forum.php?mod=viewthread&tid=5363
زاھىر بۇرھان
خەلق قىززىقچىسى تورداخۇننىڭ ۋاپاتىدىن ئەڭ بۇرۇن خەۋەر تاپقۇچىمەن.
ئۇنىڭ بىلەن ئەڭ كۆپ سەپەردە بىللە بولۇپ، نەچچە قېتىم ئۆيىگە بېرىپ مېھمان بولغان، كۆپ سورۇنلاردا بىرگە ئويناپ بىرگە كۈلگەن دوستىمەن. ئۇنىڭ روھى دۇنياسىنى چوڭقۇر چۈشەنگىنىمدە، ئۇلۇغ تەڭرىنىڭ يارىتىش جەريانىدىكى يەنە بىر مۆجىزىسىگە، ئىچ ئىچىمدىن قايىل بولغان كىشىمەن.
تېخى يېقىندىلا، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەركەنت ناھىيىسىگە ئويۇن قويۇپ بارماقچى بولۇپ كېلىشكەن ئىدۇق. ئەمما ئۇ تەن سالامەتلىكى ياخشى بولمىغىنى ئۈچۈن، بىزنى ئۇزۇتۇپ قويۇپ، ئارقاڭلاردىن يېتىشىۋالىمەن دەپ ئۈرۈمچىدە قالغان ئىدى.
مەن ئۇنىڭغا مەرسىيە يازالماي بوغۇلۇپ قالدىم..
ئۇ ھايات ۋاقتىدا ، ئۇنى تونۇشتۇرۇش چاغلىق بىر نەرسە يېزىش خىيالىغا كەلمىگەن كىشىلەرنىڭ، ئۇ ھەققىدە يازغان مەرسىيەلىرىنى كۆرۈپ، ئىچىم ھەجەب بىر قىسما بولۇپ قالدى..... يېشىم كۆز چاناقلىرىدىن قانداق تۆكۈلۈشىنى بىلمەي مېنىڭ رۇخسىتىمنى كۈتۈپ قېتىپ قالدى.
مەن ئۇنىڭ ئۈچۈن جىم - جىت سۈكۈتتە تۇردۇم. ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنلەرنى بىر بىرلەپ خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم. ئۇنىڭ ئويغۇر مەنىۋىيىتى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجىرگە لىللا باھا بېرىشقا تىرىشتىم.
ئۇلۇغ ئاللا بۇ كىشىنى بېجىرىم تەندىن ئايرىغان بىلەن ئادىيمىلىك روھىدىن ئايرىمىغان ئىدى. ئۇنىڭ تەپەككۇرى ئوچۇق ئېدى، زېھنى كۈچى ئۇرغۇپ تۇراتتى، كىشىلىك ھاياتنىڭ قەدرىگە يېتىپ، ھەر - بىر مىنۇتنى قانداق ئوتكۇزۇشنى ئوبدان بىلەتتى. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ساپ ۋە ھەقىقىي مۇھەببىتى بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلانغان ئۇنىڭ ۋۇجۇدى، ئەتىراپىدىكى ھەممە نەرسىنى، چىن دىلى بىلەن سۆيۈپ ئۈلگۈرەتتى. قىسقىسى ئۇ ياخشى بىر ئۇيغۇر ئىدى.
ئۇنىڭ ئۈچۈن مەرسىيە يازالماي بوغۇلۇپ قېلىۋاتقىنىمنى بىلىپ تۇرۋاتىمەن.....
ئۇ ھايات ۋاقتىدا نېمە ئۈچۈن ئۇ توغرىلىق بىر نەرسە يازمىغاندىمەن دەپ ئۆكۈنۈش ئىچىدە ئۆز گۆشۈمنى يېمەكتە ئىدىم. ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇيدىغان كىشىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ قالغىنىم ئۈچۈن ۋىجدان ئازابىدا تولغىناتتىم.
سۆيۈملۈك ئۇيغۇرۇمنىڭ نۇرغۇن مۇنەۋۋەر كىشىلىرى بىرىنىڭ ئارقىدىن بىرى خۇددى كېلىشىۋالغاندەك كېتىپ باراتتى......
ئاخىرى قولۇمغا قەلەم ئالدىم. ...
مېنى كەچۈر دوستۇم، كېچىككەن بولساممۇ سەن ئۈچۈن بىر نەرسە دەي....
ياخشى ئۇيغۇر تۇداخۇنغا مەرسىيە
سېنىڭ بويۇڭ ھەممىدىن پەستۇر،
لېكىن روھىڭ سېنى دەر : دەس تۇر !!
ئادەم بولماق ئانچە تەس ئەمەس،
ئۇيغۇر بولماق ھەممىدىن تەستۇر.
كۆز چانىقىم قانىدى ئاخىر،
سەن كەتكەندە بۇ يەردىن ئۈنسىز .
قالدى جۇڭغار تارىم بويلىرى،
ماتەم بىلەن ئۈنسىز كۈلكىسىز .
مەن ناخشامنى يېرىم چۈشۈردۈم.
ھەر ئاخشامنى يېرىم چۈشۈردۈم.
ماڭا تېگىل ھەممە نەرسەمنى
سېنىڭ ئۈچۈن يېرىم چۈشۈردۈم.....
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zahir تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-4 13:56
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلقىزى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-14 08:08