مۇتەللىپ مەنسۇر ئوۋچى، ئەر، ئۇيغۇر، پارتىيە ئەزاسى. تولۇق كورس ئوقۇش تارىخىغا ئىگە. ئۇ 1974-يىلى 10-ئاينىڭ 15-كۈنى قەشقەر يېڭىسار ناھىيەدە تۇغۇلغان. شىنجاڭ ئۈنىۋېرسىتىدە ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدا يەنى 1992-يىلى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «تۈندىكى چاقىرىق»ناملىق شېئىرى بىلەن باشلانغان.ھازىرغىچە ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز تەۋەسىدىكى ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا 600 پارچىدىن ئارتۇق شېئىرى، بىر نەچچە پارچە ھېكايىسى، 80 پارچىدىن ئارتۇق نەسىرلىرى ئېلان قىلىنغان. 10 نەچچە پارچە شېئىرى «كۆكنۇر ئەدەبىيات مۇكاپاتى»، «چولپان ئەدەبىيات مۇكاپاتى» ۋە ھەرخىل يەرلىك ژورناللار ئۇيۇشتۇرغان تۈرلۈك مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. «تەڭرىتاغ»، «كروران» ژۇرناللىرىدا مەخسۇس تونۇشتۇرۇلۇپ ئىجادىيتىگە باھا بېرىلگەن. ئۇ ھازىر قەشقەر ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ۋە شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.
|