىڭمۇ بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ! سىز قاتارلىق بارلىق قەلەمكەشلەرنىڭ تېنىگە سالامەتلىك ، ئىجادىيىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .  سىز دېگەندەك ، مۇشۇ يازغۇچىلار تورىدىكى بارلىق قەلەمكەش دوستلارنىڭ « شىنجاڭ مائارىپى » ژۇرنىلىنىڭ  گۈلدەستە سەھىپىسىگە ئۆزلىرىنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئەۋەتىپ ، مېنى قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن !  
مېنىڭ ئېلخەت ساندۇقۇم : tahirhalik@hotmail.com
QQ: 342034862

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش