كۆرۈش: 832|ئىنكاس: 23

ئىپتىدائى تەپەككۇردىن ئۆزلۈك ئېڭىمىزغا نەزەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1008
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 00:16:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


                   ئىپتىدائى تەپەككۇردىن ئۆزلۈك ئېڭىمىزغا نەزەر

                                                 مۇھەممەتجان ئەمەت ئۆزكان

    ئىنسانىيەت جەمىيتى يېزىق مەدەنىيتىگە ئىگە بولۇشتىن ئىلگىرىكى تەبىئەت ، جەمئىيەت ھەققىدىكى ئۇرۇنۇش ، بىلىش ، كۆرەشلىرىنى ماددى شەكىل ۋە مەنىۋى شەكىللىرىدىن بولغان ئىپتىدائى ئادەتلىرىدە ئىپادىلەپ قالماستىن ، بەلكى يەنە ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكلىرىدىمۇ نامايەن قىلدى . ئېنىقكى ، ئىنسانىيەتنىڭ قەدىمكى ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەك قاتارلىق ئاغزاكى سەنئەت ئەسەرلىرى بىر تەرەپتىن ئىنسانىيەتنىڭ يېزىققا ئىرىشىشتىن ئاۋالقى ئىجتىمائى كۆرەش تارىخىغا يىقىندىن يانداشسا ، يەنە بىر تەرەپتىن روھىيەت تارىخىغا يىقىندىن ياندىشىپ ، ھەرقايسى دەۋىرلەردىكى ئىستىخىيلىك بەدىئى ئىش قوشۇلۇشلار نەتىجىسىدە چەكسىز جەلىپ قىلىش قۇدرىتىگە ئىگە مەدەنىيەت قان تىپلىرىنى چۆكتۈرمە قىلغان يېڭى بىر سەنئەتنى ، يەنى تىل سەنئىتىنى ئىپادىلىگۈچى ئالاھىدە بىرخىل مەدەنىيەت ھادىسسى بولۇش سۈپىتىدە ئىنسانىيەت تەپەككۇر تارىخىنىڭ ئاساسىي ئېلېمېنىتلىرىنى ئۆزىگە خاس سەنئەتچانلىق خاراكتىرگە ماسلاشقان ئانا تېما ھۈجەيرىلىرىگە يوشۇرغان ئىدى .
     بىز قەدىمكى ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەك قاتارلىق بۇ سەنئەت خاراكتىرلىك ئەسەرلەردىن ئىبارەت مەدەنىيەت ھادىسسىدىكى ئانا تېمىلاردىن مەدەنىيەت قان تىپلىرىنىڭ چۆكتۈرمىلىرىنى سۈزىۋىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە بولۇپ قالماستىن ، مەدەنىيەتنى ئاپرىدە قىلىپ ، سەنئەتنى چۈشىنىش ھەم بىلىش ، شۇنداقلا بەرپا قىلىش شەرىپىگە ئىرىشتۈرگۈچى ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ ئىپتىدائى تىندۇرمىسىنى تېپىپ چىقالايمىز . شۇنىسى ئايدىڭكى ، ئىسلام ۋە خىرىستىئان رىۋايەتلىرى تىمسالىدىكى ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا زېمىنغا قەدەم قويۇپ ئىگە بولغان تۈنجى بىلىش – ئىنسان ئەقىل – پاراسىتىنىڭ بىرىنجى تامچىسى ئايىغىمىز ئاستىدىكى يۇمشاق تۇپراققا چۈشمەستىن ، ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ تەگسىز قاراڭغۇ بوشلۇقىغا ئاقار يۇلتۇزدەك ساقىپ ، تەپەككۇرنىڭ ئىپتىدائى تىندۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئىپتىدائى سەنئەتنى روياپقا چىقاردى .
      دەرۋەقە ، قەدىمكى ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكلەردىكى ئانا تېما مەدەنىيەت قان تىپلىرىنىڭ چۆتۈرمىلىرى ، روھىيەت ھادىسىلىرىدىكى بەلگە ئېڭىنى ماددىلاشتۇرغۇچى ماھىيەت شەكىللىرى ئىپتىدائى تەپەككۇر تىندۇرمىلىرى بىلەن تويۇندۇرلۇپ ، سىرلىق تۈستە مىللى مەدەنىيەت چىگراسىدىن ، قان تېپى خاراكتىرلىك مەدەنىيەت چەمبىرىكىدىن ،  تىل ۋە  تىل سېستىمىسى  سىپىللىرىدىن ، دىن ۋە ئۆرۈپ – ئادەت ، قائىدە – يۇسۇن ئۆتكەللىرىدىن ، ئىدولوگىيە قورغانلىرىدىن ، سىياسى ئەپسۇنلاردىن ، ئەدەبئى ژانىر قىلىپلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ، ماكان ۋە زاماندىن ھالقىغان ئىزچىللىق ، ئورتاقلىقنى بەرپا قىلدى . جۈملىدىن ھەرقايسى ئەل خەلقلىرى يېزىقسىز ھايات مۇساپىسىدە ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكتىن ئىبارەت تۈرلۈك ژانىردىكى مەزمۇنى باي ، ئىستىتىك قىرى كۆپ خىل قۇۋەتلىك بەدىئى ئىزلارنى قالدۇردى . بۇ ھەقتىكى تەتقىقات ئانا تېمىنى نوقتا قىلىپ مىكرولاشقاندىن بۇيان يېڭى تەرەققىياتلارغا ئىرىشتى . ئىلگىرىكى ماقالىلەردە ئانا تېما ۋە ئانا تېمىنىڭ ئىزچىللىقى ، ئورتاقلىقى ھەققىدە مۇھاكىمە ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ ، تېما ئىتىبارى بىلەن بولسا ئېھتىمال ، نېمە ئۈچۈن ئانا تېمىلارنىڭ شۈنچىۋالا غايەت زور ئىزچىللىققا ، ئورتاقلىققا ئىگە بولۇشتىكى سەۋەپ ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئىپتىدائى تەپەككۇر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزۈلمىگەن . تەھلىل يۈرگۈزۈلدى دېيىلگەندىمۇ ئانا تېمىلارنىڭ ئىزچىللىق ، ئورتاقلىق ئاساسىنى ئورتاق دىنى ئىتىقاد ، قان تەركىۋىنى چىقىش قىلغان مىللەت سېستىمىسى ، تىل يىلتىزداشلىق قۇرۇلمىسى ، ئورتاق تۇپراق توزانلىرى ، ھەرخىل شەكىلدىكى ئالماشتۇرۇش نوقتىسىدىن چۈشەندۈرۈلگەن .مەن بۇ ماقالەمدە كۆرۈش ئىمكانىيتىم بىلەن چەكلەنگەن ماتىرىيال مەنبەلىرى ئاساسىدا ئانا تېمىنى شۈنچىۋالا غايەت زور ئىنىرگىيەگە ئىرىشتۈرگەن ئۈچ خىل ئامىل ئىچىدىكى ئىپتىدائى تەپەككۇر تىندۇرمىلىرى ئۈستىدە ئوتتۇرغا قويماقچى بولغان تەھلىللىرىمنى ئانا تېما ۋە ئۇنىڭ ئىزچىللىقى ، ئورتاقلىقى ئوتتۇرسىدىكى مۇھاكىمە بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش بىلەن بىرلىكتە ئانا تېما ئاتالمىسىدىمۇ كىچىككىنە توختىلىپ ئۆتمەكچىمەن . شۇ ئاساستا ئۆزلۈك ئېڭىمىزنىمۇ دەسلەپكى قەدەمدە شەرھىلەپ كۆرۈشنى لايىق كۆردۈم .
     ئانا تېما ئاتالغۇسىنىڭ  خەلقئارا فولكلورشۇناسلىقتىكى نامى << موتىف >> بولۇپ ، << موتىف >> لاتىنچە moivus ( ھەركەتلىنىش سەۋەبى ) ، moveo ( مىدىرلاتماق ، ھەرىكەتلەندۈرمەك ) [ 1 ] ، نىمىسچە mmotive ، فىرانسۇسچە motif سۆزلىرىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ ، ئەڭ دەسلەپ مۇزىكا قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ كىچىك ئېلېمېنىت دەپ ئىزاھات بېرىلگەن . تىل ئىستىمالىدىكى خۇسۇسىيتىدىن قارىغاندا رەسسىم سەنئىتىدىكى << ئەسلى رەڭ >> ، مۇزىكا سەنئىتىدىكى << يەتتە خىل ئاھاڭ ، ئېلېمېنىتلار دەۋىر جەدىۋىلىدىكى << ئاساسىي ئېلېمېنىتلار >> غا توغرا كېلىدىغان تولىمۇ << يۇمشاق سۆز >> [ 2 ] .ئەدەبىيات – سەنئەت تەتقىقات ساھەسىدىكىلەر بۇ سۆزنى ئوخشاشمىغان مەنىدە ھەزىم قىلىشقان بولسىمۇ ، ھازىر << ئەڭ كىچىك سۇژىت بىرلىكى >> دېگەن ئاتالغۇغا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ . دەرۋەقە ، << موتىف >> خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ساھەسىگە كىرىپ كەلگەندىن بۇيان شەكىل ۋە مەزمۇن تەركىبلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالماي مومكىن ئەمەس ئىدى . شەكىل جەھەتتىن قارىغاندا ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەك قاتارلىقلارنىڭ ۋەقەلىكى بىر ياكى بىرقانچە سۇژىتتىن تۈزۈلگەن بولىدۇ . بۇ يەردىكى << موتىف >> ئەنە شۇ كىچىك بىرلىكنىڭ نامىغا قارتىلغان .  ئەگەر بىز ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكلەردىكى سۇژىتلارنى تەكشۈرسەك ، بىرلىكلەر سانىنىڭ بارماق بىلەن سانىغۇچىلىكلا ئىكەنلىكىگە شەك كەلتۈرۈشكە ئامالسىز قالغانلىقىمىزنى بايقايمىز . << موتىف >> ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ،  چۆچەكلەرنىڭ سۇژىتىدىكى  يەنە بۆلۈشكە بولمايدىغان بىرلىك خاھىشى بىلەن شەكىل جەھەتتىن  بولسىمۇ شۇنچىۋالا غايەت زور ئىزچىللىققا ، ئورتاقلىققا ئىگە بولالىدى . يۇقاردا بىز ماقالىمىزنىڭ ئومومى يۆلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان << موتىف >> ئاتالغۇسىنىڭ شەكلىدە ئازراق توختالدۇق . مەزمۇنى بولسا تەپەككۇرغا قارتىلغان بولۇپ ، بۇنى مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەپەككۇر قۇۋۋىتىنىڭ ئىلگىرى – كېيىن ئوخشاش مەنىدە ئاشكارلىنىش ، ئېلېمېنىت خاراكتىرلىك سۇژىت بىرلىكىدىن تىپچانلىققا ئىگە تەپەككۇر تىندۇرمىلىرىنىڭ قىزىلىشىدا ئۈنۈملۈك ئۇتۇققا ئىرىشەلەيمىز . مەن ئۇيغۇرتىلى لۇغەت تەركىبىنىڭ مەنە ئىپادىلەش مومكىنچىلىكىنىڭ زور ئىكەنلىكى ، بىر قانچە ماقالىدە ئەمەلىي ئىشلىتىلگەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، ماقالەمدە << ئانا تېما >> دېگەن ئاتالغۇنى ئىشلەتتىم .
                    1. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈم ئېڭى
     ئۆلۈم – ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدىغان ، قېچىپ قۇتۇلۇشمۇ مومكىن بولمايدىغان ، ھاياتلىق مىغىزىنىڭ جەۋھىرى بىلەن تويۇنغان ئەبەدىيلىك قانۇنىيەت . ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ۋەھىمىلىك ھادىسە كائىناتنىڭ نازۇك سىرلىرى بىلەن بۇغۇشلانغان ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ چەكسىز پايانىنى ئويغىنىشقا مەجبۇر قىلدى .بىزمۇ ئۆلۈمدىن قورۇققانغا ئوخشاش ئىپتىدائى ئادەملەر بىزدىنمۇ بەكرەك قورقۇشقان ئىدى . ئۇلار قورقۇش ئىچىدە بۇ ۋەھىمىدىن قۇتۇلماقچى بولدى . قۇتۇلۇش ئىستىكىنىڭ تىترەپ تۇرغان نازۇك تارىلىرى مەنىۋى تەسەللىنىڭ يۇمران بارماقلىرىدا ئاستا چېكىلىشكە باشلىدى .   ھەسرەتلىك قەلىبتى  چىققان ئۆلۈم كۈيى ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكلەرنىڭ بىر ئىچكى مىلودىيسىگە ئايلىنىپ ، ئۆلۈم ھەقتىكى ئويلۇنۇشلارنىڭ سۈزۈك تاراملىرى تەپەككۇر قايناملىرىدىن چىقىپ ، ئاغزاكى ئەدەبىياتنىڭ يۇقارقى ژانىرلىرىغا  سىڭىپ كېتىۋەردى .
ئىپتىدائى يىراق شەرقلىكلەر نۇيۋانىڭ شەرقى دېڭىزدا سۇ ئۈزۈپ يۈرۈپ ، دېڭىزغا غەرق بولغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇسىبەتكە چۈمگەن پەيىتتە ،   دېڭىزغا غەرق  بولغان نۇيۋا قىز جىڭۋى قۇشقا ئايلىنىپ ، شىشەن تېغىدىن شاخ – شۇمبا ، تاشلارنى ئەكىلىپ ، شەرقى دېڭىزغا    تاشلاشقا  باشلىدى  . ئاقىۋەت  شەرقى  دېڭىزنى تىندۇرۋەتتى [ 3 ] .جىڭۋى قۇشقا ئايلانغان نۇيۋا قىزنىڭ ئىپتىدائى يىراق شەرقچە ئۆلۈم ئېڭىدا قاناتلىنىپ ،  شەرقى دېڭىزنى  تىندۇرشى نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەر ؟ راس ،   شەرقى دېڭىز ئۇنى ئۆلۈمگە غەرق قىلىۋەتكەن تۇرسا ، ئۆلۈم – شەرقى دېڭىز ، ئۇ قۇش ئايلىنىپ ئۆلۈمگە قارشى چىقتى . قۇش نېمە ؟ ئۇ ئەنە شۇ ئىپتىدائى يىراق شەرقلىكلەرنىڭ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇشقا بولغان ئىنتىلىشچانلىقى ، بۇ ئىنتىلىشچانلىق كونكرتلاشقان روھ ئىدى . قورقۇنۇش ھەرقانچە دەھشەت بولسىمۇ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىستىكىدىن خالى بولالمىغانلىقىغا ئوخشاش ، ئۇلار – ئىپتىدائى يىراق شەرىقلىكلەر ئۆلۈمدىن قورقىۋىتىپمۇ قۇتۇلۇشنى ئىستىدى . روھ ئارقىلىق ئۆلۈم بىلەن ئەبەدىيلىكنى تۇتاشتۇرۇپ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزماقچى بولدى . قارىغاندا ، ئۇلار سۆيۈملۈك بىر نەرسىنى – ئىپتىدائى ئىپتىدائى ئىتىقادنى ، ئىپتىدائى ئىتىقاد ئارقىلىق ياراتقۇچىنى تېپىۋالغاندەك قىلاتتى . دەرۋەقە ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ئىستىكى ئىپتىدائى ئىتىقاد پەسلىنىڭ باش باھارىنى ئېلىپ كەلدى . شۇنداق قىلىپ ئىپتىدائى يىراق  شەرقلىكلەر ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئۆزىنى قۇتقۇزۇزش ئۈچۈن ، كۇافۇ قۇياشنى قوغلاشقا باشلىدى [ 4 ] .قۇياش ھەربىر قېتىم غەرپكە پاتقاندا يېڭى بىركۈن ئاخىرلىشاتتى – يۇ ، ئەتىسى يەنە بىر يېڭى بىركۈن باشلىنىپ ، قۇياشقا باغلىنىپ قالغان يېڭى كۈنلەر ئادەملەرگە قىرىلىق ۋە ئۆلۈم ئاتا قىلاتتى . پەقەت قۇياشنى قوشلاپ يەتكەندىلا ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش مومكىن ئىدى . ئۇلار شۇنداق ئويلىدى ، ئۆلۈم – قۇياش . كۇافۇ قۇياشنى قوغلاپ يېتەلمەي ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلۈپ كەتتى . بىراق ھاسسى شاپتۇلزارلىققا ئايلىنىپ قالدى . كۇافۇمۇ روھنىڭ ياردىمىدە قۇياشنى قوغلاپ يەتسە بولماسمىدى ؟  روھنى يوقۇتۇپ قويدىمۇ ؟ ياق .  ئۇلار  ئۆزلىرىنىڭ تۇيغۇ – ھېسياتلىرىدا ياراتقان تەڭرىنىڭ جەننەت بەرپا قىلغانلىقىنى ئۇقۇپ قالدى . شاپتۇلزارلىق – جەننەت . ئەپسۇس ، ئۇ يەرگە ئۆلگەندىن كېيىن بارغىلى بولاتتى . سەۋەپ : كۇفۇ ئۆلگەندە ئاندىن ھاسسى شاپتۇلزارلىققا ئايلىنىپ قالدى ئەمەسمۇ ؟ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇش ، ئۆلۈمنى يېڭىش ئىستىكى ئۆلۈمگە ئىنتىلىشكە ئايلاندى . روھنى يوقۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئىپتىدائى ئىتىقاد ئىچىگە تېخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىپ كەتتى . دەسلىۋىدە ئۆلمەسلىك ئارقىلىك ئەبەدىيلىككە ئىرىشمەكچى بولغان بولسا ، كېيىن ئۆلۈش ئارقىلىق ئەبەدىيلىككە ئىرىشمەكچە بولدى ، ۋە ھاياتلىقتىن تاشقىرى بىر كۈچ – ياراتقۇچىغا بولغان سىغىنىش ھېسسىياتى دەسلەپكى قەدەمدە ئويغىنىشقا باشلىدى . بۇ بولسا تەپەككۇردىكى بىر يۈكسىلىش ئىدى .
      ئەمدى بىز << گېلگامىش >> نىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ ، ئۇنىڭ ھەسرىتىنى تىڭشايلى [ 5 ] . دوستىنىڭ ئۆلۈمى ئۇنى قان – قان يىغلىتىپ ، ئۆلۈم قاينىمىغا تەپەككۇر بىلەن كېيىنىپ ، غەۋۋاس كەبى شۇڭغۇشقا مەجبۇر بولدى . كۆپ ئىزدىنىشلەردىن كېيىن ئۆلمەسلىكنىڭ دورىسى ئوتنا پىستىمنى تاپتى . ئەمما ، ئۇنى يۈتتۈرۈپ قويدى . ئوتنا پىستىم نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ نامى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، نوھ ئەلەيھىسالامنىڭ كېمىسى ئاللىقاچان توپان بالاسى بىلەن باغلىنىپ ، نوھ ئەلەيھىسالام ئىنسانلارنى توپان بالاسىدىن قۇتقۇزغۇچىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى [ 6 ]  . ئەمەلىيەتتە  يەھۇدىلارنىڭ  مۇققەددەس كىتابى << تەۋراد >> تىكى ، خرستىئانلارنىڭ مۇققەددەس كىتابى << ئىنجىل >> دېكى توپان بالاسى توغرىسىدىكى  ئەپسانە – رىۋايەت سۇمېرلارنىڭ << قىيان – كەلكۈن رىۋايىتى >>  بىلەن بەكمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ . شۇنىسى ، سۇمېرلارنىڭ << قىيان – كەلكۈن رىۋايىتى >> يەھۇدى ۋە خرستىئانلارنىڭ << توپان بالاسى >> رىۋايىتىدىن بەكمۇ بۇرۇن بارلىققا كەلگەن [ 7 ] . بۇ يەردە ماقالىمىزغا نىسپەتەن بىۋاستە قىززىقىدىغان يېرىمىز ، ئوخشىمىغان رايۇن ، ئوخشىمىغان دەۋىر ، ھەتتاكى ھەقىقى مەنىدىكى دىن بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسالاملار زامانىدىكى ئۆلۈم ھەققىدىكى تەپەككۇر بىلەن ئىككى دەريا ۋادىسىدا ياشاشتىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىن كۆچۈپ كەلگەن ، ئالتە مىڭ يىل ئىلگىرى شەھەر دۆلىتى قۇرغان ، ھازىرقى ئىراقتىكى مېسسوپوتامىيە ، ئافرىقىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى نىل ۋادىسىغا جايلاشقان مىسىر ، كىچىك ئاسىيا ،   سۈرىيە  ، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى جايلار ، ئىران ، ھىندىستان ۋە جۇڭگۇدىن ئىبارەت << قەدىمكى شەرق >> دەپ ئاتالغان چەكسىز زېمىن دائىرسىدە ئەڭ بۇرۇن يېزىق قوللانغانلىقى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان خەلق سۇمېلارنىڭ تەپەككۇر ئوخشاشلىقى ، بۇ ئوخشاشلىق ئاقىۋەتتە تىنچ ئوكيان بويىدىن تاكى نىل دەريا ۋادىسىنىڭ غەربىي قىرغاق نىرى چەتلىرىگىچە تۇتاشقان ئوخشاشلىقتۇر . ئەقىلنى لال قىلىدىغان يېرى شۇكى ، تولىمۇ تەستە ئىرىشىلگەن ئوتنا پىستىم ئاسانلا يوقاپ كېتىدۇ . گېلگامىشنىڭ تەپەككۇرى ئۆلۈش ئارقىلىق ئەبەدىيلىككە ئىرىشىپ ، دوستى ئىنكىدو بىلەن كۆرىشىپ ، مەڭگۈ بىللە ياشاش ئھتىماللىقىغا قارىتا بىخەستەلىك ئارقىلىق ، پەرۋاسىزلىق تۇيغۇسىدا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندەك ئىدى . نىل ۋادىسى ئوغلى خۇرۇس ئۆلۈپ كەتكەن دادىسىنى يۈتىۋىلىپ ئۇنى قۇتۇلدۇردى ، لېكىن ئوسېرىس  بۇ  ئالەمدە ياشاشنى خالىماي ئۆز ئىختىيارىدا ئۇ ئالەمگە قايىتتى [ 8 ] . قەدىمكى مىسىرلىقلارمۇ ئۆلۈمدىن قورۇقتى ، قۇتۇلۇشنى ئىستىدى ، قۇتۇلدىيۇ ، بىردىنلا ئۆلۈمگە يۈزلەندى . ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۆلۈم ھەققىدە خېلى كۆپ ھەم مۇكەممەل قاراشقا ئىگە بولۇپ ، سېستىمىلق دىنىي ئىدولوگىيە ئۈچۈن ئۇل ھازىرلاپ بولغاندەك قىلاتتى . سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ << بۈركۈت بالا >> [ 9 ] ( سارمالا ) دېگەن چۆچىكىدە سارمالا بۈركۈتنىڭ ياردىمىدە چوڭ بولۇپ ، تۈرلۈك – تۈمەن ماھارەتلەرنى ئىگەللەپ ، ئۆلۈكنى تىرىلدۈدۈرەلەيدىغان كامالەتكە ئىرىشسە ، گۇڭئىرجىيەن [ 10 ] ئاق چاچلىق موماينىڭ ياردىمىدە ئەرىشكە چىقىپ ، ھۈنەر ئۆگۈنۈپ ، ئاكىسى ياكسانى يەۋەتكەن ھايۋانلارنىڭ ئاغزىدىن تارتىپ ئېلىپ ئاكىسىنى تىرۈلدۈرگەندە ، ۋىنگىلارنىڭ << ئەبەدىيلىكنى تىرىلدۈرگۈچى شاھزادە >> سى [ 11 ] بۈركۈت پادىشاھنىڭ ياردىمىدە ئەبەدىيلىك مەملىكىتىنى تاپقاندا ، << تەرڭرى ماڭا ۋە پۇخرالىرىمغا ئۆلمەسلىكنى ئاتا قىلدى >> دەپ توۋلىغاندا ، ئۆلۈمدىن قۇتۇلغىنىغا خۇش بولماي تۇرالىغانمىدۇ ؟ ناۋادا ئۇلار ئۆلۈمدىن قورۇقمىغاندا ئىدى ، ئەبەدىيلىكنىڭ نېمە كېرىكى ؟ شۇ نوقتىغا دىققەت قىلىش كېرەككى ، ئۇلار كۆپ مۇشاقەت ، بىرەر قېتىملىق ئۆلۈمدىن كېيىن ئەبەدىيلىككە ئىرىشتى .
      ھىندى كىلاسسىك دەستۇرى << ئوپانشا >> دا خاتىرلەنگەن قانچىلىغان ئەپسانىلەردە ناشېكىتقا ئوخشاش ئۆز جىسمىنى يوقۇتۇپ ، تەن كونتۇرۇللىغىدىن قۇتۇلۇپ ، چەكسىز روھى پارلاقلىققا ئىرىششىنى ئىستەيدىغان سانسارا ( ھاياتلىقتىن ئۆلۈمگە ، ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتۈش ) ۋە نىرۋانا ( ھايات ۋە ئۆلۈمدىن خالى ئۆتۈش ) تەلىماتلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان قەھرىمان ھىمالايا تاغ تىزمىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ھىندى ئوكيان بۇددا ئۆلۈم تەپەككۇرىنى بىزگە يەتكۈزۈپ بەردى . كۆرۈشكە بولىدۇكى ، ئىپتىدائى يىراق شەرق مەدەنىيتىنىڭ تەپەككۇر زونىسى بولسۇن ، ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى سۇمېر – بابىللىقلارنىڭ مەدەنىيتنىڭ تەپەككۇر زونىسى بولسۇن ، ۋە ياكى << تەۋرات >> ، << ئىنجىل >> لاردىن سۇ ئىچىپ كېيىنكى كۈنلەردە ياۋرۇپا مەدەنىيتىنىڭ تەپەككۇر زونىسى بولسۇن ئۆلۈم ھادىسسى تارقاتقان رادئاتسىيە دولقۇنىنىڭ تەسىر ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان << توپان بالاسى >> ئەپسانىسىدە ، توقۇلغان بۇددا رىۋايەتلىرىدە ، گۈزەل ۋە تىلسىملىق ئەرەپ خەلق چۆچەكلىرىدە تېخىمۇ رۇشەن ئەكىس ئەتتى . گۈن تىلسىملىق توپا بىلەن تاشقىن سۈيىنى توسسا ،  يۈي تاشقىن  سۈيىنى  ئېرىق –  ئۆستەڭ ، دەريا – كۆللەرگە باشلاپ ، توققۇز دىيار زېمىنىنى ئاسايىشلىققا ئىرىشتۈردى [ 12 ] . ئىپتىدائى يىراق شەرقلىكلەرمۇ گۈن بىلەن يۈيگە ئەگىشىپ ، بىر قېتىملىق ئۆلۈمدىن ئوموميۈزلۈك قۇتۇلدى [ 13 ] . نۇيۋا بولسا ئاسماننى ياماپ ، زېمىننى تاشقىن ۋە يانغىندىن ساقلاپ قالدى [ 14 ] . ئۆلۈمدىن بۇنداق ئوموميۈزلۈك قۇتۇلۇش ھادىسسى << جەمىشىد >> [ 15 ] دىمۇ ئۇچرايدۇ . خىرستىئانلارمۇ نۇھ ئەلەيھىسالامنىڭ كېمىسىدىن چۈشۈپ زەيتۇن يوپۇرمىقىنى تېپىۋالدى [ 16 ] .مۇھەممەد ئەلەيھىسالام قۇرئاندا بۇ ئەپسانىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى . بۇلار ھەممىسى << توپان بالاسى >> ئەپسانىسى بولۇپ << ئۆلۈم ئەپسانىسى >> [ 17 ] دېيىشكە ھەقلىقمىز . نۆۋەتتە ئالىملار بۇندىن ئۇزۇن يىل ئىلگىرى پۈتكۈل يەرشارى خاراكتىرلىك سۇ ئاپىتى بولغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ ، ئىنسانلارنىڭ بىر قېتىملىق كوللىكتىپ ئۆلۈم ۋەقەسىگە دۈچ كېلىپ ، ناھايىتى ئاز ساندىكىلەرنىڭ ئامان قالغانلىقىنى مۇقىملاشتۇردى . شۇنى تەكىتلەش زۈرۈركى ، بۇ كوللىكتىپ ئۆلۈم ھادىسسى ئىنسانلار ئۆلۈم ھەققىدە بەلگىلىك تەپەككۇرغا ئىگە بولغاندىن كېيىن يۈز بەرگەنلىكى شەكسىز . ئىپتىدائى ئىنسانلار ۋارۋارلىق مەزگىلىدىلا ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن يەككە خاراكتىرلىك مۇققەررەر يۇسۇندىكى ئۆلۈم ھادىسسىدىن ئۆلۈم توغرىلىق پىكىر قىلىشقا يۈزلەنگەن بولسا ، كېيىن كوللىكتىپ يۇسۇندىكى ئاپەت خاراكتىرلىك ئۆلۈم ھادىسسى ئەپسانە ۋە دىننىي تەلىماتلارغا ئۆلۈم ئېڭى بىلەن تىلغا ئېلىندى . دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ ئۇ ئاپەتتىن پايدىلىنىپ ، ئۆلۈم بىلەن سۈر كۆرسىتىپ تەرغىبات بىلەن شۇغۇللىنىشى ئىنسانلاردا ئۆلۈمگە قارىتا نەقەدەر مەنىۋى ئىلاستىكىلىق بولىدىغانلىقىنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن ئىدى ئەلۋەتتە . بۇ كوللىكتىپ ئۆلۈمنى يىلتىز قىلغان  ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكلەردىكى ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئانا تېما شەكىل ، مەزمۇن جەھەتتىن باشقا ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكلەردىكى ئوخشاشلىقتىن ھالقىپ كەتتى . ھەتتاكى ئۇلارنىڭمۇ يوشۇرۇن ، ئەمما جان تومۇرىدىكى قان  بولۇپ قالدى  .  ھالقىش ، قان شۇنىڭ ئۈچۈن بولدىكى ، << ئۆلۈم ئەپسانىسى >> دىكى ئۆلۈمدىن ئىبارەت ئانا تېما ئورتاق ئۆلۈم ھادىسسى بولۇش ئۇلىغا ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى ، بىۋاستە كوللىكتىپچانلىققا ، ئورتاق ئۇچىرغان ئاپەت ھادىسسى بولۇشتەك رېئال ئاساسقا ئىگە ئىدى . باشقا ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكلەردىكى ئۆلۈم ئانا تېمىسىنىڭ يەككەچانلىق ، ئىپتىدائىلىق تارىخىي ئاساسىي تاشقى ئامىل تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرايتتى .
     دېمەككى ، ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ مۇققەرەر ھادىسە ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكلەرنىڭ بىر ئاساسىي ئانا تېمىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن بىرگە ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائى ئۆلۈم ئېڭىنى ئۆزىگە يوشۇردى . چۈنكى ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ قانۇنىيەت ئالدى بىلەن پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق . ئىنسانلار مەيلى قەيەردە ياشىسۇن ، قايسى تىلدا سۆزلىمىسۇن ، قايسى دىنغا ئىتىقاد قىلمىسۇن يا دىنسىز بولسۇن ، قايسى خىل مەدەنىيەتكە ئىگە بولمىسۇن ، ھەتتاكى ھېچقانداق ئالماشتۇرۇش بولمىغان تەقدىردىمۇ ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ، ئۆلۈمنى ھېس قىلماي مومكىن ئەمەس ، بۇ تەبىئەتنىڭ قانۇنىيتى ، تەبئى قانۇنىيەت . ئۆلۈم ھەربىر ئىنساننى ئۆزى ھەققىدە ، تەبىئەت ھەققىدە تەپەككۇر قىلىشقا ئۈندەيدىغان ئەڭ دەسلەپكى ، ئەڭ كەسكىن ، ئەڭ ئۈنۈملۈك كۈچكە ئىگە بولغان ،  ئىجتىمائىلىق بىلەن تەبىلىكنىڭ ئورگانىك بىرىكمىسى . بۇ ئۆلۈم ئانا تېمىسىنىڭ شۈنچىۋالا غايەت زور ئىزچىللىق ۋە ئورتاقلىققا ئىگە بولۇشتىكى ئاساس . ئىنسانىيەت مەنىۋىيتىنى ئۈزلۈكسىز غىدىقلىغۇچى پىكىرلەرنىڭ بىرىنجى مەنبەسى .
                  2 . جىنسىيەت ۋە جىنسى ئاڭ
    ئىپتىدائى ئىنسانلار ئۆلۈم ئارقىلىق ياراتقۇچىنى تەسەۋۋۇر قىلغاندا  ، ئۇلارنىڭ ئېسىگە بىردىنلا جىنسى ئەزا كېلىپ قالدى . دەرۋەقە ، ئۇلار جىنسى پائالىيەت ۋە جىنسى ئەزانىڭ كارامىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئاپرىدە بولغانلىقىنى سېزىم قىلىشتى . سېزىم ئىپتىدائى ئادەملەرنىڭ ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكلىرىگە ھېسسىيات بەخىش ئەتتى . ئۇلار روھنى بايقاشتىن ئىلگىرى ئىتىقادنىڭ تېخىمۇ ئىپتىداسى بولغان جىنسى ئەزاغا تىۋىنىشتى . جىنسى ئەزادىكى سۇيۇقلانغان ھېسسىيات مالىكۇلىسى ھاياتلىق ۋە ئۆلۈمنى تۇتاشتۇرغۇچى يىپ بولۇپ قالدى . ئىپتىدائى ئادەملەر جىنسى پائالىيەت ، جىنسى ئەزا ، سۇيۇقلانغان ھېسسىيات مالىكۇلىسىغا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قارىدى . بۇنداق ئالاھىدە ئىمتىياز جىنسىيەت ۋە جىنسى ئاڭغا ئانا تېمىلىق ئورنىنى ئاتا قىلدى . << گۈن بىلەن يۈينىڭ سۇنى تىزگىنلىشى >> [ 18 ] دېگەن ئەپسانىدە گۈن ئۆلگەندىن  كېيىن  جەسىدى  چىرىمەي ، قورسىقى بارغانسىر يوغىناشقا باشلايدۇ .  كىشىلەر ئۇنىڭ قورسىقىنى يېرىپ يۈينى ئالىدۇ . << كىيۇمارىس >> [ 19 ] ھەققىدىكى ئەپسانىدە ئاخراماننىڭ يامان قىلمىشىدىن تەڭرىنىڭ پىشانىسىدىن تەر چىقىپ كېتىدۇ . سۈرۈتۈپ تاشلىۋەتكەن تەرىدىن كىيومارىس تۇغۇلىدۇ . كېيىن ئاخرامان بىلەن كىيومارىس جەڭ قىلىدۇ . كىيومارىس يېڭىلىپ قالىدۇ ۋە ئاخرامانغا ئۆزىنى ئاياغ تەرىپىدىن باشلاپ يېيىشكە ، ئۆزىنىڭ ئاخىرقى نەپسىگىچە دۇنيانىڭ گۈزەللىكىدىن بەھرىمان بولىۋىلىشقا ئۆتىنىدۇ . ئاخرامان كىيومارىسنىڭ بېشىدىن باشلاپ يېيىشكە باشلايدۇ ، يەپ بېلىگە كەلگەندە كىيومارىسنىڭ ئۇرقىدىن ئىككى تال يەرگە چۈشۈپ كېتىدۇ . ئۇلاردىن ئۆسۈملۈك ئۈنۈپ چىقىدۇ . ئەشۇ ئۆسۈملۈكلەردىن بىر قىز ، بىر ئوغۇل پەيدا بولىدۇ . بۇ تىپتىكى ۋەقەلىك يېڭى قۇرۇقلۇق ئەپسانىسىدىمۇ ئۇچرايدۇ . شىمالى ئامېركىدىكى تىۋا  ئىندىئانلارى ئارىسىدا مۇنداق ۋەقەلىك تارقالغان . بۇرۇن ئىنتايىن چىرايلىق بىر قىز ئۆتكەن بولۇپ ، ئۇ توي قىلىشقا كۆنمەي ئانىسىغا ياردەملىشىپ ، كۇلالچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن . بىر كۈنى ئانىسى سۇ ئەكەلگىلى مېڭىش ئالدىدا ، قىزىنى لاينى دەسسەپ پىششۇرۇپ تۇرۇشقا بۇيرىدۇ . قىز لاينى دەسسەپ پىششۇرىۋاتقاندا ، بىر نەرسىنىڭ بەدىنىگە كىرىۋاتقانلىقىنى سېزىپتۇ . شۇنىڭ بىلەن قىز ھامىلدار بولۇپ قاپتۇ .  ۋاقتى –  سائىتى توشۇپ قىزى تۇغۇپتۇ ،  قارىسا ئۇ بالا بولماستىن ، بىر كىچىك ئىدىش ئىكەن [ 20 ] . يۇقارقىلاردا بىرلا نەرسە ئورتاق ، ئۇ بولسىمۇ سۇيۇقلانغان ھېسسىيات مالىكۇلىسى . بۇ مالىكۇلا مەيلى ئايالنىڭ ، مەيلى ئەرنىڭ تېنىدە ھاياتلىققا ئايلىنالايىتتى . ياكى ، تۇغۇم شەكىللەندۈرەلەيىتتى . شۇنداقلا بۇ مالىكۇلا ئۇرۇق ماھىيتىدە قىياس قىلىنغان ئىدى . يەنە ئىنچىكىلەپ دىققەت قىلىدىغان بولساق ماھىيەتتىكى ئۇرۇق سۇيۇق نەرسە ، توپان بالاسىدىمۇ ۋە ياكى قىيان – تاشقىن ئاپەتلىرىدىكى سۇ سۇيۇق نەرسە ، ئۇرۇقتىن ھاياتلىق ھاسىل بولغان ، توپان ، قىياندىن يەنە بىر يېڭى ھاياتلىق باشلانغان ، بۇ ماھىيەتلىك باغلىنىش ، باغلانما تەسەۋۋۇرنىڭ نەتىجىسى . كېيىن تېخىمۇ ماددىلىشىپ ئالما ۋە نۇرغا ئايلاندى .
<< ماناس >> ئېپوسىنىڭ ئورازبىك ۋاريانتىدا [ 21 ] ، بايجاقىپ ئايالى بىلەن مازارلىقتا پەرزەنىت تىلەش مۇراسىمىدىن كېيىن ، چېيىردى چۈشىدە بىر مويسىپىت بەرگەن ئالمىنى يەپ ، قورسىقى تولغىغاندەك ھېس قىلىدۇ – دە ، ماناسقا ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ . ئۇيغۇر خەلق داستانى << گۆر ئوغلى >> [ 22 ] دا زۇلپەر ئايىم چارىباغدا سرتقا نەزەر سېلىپ ئولتۇرغاندا ، يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھىددىدىن تېنى شۈركۈنۈپ كېتىدۇ – دە ، ئەزەلدىن ھېس قىلىپ باقمىغان سېزىمگە چۈمۈپ ، نەتىجىدە گۆر ئوغلىغا ھامىلدار بولۇپ قالىدۇ ، زۇلپەر ئايىم ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدۇ ، بالا گۆردە تۇغۇلىدۇ . << گۆر ئوغلى >> [ 23 ] نىڭ قازاقلار ۋاريانتىدا : بوزايخان قىزىنى ھېچكىم بىلەن كۆرۈشتۈرمەسلىك ئۈچۈن ، بىر تۆمۈر ساراي سالدۇرۇپ قىزىنى قاماپ قويىدىكەن ، بىركۈنى قىزىغا كۈن نۇرى تېگىپ ھامىلدار بولۇپ قالىدىكەن . بۇددا دىننىڭ ئاساسچىسى ساكيامونى رىۋايەتلىرىدە [ 24 ] خانىش مويا چۈشىدە غايىپتىن ھامىلدار بولغان . ئۇ ئۇخلاپ قالغاندا بىر ئاق پىل خارتۇمى بىلەن ئۇنىڭ قورسىقىغا بىرتال ئاق گۈلنى كىرگۈزىۋىتىدۇ ، ئۇزاق ئۆتمەي ئاجايىپ سىرلىق مەنزىرە ئىچىدە ساكيامونى تۇغۇلىدۇ . << ئىنجىل >> [ 25 ] دا بۇۋى مەريەمنىڭ مەريەمنىڭ ئەيساغا مۇققەددەس روھ ئارقىلىق ھامىلدار بولغانلىقى سۆزلىنىدۇ .  يەنە بىزگە مەلۇم بولغان << توپان بالاسى >> ئەپسانىلىرىدە ئامان قالغان ئادەملەر بالياتقۇدىن چىققاندەكلا ساھىلغا چۈشىدۇ ، ۋە ياكى توپاننى تىزگىنلەپ يېڭى ھاياتىنى باشلايدۇ . ھامىلە يورۇق دۇنياغا كۆز ئاچىدۇ . << توپان بالاسى ئەپسانىسى >> ئالان دانىس ئېيىتقاندەك << ھامىلدارلىق ئەپسانىسى >> بولۇپ قالىدۇ .
       بىز يۇقاردا خېلى ئىپتىدائى بولغان ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكلەر بىلەن تونۇشقاندىن تاشقرى ، بىرقەدەر ئىپتىدائى بولغانلىرى بىلەنمۇ تونۇشتۇق . بۇنداق مىساللار ناھايىتى كۆپ . ھەممىسىدە جىنسىيەت ۋە جىنسى ئاڭغا مۇناسىۋەتلىك بايانلار ئۇچرايدۇ . مەسىلەن : چۈشىدە غايىپتىن ھامىلدار بولۇش ، ئىبادەت ۋە پىنھان جايلاردا روھتىن ھامىلدار بولۇش ، بىز بۇخىل بايانلاردا قايسى نوقتىدىن چىقمايلى ، جىنسىيەت مەسىلىسىدىن چەتنەپ كېتەلمەيمىز ، ياكى ئۆزىمىزنى چەتكە ئالالمايمىز ، قاچۇرالمايمىز . ئەلۋەتتە ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ جىنسىيەت ھادىسىلىرىگە تولىمۇ قىززىقىشى ، ئىنتىلىشچانلىق بىلەن دىققەت قىلغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئۇنداقتا جىنسىيەت ئىپتىدائى تەپەككۇرنى نېمە ئۈچۈن شۇنداق جەلىپ قىلالىدى ؟
         بۇ مەسىلىدە بىز چوقۇم ئىپتىدائى ئىنسان ھالىتىمىزگە قايتىشىمىز ، ئۇلاردەك ئىپتىدائى ھالەتتە ئويلىنىشقا يۈزلىنىشىمىز ۋە تىرشىشىمىز كېرەك . ئىپتىدائى ئىنسانلار ئۆلۈم دەھشىتىدە تۇرغاندا ، ياراتقۇچىنى قىياس قىلدى . ئۇ زادى نېمە ؟ نەدە ؟ بىزنى كىم ياراتقان ؟ نېمىدىن پەيدا بولغان ؟ ئۇلار دەسلەپكى كۈزىتىشىدە جىنسى ئەزا ، سۇيۇقلانغان ھېسسىيات مالىكۇلىسى ، جىنسى پائالىيەت سېزىمى ياراتقۇچى سىماسىدا زاھىر بولدى . شۇنىڭ بىلەن جىنسى ئاڭنى مەركەز قىلغان جىنسى ئىتىقاد مەيدانغا كېلىپ چىقتى . جىنسى ئاڭ – جىنسى ئەزا ۋە جىنسى ھادىسىلەرنى ھاياتلىقنى بەرپا قىلغۇچى كۈچ سۈپىتىدە تونۇش . لېكىن ، جىنسى ئەزاغا باش ئۇرغان بىلەن ، جىنسى ئەزا ئۇلارنىڭ ئىستەكلىرىگە ھامىي بولالماي قالدى . ئۇلارغا يەنە ياراتقۇچىنى تېپىش توغرا كەلدى . بۇ ۋاقىتتا روھ ئۇلارنى باشلاپ ، مەنىۋى پارلاقلىق ئىچىدىكى ھەممە ياقتىن تەڭرىنىڭ پۇرىقى گۆپىلدەپ ئۇرۇلۇپ تۇرىدىغان مۇققەددەس ماكان ، يەنى دىننىي ئىتىقاد ئىچىگە باشلاپ كىردى . شۇ سەۋەپتىن ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ئىپتىدائى جىنسى ئىتىقادى ، ئىپتىدائى ئېڭى روھ بىلەن سۇغۇرلۇپ ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەك قاتارلىق قەدىمكى ئاغزاكى سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ سۇژىتلىرىدا ئاياللار سېزىم ۋە نۇر ، خىزىر ئالمىسى ، روھ بىشارىتى ئارقىلىق ھامىلدار بولۇپ قالدى . چۈنكى ياراتقۇچى ماددىدىن ئاللىقاچان ھالقىپ كەتكەن ئىدى . بۇ تەھلىللەر ئارقىلىق ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ جىنسى ھادىسىلەر ھەققىدىكى بىلىشىنىڭ تەڭرى چۈشەنچىسى بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلساقمۇ ، شۇنىڭ بىلەن جىنسىيەتنىڭ ئىپتىدائى ئىنسانلاردىكى ئورتاق ئىجتىمائى ماھىيەت ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز . ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ تەبئى يۇسۇندا << ئانا ئۇرۇقداشلىق جامائەسى >> بولۇپ ئۇيۇشۇشى ئاياللارغا ، بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ جىنسىيەت ئەزالىرىغا بولغان چوقۇنۇش خاراكتىرلىك سەزگۈنىڭ ئىجتىمائىلىششى ئىدى . بالياتقۇدا تىپىرلاۋاتقان تۆرەلمىنىڭ ئاياللىق جىنسى ئەزادىن بوۋاق بولۇپ چۈششى ، بوۋاقنىڭ تەدرىجى تەرەققىياتى ئىپتىدائى ئىنسانلارنى ئاياللار ۋە ئاياللارنىڭ جىنسى ئەزاسىغا بولغان قىززىقىشىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ ، سىنىپى جەمىئىيەتنىڭ ئىپتىدائى شەكلىنى ، يەنى ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن پەرىقلىق ھالدىكى مەرتىۋىسىنى يۇقۇرى كۆتۈردى . شۇنىڭ بىلەن قۇللۇق جەمىئىيەت ، فىئوداللىق جەمىئىيەتلەردە ئەرلەر قۇللۇق ، فىئوداللىق دەۋىرلەرنىڭ سىياسى ئۇستىقۇرۇلما ھاكىم مۇتلەقلىقى ئارقىلىق ئىختىسادى بازىس كونتۇرۇللىقىنى ئىگەللەپ ، ئەرلەر قارىماققا مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرغاندەك قىلسىمۇ ، ئەرلەردىكى ھېسسىيات جەھەتتىكى ئاياللارغا بولغان كۈچلۈك خاھىشچانلىقتىن كېلىپ چىققان ئىنتىلىش ئىچىدىكى تەبئى مۇلايىملىق ، ھېسسى تىۋىنىشنىڭ چۇرلۋۇرىنى ئاياللارنىڭ نەپىس ھەم نازۇك ئالقانلىرىغا تۇتقۇزۇپ ، ئائىلىدىن ئىبارەت مۇەققەددەس ئورۇننىڭ دۇنيادىكى ئىمتىيازىنى ماكرۇلۇق قۇرۇلمىدىكى دۆلەتنىڭ ھاكىمىيەت تەرتىۋىگە تولىمۇ سوغۇققانلىق بىلەن سىڭدۈرىۋەتتى . ئاياللار پەرىدە ئارقىسىدا تۇرۇپ ، ياكى بىۋاستە ئوتتۇرغا چىقىپ دۆلەت كونتۇل ئىشلىرىغا قوماندانلىق قىلدى . ئېلىمىز تارىخىدىكى ۋۇزىتىيەن ، ياڭگۇيفى ، نارا ( سىشىتەيخۇ ) لارنى تىپىك ئۆلگە دېيىش مومكىن . يات ئەللەر تارىخىدىمۇ بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە . فىرىئۇدنىڭ روھى ئانالىز تەلىماتىدىكى بېسىلىپ قالغان جىنسى ئاڭنىڭ ئەسلىدىكى مەن ، مەن ، ھالقىما مەنلەرگە تەسىر كۆرسىتىش بايانلىرى ماقالىمىزدىكى قاراشلارغا ئۇيغۇنلىشىپ بېرىشىشىمۇ ئەجەپلىنەرلىك بولمىسا كېرەك . شۇنداق بولغاچقا بۇ دەۋىرلەردىكى قانۇن – نىزام ھالقىلىرىغا ئەتىر ھىددى سىڭدۈرلۈپ ئاياللارنىڭ پىشاڭلىق رولى تەسىرىنى يوقاتمىدى . بىراق مەنىۋى تەقەززالىقنىڭ يەنىلا قاندۇرۇلماسلىقى تۈپەيلى ، ئاياللارنىڭ مەرتىۋىسىدە تەۋرىنىش بولۇپ ، ئەرلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئوتنى تىكلىنىشكە باشلىدى . بۇنىڭغا بىر تەرەپتىن ئەرلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى بارغانسىرى ئۆسۈپ بېرىۋاتقان ئورنى ھۇجۇم قىلسا ، يەنە بىر تەرەپتىن ئىپتىدائى جىنسى ئاڭ ئەرلىك جىنسىيەت ئەزالىرىغا ئىپتىدائى ئۆلۈم ئېڭىنىڭ سىھىرلىك تۈگۈنىنى يۈكلەپ ، << ئاتا ئۇرۇقداشلىق جامائەسى >> نىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن ئىددىيۋى ئاساس بولۇپ بەردى . بۇ ۋاقىتتا ئەرلەر جەمئىيەتنىڭ تۈۋرىكىگە ئايلانغان بولسىمۇ ، ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ئۆلۈم ئارقىلىق ئىرىشكەن ياراتقۇچىغا بولغان ھېسسىياتى يەنىلا بېسىقمىدى . مەيلى ئاياللار ، ئاياللارنىڭ جىنسىيەت ئەزالىرى ، مەيلى ئەرلەر ، ئەرلەرنىڭ جىنسىيەت ئەزالىرى بولمىسۇن بۇ تەلەپتىن يىراق ئىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنىلا تەبىئەتتىن تاشقىرى غايىۋى كۈچكە مۇراجەت قىلىشقا باشلىدى . بىراق ، ئىنسانىيەتنىڭ جىنسىيەتكە قارىتا  ھازىرغىچە پەسكويغا چۈشمەيۋاتقان ماگىنىت مەيدانىنىڭ كۆرىنمەس قاينىمى بولۇپ قېلىۋەردى . ئىنسانىيەت روھى پارلاقلىققا ئىرىشتىكى يۈكسەلىككە يېتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن پاھىشە ، پاھىشىۋاز ، ئوخشاش جىنىسلىقلار ،  جىنىس ئۆزگەرتىش ئىجتىمائىيەتلىرى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋەردى . ئەخلاق كۈچىنىڭمۇ خېلى كۆپ ھاللاردا بۇنى توسۇشقا ماغدۇرى يەتمەي سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان تەرەپلىرى بايقالدى . ھەقىقەتەن جىنسىيەتمۇ ئۆلۈمگە ئوخشاش ھەرقانداق پەرىقتىن مۇستەسنا ئىدى . ئۇنداقتا ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئىجتىمائى ماھىيەتكە قارىتا بىلىش ، بىز دەۋاتقان ئىزچىللىق ، ئورتاقلىقتىن سىرتتا تۇرسا قوبۇل قىلالايمىز مۇ ؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-18 00:30  


idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1008
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 00:36:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. ئىنسان تەبئىتى ۋە ئىنسان تەبئىتى ئېڭى
ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ئىپتىدائى جىنسى ئاڭ ئۈستىدە سۆزلەپ كېلىپ ، ئىنساندىكى جىنسى ئاڭنىڭ ئىجتىمائىلىقىنى ئوتتۇرغا قويدۇق . ئىنساندىكى جىنسى ئىقتىدارنىڭ ئاشكارلىنىشى ئىنساندىكى تۇغما تەبىلىك ئەمەس ، ئىجتىمائىيەت . دەرۋەقە ، جىنسى ئەزا تۇغما بولىدۇ ، جىنسى ئىقتىدارمۇ تۇغما بولىدۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئاشكارلىنىشىمۇ تۇغما بولامدۇ ؟ ئىنسان تەبئىتى تۇغما بولىدۇ ، ئىنساننىڭ تۇغما تەبئىتى دېگەنلىك ، بوۋاق ئانىنىڭ قورسىقىدىن چۈشۈش بىلەن ئىپادىلىندىغان ماھىيەت . يەنى ئىنساننىڭ ئەسلى ماھىيتى ئۈچۈن مىسال ئالايلى : بىر قانچىلىغان قىز – ئوغۇل بوۋاقلارنى ئانىدىن تۇغما ھالەتتە بىر يەردە ئوينىتايلى ، بۇ ۋاقىتتا ئۇلاردا بىر – بىرىگە نىسپەتەن جىنسى تەلپۈنۈش ، جىنسى ھېسسىيات بولامدۇ ؟ ئۇلار ئانىدىن تۇغما ھالەتتە بولغانلىقى ئۈچۈن ئەخلاقى جەھەتتە جاۋاپكارلىققا تارتالايمىزمۇ ؟ گەرچە بۇ ۋاقىتتا ئۇلاردا جىنسى ئىقتىدار بەلگىلىك دەرىجىدە بولسىمۇ ئاشكارلانمايدۇ . چۈنكى ئۇلار تېخى ھېچقانداق تاشقى غىدىقلىنىشقا نىرۋا خاراكتىرلىك ئۇچىرىمىغان . جىنسى ئىقتىدارنىڭ ئاشكارلىنىشى بولسا ئىجتىمائىيەتنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى ۋەقە . بەلكىم بەزىلەر رەھىمدىللىك ۋە رەھىمسىزلىكنى قانداق چۈشەندۈرسەن ،  دېيىشى مومكىن . قىنى قايسى ئانا تولغاق ئازاۋىنى ھېس قىلمىغان ( ئوپېراتسىيە قىلدۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ ) ، قايسى بوۋاق ئانىسىنى تولغاق ئازاۋىدا قىينىسىمۇ ئۆز يىغىسى ، ئۆز كۈلكىسى ، ئۆز تەبەسسۇمى بىلەن نىمجان تېنىگە ھېسداشلىق كۈتمىگەن . يەنە بىر مەسىلە بار ، ئىنساننىڭ تۇغما تەبئىتى ئانىنىڭ قورسىقىدىكى بوۋاققا قارىتىلامدۇ – يوق ؟ تىببى ئىلىمنىڭ ئاشكارلىشچە ، تۆرەلمە ئانىنىڭ قورسىقىدا ئالتە ئايدىن كېيىن ھاياتلىق شەكلىگە كىرىپ بولغان بولىدۇ . مەيلى كېيىنكىسىدە بولسۇن ، مەيلى ئىلگىركىسىدە بولسۇن جىنسى ئىقتىدارنىڭ ئاشكارلىنىشى كېيىنكى ئىجتىمائى زەرەتلىنىشتىن بولىدۇ . ئەگەر ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانىنىڭ چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشتىن ئىلگىرىكى جەننەتتە ياشىغان ھالىتى بايان قىلىنغان دىننى رىۋايەتلەر ھەقىقەتەن ئىنسانىيەتنىڭ سەبئى ھالەتتىكى ئىپتىدائى قىياپىتىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدىغانلىقىغا شەك كەلتۈرمەيدىغان بولسا ، ئادەم ئاتا بىلەن ھاۋا ئانا ئىنسانىيەتنىڭ تۈنجى ئاتا – بوۋىسى بولغان ئىكەن ، چوقۇم ئۇلار جەننەتتىكى چەكلەنگەن مېۋىنى ( جىنسى مېۋە دەپمۇ قارىلىدۇ ) يېمىگەندە ئىدى ، بىزمۇ ھازىرغا قەدەر بىھىش ماكاندا ئانىدىن تۇغما ياشاش مومكىنچىلىكىدىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالالمىغان بولاتتۇق . دىننىي رىۋايەتلەرگە قىززىقىدىغانلارنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك ، ئادەمئاتا بىلەن ھاۋۋا ئانا چەكلەنگەن مېۋىنى يېگەندىن كېيىن ، ئۆزلىرىنىڭ قىپيالىڭاچ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ، نۇمۇسلۇق ئەزالىرىنى يېپىشقا ئاران ئۈلگۈرىدۇ . جەننەتتىنمۇ قوغلاندى قىلىنىدۇ . ئۇلار چەكلەنگەن مېۋىنى يېيىشتىن ، جەننەتتە ئانىدىن تۇغما ھالەتتە ياشىغان دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىشقا بولامدۇ – يوق ؟ بىز بۇ يەردە ئۇلارنىڭ جەننەتتىكى ھالىتىنىڭ بوۋاقنىڭ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ھالىتىگە نەقەدەر ئوخشايدىغانلىقىنى جەزىم قىلىپ ئۈلگۈرىمىز . يۇقارقىلار ئارقىلىق شۇنداق دېمەكچىمەنكى ، ئىپتىدائى ئىنسانلار ئۆزلىرىمۇ تۇيماستىن كائىناتنىڭ مەركىزىگە كىرىپ قالدى . ئۇلار ئۆز ئەزالىرىنىڭ رولىنى كۈزىتىشكە باشلىدى . كۆزنىڭ كۆرۈشكە ، قۇلاقنىڭ ئاڭلاشقا ، بۇرۇننىڭ نەپەسلىنىش ، ھىدلاشقا ، تىلنىڭ تىتىشقا كېرەككە كېلىدىغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار بىلىشلەرنى بايقىدى . شۇ بىلىشلەر ئىچىدە جىنسى ئەزالارمۇ بار ئىدى . ئەمدى ئۇلار ئۆزلۈك ئېڭى بىلەن قوراشتۇرۇلغان مەنىۋى مىكروسكوپتىن روھىيەت ھۈجەيرىلىرىنىڭ ماھىيتىنى كۈزىتىشكە باشلىدى . ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى شۇكى ، تەكشۈرۈش خاتىرسى بىزنىڭ زامانىۋى دىياگونىزلىرىمىزنىمۇ چاندۇرۇپ تۇراتتى . ئىپتىدائى يىراق شەرقلىكلەر ئەجدىھانى ئونغون قىلىپ ئەجدادى سۈپىتىدە ئۇلۇغلىغاندا ، نېمە ئۈچۈن ئاتا – ئانىسىنى ئەپسانىۋى ھايۋانغا باغلاپ قويىدۇ ؟ تۈركىي قەۋىملەرمۇ ئونغون رىۋايەتلىرىدە ياكى ئۇرغاچى بۆرە بىلەن جۈپلىشىپ ، ئەۋلاد قالدۇرۇپ ساقلىنىپ قالىدۇ ، ياكى بۆرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن خۇددى بوۋاق ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن چىققاندەك قاراڭغۇ تاغ ئۆڭكۈرىدىن يېشىل ئوتلاقلار يەلپۈنۈپ تۇرغان ۋادىغا چىقىدۇ ، ۋە ياكى دەرەخ تۇغقان بوۋاقلارنى ئەتىۋارلاپ ئۆزلىرىگە باش قىلىۋالىدۇ . ئۇندىن تاشقىرى شۇڭقار ، لاچىن ، بۇغا قاتارلىق ھايۋان ۋە ئۇچار جانۋارلارنى ئەجدادى سۈپىتىدە ئۇلۇغلايدۇ . غەرپ مەدەنىيتىدە تىلغا ئېلىنغان ئەڭ بۇرۇنقى بۆرە ھەققىدە مۇنداق رىۋايەت بار : رىملىقلارنىڭ ئەجدادى رومىلو بىلەن ئۇنىڭ قوشكىزەك ئىنىسى رىمو دۇنياغا كەلگەندىن كېيىن ، ھوقوق تارتىۋالغان تاغىسى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ . تاغىسى بۇ ئىككى بالىنى تەيبۇ دەرياسىغا تاشلىۋىتىدۇ . دەريا سۈيى تېخى رىسىقى تۈگىمىگەن ئاكا – ئۇكا ئىككەيلەننى ئېقىتىپ قىرغاققا چىقىرىپ قويىدۇ . كىچىك بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئانا بۆرە دەريا بويىغا كېلىپ ئۇلارنى ئېمىتىدۇ . ئاكا – ئۇكا ئىككەيلەن پادىشاھلىق تەختىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن ، ھېلىقى ئانا بۆرە ئېمىتكەن يەردە يېڭى بىر شەھەرنى بەرپا قىلىپ ، بۇ شەھەرنىڭ نامىنى كىمنىڭ نامى بىلەن ئاتاش مەسىلىسىدە ئىختىلاپ تۇغۇلۇپ ، ئاكا – ئۇكا ئىككەيلەن ئۆچلىشىدۇ ، ئاقىۋەت رومىلو ئىنىسى رىمونى ئۆلتۈرۋىتىپ ، شەھەرگە ئۆز ئىسمىنىڭ باش ھەرىپى << رومىي >> بويىچە ئات قويىدۇ . ھەمدە شەھەرنىڭ تۈنجى ھۆكۈمرانى بولىدۇ . رىملىقلار ئانا بۆرىنى رىم شەھىرىنىڭ شەھەر گىرىبى قىلىپ بىكىتىدۇ [ 26 ] . ھىندىلار كالىنى ئەزىزلەپ مېھىر – شەپقەت تىلىگەندە ، نېمە ئۈچۈن ئەجداتلىرىنى سىغىنىدۇ ؟ قانداقسىگە تاجىكلار بۈركۈتنى ئونغون قىلىپ تاللىۋالغاندۇ ؟ ئەمدى ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ يەرلىك خەلقى ئىندىئانلارغا ،   ياۋرۇپالىقلار ئۇلارنى بىلىپ ، مىلادى 1877 – يىلى لېۋىس ھېنرى مورگان << قەدىمكى جەمىئىيەت >> دېگەن ئىككى قىسىملىق ئەسىرىدە ئۇلار ھەقققىدە توختالغاندا ، ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يەرلىك يەرلىك خەلقلەر ئىچىدە بارلىق ئۇرۇقلار ھايۋانلار ياكى نەرسىلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتىلاتتى . ئادەملەرنىڭ نامى ئاتىلىدىغانلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى ، لېكىن ، تارىختا كۆرىنەرلىك ئورۇنغا چىققاندا ئۇلارنىڭ نامى شەخىسنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان . ئىندىئانلار ئۇرۇق ئەزالىرى ئۆزلىرىنى ئۆز ئۇرقىغا نامى قويۇلغان ھايۋانلارنىڭ ئەۋلادى ، بۈيۈك ئىلاھ بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزنى ھايۋاندىن ئادەم سىياقىغا كىرگۈزگەن دېيىشىدۇ . مەسىلەن : ئۇجىۋالارنىڭ تۇرنا ئۇرقى توغرىسىدىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەپسانىۋى رىۋايەت بار . قەبىللەرنىڭ ئۇرۇق  ئەزالىرى  ئۇرقىغا ئات قىلىپ قويۇلغان ھايۋانلارنىڭ گۆشىنى يېمەيدۇ [ 27 ] دەپ يازىدۇ . ئىندىئان قەبىللىرى ئۇرۇق ناملىرىنىڭ ھايۋاناتلار ، قۇشلار ناملىرى بىلەن ئاتالغان بايانلار << قەدىمكى جەمئىيەت >> ناملىق كىتابتا خېلى يېتەرلىك .
ئەمدى ئۆز سۆزىمىز بولغان ئىنسان تەبىئىتى مەسىلىسىگە كەلسەك ، يۇقارقى مىساللار بىلەن ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ بىزنى ئويغا سالىدىغان ۋە جەلىپ قىلىدىغان يېرى شۇكى ، ئۇلار ئەجداتلىرىنى ھايۋانلارغا باغلاپ قويىدۇ . ئۇلار تاللىۋالغان ھايۋانلار ياكى ئۇچار قۇشلار بولسۇن ، شۇ تۈر ئىچىدىكى ئەڭ سەركى تىپلار . بۇ تىپلارنىڭ قىلمىش – ئەتمىشلىرىدىن ياۋايىلىق ، ۋەھشىلىك ، ياۋۇزلۇق ، زوراۋانلىق بىلەن بىرگە مېھىر – شەپقەت ، ساداقەت ، مۇلايىملىق ، مېھرىبانلىق تېمىپ تۇرىدۇ . ئىنسانىيەت ئونغۇن تارىخىدىكى بىر قەدەر ئوموملاشقان ، ئورتاق بولغان بۆرىنى ئالايلى : بۆرە ھەم چىشلىرىدىن ياۋۇزلۇق ، قانخورلۇق ، تىلىدىن قان تېمىپ تۇرىدىغان ؛ ھەم ئاجايىپ مېھرىبان ، ساداقەتمەن ، ئۆم ھايۋان . بۇ ئىككى قىرلىق ماھىيەتنىڭ ئىپتىدائى ئويلىنىشتا ئەكىس ئېتىشى تېگى – تەكتىدىن ئېلىپ ئېيىتقاندا رەھىمدىللىك بىلەن رەھىمسىزلىككە يىغىنچاقلىنىشى بولۇپ ، مەيلى ئىپتىدائى دەۋىردە ، ياكى كېيىنكى ، ھازىرقى دەۋىر بولسۇن ئىنسان تەبىئىتى بولغان ماھىيەتتىن چەتنىمەيدۇ . يەنە تېخى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن بايقالغان قىيا تاش سۈرەتلىرى ، ساپالچىلىق ھۈنەرلىرىدە نەقىش قىلىنغان تەسۋىرلەر ، بۇددا مىڭ ئۆيلىرىدىكى ئادەم ئوبرازلىرىدا ئىستىتىك زوقتىن مەنىۋى تاكامۇللۇققا يۈز تۇتقان بەدەن نازمىلىرىدا ئادەمنىڭ ئەسلى ماھىيتىگە بولغان تەپەككۇر ئاتالمىش زامانىۋى ماھىيەت تەپەككۇرىدىن ھالقىيدۇ . ئىپتىدائى ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدىكى تەپەككۇرنىڭ بوشلۇقىنى تويۇندۇرىدۇ . گېپىمىزنى رۇشەنلەشتۈرگەندە ، ھازىر ئېيىتقان تەسۋىرى سەنئەتلەردە ئادەمنىڭ قىپيالىڭاچ ( بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ )  ھالدىكى تەن گۈزەللىكى نامايان قىلىنغان بولۇپ ، بۇ سۈرەتلەردىن زوقلىنىش يۈكسەك مەنىۋى تويۇنۇشنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇددا مىڭ ئۆيلىرىدىكى << ياسئودىھارنىڭ چۈشى >> ، << شاھزادىنىڭ تۇغۇلىشى >> ، << لاكشىمى ھەيكىلى >> [ 28 ] قاتارلىق << بۇددىھانىڭ يارالمىش ھەيكىلى >> بىلەن << بۇدددىھانىڭ قىسمەتلىرى >> [ 29 ] دىكى بۇدساتىۋالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇسۇلچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇسۇللۇق قىياپەت رەسسىملىرىدە ئادەملەرنىڭ ، يەنە كېلىپ ئاياللارنىڭ بەدەن پىگورىسى ئاشكارلانغان . ئەجىبا ساكيامونى ئەگەشكۈچىلىرىدىن شاراپ ئىچىشنى ، گۆش يېيىشنى ، ئاياللار بىلەن بىرگە بولۇشنى تەرك ئېتىشنى تەلەپ قىلغان تۇرسا ، نېمىشقا سەنئەتكار راھىپلار بۇدخانىلارغا يالىڭاچ دېگۈدەك ئاياللارنىڭ رەسسىمىنى سىزىپ قويىدۇ ؟ ئۇنى قىيا تاش سۈرەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ، سېرىق رەسسىم دەپ ئەيىپلەشكە مەجبۇر بولىمىزمۇ ؟ مېنىڭچە ، بۇنداق قىلىشقا جۈرئەت قىلامىساق كېرەك . بىز قانداقمۇ تەپەككۇر سەۋىيسىدە ئىپتىدائى ئادەملەردىن ، ئۆتمۈش كىشىلىرىدىن تۆۋەن تۇرۇشنى خالايمىز ؟ بۇ بىرقاتار جاۋاپكارلىقلار ئالدىدا ئىپتىدائى تەپەككۇرغا قايىتماي ئامالىمىز يوق . ئىپتىدائى ئىنسانلار ، ئۆتمۈش كىشىلىرى ۋە ئەڭ ئاۋال ئۇلار ئىچىدىكى ئويلنىش ، پىكىر قىلىش مەستانىلىرى يالىڭاچ رەسسىملەر ئارقىلىق ئۆزى ھەققىدە شۇنداق ئويلىدىكى ، ئۇلار ئۆزلىرىدە رەھىمدىللىك ۋە رەھىمسىزلىكتىن باشقا روھى پارلاقلىق ، مەنىۋى تويۇنۇشنىڭ يوشۇرنۇپ ياتقانلىقىنى جاكارلىدى . ئۇلار : << ئىنساندا ئەسلى جىنسىيەتكە قارىتا غالجىرلىق ، چەكتىن ئاشقان تەشنالىق بولمايدۇ ، يات جىنىسقا قارىتا قاراپ قويۇش كۇپايىلىنىدۇ . مەنىۋى ساغلاملىق بولىدۇ . بۇنى ئۆزىنىڭ قەلبىنى تىزگىنلەش ، بەدەننى كونتۇرۇل قىلىش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ >> دېمەكچىدەك قىلاتتى . بۇ قارىشمىزنى يەنە خرستىئان دىنى ۋە ئىسلام دىننىڭ جەننەتتىكى ھايات قاراشلىرىدىن دەلىللەش مومكىن . بۇ يىلتىزداش ئىككى دىندا جەننەتكە كىرگەنلەرگە نەچچىلىگەن ھۆر – پەرىلەر بېرىدىلىدۇ دەپ ۋەدە بېرىلىدۇ . ئۇنداقتا جەننەتكە كىرگەنلەر ئەرمۇ ، ئايالمۇ بولىدۇ ، ھۆر – پەرىلەرچۇ ؟ ھۆر – پەرىلەر  بىلەن جەننەتكە  كىرگەنلەر ئوتتۇرسىدا ھېلىقى مۇناسىۋەت بولامدۇ ؟ مەنچە ، ياق دەپ كەسكىن جاۋاپ بېرىش كېرەك . قاراپ قويۇش بىلەن ئىستەكلىرى قانىدۇ ،  ھەتتاكى  ئۇنداق ئىستەكمۇ بولمايدۇ ، ئۇ يەرگە ئىنسانلار پاكلىنىپ كىرىدۇ . بۇ خىل پاكلىنىش ، بۇ خىل مومكىنچىلىك روھى پارلاقلىق ، مەنىۋى تويۇنۇشتا ۋۇجۇتقا چىقىدۇ . ئەر – ئاياللىق پەرقىنىڭ يوقىلىشنى تەپەككۇرىمىزغا سىغدۇرىشمۇ مومكىن . بۇ يەردە بىزنى غىدىقلىغۇچى ئۆتكۈر جىنسى مۇناسىۋەت ، ياكى شۇنداق ئىستەك تولىمۇ ئاددىلىشپ ، ئادەملەر كۆپىيىشىنىڭ ھەرىكەت شەكلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ خالاس . سەۋەپ : دىنتارقاتقۇچىلار ئۆز مۇخلىسلىرىغا جەننەتتىكى ھايات ھەققىدە ئۆلۈپ – تىرىلىشنىڭ بولمايدىغانلىقى ھەققىدە تالاي نەسھەتلەرنى قالدۇرغان . سۆزىمىزنى يىغىنچاقلىساق ، ئىپتىدائى ئىنسانلار ئىنسان تەبىئىتىنى ئىجتمائى ماھىيەت ۋە تەبىئى ماھىيەت دەپ ئىككىگە بۆلۈپ ، ئىجتىمائى ماھىيەتتىن ھالقىپ تەبىئى ماھىيەتكە بېرىشنى تەپەككۇرىغا باشلاپ كىردى . شۇنىڭ بىلەن ئونغۇن رىۋايىتى دىننى رىۋايەتلەرنىڭ ئانا تېمىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ بۇ توغرۇلۇق تەپەككۇر ئۇتۇقلىرىنى قوشقوللاپ ھەدىيە قىلىۋەتتى .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1008
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 00:38:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. تەنھالىق ۋە تەنھالىق ئېڭى
ئىپتىدائى ئىنسانلار پۈتمەس – تۈگىمەس سىرلار بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن كائىناتنى ئەمدىلا بىلىشكە باشلىغاندا ، كەچلىرى تاغ ئۆكۈرلىرىدە گۇلخان يېقىپ ، سوغۇق تاشلارغا يۆلەنگىنىچە خىياللار قاينىمىغا غەرق بولۇشتى . بىر ھازادىن كېيىن گۇلخان ئۆچۈپ ، چىل بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى يىقىنلاشتى . بۇ ۋاقىتتا ئۆڭكۈر ئاللىقاچان سوۋىغان بولۇپ ، ئۇلار يەنىلا ئېڭىكىنى يۆلەپ ئولتۇرشاتتى . ئاھ ! ... نېمە دېگەن قورقۇنۇشلۇق ، بۆرىلەر ئۆڭكۈر ئىچىگە كىرىشتى . ۋەھىمە ، قورقۇنۇش ، يۇلقۇنۇش ، چىرمىشىش ، تىپىرلاش ، ئۆلۈم ، ۋەھشىلىك ، ياۋۇزلۇق ، باتۇرلۇق ، قەھرىمانلىق ، كۈچتۈڭگۈرلۈك ، ياۋايى ھايۋان ، ئۇچار قۇشقا ئايلىنىپ بۇ ۋەھىمە ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كېتىش ، ياكى پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىشكە بولغان تەشنالىق ... بۇلار ھەممىسى گىرەلىشىپ ، ئادەملەرنىڭ پىكىرگە باغلانغان تەنھالىقى ئەنە شۇنداق باشلاندى .
مىلادىدىن ئالتە ئەسىر ئىلگىرى ساكيامونى باياشات ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ ، پالما دەرەخى تۈۋىدە جىم ئولتۇرغاندا ، قەلبى بىردىنلا رۇشەنلىشىپ ، تېنىنى نۇرلانغاندەك بولدى . ئۇ ئېھتىمال يۈرىگىدە پالما دەرىخى بىلەن پىچىرلاشقاندۇ ؟ ئۇ تەنھا تۇرسا تەنھالىق ئىچىدە خىيال سۈرمەي نېمىش قىلسۇن ؟! مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇر تېغىدا خۇدا بىلەن سۆزلەشكەندە ئۇلاردىن باشقا يەنە كىملەر بار ئىدى ؟ ئەيسا ئەلھېسسالاممۇ ئۆز تائىپىسىدىن يەكلىنىپ ، يالغۇز – يىگانە ئازاپلار دولقۇنىدا جاپا – مۇشاقەت تارتمىدىمۇ ؟ ئاقىۋەت تەنھا قىلىپ كرستقا مىخلانمىدىمۇ ؟ ئاللا نېمە سەۋەپتىن مۇھەممەد ئەليھىسسالامنى نىسا تېغىدا يالغۇز قالغان پۇرسەتتە ، غايىپتىن سۆز قىلىپ << قۇرئان >> كەرىمنى نازىل قىلدى ؟ شۇنداق ئىپتىدائى ئىنسانلارنىڭ ، رىۋايەتلىك دىنى شەخىسلەرنىڭ خىيال سۈرىشىدىن باشلانغان تەنھالىق ئىنسانىيەتنى ئۆزىگە رام قىلىپ ، ئۇلارنى ئاجايىپ بىر مەنىۋى يۈكسەكلىك بىلەن تەمىن ئەتتى . ئەلۋەتتە يۇقارقىلار دىننىي رىۋايەت بولغانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ياراتقۇچىنى تېپىش ، تەڭرىنى ئاجايىپ قىزغىنلىق ، ئىشتىياق ئىچىدە ئىزدەش تۈپەيلى سىرلىقلىشىپ كەتكەندۇ دەپمۇ تۇرايلى ، بىراق ، ئىنسانىيەت سەنئەت ھۈجەيرىلىرىدىن يامرىغان ئەپسانە ، رىۋايەت ، ئېپوس ، چۆچەكلەردە ئۇچرايدىغان تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنى قانداق چۈشىنىمىز ؟ گېلگامىش دوستى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ،  يالغۇز ئولتۇرۇپ چۇڭقۇر قايغۇغا چۈمدى [ 30 ] . ئۇ ئىلاھە ئىشتار ئىندىكونى كىسەل قىلىپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ، سەپدىشى ھەم دوستىدىن ئايرىلىپ ، يالغۇزچىلىقتا تەنھا ئازاپلار قاينىمىدا ئۆلۈمنىڭ سىرى ئۈستىدە ئىزدەندى . << ماناس >> ئېپوسىنىڭ يۈسۈپ ماماي ۋاريانتىدا بايجاقىپ ئايالى چېيېردىنى بىر قىرى كالا بىلەن ئورمانلىق ئىچىگە باشلاپ كىرىپ ، چېدىر تىكىپ ، ئۇنى يالغۇز قالدۇرۇپ تەنھا كۈن ئۆتكۈزۈشكە زورلايدۇ [ 31 ] . << ئالپامىش >> داستانىدا مۇنداق بايان بار : بايبۆرى ئەر – ئايال بالىلىق بولۇش ئارزۇسىدا مال – دۇنياسىدىن ۋاز كېچىپ يىراق جايلاردا بالا تىلەش يولىغا ماڭىدۇ . قاقاس دالىلاردا ، چۆللەردە ، كۆل ۋە دەريا بويلىرىدا ، تاغ چوققىلىرىدا ، مازارلىقلاردا ، ئىشقىلىپ خىلىۋەت جايلاردا يىغا – زار بىلەن تۈنەپ ، تەڭرىگە ئىبادەت قىلىدۇ [ 32 ] . قازاق خەلقىنىڭ << قوزا كۆرپەش – بايان سۇلۇ >> ناملىق داستانىدىمۇ توختار باي يۇرۇتداشلىرى تەرىپىدىن << ئەۋلادى قۇرغۇر >> دەپ چەتكە قېقىلىپ يۇقارقىدەك رىيازەتلەرنى چېكىدۇ . ھازىرغىچە شامانىزىمغا ئىتىقاد قىلىپ مانجۇلارنىڭ بۈگۈنگىچە ساقلىنىپ قالغان  << فوتو ئانا >>  ( foto ana ) دىكى پەرزەنىت تىلەش ، سۆگەت دەرىخىدىن پەرزەنىت تىلەش قاتارلىق ئۆرۈپ – ئادەت خاراكتىرلىك مۇراسىملىرىدا پىنھان جايلار تىلغا ئېلىنىدۇ [ 33 ] . يۇقارقى بايانلاردىن بىرلا نەرسە – تەنھالىق دىققىتىمىزنى تارتىشى كېرەك . كۆز ئالدىمىزدىكى ئۇ ئادەملەر پىنھان جايلاردا يالغۇز ئولتۇرۇپ خىيال سۈرىدۇ . ئەتراپتىكى پۈتكۈل نەرسىنى ، ئۆزىنىمۇ ئۇنتىيدۇ . مۇنداقچە ئېيىتقاندا تىنىقى بولسىمۇ ، پۈتكۈل دىققىتى بىرلا نەرسىگە يىغىلىپ گوياكى تىنىقسىز ھالەتكە كېلىدۇ . تەپەككۇر پائالىيتىلا داۋاملىشىدۇ . روھ تەننىڭ بارلىق ئازاپلىرىدىن قۇتۇلغاندەك بولىدۇ . شۇنى چۈشەندۈرۈش مومكىنكى ، ئىپتىدائى ئادەملەر بۇخىل ھالەتتىن ئادەمنىڭ مۇتلەق مەۋجۇتلۇق – تەڭرى بىلەن ئۇچىرشىش ئېھتىماللىقىنى ياكى چوقۇم ئۇچىرشىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى . شۇ تۈپەيلى ئۇچىرشىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ تاشقى ئىپادىسى تەنھالىققا ئالاھىدە ئىتىبار بىلەن قاراپ ، ئادەمنىڭ پاكلىنىشىنى شۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى . بۇ ئەمەلىيەتتە پەلسەپىۋى تەنھالىق بولۇپ ، تەپەككۇر ئارقىلىق ۋۇجۇدنى پاكلاش جەريانىدۇر . رىۋايەتلىك داڭلىق شەخىسلەر پىنھان جايلاردا يۈرگەندە ، سەنئەتكارلار ئۆزىنىڭ تەنھا قەسىرىدە ئولتۇرغاندا ، پەيلاسوپلار جىمجىتلىق قارا ئۆڭكۈرىنىڭ پىكىر يادروسىغا شۈمرۈلگەۈندە ، سىياسىيونلارنىڭ قوشۇمىسى تۈرۈلۈپ تەنھالىقىنىڭ ئىددىيە ھەپسىسىگە مەھكۇم بولغاندا ، سەركەردىلەرنىڭ نەزىرى كىرپىنىڭ تىكىنىدەك سانجاق – سانجاق نەيزىلەرنىڭ ئۇچىدىن ھالقىپ ئىككى دېڭىز تاشمىسىنىڭ ، ئىككى يانار تاغ ۋۇلقانلىرىنىڭ قوشۇلمىسىدا نۈسرەت ئالقىشلىرىنى كۆرۈشكە تىكىلگەندە ئۇلارغا مەئىشەتنىڭ نېمە كېرىكى ؟ ئۇلار تەپەككۇرغا سىڭىپ كېتىدۇ . بىز بۇنى چۈشەنمەستىن ۋە ياكى تەپەككۇرىمىز ئۇ دەرىجىدە مەركەزلەشمەستىن مەنىۋى يورۇقلۇققا ئىرىشەلمەي ، ئايدىڭ كەچتىكى بالىدەك يۇلتۇزلارنى ساناپ قالىمىز پەقەت ، يۇلتۇزغا ئايلىنالمايمىز . بىز يۇقاردا تۆت ئانا تېما بويىچە تۆت خىل نوقتىدا ئايرىم – ئايرىم تەھلىل ئېلىپ باردۇق . تەھىللەرنى كېڭەيىتسەك ، چۇڭقۇرلاشتۇرساق نوقتىلار سان جەھەتتىن كۆپىيدۇ ، لېكىن بەلگىلىك نىسپەتتىن ئاشمايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئانا تېمىلاردىكى تەپەككۇر مەزمۇنلىرىنىڭ كۆپ قىرلىق ، كۆپ كۆرىنىشلىك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز .   ھەم ئانا تېمىلارنىڭ ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئىپادىلەنمەي   بىرىكمە ھالەتتە ئىپادىلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز . ئەمما ، كۆپىنچى ھاللاردا مەزمۇن بىر خىل سىترولۇق تۈس ئالغان بولىدۇ .قان تىپى خاراكتىرلىك ئانا تېمىلارنىڭ سانى چەكلىك بولغىنىدەك ئىنسانلاردىكى تەپەككۇر پائالىيتىنىڭ ئېلېمېنىت خاراكتىرلىك تەپەككۇرىمۇ چەكلىك بولىدۇ ھەم ئۆزلۈك ئېڭى بولۇپ ئۇيۇشىدۇ . بىز مەيلى قانچىلىك تەپەككۇر قىلمايلى مۇشۇ مەركەزدىن ، مۇشۇ ئۆزلۈكتىن قېچىپ كېتەلمەيمىز .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1008
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 00:45:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
. ئۆزلۈك ئېڭىمىز
ئىپتىدائى ئىنسانلار ئۆلۈمدىن ئىبارەت بۇ ئاجايىپ بۈيۈك ھادىسە ئارقىلىق قەلبىدىكى ھېسسىيات قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرگەندىن كېيىن ، ئۆزىنىڭ تەبىئىتىدىكى يۈكسىلىش قاتلاملىرىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ، ئىلاھى مۇكەممەللىككە تۇتاشتۇرۇش يولى بىلەن ، جىنسى ئايرىمىلىققا بولغان شەھۋەت ئوتلىرىنى مەنىۋى غەيۇرلۇقنىڭ پاكلىقى ئارقىلىق ئۆچۈرۈپ تەنھالىققا باغلاندى . ئەمەلىيەتتە ، بۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ھەققىدىكى تەپەككۇرىنى ، ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان مەنىۋى كۆرىشىنىڭ مىسىلسىز باياۋانىدىكى مۇقەددىمىسىنىڭ نەمۇنىلىك ئىستىلا مېۋىسى ئىدى . راس ، تەپەككۇر ئارقىلىق ئىرىشىلگەن مەنىۋى مۇۋەپپىقىيەت ، قورال ئارقىلىق ئىرىشىلگەن مۇۋەپپىقىيەتتىن كۆپ ئالغا كەتكەن ئىدى . ھەقكى ، شۇندىن ئىتىبارەن ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر تارىخىدا مەيدانغا كەلگەن مەنىۋى زونىسىنىڭ ئىشغالىيەتچى شەخىسلىرى ئەڭ ئاۋال ئۆزىنىڭ روھىيەت تۇپرىقىغا قاراپ ئات چاپتۇرۇشلاردا يۈرۈش قىلدى . ئارقىدىن ئۆزىدىن ھالقىپ ،   ئوموم روھىيەتكە ئوچۇق – ئاشكارە ، باتۇرلۇق بىلەن ياۋۇزلارچە تاشلاندى . يەنە ئارقىدىنلا روھىيەت ئىمپىريىسىنىڭ كاتتا سەمەرىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ،نىمىس شائىر ۋە پەيلاسوپ نىتىزى ھېچ تەمتىرىمەستىن << خۇدا ئۆلدى >> دېگەن ئاتالمىش چاقىرىقنى جاكارلىدى . ئۇنىڭدىن ئاۋال بابا رەھىم مەشرەپ مۇنداق دەپ غەزەل يازدى :
ھەزرىتى ئادەم بىنا بولغاندا مەن بىللە ئىدىم ،
ھەق رەسۇل مىراجىغا چىققاندا مەن بىللە ئىدىم .
.......
.......
مەشرەبا لاپ ئۇرمەغىل ، قىلغان سۆزىڭگە تەۋبە قىل ،
گەر خۇدا لۇتۇف ئەيلەسە ، روھىمدا مەن بىللە ئىدىم .
خۇدا – تەڭرى ، تەڭرى ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىدە مەۋجۇت ، ھەم ئىنسەنىيەتنىڭ قەلبىگە تەئەللۇق ، شۇنداقلا قەلبىنى ئىدارە قىلغۇچى قەلبتىن تاشقىرى ئەۋەل – ئاخىرى بولمايدىغان ئەبەدىيلىك ۋۇجۇد ، جىمى چەكسىزلىك ، جىمى كەڭرىلىك ، جىمى چۇڭقۇرلۇقنىڭ بىردىن – بىر ئىگىسى . ئىنسانىيەتنىڭ قەلبىدە مەۋجۇت بولغان ، يەنە كېلىپ ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق بولغان بارلىق << ئۆلگەن >> دىن كېيىن ئىنسان ئۆزىگە مەنسۇپ بولدى . ئىنساننىڭ قەلبىدە ئۆزىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى . بۇ يەردىكى << مەن >> ،<< ئۆز >> شەخسىي ئۆز بولماستىن ، ئۆزلۈك ئېڭى ئارقىلىق ئىرىشكەن ئوموم روھىيەتتىكى ئۆزلۈك ئىدى . بۇيەردىكى ئۆزلۈك دەل ئۆزىنى بىلىش ، ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش ، ئۆزىنى تونۇش ، ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش مەنىۋىيەت ئىنقىلاۋىدىكى خىرىس . دېمەك ، ئادەم – ئۆزىگە – ئۆزى خىرىس قىلىش يولىدىكى كائىناتنىڭ مەركىزىگە يۈرۈش قىلغۇچى . مانا شۇ ئويلىنىش ئىچىدە تارىخى بېتىگە پۈتۈلگەن ئۇيغۇرلار ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ، ئۆزىمىزنى تونۇتۇش ۋە باشقا ئىتىقاد ئىنقىلاپلىرىمىزدا ئۆزىمىزگە قانچىلىك خىرىس قىلالىدۇق ؟ ئۆزىمىزگە قانچىلىك غالجىرلىق بىلەن تاشلىنالىدۇق ؟! ...
ئۇيغۇرلار بىزگە مەلۇم بولغان يېزىقسىز مەدەنىيەت تارىخىنىڭ باشلاملىرىدا دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئىپتىدائى ئۇلۇسلارغا ئوخشاش مەلۇم بىر ھايۋاننى ، ئىنىقراق ئېيىتقاندا بۆرىنى ئونغۇن قىلىپ تاللىۋالغان ئىدۇق . ئونغۇن – ئۇ ئىنسانىيەتنىڭ تەۋەللۇت تارىخى . بىز بۆرە بىلەن جۈپلەشتۇق .  بۆرە  بىزگە يول باشلىدى  . بۆرىنىڭ قىرىنىدا بىرگە ياتتۇق ، قىرىنداش بولدۇق . بۆرە باشلىق كۆك ئەلەم بىزگە تۇغ بولدى . بىزنىڭ قەلبىمىز كۆكتەك چەكسىزلىككە تويۇنغان ئىدى . يەنە بىر رىۋايەتتە دەرەخ بارغانسىرى يوغىناپ ، بوشانغاندىن كېيىن بىز تۇغۇم بولدۇق . يېشىل رەڭ ھاياتلىق ، تىنىچلىق سۈپىتىدە قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالدى . ئېستېتىك زوق بىلەن تويۇنغان دۆۋىلىك بالياتقۇسىدىكى 10 بوۋاق رىۋايىتى بىزگە بۈيۈكلۈك ئاتا قىلدى . قىيا تاش سۈرەتلىرىدىكى جىنىسقا تىۋىنىش ئىتىقادلىرىمىز ئاساسىدا تىكلەنگەن ئۆزلۈك ئېڭىمىزنىڭ بىخلىرى يۇقارقى رىۋايەتلەرنىڭ مول ئوزۇقلۇق قىممىتى بىلەن باراخلاپ شامانىزىم ئىتىقادىمىزدا چېچەكلەپ مېۋە بېرىشكە باشلىدى . ئوتقا چوقۇندۇق . ئوغۇزخان تىكلىگەن قان قىلىپ ، ئوقيا ئەكىلىش ئۈچۈن ، ئوتتىن ئاتلاپ تەرەپ – تەرەپكە يۈرۈش قىلدۇق . ئوتتەك لاۋىلداپ كۆيۈپ ، يا ئوقلىرىنى يۈرىكىمىزدىن سۇغۇرۇپ ئالدۇق . يا ئوقىنى تاپقاندا ئۆزىمىزنى بىلدۇق . كۆلتىگىن ۋە بىلگە تۇنيۇقۇقلار تارىخنىڭ بۇ سەمەرىسىنى تاش ئابىدىلەرگە چوقۇپ ، ئۆزلۈك ئېڭىمىزغا قىياندەك تاشلانغان روھىيەت ئىستىلايىمىزدىكى ئىشغالىيتىمىزنى بىلسۇن ئۈچۈن بىزگە قالدۇرۇپ كەتتى . يۈرىكىمىز تاشتەك ئىدى ، ئۇ تاش مەنىۋىيەت ۋە روھىيتىمىز بىلەن ئۇيۇل بولۇپ قاتقانلىقى ئۈچۈن تارىخنىڭ ئەشۇ ئويۇلغان بەتلىرى ئەسىر شاماللىرىنىڭ يالاشلىرىدا ئۇپرىماي بىزنى سەگىتىپ كەلدى . چىن تۆمۈر باتۇر مىسران قىلىچىنى قولغا ئېلىپ ، كاپ – كاپ كۈچىكىنى ئەگەشتۈرۈپ ، ئۇزمۇقنىڭ لەكمىڭ – لەكمىڭ قوشۇنىنى ئۆزى يەكمۇ – يەك ئېلىشىپ تىرى – پىرەن قىلغاندا قايسىمىز بار ئىدۇق ؟ چىن تۆمۈر باتۇر روبىرو تۇرۇپ ئۆزىنى تونۇتقان ئىدى . مىسران قىلىچ ھەرگىزمۇ ياۋنىڭ بېشىغا ئۇرۇلغان ئەمەس . بىزنىڭ يۈرىكىمىزگە قادالغان . مەختۇمسۇلا بىز ئۈچۈن چىن تۆمۈر باتۇرنى ئىزدىدى . چىن تۆمۈر باتۇر مەختۇمسۇلانى ئەمەس بىزنى ئىزدەپ ئىككى كۆزى كور بولدى . چىن تۆمۈر باتۇر بىلەن مەختۇمسۇلا ئىزدىگەن بىز ئۆزىمىز ئىچىدىكى بىز ئىدۇق . ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە تونۇتتۇق ، ئۆزگىلەرگە تونۇتقۇزدۇق . چىن تۆمۈر باتۇر مەختۇمسۇلانىڭ ئالمىسىنى كۆزىگە سۈرۈتكەن ئىدى ، كۆزى يورىدى . بىز ئۆزىمىزنى ئەنە شۇنداق كۆزىمىزگە سۈرتۈپ تونۇدۇق ، ئۆزىمىزنى بىلدۇق . چىن تۆمۈر باتۇر ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە تونۇتتى ، ئۆزىمىزنى باشقىلارنى تونۇتتى .
قەدىمكى تۈرك – رونىك يېزىقى ، ئورخۇن – يىنسەي يېزىقى ، ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى ، چاغاتاي يېزىقى بىزنى يەنە بىر قېتىم يۈكسەلدۈرۈپ ، مەدەنىي ھاياتىغا باشلاپ كىردى . يىپەك يولى مەدەنىيتى بەرپا قىلدۇق ، ھىندىستان بۇددا مەدەنىيتىنى ئۆزىمىزگە سىڭدۈرۈپ يەنە ئۆزىمىزنى نامايان قىلدۇق . بىراق يېقىنقى بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە غەبلەت ئۇيقىسىغا پېتىپ ، جەندە قۇياقلار تىلەمچىلىك قىلىپ ئۆزىمىزنى ئۇنتۇشقا باشلىدۇق . ئەپسۇس ، يەنە نېمىلەرنى قىلىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىمىزنى تونۇپ يېتىشكە تارىخ ئالدىدا قەرىزدار بىز . ئىنسانىيەت مەنىۋىيەت ئېڭىدا مەڭگۈلۈك قۇدرەت ، غايەت زور جەلىپ قىلىش كۈچى بىلەن تويۇنغان بۈيۈك سەنئەت ئىگىسى تەڭرىنىڭ يىتۈك سەنئەت ئەسىرى پۈتكۈل كائىناتنىڭ روھىيەت قاراڭغۇلىقى ئىنسان ئەقىل – پاراسىتىنىڭ مەدەنىيەت قۇياشىدا يورىغان مومىنىتتىن باشلاپ ، ئاياللار جەمئىيەتنىڭ دەسلەپكى شەكلى بولغان << ئانا ئۇرۇقداشلىق جامائەسى >> نى تەشكىل قىلىپ ، ھەرقايسى مەدەنىيەت قاتلاملىرىدا ، بولۇپمۇ سەنئەتشۇناسلارنىڭ ئەبەدىيلىك سەنئەت ئەسىرى بولمىشلىرىنىڭ ئېستېتىك ئوربىتاسىدىكى جەلىپكىرانە سىمۋولى بولۇپ چەكسىز تىلسىمات بىلەن پۈركەندى . دەرۋەقە مېھىر – مۇھەببەت ، ۋاپا ، ئىزگۈلۈكنى پۈتۈن ۋۇجۇدىنىڭ ھەربىر روھىيەت ھۈجەيرىلىرىگىچە سىڭدۈرگەن ئاياللار گۈزەللىك ئىلاھى بولۇپ جاھان ئەھلىنى ھەيرەتتە قالدۇرالىدى ؟ دېگەن سۇئال تۇغۇم بولىدۇ .
رىۋايەتتە << ھاۋۋا ئانا >> جەننەتتىكى چەكلەنگەن مېۋىنى ئۆزى يېگەندىن كېيىن << ئادەمئاتا >> نىمۇ يېيىشكە ئۈندىگەن دېيلىدۇ . ھەقكى << ھاۋۋا ئانا >> ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئاتالمىش تۈنجى ئىسيانكارلىق تۇغىنى كۆتىرىپ  ئىنسانىيەتنى ئېھتىمال قۇياشنىڭ كېرىكى بولمىغان بېھىشتىن قۇياش ئاستىدىكى بۇ پارلاق زېمىنغا باشلاپ كىردى . مەدەنىيەت قۇياشىنىڭ نۇرى – يىلىنجاۋاتقان چوغنى يەنىلا تۈنجى قېتىم ئالقىنىغا ئېلىپ ئىنسانىيەتنى مەدەنىي ئالەمگە يۈزلەندۈرگەن ئاتالمىش ئىسيانكارلىق روھىنى ئىپادىلىگۈچى ئاياللار كېيىنكى بىر قانچە ئىرالاردا مەدەنىيەتتە باشلامچى ۋە يېتەكچى بولۇپ ماددا ئىلاھىيەتچىلىك دەۋرىدە ئىلاھەلەرگە ئايلاندى . چەكسىز مەدەنىيەت بوشلىقىنىڭ كۆركى بولغان سەنئەتنىڭ تىل يۈكسەكلىكىدىكى يۇقۇرى كامىللىققا ئىرىشكەن ئاياللار ئۇيغۇرلارنىڭ ئونغۇن ئىتىقادىنىڭ ھاسىلاتى كۆك بۆرە ئەپسانىسىدە ئانا سۈپىتىدە ئۇلۇغلانسا ، نۇرلۇق ئېپوس << ئوغۇزنامە >> دە كۆك نۇر ئىچىدە جۇلالىنىپ ، تەڭرىنى ئۆز كۈلكىسىگە ، ئۆز يىغىسىغا جۈر قىلىدۇ . پىنھان دەرەخ كاۋىكىدا تەنھا ئولتۇرۇپ ، قىيا بېقىشى بىلەن يارتىلىشى قەدىم بىر قەۋىمنىڭ ھاياتلىق ئىرادىسىدە پۈتكۈن ئوغۇزخاننى سۆيگۈ قەسىرىگە باشلاپ كىرىدۇ . << چىن تۆمۈر باتۇر >> داستانىدا كۆل سۈيى يۈزىگە يېيىلغان رۇستەم باتۇرنىڭ ئايالىنىڭ چېچى قېرىلىق يەتكەن رۇستەم باتۇرنى ھاياتى ئويغىنىشقا ئىگە قىلىپ چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ تەۋەللۇت بولىشىغا سەۋەپ بولسا ، مۇختۇمسۇلانىڭ سۇدا ئېقىپ كەلگەن بىر تال چېچى ئۇزمۇقنىڭ بوينىدىن چىرماپ ، تالاي كىشىلەر چىن تۆمۈر باتۇر تەرىپىدىن ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى .
شەكسىزكى ، ئۇيغۇرلارنىڭ بەدىئى ئەدەبىيات مېۋىلىرىدە گۈزەللىكنىڭ شەكىل ھەم مەزمۇن ئاساسلىرىنى ئۆزىنىڭ كۆك نۇر ، كۆك بۆرە ، دەرەخ ، سۇ ، قارا رەڭ ،   كۆك رەڭلەردىن ئىبارەت ئۇلۇغلۇق چۈشەنچىلىرىدە بىزەپ ، ئاياللارنىڭ ئېستېتىك قۇۋۋىتىنى ئىتىقادنىڭ چوقۇندۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگە قىلغان بولسا ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ چولاق ھالىتى بىلەن جاھان ئىشلىرىنىڭ پۈتۈنلەنمەسلىكىدىن ئىبارەت كىشىلىك ھايات قانۇنىيتىنىڭ پەلسەپىۋى يەكۈنىنى گۈزەللىك سىماسىغا سىڭدۈرگەن << ۋىناس >> ھەيكىلى تالاي كىشىلەرنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلدى . ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك تەبەسسۇمى بىلەن ئىنسانىيەتكە قاراپ تۇرغان << مونالىزا >> قەلىبلەرنى ئەمىنلىككە ئىرىشتۈرۈپ خاتىرجەملىك تۇيغۇسىغا چۈمۈلدۈرسە ، تېخى تۈنۈگۈنلا قۇم ئاستىدىن چىقىپ كۆپ – كۆك كۆزلىرى تەكتىدە مەدەنىي تارىخنى يورۇتقان << كىرورەن گۈزىلى >> مۆجىزىلىك مەدەنىيەت شاھىدى بولۇپ مەدەنىيتىمىزنىڭ گورزىنتال تەكشىلىككە كېڭىيىپ كېتىۋاتقان ھازىرقى ھالىتى ئىچىدىكى ئاكتىۋال پوزىتسىيەلىك ھەرىكەتتە تۇرىۋاتقان زامانىمىز ئاياللىرىغا شۆبھىلىك تىكىلىپ قالدى . مەدەنىيەتتە ئالغا كېتىپ ، ئىجتىمائى تەڭسىزلىك شۇئارىغا كۆرە ئاتالمىش << ئاياللار ئازاتلىقى >> ئۈچۈن كۆرىشىۋاتقان ھەم ئۇتۇققا ئىرىشكەن مۇنەۋەر تىپلارمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە . ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە ئويلىنىشقا مەجبۇرمىزكى ، ئاياللار مەدەنىيەتنىڭ سرتقى پوستى ماددى سۈپەتتە ھايا چۈمپەردىسىنى قايرىپ ، قوبۇل قىلىش زۈرۈرىيتى ئاز بولغان ياكى قوبۇل قىلىش ھاجىتى بولمىغان گورزىنتال مەدەنىيەت ئىسترېلكىسىنى خېلى يۇقۇرى تىك چەككە يەتكۈزدى . ئەكىس پىكىر يۈرگۈزسەك نىپىز يىپەكلەردىن كۆرىنىپ تۇرغان بەدەنگە ، ئۆپكە – ھېسىپتەك تىقىلىپ ، قازاق قوينىڭ قۇيرىقىدەك لىغىلداپ تۇرغان ، بەل – كىندىك كەيگۈلەرنىڭ پاسىللىرىدا مارلاۋاتقان پىگورلۇق تەنلەرگە ئەركەكلىرىمىزدىن بىئولوگىيەلىك ھەم فىزولگىيەلىك گۆش ، ئاناتومىيلىك قۇرۇلمىلىق شەكىل سۈپىتىدە قارىيالايدىغانلار مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ دەپ كۆز يۇمالايمىزمۇ ؟ ئىسانىي ھېس – تۇيغۇنى روھى چۇلۋۇر بىلەن باشقۇرۇپ مەنىۋى قابىللىق بىلەن تويۇندۇرالىغاندىمىزمۇ ؟ قانچىلىك ئاتىلىرىمىز ، قانچىلىك ئەركەكلىرىمىز شاراپخانىلاردىن چىقىپ ، قىمار سورۇنلىرىدىن دەس تۇرۇپ ، سول قولىدىكى چۇلۋۇر بىلەن ئۆزىنى ، ئوڭ قولىدىكى چۇلۋۇر بىلەن << بىر تال قوۋۇرغا >> سىنى تىزگىنلىيەلىگەندۇ ؟ ... ھېلى ھەم مەدەنىيتىمىز يۈكسەكلىكتىن سۆزسىز ھالدا كەڭلىكتە قار توپچىسىدەك دوملىماقتا . ئاياللار نەزىرىنى كەينىگە بۇرىسا گۈزەللىكنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە ئىتىقاد بىلەن سۇغۇرلۇپ ، مەدەنىي رېئاللىق ئىچىدە مېھىر – مۇھەببەت ، ۋاپا – ئىزگۈلۈك بىلەن ھىدلانغان باغرىدا پۈتكۈل كائىناتنى قۇچاقلاپ تۇرغان ھالەتتە كۆرەلەيدۇ . ئەركەكلەر بولسا كۇرمىڭ لەشكەرلەر ئارىسىدا بىمالال ئۇر – چاپ قىلىپ يۈرگەن چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ ئۆزىگە سالجىدەك يېپىشقان چەرەندە – پەرەندىلەرنى بىر ياققا ئىرغىتىۋىتىپ بىز بىلەن كۆرىشمەك ئۈچۈن كۈلۈمسىرەپ تۇرغىنىنى ، ئوغۇزخاننىڭ ئەل – قۇنۇمنىڭ بېشىغا ئاپەت بولغان قىئاتنى نەيزىسى بىلەن سانجىپ ، مۆرىسىگە قارچۇغىنى قوندۇرۇپ تۇرغان ، ئوڭ قولىنى سول كۆكسىگە قويۇپ مەردانە سالام ھالەتتە كۈلۈپ تۇرغانلىقىنى بايقاپ خىجىللىق ھېس قىلىدۇ . ئەينى ۋاقىتتا نۇزۇگۈم قەشقەردىن مانجۇ چىرىكلىرى زۇلۇمىدا ئېلىپ مېڭىلغاندا بىر باقىدىن باشقا جىمى ئەركەكلەرنىڭ يولدا تاماششا كۆرۈپ ، نۇزۇگۇمنىڭ ھەسرەتلىك قوشاقلىرىنى ئاڭلاپ كەينىگە ئەگىشىۋالغان زەئىپ قىياپىتىدىن نۇمۇسقا چۈمىدۇ . ۋۇجۇدىنى قارا تەر باسىدۇ . بۇلار ئەركەكلەر ۋە ئاياللارغا تەئەللۇق بولغان مەسئۇلىيەت ۋە بۇرۇچ ئىدى .
بىز كەلگۈسى ئۈچۈن ئۆتمۈشكە قارىغاندەك ، كەلگۈسىدىكىلەر كېلىچەك ئۈچۈن  بۈگۈنكىلەرگە نەزەر سالىدۇ .   ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سۆيۈملۈك ئانىلىرىغا ، قەدىرلىك دادىلىرىغا مۇھتاج بولۇپ ، مەنىۋىيەت بوشلۇقىنىڭ ئىزگۈلۈككە ئىستىلا قىلنىشىنى ئىستەيدۇ ، تەبەسسۇم كۈتىدۇ . نېمىشقا ئىپتىدائى ئادەملەر ۋە ھازىرقى زامان مەدەنىيتىدىن شۈنچىكى مۇستەسنا قەۋىملەر ، خەلقلەر جىنسى ھېسياتنى شۈنچە مەخپىي تۇتىدۇ ؟ ئۇلاردا كۈچلۈك ئەخلاق ، جىنسىيەتتە يۈكسەك مەنىۋى تويۇنۇش بولغانلىقى ئۈچۈنمىدۇ ؟ بىزدە ئىپپەت سودىسى ئېشىپ – تېشىپ تۇرۇپتۇ ... بىز ئىپتىدائى  ئورمانلاردا ،  تولىمۇ چەت  – يىراقلاردىكى دەل – دەرەخلەرگە ، جۈملىدىن توغراق ، جىگدىلەرگە تۈپ – تۈز ، رەتلىك بولۇشتەك ياغاچچىلىق سۈپەت ، قائىدە – مىزان تەلىۋىنى قويالايمىزمۇ ؟ مانا بۇلار بىزنىڭ ئىددىيمىزگە بويسۇنمايدىغا تەبىئىلىك ؟ لېكىن بىز بۇنى كېرەك قىلمىدۇق ، بىز قانچىكى ئىجتىمائىلاشقانسىرى تەبىئىلىكىمىزنى يوقۇتۇپ قويدۇق . ئۇلار – ئىپتىدائى ئادەملەر ساددا ، پەدەسسىز . ئۇلاردا ئەخلاقى چۈشەنچە بولغان ئەمەس ، ئىتىقاد بولغان ، ئىتىقاد بىلەن روھىنى پەردەزلىگەن ، لېكىن يالىڭاچ يۈرگەن ، بىزچۇ ؟ دەسلەپ تېنىمىزنى يۆگىگەن ئىدۇق ، روھىمىز يالىڭاچ ئىدى ، مانا ئەمدى تېنىمىزمۇ يالىڭاچلىنىشقا باشلىدى . بۇنىڭ رۇشەن ئىپادىسى شۇ بولدىكى مىللى كىملىك ، مىللى ئۆزلۈك كۈچلۈك خىرىسقا دۈچ كەلسىمۇ ئۆزىمىزنى ئاۋارە قىلماي يۈرىۋەردۇق . بىز ئەخلاقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەتتۇق ،بىراق ئىپتىدائى ئادەملەر ئاتالمىش ئەخلاقنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ . ئەخلاق ۋە ئۇنىڭ پىرىنسىپلىرى كېيىنكىلەرنىڭ ئىجادىيتى ،  پەقەت جىنسىيەتكە قارىتا ، بارلىق ھاياتلىق مىزانلىرىغا قارىتا مۇققەددەس روھ ئىچىدىكى تەلۋىلەرچە ئىتىقاد بار . بۇ دەل بىزدىكى كىرزىس ، يەنى ئىتىقاد كىرزىسىدۇر . مىللى كىملىككە ، مىللى ئۆزلۈككە قارىتا  سۇسلىشىۋاتقان ئىتىقادنىڭ يىمىرلىشىدۇر . ئىپتىدائى ئادەملەر ئۆلۈمدىن قورۇققان ، ئۆلۈمگە يۈزلەنگەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزى ھەققىدە ئىزدەنگەن ، ئۆزلۈك ئېڭىنى نامايەن قىلغان .  بىز ئۆلۈمدىن  قۇرۇقساقمۇ ئۆلۈمگە يۈزلىنەلمەيمىز ، شۇڭا ئۆزىمىزنى بىلمەيمىز ، ئۆلۈم ئىچىدە ئۆلۈمدىن قورقۇپ ياشايمىز . كائىنات تۈگۈنلىرى ، كاتتا يۈكسىلىشلەر ئۆلۈمدىن قورۇقماي ئۆلۈمگە يۈزلىنىپ ئۆزىنى بىلگەنلەرگە مەنسۇپ .
شەرق ۋە غەرپ – بۇ كۈن چىققان تەرەپ بىلەن كۈن پاتقان تەرەپنى ئىپادىلىگۈچى جۇغراپىيەلىك ئاتالغۇ ئىكەنلىكى ھەممەيلەنگە مەلۇم . بۇ ئاتالغۇ ئوخشاشمىغان مەدەنىيەتنى بىلدۈرۈشتەك ئىستىمال مەنىسىنى ئۆزىگە يۈكلىگەندىن بۇيان ، مەدەنىيەتنىڭ ئىككى قۇتۇبىغا ئايلىنىپ ، ئىدولوگىيەلىك توقۇشنى سۈپەتلەشتىكى يىغىنچاقلاش كۈچى تولىمۇ زور بولغان مەدەنىيەت تەرەپلىرى بولۇپ قالدى . شەرققە مەنسۇپ بولغان ئاسىيانىڭ قىتئەسىنىڭ مەركىزىدە ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئۇزاق ئەسىرلەردىن تا بۈگۈنگىچە ئىككى قۇتۇپنىڭ زەرەتلىشىگە ئۇچراپ ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى خاسلىققا ئىگە بولغان بىلگۈلىرىنى ساقلاش ، قوبۇل قىلىش ، بېيىتىش بىلەن تارىخنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ كەلدى . بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىمىزنى ، چىدامچانلىقىمىزنى مىللەتشۇناسلار ئېغىزىدىن چۈششۈرمەيدىغان يەھۇدىلاردىن يۇقۇرى ئورۇنغا قويۇشقا بولدىكۇ ، تۆۋەن ئورۇنغا قويۇشقا بولمايدۇ . چۈنكى ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ بولغان ئىتىنىك تەركىبىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، قانداقلا بولمىسۇن ھازىرقى زامان مىللىتىگە ئايلانغۇچە شەرق ۋە غەرىپنىڭ غىدىقلىشىدىن بىر دەقىقىمۇ قۇتۇلغىنى يوق . ئۇيغۇر مىللىتى شىمالغا مەنسۇپ تىپىك يايلاق مىللىتىدىن ئىكىنزار مىللەتكە ئايلانغۇچە ئۇرۇشتىنمۇ بەكرەك دەھشەتلىك بولغان مەدەنىيەتلەر ئىستىلاسىغا دۇچچار بولدى . ئاخىرى يەنە قەدىمكى مەدەنىيەتلىك مىللەتلەر قاتارىدا تىلغا ئېلىنىشتەك شەرەپكىمۇ مۇيەسسەر بولالىدى . چەكسىز ئەگرى – توقايلىق ئىچىدىن غايىپ بولۇپ كەتمەي مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشنىڭ ئۆزى سەل قاراشقا بولمايدىغان ئۆزلۈك قۇۋىتىنىڭ ۋۇجۇدىمىزدا بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى . نۆۋەتتىكى مەسىلە بۇ قۇۋۋەت داۋاملىق خىرىسقا يۈزلەنمەكتە . ئۇيغۇرلار مىلادىدىن ئىلگىرىكى ئۆتمۈشتە چەكسىزلىككە تويۇنغان ، يېشىللىق بىلەن پۈركەنگەن ، ئاتتەك چاپچىپ تۇرغان مەنىۋىيتىدە تەبىئەت بىلەن بىرگەۋدە بولۇپ ياشاشتەك ئىپتىدائى ئىتىقادلىق كۈنلىرىدە پارىس قولتۇقى ئەتراپىدىن كەلگەن مانى ، زوروئاستىر تەلىماتلىرىنى ئېلىپ يۈرۈپ ئەگەشكۈچىلىرى يەتكۈزۈلمىلىرى ؛ غەرىبى - جەنۇبى ئاسىيا بۇدخانىلىرىدىن كوئىنلون تاغلىرى ئارقىلىق ئېقىپ چۈشكەن سىددارتە ۋەز – نەسھەتلىرىنىڭ ئىرىتشلىرىگە ئۇچراپ ، بۇدخانا ، ساڭراملارنى كۆپلەپ سېلىشتى .   يۈرۈش – تۇرۇش ،  كېيىنىش ئادەتلىرى ، تۇرمۇش شەكىللىرى ئۆزگەردى . شۇنداقتىمۇ ئۇلارنىڭ مەنىۋىيەت بوشلىقىدا بار بولغان چەكسىزلىك ، يېشىللىق ھەممە نەرسىنى ئۆزىگە سىغدۇرالايدىغان بولغاچقا ،  قىياندەك ئېقىپ كەلگەن تولىمۇ سىرلىق ، ۋەھىمىلىك ، دىنلاشقان تەپەككۈر ئۈگۈتلىرىنى ئۆزىنىڭ بەكلا ئاددى ، ئەمما تولىمۇ چۇڭقۇر ، پايانسىز بولغان تەپەككۇر ئادەتلىرىگە ناھايىتى تېزلا ماسلاشتۇرۇپ ، تەپەككۇرىدىكى خاسلىقى جەريانىدا ئۆزلۈكىنى قۇتقازدى .
يىراق شەرىقنىڭ ئىكىنزار مەدەنىيتى بىلەنمۇ ئوڭايلا چىقىشىپ ، ئۆزىنىڭ ئىكولوگىيلىك مۇھىتىغا باب ھالدىكى تۇرمۇش روزىغارىنى بەرپا قىلدى .  تارىخنىڭ چاقىنى ئاتلىرى ئارقىلىق سىلجىتىپ ، ئۆزلىكىنى قاڭغىلاردا يۆتكەپ يۈرگەن  بۇ خەلق  ئېتىز باشلىرىدا يېڭى ھاياتىنى قۇرۇپ ، كۆنۈككەن ، خاس تەپەككۇر ئۇدۇملىرى بىلەن ياشاپ قىلىۋەردى . شىمالدىن شەرققىچە بولغان قىيپاش زونىدا تەبىئەت مەئىشەتلىرىدىن بەھىر ئېلىپ تۇرغۇچى بۇ كىشىلەر ئەتراپ شەرقلىرىنىڭ مەركىز شەرققە بولغان مەدەنىيەت يۈرۈشلىرىنى ھاياتلىق ئىمكانىيەتلىرىدە كۈتىۋىلىش بىرگە ، نىشانسىز ، تۇغسىز ئەمەس ، چاقناشلىرىدا ئۆزىنى ساقلاپ ، ئۆزىنى تونۇتتى . بىراق يۈرۈشلەر ، چاقناشلار بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىگەن ئىدى . ئىرۇسالىمدىن كەلگەن مىسسىيونىرلار ، ئەرەپ قۇملىقىدىن كەلگەن ئىسلام تارقاتقۇچىلىرى بىزنى يەنە بوش قويمىدى . مىسسىيونىلارنىڭ قەدىمىي ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەسكەرلىرىنىڭ بۇ يەرگە بوش ئۇرۇلۇپ ئارقىغا قايىتقىنىدەك ، نەتىجىسى دىققىتىمىزنى ئانچە تارتىپ كېتەلمەي ، ئەرەپ ئاتلىرىنىڭ تەكلىماكان قۇملىقىدا كىشنەشلىرى بىلەن بۇ ئىشلار تۈگەنلەنگەندەك بولدى . ئەرەپ قۇملىقى بىلەن تەكلىماكان قۇملىقى دەشتى ئىسسىقتىكى پىژ – پىژلىرىنىڭ ئوخشاشلىقى ئىسلامنىڭ بۇيەردە يىلتىز تارتىشىنى جۇغراپىيەلىك تۇپراق بىلەن تەمىن ئەتكەن بولسا ، روھىيەتتىكى قىززىققانلىق ، چاڭقاقلىق ، بۇدخانا – ساڭراملارنىڭ تەسىرىدىن بېسىلىپ قېلىۋاتقان چەكسىز بوشلۇق ، تاغلاردەك بەھەيۋەت ، دەرەخلەردەك ئېگىز ، ئات قۇلانلىرىدەك چاپچىش ئىستەكلىرى ئىسلامنىڭ يېڭى ھەم ئۆزگىچە مەنە ، ئەخلاق ئۆلچەملىرى بىلەن ئۇچقىشىش بىلەنلا مەنىۋى توپا بىلەن قەلىب تەشتەكلىرى تېخىمۇ لىقلىنىپ ، روھ گۈللىرى رەڭدار جىلۋىسى بىلەن تېخىمۇ نۇرلاندى . يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا تۈركىي قەۋىمگە مەنسۇپ بولغان ئۇيغۇرلار بىلەن قەبىلە ھالەتتىن ئەمدىلا قۇتۇلۇشقا باشلاپ ، ئىسلام دەۋرىگە كىرىشكە باشلىغان ئەرەپلەر ئوتتۇرسىدا ئىپتىدائى ئۇچۇرشىشلار ( ياپەس تىل سېستىمىسىدىكىلەر بىلەن سام تىل سېستىمىسىدىكىلەرنىڭ بابىلۇن دەۋرى ھەم ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى دەۋىر كۆزدە تۇتىلىدۇ ) دىن باشقا تەن كۆرۈمى ، قاراملىق ، ئۇرۇشخۇمارلىق جەھەتلەردىكى بەلگىلىك ئورتاقلىق روھ پايانلىرىدا دوقۇرشۇپ ، سالام – ساھەتلەردىن ئىپتىدائى تونۇشلۇقنى ( تارىختىن ئاۋالقى ) ئەسكە ئېلىشقانلىرىنى ئۇ خىل چاقناشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىكەنلىكى ئىچكى مەنىۋى ئامىللىق تەرىپى ئىدى . بىراق نۇرلىنىش سەئىدىيە خانلىقىنىڭ يىمىرلىشى بىلەن چوڭ تەدىدكە ئۇچراپ ، جاھالىيەت دەۋرى باشلاندى . ئەمما ئۇيغۇرلار جاھالىيەت دەۋرىدىن ئىلگىرىلا بۇددا دەۋرىدىن كېيىنكى يەنە بىر ئۇيۇشۇشچانلىقنى باشتىن ئۆتكۈزىۋالغاچقا ، جاھالىيەت دەۋرىدە چاڭ – چېكىدىن بۆسۈلۈپ ، خانىۋەيران بولغان ، قەلىب بىرلىكى تىتىلىپ توزغاقتەك ئۇچۇپ كېتەيلا دېگەن بۇ خەلق غوجىلار ھاكىمىيتىنىڭ غۇلىشى بىلەن مانجۇلارنىڭ زۇلۇمى ، يەرلىك مۇستەبىتلەرنىڭ تالان – تاراجلىرىدىن پەيدىن – پەي سەگەكلىشىپ ، مەھەللىۋى تەپرىقىچىلىك ، دىننىي گورۇھۋازلىقنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە ئويلىنىشقا باشلىدى . ئىختىسادى ۋە مەنىۋى جەھەتتىن تولۇق ۋەيران بولغان بۇ كىشىلەر توپى ھەممىنى قايتىدىن قۇرۇشقا دۈچ كەلدى . زور بەدەل ، ئاجايىپ ئىچىنىشلىق مۇشكىلاتلاردا يېڭى دەۋىرگە قەدەم قويۇپ ، ھازىرقى زامانغا كىرىشكە ئاران ئۇلاشتى . يايلاق تۇرمۇشىدىن ھازىرقى زامان تۇرمۇشىغىچە بولغان ئۇزۇن سەپەرلەردە شەرقنىڭ تەسىرى ھامان ئاساسىي ئېقىمنى ئىگەللەپ ، ئاتا قىلغانلىرى بىلەن تارتىۋالغانلىرى يېيىشىپ دېگۈدەك يېقىنقى زامانغا ئاران ئۇلاشتۇردى . شۇنداق قىلىپ بىز غەرپنىڭ تەسىرىدىن ئاساسەن مۇستەسنا دېگدەك ياشىدۇق . پەقەت ئاكا – ئۇكا مۇسا بايۇفلارنىڭ غەرپ سانائەت ئىنقىلاۋىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئەكىرىپ ، غەرپنى چۈشۈنىشكە ئازراق ئىمكانىيەت يارتىپ بەرگىنىدىن باشلاپ ، تاشكەنىتچىلەر بىر – بىرلەپ يوقۇتۇلۇپ ، غەرپنىڭ ئىزنالىرى تەلتۈكۈس تازلىۋىتىلىش ئۇرۇنۇشلىرىغىچە بىز يەنىلا شەرق تەسەررۇپىدا بولدۇق . غەرپنىڭ ماددى جەھەتتىكى زامانىۋىلىقى بىزگە ئازراقلا قارىسىنى كۆرسىتىپ ، مەنىۋى جەھەتتىكى چۈشكۈنلىكى بىزگە چاپلاشمايلا ، غەرپكە ئىنتىلىش ئارزۇ – ئىستەكلىرى قەلبىمىزدە بىخ  ئۇرۇشقا  باشلىدى .  بىز بۇ چاغلاردا ئاللىقاچان ھالسىراپ ، تۇمشۇقىمىز يەر تىرەي دەپ قالغان بولساقمۇ ، شەرق بىلەن غەرپنىڭ توقۇنۇشلىرىنى كۈتىۋىلىشقا ئۈلگۈرۈپ ، << مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى >> نىڭ ئەسەبىيلىكلىرىدە كۆرمىگەن كۈنىمىز قالماي ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قاتارىدا ئىسلاھات ، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش چېچەكلىرىنىڭ مېۋىلىرىنى تىتىپ كۆرۈشكىمۇ مۇيەسسەر بولدۇق . بۇ يەردە شۇنىمۇ دېيىش كېرەككى ، يايلاق دەۋرىدە << ئوغۇزنامە >> ئېپوسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېپوس – رىۋايەتلىك مەدەنىيەت ئۇتۇقلىرىدىن مەڭگۈ تاش ئابىدىلىرىنى تىكلىگەن بولساق ،  بۇددا مەدەنىيتى دەۋرىدە نوم – بىتىك تەرجىمچىلىكى ، بۇددا ئەدەبىياتى ، بۇددا تاشكېمىر سەنئىتى ئارقىلىق مىڭ ئۆيلەردە ئىز قالدۇردۇق . قاراخانلىقى دەۋرىدىن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئاخىرىقى دەۋرىگىچە جاھان مەدەنىيتىنىڭ ئالغا كەتكەن يۆلىنىشگە ماس قەدەمدە بايراقدار بولدۇق . جاھالىيەت دەۋرىدە دەۋرىشلىك قاينىمىغا غەرق بولغان بولساقمۇ ، قايناملاردا ئۆز مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاشتەك ھاياتى كۈچىمىزنى نامايان قىلدۇق .زۇلۇم ۋە مۇستەبىتكە يولۇققان كۈنلىرىمىزدە ناھەقچىلىككە مۇش كۆتىرىپ چىقالايدىغان قەھرىمانە روھىمىزنى ، غەرپ سانائەت ئىنقىلاۋى ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولالايدىغان جاسارىتىمىزنى ، سانائەت ئېڭىنىڭ بىز ئۈچۈن يات نەرسە ئەمەس ئىكەنلىكى ، سانائەت بىلەنمۇ شۇغۇللىنالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلاپ بەردۇق .  
دېمەك بىزدە ئەسىرلەردىن ئەسىرلەرگە داۋام ئەتكۈدەك ھاياتى كۈچ بار . لېكىن ، بىز بۈگۈنكى دەۋرىمىزدە تارىختىن بۇيان دۈچ كېلىپ باقمىغان مەنىۋى رىقابەت ئىچىدە تۇرىۋاتىمىز .  بىز ياشاۋاتقان بۇ جاي قازانغا ئوخشاش يەر شەكلى ئالاھىدىللىكى بويىچە شەرق بىلەن غەرپنى قاينىتىۋاتىدۇ .  قازاندا قايناۋاتقىنى شەرق سۇسلىشىۋاتقان ئەخلاقى ، ئەقلى ، مەنىۋى پارلاقلىقى بىلەن غەرپنىڭ يىراق دېڭىز بويىدىن كېلىۋاتقان چۈشكۈن ، سىسىق ،  گۇمران بولۇش سىگىنالىنى ئالدىن چېلىپ يۈرىيدىغان ، ئۆزىنى ئۆزىدىن يادلاشتۇرىدىغان بەدبۇي يالتىراقلىرى . بۇنىڭ ئۈچۈن مۇنىلارنى يېزىش مومكىن : كېيىنىشىمىزدە ، تۇرالغۇ – ئولتۇراق رايۇنىمىزدا ، ئوي – پىكىرلىرمىزدە ،  قىززىقىش – ھەۋەس ، ئارزۇ – ئارمانلىرىمىزدا ، تۇرمۇش ئۇدۇملىرىمىزدا شەرق بىلەن غەرپ بىزگە قاراپ تۇرماقتا . مىللى خاسلىق ئۇنتۇلماقتا ، قانداق نەتىجىنىڭ يۈز بېرىشى دەۋىرلەردىن بۇيان روھىمىزدا ئۈزلۈكسىز قۇتراپ ، بىزنى تىنىچلاندۇرمىغان ئۆزلۈك قۇۋۋىتىمىزنىڭ ئىممونىت كۈچى بەلگىلەيدۇ .
ئىنسانىيەت قانۇنىيەت تىلسىملىرى بىلەن يۇغۇرلۇپ ، ماددى روزىغار بلەن تويۇنغان تۇپراق ، سۇ ، ھاۋا كاپالىتىگە ئىگە ياشاش مۇھىتىدىن مەنپەتلەنگەن بىرىنجى كۈن ، بىرىنجى قەدەم ، بىرىنجى تىنىقتىن باشلاپ ئۆزىنىڭ گاھ باھاردىكى  ئېرىقلاردا  ئەگىز سۈيىدەك شىلدىرلاپ ئېقىپ چاك – چاك جەزىرلەرنى ، تەشنالىقتىن ئۈششۈك تەككەن قارا يەر قېتىدىكى يىلتىزلارنى سۆيۈندۈرگەن گۈزەل ھەم لاتاپەتلىك ، چەكسىز مۇلايىم خاراكتىرىنى ؛ گاھ دېڭىز دولقۇنىدەك زىلزىلە ، دەھشەت ۋەھىمە بىلەن ساھىللارغا تاشلىنىدىغان باتۇرلۇقتا كامالەتكە يەتكەن قەھرىمانە جاسارىتىنى ؛ گاھ ئۇزۇندىن – ئۇزۇنغا سوزۇلغانچە زېمىن كۆكسىدىن بۇلدۇقلاپ قىشۇ – ياز ئۆكسىمەي ساياز قۇم بارخانلىرىنى ، بىر – بىرىگە ھاپاشلىنىپ تۇرغان تاغ تىزمىسى ، جىرا ، ھاڭلارنى مىغ – مىغ قورام تاشلىق سايلارنى ئارقىدا قالدۇرغاچ روھلاندۇرۇپ ، كۈجۈم – كۈجۈم مەھەللە ، قەلئە ،  بالىغلارنى ئاۋۇندۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۆگۈزسۈيىدەك سالماق ، سالاپەتلىك ، مەغرۇر ، مۇتەپپەككۇرانە قىياپىتىنى ؛ گاھ ئەينەكتەك تەكشى ، قات – قېتىدىن سۈزۈكلۈك ھەم سوغۇققانلىق چاقنىتىدىغان يىگانە بەستىنى ؛ گاھ قىيان ، تاشقىن تەلۋىلىكىدەك ھەممىنى يالماپ ، دەسسەپ پايخان قىلىدىغان ياۋۇز ، ياۋايى مىجەزىنى ئاشكارلاپ كەلدى . ئىنسانىيەت ئۆزلىرى بارلىققا كەلگەن دەۋىرلەردە بولسۇن ، بارلىققا كەلگەن دەۋىرلەردە بولسۇن كائىنات ۋە ئالەم بوشلىقىنىڭ ماددى ئىمكانىيەت مەئىشىتىنى ، قانۇنىيەت ، سىر – ئەسرالىرى بلەن تولۇپ – تاشقانلىقى ھەممىگە بىلىشلىك ئەمىليەت بولۇپ ، ئىنسانىيەت يارالمىلىنىپ زېمىن مەنىۋىيەت يېپىنچىسى بىلەن يېپىنچىلىنىپ ، روھىيەت قاتلاملىرى بىلەن مىغىرلىنىپ تۇرغان دەقىقىلەر داۋامىدا ، بىزنىڭ يەرشارىمىز بولغان كىچىك كائىناتىمىز ئاجايىپ تۈسكە كىردى . مۇشۇ تۈسلىنىش جەريانىدا جەمئىيەت تەرەققىياتى ماددى ھەم مەنىۋى جەھەتتىكى ياۋايىلىقتىن زامانىۋىلىقنىڭ ماددى ھەم مەنىۋىيەت پەللىلىرىگىچە بولغان باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈشى مۇقەررەر ئىدى .ئىنسانىيەت ئىسلام ۋە خرستىئان دىننىي رىۋايەتلىرىدە ئېيتىلغاندەك بارلىق تەرىپىدىن يارتىلغان ، ۋە ياكى دارۋىنىزىمچىلار ئېيىتقاندەك مايمۇندىن ئۆزگەرگەن بولسۇن ئۇ يالىڭاچ بولۇپ ، ئىنسان ئاتالغان ھەممىمىز ئانىمىزدىن يىپ چاغلىق ئۇچىلىقسىز مەۋجۇتلانغانمىز . جەننەتتە بولغان بولساق چەكلەنگەن مېۋىنى يەپ قىپ – يالىڭاچلىقىمىزدىن خىجىل بولدۇق . شاخ ، ئۆڭكۈرلەردە ياشاپ مايمۇندىن ئۆزگەرگەن بولساق ، شوخا سانچىلىپ ، پۇتاق بىقىنىمىزنى ئاغرىتسا ، ئۆڭكۈرلەردە سوغۇقنى ھېس قىلدۇق .ئەشۇ خىجىللىق ، ئەشۇ ھېس قىلىش مەنىۋىيتىمىزدىكى ئويغىنىش ، روھىيتىمىزدىكى سىلكىنىش بولۇپ ، زامانغا لايىقلاشماقچى ، زامانىۋىلاشماقچى بولغانلىقىمىزنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئىپتىداسى ئىدى . يالىڭاچلىقىمىز ياۋايىلىقىمىزنىڭ ماددى شەكىلدىكى ئىپتىداسى بولغان بولسا ، تۈنجى ئىنتىلىشىمىز زامانىۋىلاشماقچى بولغانلىقىمىزنىڭ غۇۋا ھەم سۇس ، ھەتتاكى مەۋھۇم ساداسى بولۇپ قالغانلىقى دىننىي ھەم سەنئەت خاراكتىرلىك ئەپسانە ، رىۋايەتلىرىمىزنىڭ موھورى سۈپىتىدە بايانلانغان .              
نۆۋەتتە بىزگە كېرىكى قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى تۈزەپ ،  ئەخلاق ئارقىلىق ئاۋامنىڭ مەنىۋىيتىدىكى گۈزەللىكنى ساقلاپ قىلىش ، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن تەبىئەت ماسلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مۇددا قىلغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل ، ئىلمىي تەرەققىيات . بىز ئەزەلدىن تەبىئەتكە ئەڭ يىقىن خەلق ، بۇ بىزدىكى ئارتۇقچىلىق ھەم خاسلىق . يەھۇدىلار يەھۇدى دەستۇرى ئارقىلىق مەجۇتلىقىنى ساقلاپ كەلگەن بولسا ، بىز يايلاق دەۋرىدىكى تەبىەتنى قىزغىن سۆيۈشتەك تەبىئەتكە بولغان ئىتىقادىمىز بىلەن بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق ھەم روناق تېپىۋاتىمىز . تەبىئەتكە بولغان يىقىنلىق ، ئۇنى سۆيۈش ، تەبىئەتنىڭ چەكسىزلىكى ، كەڭلىكى ، بىپايانلىقى مەنىۋىيتىمىزگە بىغىشلاۋاتقان بۈيۈكلىكى – بۇ بىزنىڭ دەستۇرىمىز . ھۆكۈمىتىمىز ئىتراپ قىلىپ ئوتتۇرغا قويغان پۈتكۈل جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ سىجىل تەرەققىيات نىشانىدۇر .     
پايدىلىنىش مەنبەلىرى :
1.        مېھراي مەمتىلى : << تۈركى تىللىق خەلقلەر ئېپوسىدىكى قەھرىمانلارنىڭ ئالاھىدە تۇغۇلۇغ موتىفى ئۈستىدە تەھلىل >> . << مىراس >> ژورنىلى 1996 – يىلى 3 – سان 55 – بەت ئېلىنغان ئىزاھات . << بىرتانىيە ئېنىكلوپېدىيسى >> 12 – جىلىد 556 – بەت .
2.        يۇقارقى 1 – ئىزاھاتتىكى ماقالە << مىراس >> ژورنىلى 1996 – يىلى 3 – سان 58 – بەت .
3.        << شەنخەيجىڭ – تاغ – دەريالار قىسسى >> . قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئەدەبىيات پاكۇلتىتى تۈزگەن << خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى خروماتسىيەسى >> دېگەن كىتاب ، 1 – قىسىم . تۈزگۈچى : ئەسقەر ھۇسەيىن
4.        يۇقارقى 3 – ئىزاھات بىلەن ئوخشاش .
5.        ۋاڭ خۇڭ : << نۇز ئەلەيھسسالام كېمىسىنىڭ سىرى >> . شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى ، ئۇيغۇرچە نەشىر 2 - ، 150 - ، 151 – بەتلەر .
6.        يۇقارقى 5 – ئىزاھاتتىكى كىتاب 7 – باپ .
7.        ئادىل ئالماس ، ئەسقەر پەيزۇللا : << سۇمېرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيتىگە قوشقان شانلىق تۆھپىسى >> . << دۇنيا ئەدەبىياتى >> ژورنىلى 2008 – يىللىق 6 – سان . 87 - ، 98 – بەتلەر .
8.        ۋاڭ ۋېنبېن : << قورقۇمسىز قەسىدە ئۆلگۈچىگە تىۋىنىشنىڭ ئانالىزى >> 14 - ، 15 – بەتلەر .
9.        گەنسۇ ئۆلكىسى سۇنەن ناھىيلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى ئىچكى قىسىمدا تارقاتقان << سېرىق ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى >> دېگەن كىتاب .  
10.        جۇڭ جېڭۋىن : << سېرىق ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى بىلەن ۋىنگىر خەلق چۆچەكلىرىدىكى ئورتاق خۇسۇسىيەت ئالامەتلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسىي ھەققىدە دەسلەپكى ئىزدىنىش >> . << مىراس >> ژورنىلى 1996 – يىللىق 3 – سان .
11.        يۇقارقى 10 – ئىزھات بىلەن ئوخشاش .
12.        13 . 14 . يۇقارقى 3 – ئىزاھات بىلەن ئوخشاش .
15 . << جەمشد ئەپسانىسى >> . << ئىران – تۈركى خەلقلەر ئەپسانىسى >> . ناۋايى << تارىخى مۈلكى ئەجەم – ئىران شاھلىرى تارىخى >> . ئابدۇكېرەم راخمان : << يىپەك يۇرتىدىكى ئەپسانە – رىۋايەتلەر >> . شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى . 1985 – يىلى 1 – نەشىر .
16 . << ئىنجىل – دۇنيانىڭ يارتىلىشى >> ، << ۋارت – جەننەتتىن قوغلىنىش >> . ئۆزبىكچە نەشىر . 1993 – يىلى . << قۇرئان كەرىم >> بىيجىڭ مىللەتلەر نەشىىرىياتى . 1986 – يىلى ئۇيغۇرچە نەشىر .
17 . ئالان دانىس : << دۇنيانى سۇ ئاستىدىن ياراتقۇچىلار – ئەپسانە دەۋرىدىكى ئەرلەرنىڭ ياراتمىشى >> . << مىراس >> ژورنىلى 1994 – يىللىق 1 – سان .
18 . يۇقارقى 3 – ئىزاھات بىلەن ئوخشاش .
19 . << ئۆزبىك خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى تارىخى >> . تاشكەنىت ئۆزبىكچە نەشىر . 1997 – يىل .
20 . داۋىد لىمىڭ ، ئىدۋىن بېلدا : << ئەپسانەشۇناسلىق >> . 101 – بەت . شاڭخەي خەلق نەشىرىياتى . 1990 – يىلى خەنزۇچە نەشىر . 1 – ئىزاھاتقا قارالسۇن .
21 . ئۇرغالچا قىدىرباي تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە نەسىرى تەرجىمىسى 40 – بەت .
22 . << ئەمىر گۆر ئوغلى >> . شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر  نەشىرىياتى . 1998 – يىل . ئۇيغۇرچە نەشىر .
23 . دۇرسۇن يىلدىرىم : <<  < گۆر ئوغلى > داستانىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋاريانىتلىرى >> . << مىراس >> ژورنىلى 1986 – يىللىق 1 – سان .
24 . ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن : << غەربىي يۇرت تاشكېمىر سەنئىتى >> . شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى . ئۇيغۇرچە نەشىر 48 – بەت .
25 . << قۇرئان كەرىم >> 19 – سۈرە مەريەم 16 - ، 17 - ، 18 - ، 19 - ، 20 - ، 21 - ، 22 – ئايەتلەر . بىيجىڭ مىللەتلەر نەشىرىياتى . 1986 – يىلى . ئۇيغۇرچە نەشىر . << ئىنجىل – مەتتادىن كەلگەن خۇشخەۋەر >> 1 – پارە 18 - ، 19 - ، 20 ، 21 - ، 22- ئايەتلەر . 1993 – يىل ئۆزبىكچە نەشىر .
26 . جاڭچىڭيۈن : << غەرپ مەدەنىيتىدىكى بۆرە ئوبرازى >> . << تەڭرىتاغ >> ژورنىلى . 1996 – يىللىق 6 – سان .
27 . لىۋىس ھىنرى مورگان : << قەدىمكى جەمئىيەت >> 1 – قىسىم . شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1992 – يىل . ئۇيغۇرچە نەشىر .
28 .29 . يۇقارقى 24 – ئىزاھاتتىكى كىتاب 223 - ، 326 - ، 327 - ، 331 – بەتلەردىكى رەسسىملەرگە قارالسۇن . كىتابتىكى باشقا رەسسىملەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە .
30 . يۇقارقى 5 – ئىزاھات بىلەن ئوخشاش .
31 . يۈسۈپ  ماماي  ئېيىتقان  << ماناس >> ئېپوسى 1 – بۆلۈم 1 – قىسىم 36 – بەت . شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى .1991 – يىل .
32 . << قازاق قىسسىلىرى >> مىللەتلەر نەشىرىياتى . 1994 – يىل . قازاقچە نەشىر .
33   . جىياڭ فەن :  << مانجۇلارنىڭ پەرزەنىت تىلەش  ئادىتىنىڭ  مەدەنىيەت  ئارقا كۆرنىشى ۋە ئىپادىلىنىشى >> .  << خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى >> ژورنىلى . 1995 – يىللىق 2 – سان .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1727
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 462
تۆھپە : 0
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-18 22:05:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالە ئۆز ھەجىمىگە قارىغاندا ناھايىتى نۇرغۇن قاراش ، پىكىرلەرنى مەزمۇن سۈپىتىدە ئۆزىگە پىرىسلىغان ئىكەن . بولسا ھەجىمىنى يانىمۇ كېڭەيتىپ ، بىزنىڭ بەكرەك چۈشىنىشىمىز ئۈچۈن يەنىمۇ تىرىشپ بېقىشقا بولارمۇ ؟ مەن مۇنبەرگە كىرگلى ئانچە ئۇزۇن بولمىغان ، تىما ئەۋەتىپ باقمىغان بولساممۇ ، ئۆزكاننىڭ بالىلار ئۈچۈن ، بىز چوڭلار ئۈچۈن ئاتىغان شېئىر ، نەسىرلىرىنى ئەرچىن ، زۇلتاپ ، خەتەر ، شۇئەيىپ .... يەنە بىرقانچەئەيلەننىڭ قاتارىىدا ئىز قوغلاپ كۆرۈپ كېلىۋاتقان ئىدىم . ئۆزكاننىڭ ئەسەرلىرىنى مەتبۇئاتلاردا ئانچە ئۇچىرتىپ كەتمىگەن بولساممۇ ، قولىغا قەلەم ئالغىلى خىلى بولغان ئىكەن دەپ پەرەز قىلاتتىم . بۈگۈن بۇ ماقالىنى ئوقۇپ قىياسىمنىڭ دۇرۇسلىقىنى جەزىملەشتۈرگەندەك بولدۇم . ئىشقىلىپ بۇ ماقالە ئۇنداق ئاز ئەجىردە پۈتمەپتۇ ، ئەجرىڭىز يەردە قالمايدۇ ، داۋاملىق تىرىشىڭ ، 80 نەچچە ئادەمنىڭ كۆرۈپمۇ بىرەرسىنىڭ ئاغزىنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ سىزگە ئىلھام تەرىقىسىدە سۆز قىلماسلىقى ماقالىنىڭ قوبۇللاش باسقۇچىدا تۇرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ . ئىجادلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن ....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1008
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 22:57:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنىڭ ھەجىمى قىسقا بولۇپ قالغانلىقىنى ، يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ھەققىدىكى ئىنكاسلىق پىكىر ، ھويلا خاتىرىسى قالدۇرۇپ قويغان تورداش دوسلۇرۇمغا رەھمەت ، ئىلھاملىررىڭلارغا تەشەككۇر ... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆزكان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-19 23:13  


Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1432
يازما سانى: 387
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 787
تۆھپە : 0
توردا: 63
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-2-19 23:39:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ، كۆڭۈل قۇيۇپ ئۇقۇغان ئادەم بەزى يۇلۇقۇپ قالىدىغان «نېمە ئۈچۈن» لەرنىڭ جاۋابىغا ئىرىشىۋالالايدىكەن، دېمەك؛ بۇ ماقالىنىڭ پايدىلنىش قىممىتى خېلى يۇقۇرى.
     ئۆزكان، ئىزدىنىشىڭىزنىڭ داۋاملىق چېچەكلەپ، ساغلام مېۋىلەر بىلەن دىل خانىمىزنى خۇشپۇراقلارغا تۇلدۇرۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!

دىلىڭ كۆيمىسۇن نائۈمۈتلىك بىلەن،
يۇرۇق كۈن تۇغۇلغاي قارا كېچىدىن.
                        ـ «دانالار خەزىنىسى»دىن.

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1008
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 18:13:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ئەتەبەتۇلھەقايىق› داستانىدىكى ئاكىتىۋال مەزمۇنلار ۋە ئۇنىڭ ناچار ئىجتىمائىي ئادەتلەرنى تۈگىتىشتىكى ئەھمىيىتى

    ئۇيغۇرلار مەملىكىتىمزدىكى ئەڭ قەدىمىي مەدەنىيەتلىك مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان ، باتۇر ، ئەقىل – پاراسەتلىكى ، ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىرلىقى بىلەن ئاجايىپ كاتتا ماددى ۋە مەنىۋى بايلىقلارنى بەرپا قىلغان ، مەنىۋى بايلىقلار جۇملىسىدىن بولغان ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى يۇقارقى سۆزىمىز ھەم ھۆكۈمىمىزنىڭ  دەلىلى بولۇش سۇپىتى بىلەن دۇنيا مەنىۋى بايىلقلار غەزىنىسىدىكى ئەقلىنى لال قىلىپ ، پىكىرنى گاھ چۇڭقۇر قايناملارغا غەرق قىلسا ، گاھ چەكسىز سامان يۇلىغا باشلاپ كىرىدىغان ئاجايىباتتۇر .
      بۇ ئاجايىباتخانىدا ئەدىپ ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۈكنەكىنىڭ تەپەككۇر ئوچىقىدا تاۋلىنىپ ، ھىسىسىيات بۇلىقىدا سۇغۇرلۇپ، ئوغۇزخاننىڭ دۇلدلدەك چاپچىپ كىتىۋاتقان پەي قەلىمىدىن تۆكۈلگەن دۇردانىلەر مۇجەسىسىمى بولغان ‹ئەتەنەتۇلھەقايىق › (ھەقىقەت ئىشىكى ، ھەقىقەت بۇسۇغىسى ) نامىلىق يىگانە ئەسىرى مەۋجۇتتۇر . بۇ مەۋجۇتلۇق 14باپ ، 512 مىسرا، ئارۇزۋەزىنىنىڭ مۇتەقارىپ بەھرىدە يۇكسەك ماھارەت بىلەن روياپقا چىقىش ئاساسىدا چاقناپ تۇرماقتا . مۇشۇنداق بىر ئەسەر ئۇيغۇر قاراخانىيىلار خانلىقىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىدە ۋۇجۇتقا كەلگەن بولۇپ، ئۆزى ئەما بولسىمۇ ، دىلى يۇرۇق كۆڭلى رۇشەن ئەدىپ ئەخمەت بىنىنى مەخمۇت يۇكنەكى ئەجىر- مېھنەت مېۋىسىدۇر . بۇ تەمىلىك مېۋە پەلسەپىۋى ھىد، پەندى- نەسىھەت لەززىتى بىلەن تويۇنغان بولۇپ بۇنىدىن مۇقەددەم مىڭ يىللار ئىلگىرى ياشىغان تۇغما ئەما شائىر ئۆز قەلىمى بىلەن پۇتۇپ چىققان 484مىسرا ، باشقىلار تەرىپىدىن ئىلاۋە قىلىنغان ئۈچ مىسرا شېئىر ئاساسىدا قۇرۇلمىلىنىپ ،قىياپەتلەنگەندۇر . ئەپسۇس ، ياشىغان يىللىرى1110- يىلىدىن 1180- يىلغىچە دەپ قىياسەن قارىلىپ ، تەكشۇرۇشكە تىگىشلىك مەسىلە بولۇپ تۇرىۋاتقان شارائىت ئاستىدا ئەدىپ ھاياتى – پائالىيىتى ھەققىدە تەپلىسى ئۇچۇرغا ئىگە ئەمەسمىز. بىز مانا مۇشۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە ئەشۇ ئۆزگىچە تەملىك مىۋىنىڭ ھوزۇر- ھالاۋىتىدىن  تەڭ بەھرىمان بولماقچىمىز .
      ئەسەر ھەققىدە قىسقىچە ئەسلەتمە : ‹ ئەتەبەتۇلھەقايىق › ( ھەقىقەت ئىشىكى ، ھەقىقىەت بوسۇغىسى ) ئۇيغۇر قاراخانىلار خانىلىقىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرىدا ياشاپ ئۆتكەن تۇغما ئەما شائىر ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۇكنەكى تەرىپىدىن يىزىلغان ئەدىپ ئەھمەد ياكى ئەھمەد يۇكنەكى دەپ ئاتالغان . دادىسى مەھمۇد ، يۇرقى يۇكنەك دىگەن جاي ئىدى . 110- يىللىدىن 1180- يىللىرىغىچە ياشىغان دەپ قارىلىۋاتىدۇ .
ئەسەر 14باپ، ئالدىنقى تۆت بابى كىرىش سۆز قىسمى كېيىنكى 10 باپ ئاساسىي مەزمۇن قىسىمى ، ئەسەر جەمئىي 484مىسرادىن تەركىپ تاپقان . ئۇنىڭغا كېيىن باشقىلار قوشقان ئۇچ پارچە ئىلاۋە ۋە شېئىر بويىچە ھېساپلىغاندا 512 مىسرا بولىدۇ . ئەسەر ئارزۇ ۋەزىنىنىڭ مۇتەقارىپ بەھرىدە يىزىلغان .
             بۇ دىداكتىك ( پەندى- نەسھەت ) خاراكتىردىكى داستان بولۇپ ، ‹قەشقەر تىلى › يەنى ‹ خاقانى تۇرك تىلى › دا يىزىلغان . ھازىر بۇ ئەسەرنىڭ 3خىل قوليازما نۇسخىسى بار : بىرى ، قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۆرۇلگەن نۇسخسى (  نۇسخا ) بولۇپ ئىستامبولدىكى ئاياسوفىيا كۈتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا . ئىككىنچىسى : ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەپ يېزىقىدا قۇرمۇ – قۇر پاراللىل قىلىپ كۆچۇرۇلگەن نۇسخسى (   نۇسخا ) بولۇپ ، تۇركىيە ئىستامبول ئاياسوفىيا كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا . ئۇچىنچىسى : يالغۇز ئەرەپ يېزىقىدا كۆچۇرۇلگەن نۇسخىسى بولۇپ ، تۇركىيە ئىستامبول توپكاپى – سارايى كۇتۇپخانىسىدا ساقلانماقتا .
    ‹ ئەتەبەتۇلھەقايىق › قەدىمكى زامان ئۇيغۇر تىلى بىلەن چاغاتاي تىلى دەپ ئاتالغان ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرسىدا مۇھىم رول ئوينىغان ، شۇنداقلا يەنە قەدىمكى زامان ئۇيغۇر شېئىرىيتى بىلەن كېيىنكى ئۇيغۇر شېئىريىتىنىڭ ئالاقىسى ، ئۆزگىرش جەريانىنى بىلشكمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە .
         ئەسەردە ئىلىم- مەرىپەتكە ، بىلىم ئېلىش ئوچۇن تىرشقان كىشلەرگە مەردلىك ، كەمتەرلىك ، كۆيۇمچانلىق ، ئادالەتلىك ، ئىنسانپەرۋەرلىك قاتارلىق ئىنسانى خىسلەرتلەرگە قىزغىن مەدىھىيە ئوقۇيىدۇ ، بىلمسىزلىك ، توخۇ يۇرەكىلك ، قاباھەتلىك ، تەكەببۇرلۇق ، ۋاپاسىزلىق ، خەسىسىلىك ، ئاچكۆزلۇك قاتارلىق ئىللەتلەرنى قاتتىق قامچىلايدۇ . ئۆزدەۋرىدىن دادىل ھالدا نارازى بولىدۇ . ئۇنى ھەجىۋى تىل بىلەن ساۋايدۇ . ئەدىب ئەسىرىدە ئابسىتراكىتىنى ئۇقۇمنى كونكىرىتلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ پىكىرىنى سۈزۈكلۇككە ، ئەينەنلىككە ، مەنتىقىلىق باغلىنىشقا ئىگە قىلىش ئارقىلىق قۇرۇق شۇئارۋازلىقىتىن ساقلىنىدۇ .
داۋامى بار

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1008
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 00:38:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز تۆۋەندىكى مىسرالارغا قاراپ باقايلى :
       43. ئادەمدە بىلىم بولۇشى سۆڭەكتەئىلىك بولغان ئوخشايدۇ ،
             ئادەمنىڭ زىنىتى ئەقىل بولسا ، سۆڭەكنىڭ ئىلىكتۇر .
             بىلىمسىز ( كىشى ) ئىلكسىز سۆڭەكتەك كاۋاك بولىدۇ ،
            ھالبۇكى ئىلكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قول ئۇزاتمايدۇ .
ھەممەيلەنگە مەلۇم بىلىم بولسا ئابستىراكىتىنى ئۇقۇم ، ئەخمەت يۈكنەكى بىلمىنى ئىلىككە ئوخشىتىش ئارقىلىق ئۇنى شەئىيگە ئايلاندۇرۇپ ، كونكرتىنىلاشتۇرۋەتتى . بىلىم زادى نېمە ؟دېگەن مەسىلە ئايىڭلاشتى ، چۇنكى نورمال پىسخىكىلىق ساغلاملىققا ئىگە ھەرقانداق ئادەم ئىلكنىڭ ئادەم ئاناتومىيىلىك ھاياتلىق جەريانىدا قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ .بۇ يەردە مەۋھۇم ئۇقۇم ئىنىق شەئىيگە ئايلاندى . بۇ خىل ئىنقلىقتىن  پىكىرنى چۇڭقۇرلاشتۇرۇپ يەنە بىر ئابسىتراكىتنى ئوقۇم ئەقلىنى كونكىرتنىلاشتۇرلۇپ ۋەكىللىك ئوخشىتىش شەكلى بىلەن ھەم ئۇقۇمنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ھەم رولىنى تەكىتىلەش ھەم مۇناسىۋەتنى ئاجرتىشتىن ئىبارەت ، قاتلاملىق ئۇقۇمنى قولغا كەلتۇردى . دېمەكچىمىزكى ئادەم ئوچۇن زىننەت بولالايدىغان كونكىرىتنى نەرسلەر كىيىم- كىچەك ، زىبۇ – زىننەت ، خۇشپۇراق ھىدلار، رەڭلەر ، دەل شۇلارغا ئوخشىتىلدى . سۆڭەك بولمىسا ئادەم تىك تۇرالمايدۇ ، ئىلىك بولمىسا ئادەم ھەركەتلىنەلمەيدۇ ، ئەقىل بولمىسا ئادەم قىپ – يالىڭاچ بىر نەرسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ . سۆزىمىزنىڭ دەلىلى شۇكى بىلممۇ كېرەك ، ئەقلىمۇ كېرەك بىلىم بىلەن ئەقىلنىڭ ئادەمگە نىسبەتەن رولى ئايىدڭلاشتۇرۇپ ، مۇناسىۋىتى چۈشەندۇرۇلدى . يەنە بىر جەھەتتىن قارايدىغان بولساق ، ئىلىك بولمىسا كۇچ بولمايدۇ ، كۇچ بولمىسا ھەرىكەت بولمايدۇ، ئادەم كىيىم – كىچەك كەيمىسە قىپ – يالىڭاچ بولۇپ قالىدۇ . قىپ- يالىڭاچ بولۇپ قالسا ھايۋان بولۇپ قالىدۇ ، ھايۋاندا ئەخلاق بولمايدۇ ، ئەخلاق بولمىسا ھەقىقىي گۈزەللىك بولمايدۇ ، مەنا قاتلىمى مۇشۇنداق چۇڭقۇرلىشىپ بىلىم ، ئەقىل ، ئەخلاق ، گۈزەللىكتىن ئىبارەت گىرەلەشمە مەنەلىك قاتلام ھاسىل قىلىنغان ، كېيىنكى ئىككى مىسرادا ھالقىش شەكىللىك پىكرىنى يەنى مۇئەللىپنىڭ ئادىمىيلىك قەدىر – قىممەت قارىشىدىكى مەركىزى ھالقا ئوتتۇرىغا چىقتى . مۇئەللىپ مۇنداق دەيدۇ : ئىلىكسىز سۆڭەك كاۋاك بولىدۇ ، ئىلىكسىز سۆڭەككە ھېچكىم قۇل ئۇزاتمايدۇ . بىلىمىسز ئادەم ئىچى كاۋاك سۆڭەككە ئوخشايدۇ ، ئىچى كاۋاك سۆڭەكنىڭ قەدىرى بولمىغاندەك ،بىلمىسز ئادەمنىڭ قىممىتى بولمايدۇ ، ئەلۋەتتە بۇ يۇكنەكىنىڭ قىممەت ئۆلچىمىنىڭ تۈگۇنى . كېيىنكى مىسرالاردا تېخىمۇ ئىنىق ‹ بىلىملىكلەر ئۆلسىمۇ ، نامى تىرىك بولىدۇ ، بىلمىسىز تىرىك بولسىمۇ نامى ئۆلۇك بولىدۇ › دەپ يېزىپ بىلمىنى ۋە بىلىملىكلەرنى ئۇلۇغلاش قارىشىنى ئوتتۇرغا قۇيىدۇ . ‹ ھەق رۇسۇل : ‹ بىلىم جۇڭگۇدا بولسىمۇ ئىزدەڭلار دېگەن › دەپ بىلىمنىڭ مىللەت  ، دۆلەت ، دىن چىگراسى بولمايدۇ ، دېگەن يۇكسەك ئىلغار ، ئىلىمىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قۇيىدۇ . بۇ شۇ دەۋىردىكى ئىسلامىيەت جەمىيتىگە نىسپەتەن ، بولۇپمۇ دىننى مەدەنىيەت مايىلچانلىقى ناھايىتى كۇچلۇك ( بۇ خىل مايىلچانلىقىنى ئۇنىڭ ئاللاھنىڭ مەدھىيسى ھەققىدىكى، پەيغەمبەر مەدھىيىسى ھەققىدىكى ، توت ساھابە مەدھىيىسى  ھەققىدىكى مىسرالاردىن كۆرىۋالغىلى بولىدۇ ) بولغان شائىر ئوچۇن زور ئىلغارلىققا ئىگە . ئىلىك بىلەن سۆڭەكنىڭ مۇناسىۋىتى ، كىيىم بىلەن تەننىڭ مۇناسىۋىتى ئارقىلىق بىلىم بىلەن ئادەمنىڭ ، ئەقىل بىلەن ئادەمنىڭ ، ئەقىل بىلەن بىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ ، پىكىر مەنتىقىلىققا ، لوگىكىلىق يەكۇنگە ئىگە قىلنىغان ، پۇتكۇل ئەسەردە بىلىم ، بىلىملىك ، بىلمسىزلىك ھەققىدىكى مىسرا ئاساسلىق 12كۇپلىت بولۇپ ، 41- كۇپلىتتا مۇنداق دەيدۇ :
سۆزۇمگە بىلمىدىن ئاساس سالىمەن ،
                 ئەي دوستۇم ،بىلىملىككە ئۆزۇڭنى باغلا .
                 سائادەت يولى بىلىم بىلەن ئېچىلىدۇ ،
                  بىلىم ئال ، سائادەت يولىنى ئاچ .
بۇ دېمەك ، سائادەت يولى ، بىلىم يولى ، بەخىت – سائادەتنىڭ ئاچقۇچى دېگەنلىك بولۇپ ، بىلىم بىلەن بەختىنى بىر- بىرىگە چەمبەرچەس باغلاپ ، ئۆزىنىڭ قۇت ، بەخىت قارىشىنى بىلىم ئاساسىغا تىكلەيدۇ . 42- كۇپلىتتا بىلمىلك كىشنى قىممەتلىك دىنارغا ، بىلىمسىز نادانلارنى قىممەتىسىز ياماققا ئوخشىتىپ ، سىلشتۇرما ۋاستە ئارقىلىق پىكرنى ئىنىقلىققا ئىگە قىلىدۇ . كېيىنكى بىر قانچە مىسرادا نادانلىقنى يۇيۇپ تازلىغىلى بولمايدىغان كىر دەپ قاراپ ، ۋەز – نەسىھەتتىن ساقلىنىدۇ . بۇ يەردە دەۋاتقان ۋەز- نەسىھەت ئەسەرنىڭ دىداكتىك خاراكتىرىنى ئىنكار قىلىدىغان ۋەز – نەسىھەت ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىيەتچانلىقى ئىنتايىن كۇچلۇك بولغان كىر يۇيۇش ھەركىتى  ۋە كىر ئاتالمىسى ئارقىلىق مەزمۇندىكى غۇۋالىق ، تۇتۇقلۇقتىن ساقلانغان ، ئەگەر ئۇنداق يازماي ‹ بىلىم بىلەن ئۆزىمىزنى كۇچلەندۇرەيلى ، ئىلىم – پەننىڭ يۇكسەك چوققىسىغا چىقايلى ،.....› دېگەندەك قۇرۇق شۇئارۋازلىق پۇرىقى گوپۇلدەپ پۇراپ تۇرىدىغان جۇملىلەرنى ئىشلەتكەندە ئەسەرنىڭ تەربىيىۋى ئەھمىيىتى تۆۋەنلەپ ، قاراتلىمىقى پۇچەكلىشىپ ، مەزمۇن تىيىزلىقى شەكىلىنىپ ، ئەسەرنىڭ ئوقۇشچانلىقى ، جەلىپ قىلش كۇچى ، ئونۇمدارلىقى  زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن بولاتتى . تىل ھەققىدە توختالغاندا :
53-       بىلملىكلەرنڭ سۆزىگە قولاق سالغىن ،
             ‹ ئۇلارنىڭ › ئەڭ بىرىنجى پەزىلەت تىلىنى تىزگىنلەش .
             تىلىڭنى قاماقتا تۇتقىن ، چىشىڭ سۇنمىسۇن ،
            ئەگەر ‹ ئۇ › قاماقتىن چىقىپ كەتسە ، چىشىڭىنى چاقىدۇ .
دەپ يېزىپ ، بىلىم بىلەن تىلنىڭ مۇناسىۋىتىنى ، بىلىم بىلەن پەزىلەتنىڭ مۇناۋىتىنى گەۋدىلەندۇرۇشتە بىلمىنى ئاساسىي ئورۇنغا قويىدۇ . بىلىملىك كىشى تىلىنى تىزگىنىلىيەلەيدۇ ، تىلنى تىزگىنلەپ پەزىلىتىنى نامايەن قىلالايدۇ، دېيىش ئارقىلىق كېيىنكى تىلىنى تىزگىنلەش ھەققىدىكى مىسرالاردىكى ئويلاپ سۆزلەش ، مەمەدانلىق قىلماسلىق ، تىل ئازابى بەرمەسلىك ،قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىش ، يالغان سۆزلىمەسلىك قاتارلىق پىكىرلەرنى بىلىم بىلەن باغلاشتۇرۇپ ، شۇخل ئىللەتلەرنىڭ ئاساسىي بىلمسىزلىك دېگەن قاراشنى تىكلەيدۇ .
                 61-   راسىت گەپ ھەسەلدەك ، يالغىنى پىياز ،           
                          ھەسەل يېگىن ،پىياز يەپ ، ئاغىزىڭىنى ئاچچىق قىلمىغىن .
                         يالغان سۆز گويا كېسەل ، راسىت سۆز شىپادۇر ،
                        بۇ بۇرۇندىن تارتىپ دېيىلىپ كەلگەن مەسەلدۇر .
دېگەن مىسرالاردا راسچىللىق ھەققىدە توخىتىلىپ ، راسىت گەپ قىلساڭ ، سەممىى بولساڭ ئاغىزىڭ تاتلىق بولىدۇ ، راسچىللىق ، سەمىمىيىلىك ، گوياكى بىر ھەسەل ، يالغانچىلىق ، ساختىپەزلىك پىيازدۇر ، پىياز يەپ ئاغزىڭىنى ئاچچىق ئەتمە دېيىش ئارقىلق سەمىمىيىلىك ، راسچىلقىتىن ئىبارەت ئابستىراكىتنى ئۇقۇمىنى ئوبرازلاشتۇرۇش شەكلى بىلەن ئوخشىتىشتىن ئىبارەت ئىستىسلىستىكلىق ۋاستىنىڭ ئۇنۇمىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ تەم ۋە لەززەت ، سەزگۇ ، تۇيغۇ ئىچىدىكى تەربىيىۋى ئۇقۇمنى قولغا كەلتۇرگەن، بىزگە مەلۇم ھەسەل بىلەن پىيازنىڭ تەمى بىر- بىرىگە قارمۇ قارشى ، لەززىتى بولسا ھەسەل شىرىنلىك ئىچىدە ئاغىزىڭنى تامشىتىسا ، پىياز ئاچچىقى بىلەن كۆزىمىزنى ياشلايدۇ . ھەسەل بەدەنگە خۇش كەيىپلىك ، كۆترەڭگۈلۇك ، ئازادىلىك ئاتا قىلسا ، پىياز تومۇرلاردا چىدىغۇسىز بىر خىل ئازاپ ، تەندە قىيناق ، ناخۇشلۇق ، بىزارلىق پەيدا قىلىدۇ ، بۇ تۇرمۇش رېئاللىقى ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ( ھەممە ئادەم دېسەكمۇ خاتالاشمايمىز ) دۇچ كەلگەم بېشىدىن ئۆتكۇزگەن ، ھېس قىلغان ئەمىلىيەت بۇ يەردە بەدىئىي تالانت ، بەدىئىي ماھارەت بىلەن بەدىئىي مۇۋەپپىقىيەت تىل ئىسسىتىلىسكىلىق ئوبرازچانلىقى بىلەن تۇرمۇش تەجىرىبىسىنى ھېس قىلدۇرۇش ئاساسىدىكى بىردەكلىكىدە ئىشقا ئاشۇرۇلغان .‹ يالغان سۆز كېسەل ، راسىت سۆز شىپادۇر › دەيدۇ شائىر . ئەمەلىيەتتە كېسەل بولۇپ سەكراتقا چۇشۇپ قالغان ئادەم راس سۆزلىسە ، بۇرۇن دەپ سالغان بارلىق يالغانچىلىقلىرىنى تەن ئېلىپ ئىقرار قىلسا ، كېسىلى ياخشىلىنىپ شۇ زامان ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كەتمەيدۇ ، بۇنداق بولۇشى مومكىن ئەمەس ، ئۇنداقتا ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۇكنەكى بىزگە ‹ راسچىل بولۇڭلار ، سەمىمىيەتسىزلىك قىلماڭلار › دەپ قويۇپ ، بىزنى ئالدىغانمىدۇ ؟ ئۆزى سەمىمىيەتسىزلىك قىلغانمىدۇ ؟ ياق ، بۇ يەردە دېيۋاتقان كېسەل نوقۇل ھالىدىكى جىسمانىي كېسەل ئەمەس ، بەلكى ئادەمنىڭ روھى دۇياسىدىكى ، مەنىيىۋىتىدىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ، ئۆسمە خاراكتىردىكى يالغانچىلىق ، ساختىپەزلىك كېسىلى ، بۇ كېسەلنىڭ بىردىن – بىر دەۋاسى راسچىلىق ، سەمىمىيىلىك ، ئەگەر ئۆسمە ۋاقتىدا كېسىپ ئېلىۋىتىلمىسە مەنىۋى ، روھى جەھەتتىكى يالغانچىلىق ، ساختىپەزلىك ، ئالدامچىلىق كېسىلى جىسمانىي جەھەتتىكى كېسەلكىنى پەيدا قىلدىغان ئاپەتكە ئايلىنىدۇ . ئاپتۇر يەنە كىچىك پېئىللىق ، كەمتەرلىك بىلەن يەنە شۇنداق دەيدۇكى :‹ بۇ بۇرۇندىن دېيىلىپ كەلگەن مەسەلدۇر › . يۇكنەكى ئىنتايىن تۆۋەنچىلىك بىلەن يۇقارقى ئىسىل قاراشلارنى مەمەدانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ قىلۋالمايدۇ . بۇمۇ ئەدىبتىكى تىلى بىلەن دىلى ، دىلى بىلەن ئەمەلىيىتى بىردەك بولۇشنى كېيىنكى كىشلەرگە ئۆلگە بولۇشتىكى نەمۇنىلىك بىر تەرەپ .
مەرتىۋىلىك ۋە بىخىللىىق ھەققىدە سۆز قىلىپ :
            79- ئېگىلمەس كۆڭۈلنى مەتلەر ئېگىدۇ ،
                  يەتكىلى بولمايدىغان مۇراتقا مەتلەر يېتىدۇ .
                  بىخىللىقنى ماختىغان تىل قىنى ، قەيەردە ،
                 مەرتلىكىنى ئاددى ۋە خاس پۇتۇن خەلق ماختايدۇ .
دەيدۇ ، مەرتلىكىنى ئېگىلمەس كۆڭۈللەرنى ئېگىدىغان ، ئىرىمەس قەلىبلەرنى ئىرىتىدىغان بىر خىل كۇچ، بىر خىل ھەرىكەت سۇپىتىدە بىۋاستە ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ خىل كۇچ بىلەن يەتكىلى بولمايدىغان ئارزۇ – مەقسەتلەرگە يەتكىلى بولىدۇ ، پىچەك ، بىخىل ئادەملەرنى ھېچكىم مەدھىيەلىمەيدۇ ، مەرتلىكىنى ئاددى خەلقتىن ، خەلقىنىڭ باشچىلىقىنى ھەممە ئادەم كۇيلەيدۇ ،
دېيىش ئارقىلىق ئاساسىي مۇددىئادىنى ئەگىتمەي ، نەق پىكرىنى دەلىلەيدۇ . ئارقىنىدىنلا ‹ قارا، مەرتلەر چۇڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولىدۇ › دەپ مەرتلىك بىلەن بىلمىنى ، مەتلەر بىلەن بىلىملىكلەرنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرىدۇ . شۇنى ئايىڭلاشتۇرۇش كېرەككى مۇئەللىپنڭ بۇ يەرە سۆزلەۋاتقان مەرتلىكى ماددى جەھەتتىن قانداقتۇر بۇزۇپ – چېچىش شەكىلىدىكى ھەشەمەتچىلىك ئەمەس ، ۋە ياكى مەنىۋى جەھەتتىكى  ئىزا – ئاھانەتلەرگە چىداپ خارلىنىش ، ھەقىقىي مەنىدىكى ۋىجدان ، غورورىنى يۇقۇتۇش شەكىلىدىكى غىڭ قىلالمايدىغان يول قۇيۇش ئەمەس ، بەلكى ماددى جەھەتتە غىرىپ – مىسكىنلەرنى ، ئاجىز ، ئىگە – چاقىسىز ، يىتىم – يىسرلەرنى مەنپەئەتلەندۇرىغان خالىسانە ياردەم ، مەنىۋى جەھەتتە ئۆز مەنپەتىدىن ۋاز كېچىپ ھەقنى – ھەق ، ناھەقنى – ناھەق دېيەلەيدىغان ، غىرىپ – مىسكىن ، پىقىرلەر ئوچۇن سۆزلىيەلەيدىغان ، ئىشلىيەلەيدىغان دادىل ، جۇرئەتلىك پەزىلەت ئىگىلىرىنى مەرتلىك ۋە مەرتلەر جۇملىسىدىن سانايدۇ . پىكىرگە دەلىل سۇپىتىدە تۆۋەندىكى مىسرالارغا قاراپ باقايلى :
              78- ھەممە تىل مەتلەرگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ ،
                     مەرتلىك بارلىق ئەيىپلەرنىڭ كىرىنى يۇيۇيىدۇ .
                     مەرت بول ساڭا تىل – ئاھانەت كەلمىسۇن ،
                    ‹ چۇنكى › ئۇتىل – ئاھانەت يولىنى ئىسىستىدۇ .
بۇ مىسرالاردا تىل – ئاھانەت مەسىلىسى سۆزلەنگەن بولۇپ ، مەرد بول ، ساڭا تىل ئاھانەت كەلمىسۇن دەيدۇ ، دېمەك مەرتلىك تەكىتلەنسىمۇ شەرت ئوتتۇرغا قويۇلغان . بۇ شەرت تىل – ئاھانەتكە قالماسلىق ، ئەگەر ماددى جەھەتتىكى مەرتلىك بۇزۇپ- چېچىشقا ئايلانسا ، ئەگەر مەنىۋى جەھەتتىكى مەرتلىك سۇكۇت ئىچىدىك جۇرئەتسىزلىك قورقۇنچاقلىققا ئايلانسا تىل – ئاھانەت ئىشىتىدۇ ، لەنەت تۇۋرىكىگە مىخلىنىدۇ . ‹ ھەممە تىل مەتلەرگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ › دېگەن ۋاقتىدا يۇكنەكىنىڭ تەپەككۇر بوشلۇقىدىكى مەرتلىك ئاللىقاچان تىل يەنى ، مىللەت جۇملىسىدىن ، ئەگەر كېڭەيتىپ چۇشەنسەك دۆلەت ، دىن چىگىراسىدىن ھالقىپ ، مەرتلىك ئۇقۇمى ، چۇشەنچىسى ئىنسانپەرۋەرلىك مەركىزىگە كىرىپ بولغان بولىدۇ . مانا بۇلارنى بىز ئەدىپنىڭ مەرتلىك قارىشى دېيەلەيمىز .
داۋامى بار

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1008
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 14:19:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇلارنى بىز ئەدىپنىڭ مەرتلىك قارىشى دېيەلەيمىز . يەنە ئادەم ياخشى پەزىلەتلىرىدىن بولغان كەمتەرلىك توغرسىدا توختىلىپ :
                  91- كەمتەرلىك قىلغاننى تەڭرى كۆتىرىدۇ ،
                        تەكەببۇرلۇق قىلغاننى يەرگە ئۇرىدۇ .
دېگەندە دادىل ھالدا : ‹ كەمتەر ئادەمنى تەڭىرىمۇ كۆتۇرىدۇ ، تەكەببۇر ئادەمنى تەڭرىمۇ ئۇرىدۇ › دەيدۇ . دادىللىق شۇ يەردىكى ‹ تەڭرى كۆتۇرىدۇ ، يەرگە ئۇرىدۇ › دېگەن سۆزلەردە كەمتەرلىك بىلەن تەكەببۇرلۇقنى سىلىشتۇرۇپ ، كەمتەرلىكنىڭ ئادەم ئوچۇن ھەقىقەتەن ئاجايىپ كاتتا پەزىلەت ، شان – شەرەپ ئىكەنلىكنى ئادەملەردە بولىدىغان تەبئىي دىننىي تۇيغۇنىڭ خاھىشچانلىق ۋاستىسى بىلەن پىكىرىنى دەلىلەيدۇ . بۇ دېگەنلىك ئادەملەردە دىننى تۇيغۇ بولىدۇ ( ئەينى دەۋرىدە تېخىمۇ شۇنداق ئىدى )، بۇ خىل دىننى تۇيغۇ ئادەمنى تەڭرىنى ھۆرمەتلەش تەڭرىنى مۇقەددەس بىلىش ، ئەيمىنىش ، تەپتارتىش ، قورقۇش قاتارلىق مەنىۋى تەلپۇنۇشكە ئۇندەيدۇ ، بۇ خىل مەنىۋى تەلپۇنۇش ئادەمنىڭ روھى دۇنياسى بىلەن كەمتەرلىكىنى بىر خىل يېشىل يىپتا باغلايدۇ . ئۇ دەل دىننى تۇيغۇ . كەمتەرلىك بولسا ئەنە شۇ يېشىل يىپنى بويلاپ ئادەمنىڭ قەلب دۇنياسىنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ – پۇشقاقلىرىغا ، ئېرىق – ئۆستەڭلىرىگە قاراپ شىلدىرلاپ ئېقىشقا باشلايدۇ . شائىر كەڭ قورساقلىق ، سەۋىرچانلىق پەزىلەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە مۇئامىلە قىلغان بولۇپ ، تولۇپ تاشقان قىزغىنىلىق ، زوق – شۇخ بىلەن         
105-  ئەيىپكار كىشىنىڭ ئەيىپىنى كەچۇر ،
                      ئاداۋەتنى يىلتىزىنى قومۇرۇپ تاشلا .
                     غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك ئوتى لاۋىلداپ كۆپەيسە ،
                     مۇلايىملىق سۇيىنى چاچ ، ئۆتىنى ئۆچۈر .
106- كەڭ قورساقلىق گويا بىر بىنا بولسا ، مۇلايىملىق ئۇنىڭ ئۇلىدۇر .
         ياكى مۇلايىملىق بىر بوستان بولسا ، كەڭ قورساقلىق ( ئۇنىڭدىكى ) قىزىل گۈلدۇر .
دېگەن مىسرالارنى يېزىپ ، دەل جايىدا چۇشكەن ئوخشىتىلار بىلەن كەڭ قورساقلىق ، مۇلايىملىقنى سۇ دەپ تەرىپلەيدۇ . سۇ – ھاياتلىقىنىڭ مەنبەسى ، چۆل – جەزىلەر ، ئېگىز تاغلار ، بىپايان قۇملار سۇ بىلەن كۆكىرىدۇ ، ياشنايدۇ ، يېشىلىققا پۈركىندۇ ؛ غەزەپ ۋە ئۆچمەنلىك ئاداۋەت ، ئىنتىقام شەمشىرىنى يالىڭاچلاپ ئورمانلارنى كېسىپ تاشلاپ ، قىساس يالقۇنى بىلەن بارچە يېشىللىقىنى يالماپ يۇتىدۇ . بۇ ھەقىقەت ، تارىختا ئىسپاتلانغان ، ئەمما ئەتراپىمىزدا ، كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدا داۋاملىق يۇز بېرىۋاتقان ، ساقلىنالمايۋاتقان ئىجتىمائىي ئىللەت . لېكىن شائىر كەڭ قورساقلىق بىلەن سەۋىرچانلىقىنى بىر- بىرىدىن ئايرىۋەتمەيدۇ . قارىمۇ – قارشى قىلپمۇ قويمايدۇ . ۋە ياكى پەرقلەندۇرگىلى بولمايدىغان بىر خىل نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويمايدۇ . كەڭ قورساقلىقىنى بىر بىنا دەپ قاراپ ، مۇلايىملىقىنى ئۇنىڭ ئۇلى دەيدۇ ، مۇلايىملىقنى يەنە بىر بوستانغا ئوخشىتىپ كەڭ قورساقلىقىنى بوستاندىكى قىزىل گۇلگە ئوخشىتىدۇ .
        يۇقاردا بىز ئەھمەت بىنى مەھمۇت يۇكنەكىنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئاكتىۋال مەزمۇنلاردىن بولغان بىلىم ئىگەللەش ، بىملىكلەرنى ھۆرمەتلەش ، بىلىم بىلەن بەخت – سائادەتكە ئىرىشىش ، راسچىل ، سەمىمى بولۇش ، ساختىپەزلىك ، يالغانچىلىق قىلماسلىق ، ياخشى گۇزەل سۆزلۇك بولۇش ، كىچىك پېئىل ، كەمتەر بولۇش ،مەمەدانلىق بولۇشتىن ساقلىنىش ، مەردۇ ،مەردانە بولۇش ، قولى ئوچۇق ساخاۋەتلىك بولۇش ، خەسىسلىكىتىن ساقلىنىش ، كەڭ قورساق ،سەۋىرچانلىق ھەققىدە توختالدۇق .
بۇ ئەسەردە ئاكتىۋال پىكىرلەردىن يۇقارقىلاردىن تاشقىرى ھەرقانداق بىر ئىش قىلغاندا ئويلىنىپ قىلىش، ئالدىراقسانلىقىتىن ساقلىنىش ، ياخشى دوسلۇق بولۇش ، ياخشى دوستلارنى كۆپ تۇتۇش ، دۇشمەنلىك بولۇشتىن ساقلىنىش ، بىر دۇشمەن بولسىمۇ ئۇنى ئاز دېمەسلىك ، ھۇشيار بولۇش ، چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ، كچىكلەرنى ئىززەتلەش قاتارلىق پىكرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ ، تۆۋەندىكى مىسرالار سۆزىمىزنى دەلىلەيدۇ .
110-        سۆزلىسەڭ ئۇقۇپ سۆزلە ، ئالدىراپ كەتمە ،
سۆزۇڭنى يوشۇر، كېيىن بېشىڭنى يوشۇرۇپ يۇرمە .
مىڭ ئادەم ساڭا دوست بولسا ، ئۇنى كۆپ كۆرمە ،
بىر ئادەم ساڭا دۇشمەن بولسا ئۇنى ئاز دېمە .
يۇقارقى پىكىرلەر سەۋەپسىزلا  ئوتتۇرىغا قويۇلمىغان بولۇپ ، ئەدىپ ئۆزى ياشىغان دەۋىردىكى ئجتىمائي رېئاللىقتىن ئىچىنىپ شۇنداق پىكىرلەرنى يەنى ياخشى دالالەت ،ئۈندەشلەرنى تەۋسىيە قىلغان ، گەرچە ئاپتۇر ياشىغان دەۋىر قىياسەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، دەۋىر رېئاللىقى ھەققىدە ئىنىق ھەم تەپسىلى بىلىشلەرگە ئىگە بولمىساقمۇ ،ئەسەردىكى زاماننىڭ بۇزۇقلۇقى ھەققىدىكى قۇرلاردىن پەندى - نەسىھەت ، ئۈگۈتلەرنىڭ سەۋەپسىز ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز ، چۇنكى ئەدەبىيات ئوبرازلىق تىل ئارقىلق ئىجتىمائي تۇرمۇشنى ئەكىس ئەتتۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ئوبكىتى قىلغان ئىكەن ، بىز تەھلىل يۇرگىزىۋاتقان مەزكۇر ئەسەرمۇ بۇ دائىردىن مۇستەسنا ئەمەس ئەلۋەتتە .
تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن ئەھمەد بىننى مەھمۇت يۇكنەكى قاراخانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى دەۋىرىدە ياشاپ ئوتكەن دەپ ، بىكتىكەن دەۋىر ، مۇئەللىپ تەرىپىدىن مۇنداق سۇرەتلەنگەن :
116- دوستلۇق جالىشىپ كەتتى ، ھەقىقەت قىنى ؟
         مىڭلارچە دوستتىن بىرمۇ سادىقى چىقمايدۇ .
         نۇرغۇن كىشلەر سىرتتىن سادىق دوستۇڭدەك كۆرىنىدۇ،
        ئچىدىن ۋاپاسىزدۇر ، بۇنى بىلىپ قوي .
117-  بۇگۇن بۇ دۇنيادا ئىنسانلىق ناچاردۇر ،
          ئېيىت ، ئىنسانلىق قىنى ، نەگە كەتتى .
         ۋاپا كۈلى سورۇلدى ، بۇلاقلىرى قۇرۇپ كەتتى ،
جاپا تولۇپ تاشتى ، دېڭىزدىن ئاشتى .
121- ئالىملار ئۆز ئىشىنى ، زاھىتلار تەقۋالىقىنى تاشلىدى .
         بىلملىكلەر ئويۇن چىقىرىپ خوش ساماغا چۈشتى .
         بىدئەتتىن ئۆزىنى تارتقان ئادەم قالمىدى ،
        شۇڭا بىدئەت كۇنسىرى ئاشماقتا .
مانا بۇلار ئەدىپ ياشىغان قاراخانىيلار دەۋرىنىڭ ئاخىرىقى مەزگىللىرىكى ئادەملەر ئارا ۋاپا ، ئىشەنچ تۇيغۇسى يۇقۇلۇپ ، ئنسانلىق خىسلەتلەر قۇرۇپ تۇگەي دېگەن ، ھەتتا بىلمىلىكلەرمۇ ئۆزئىشى بىلەن مەشغۇل بولمايۋاتقان ، ھەممىلا ئادەم ئويۇن تاماشاغا بىرىلگەن . بىدئەتچىلىك ئەۋج ئېلىپ ، ئەخلاقسىزلىق ، ھاياسىزلىق ئەۋج ئېلىپ كەتكەن ، چۈشكىن ، زەئىپ ، زاۋانلىققا يۇزلەنگەن دەۋىر دېيىش مومكىن ، ھەتتا ئەمرى مەرۇپلار بۇزۇلۇپ ،خەلق تاشلىنىپ قالغان ، مەيخانىلار ئاۋاتلىشىپ ، ئىككى يۇزلىمىچىلىك ئەتىۋارلىنىۋاتقان ، يوللۇقلار خارلىنىپ ، يولسىزلار ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىۋاتقان ، مال – دۇنياغا ھېرىس ، ئاچكۆز، نەپسانىيەتچى كىشلەر ئاۋۇپ ، ھەممە مال- دۇنيا قايغۇسىغا پاتقان ، گوياكى زامان زورنىڭ ،تاماشا كورنىڭ دېگەندەك ئىدى ، دېگەن قاراخانىلار رېئاللىقىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن بولۇشى مومكىن . بۇنداق ئىجتىمائىي ئىللەتلەر ئەسەرنىڭ 13- باب‹ زاماننىڭ بۇزۇقلۇقى ھەققىدە › دېگەن قىسىمىدا 116- كۇپلىتتىن 136- كۇپلىتقىچە خېلى مۇكەممەل بايان قىلىنغان .
ئەگەر بىز ئاپتۇرنىڭ ئۇگۇت نەسىھەتلىرىنى ، پاش ھەم تەنقىد قىلغان ئىجتىمائي رېئاللىقنى ئۆزىمىز بىلەن تەققا سلايدىغان  بولساق ، ئەتراپىمىزدا ماددى ھەم مەنىۋى يۇكسلىشلەرنىڭ مۇنداق ئىجتىمائىيەت ئەمەلىيتىدە تويۇنۇپ تۇرىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز .
ئادەملەر خىزمەت ،تىرىكچىلىك ،تېلېۋۇزۇر ،تور ، ۋە باشقا تارقاتقۇلار ، رىقابەت قاتارلىق تۇرلۇك ۋاستە، شەكىل بىلەن بىر- بىرىدىن ياتلىشۋاتقان ؛ ئۆز ئارا ئىشەنچ يۇقۇلۇپ ،ئادەملار بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدا بولىدىغان ئەقەللى خاراكتىرلىك ھېسداشلىق ، كۆيۈنۇش ، مېھىر- مۇھەببەت سۇسلىشۋاتقان ، بىلمىگە ئىنىتىلىشتىن كۆرە ماددى مەئىشەتكە ، چىركىن مەنىۋى ھوزۇر – ھالاۋەت يۈزلىنىپ ، ئەبجەش مەدەنىيەتنىڭ قاراڭغۇ ھاڭلىرىدا تەمتىرەپ ، ئىچىشۋازلىق ، چېكىشۋازلىق ، ناشايان قىلىقلار بىلەن كىرىلىپ يۈرىۋاتقان ؛ مەرتلىك تونىدا ئورىنىۋىلىپ بۇزۇپ – چېچىپ ، ئويۇن – تاماشا سەرپىياتىنى ئاشۇرىۋاتقان ، بۇنى سىخىلىق ، مەرتلىك جۇملىسىدىن ھېساپلاۋاتقان ؛ پەرزەنتلەر ئاتا- ئانىلارنى، ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەر جۇملىسىدىن كىشلەر بىر- بىرىنى ئالداۋاتقان ، بىر- بىرىگە ئىشەنمەيۋاتقان ، بىر- بىرىگە سىنچا كۆز بىلەن قاراپ بىر- بىرىگە ھېزى بولىۋاتقان ؛ ئەخلاق پۈچەكلىشىپ ، مەنىۋى ساغلاملىق بۇزىلىۋاتقان ، پۇل – مەنسەپ ، ھوقۇق ، ئابرۇي ، ئىناۋەت ، ھەشەمەت ، خوشامەتچىلىك ،داقا – دۇمباقلىرى دوقمۇش – دوقمۇشلاردا ، بۇلۇڭ – پۇشقاقلاردا كاتتا ھەشەمەتلەر بىلەن ياڭراۋاتقان ؛ ئەرلىك مىزان ، مەسئۇلىيەتلىرى ۋايىغا يەتمەي تۇرۇپ  يىگلەپ ، ئاياللىق ، ئانىلىق بۇرۇچ، تۇيغۇسى غۇنچىلاپ ئىچىلماي تۇرۇپ توزۇپ كېتىۋاتقان  ئىنسانىلىققا يات بۇزۇلۇشلار ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ . ئەگەر ئۆزىمىزگە ، كۆزىمىزگە ، سۆزىمىز ، ھۆكۈمىمىزگە ئىشەنمەي رېئاللىقىمىزغا مەسئۇلىيەتچانلىق ، سەزگۇرلۇك بىلەن شۇنداقلا قارايدىغان بولساق ، مەدەنىيەتلىك ، زىيالى ھېسابلىنىدىغان ، گىلاستۇك تاقاپ ، كاستىيوم كېيىۋالغان ، چاچلىرىنى مايلاپ كۇندە ئۇچ ۋاق ئىڭەك ئاقلايدىغان ، ئەرلىك ، يىگىتلىك سۆلىتىدىن كۆرە سىمىزلىك سۆلتى ئىشىپ چۇشىدىغان ؛ يىڭناغۇچتەك دەسسەپ مېڭىپ ، يىرىم – ياتا كىيىملەردىن لايدەك سىقىلىپ ئېقىپ كېتەي دەۋاتقان ، قايسىدۇر بىر ئورگاندا ئىشلەيدىغان ئەپەندى ، خانىملارنىڭ ئاتالمىش مەرىكە، جايلاردىن مېھرىنى ئۇزەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقايمىز . ئۇلاردا قانداقمۇ بىلىم ئېلىش ، بىلمىنى يىڭىلاش تۇيغۇسى مەۋجۇت ؟ ئېھتىمال مۇنتىزىم ئوقۇتىلىدىغان بىلىم يۇرۇتلىرىدا ، تەربىيەلىنىش ئورۇنلىرىدا ھەممىنى ئىگەللەپ بولغان بىز دەپ قارىشى مومكىن . ئۇ يەردىكى ئاتالمىش مەرتلىك ، سىخلىق ئىچىدىكى ئىسراپچىلىق غەيۋەت – شىكايەت ، قىتىغورلۇق سۆزلەپ تۇگەتكىلى بولمايدىغان ، ئېشىپ – تېشىپ تۇرغان بولىدۇ .
قارىماققا ئۇلار شۇنداق سۆلەتلىك ، ئەپسۇس ئىلىكى يوق سۆڭەكتۇر ، سودىگەرلەر ، يەككە تىجارەتچىلەر ، ھۇنەرۋەنلەر ئۇششاق ، چەرچىن مالچىلار ، تۆۋەن كىرىملىك شەھەر پۇقرالىرى ، يېزا – قىشلاق ئاھالىلىرى مائارىپنىڭ تولۇقسىز ،ھەقىسىز ، مەجبۇرى قىسملىرىنى ئارانلا ئادا قىلىپ  ، پۇل تېپىش ، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى كويىدا پەرزەنتىلەرنى ئوقۇشتىن قويماقتا. ئۇلارچە بولغاندا ئىلىم ئېلىشنىڭ ئاخىرىقى چېكى مائاشلىق كادىر بولۇش ، رىقابەت كەسكىن ، مۇساپە ئۇزۇن بۇ يولدا ئۇلارنىڭ ئويلايدىنى تولىمۇ ئاددى  . شەھەردىكى ئېگىز ئىمارەتلەردە بالىلار يالغۇزسىراپ ،تېلېۋۇزۇر ، تور مەسىتانىسى بولۇپ يىگانلىق ئىچىدە ياشىسا ، سەھرالاردا بالىلار مەجبۇرىيەت مائارىپىنى تاماملاپ ، ئوت ئېلىپ ، ھەلەپ ئېتىپ يۇرمەكتە . تۇرمۇشىنىڭ ئۆي – ئوچاقلىق بولۇش باسقۇچىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش بىلەن ئاۋارە . ئاتىلار مەيخانا – قاۋاقلاردا ئېچىپ – چىلىشىپ ، كۆچىلاردا قوسۇققا مىلىنىپ يۇرسە ؛ ئانىلار رىستۇران ،چايلاردا ، ئازغان – تازغان جايلاردا مۇدىرەپ – قوپۇپ يۈرۈشمەكتە . گەرچە بۇنداقلارنى مۇتلەق كۆپساندا دەپ ئېيتالمىساقمۇ ، ئەمما ئاران سەككىز- تۇققۇز مىليۇن نۇپۇسى بار قورغاق ئىقىمدىكى مۇنداق مىللەتكە ئۇنداقلارنى ئانچە ئاز دەپ كەتكىلى بولمايدۇ . ئەگەر سۆزىمىز ئارتۇقچە بولۇپ قالغان بولسا ناھىيە – شەھەرلىرىمىزدىكى قاۋاقلارنىڭ سانىنى ، ئۇ يەردىكى دائىملىشىۋاتقان بىرتۈركۈم توپلارنى ھېساپلاپ كۆرسەك جاۋاپ ئۆزلىكىدىن چىقىدۇ .
تەھىلىلىمىزنىڭ خۇلاسىسى سۇپىتىدە شۇنداق دەپ ئىيتىالايمىزكى : ئەدىپ ئەخمەت بىننى مەخمۇت يۇكنەكى ئوتتۇرىغا قويغان ئاكتىۋال پىكىرلەر 1000يىللار ئىلگرىكى جەمئىيەت رېئاللىقى ئوچۇن ئەمەس ، بۇگۇن ئوچۇنمۇ ناھايىتى قىممەتلىك . چۇنكى بارلىق ياخشى پەزىلەت ، ياخشى خىسلەتلەرنىڭ ھەننىۋاسى بىلىم ئېلىش ، بىلمىلىك ئۇگۇتى ئاساسلانغان .بىلىم مەركەز قىلىنغان . ئىللەتلەرنىڭ مەنبەسىنى بىلمىسىزكىتىن ئىزدەنگەن ، يەنە بىر جەھەتتىن قارىغاندا تۇغما ئەما بىر ئەدىبنىڭ دىلىنى يۇرتۇپ ، قەلبىنى نۇرلاندۇردىغان ھىكىمەتلەرنى بايان ئەيلىشى ، جاھان سىرلىرى ئۇسىتىدە ئىزدىنىپ جاھان مۇشاقەتلىرىگە باش ئەگمەي ئىجتىمائىيەتتىكى يۇرۇق نۇقتىلارنى كۆرسىتىپ بېرىشىنىڭ ئۆزى ئىلىمىي ئەمگەكلىرى مۇۋاپىقىيتىدىن ئەسلا قىلىشمايدىغان ئادەمنى روھلاندۇرىدىغان ، كۆزى يۇرۇق ،  قەلبى ئەمالارنى ئىچىندۇرۇپ ، نۇمۇسلاندۇرىدىغان ، روھلارنى ئويغا سېلىپ ، ئىرادە كەمىرىنى باغلاتقۇزىدىغان مەنىۋى مەدەت . ئىسىل ئۈگۈت ئۇتىقىدۇر .  


پايدىلانغان ماتىرىياللار :
ئەھمەديۈكنەكى : ‹ ئەتەبەتۇلھەقايىق › مىللەتلەر نەشىرىياتى 1982- يىل نەشىرى .
ش. ئۆمەر : ‹ ئۇيغۇرلاردا كىلاسىسىك ئەدەبىيات › شىنجاڭ ياش ئۆسمۇرلەر نەشىرىياتى ‹ ئەھمەد يۇكنەكى ۋە ئۇنىڭ (ئەتەبەتۇلھەقايىق ) داستانى › ‹ شىنجاڭ داشۆ ئىلمىي ژۇرنىلى › 1981- يىلى 1- سان
‹ ئۇيغۇر كىلاسىسىك ئەدەبىيات تارىخى › ( 2توم )شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى 2002-يىل نەشىرى .
‹( ئەتەبەتۇلھەقايىق)داستانىدىكى ئىلىم – مەرىپەت قارشى توغرىسىدا  ›‹ بۇلاق › 2002-يىللىق 4-سان .
‹ ئەتەبەتۇلھەقايىق ›داستانىنىڭ شېئىرىي تەرجىمىسىگە ئېلاۋە › ‹ بۇلاق › 2001- يىللىق 6- سان . ‹ ( ئەتەبەتۇلھەقايىق ) داستانىدىكى ئەخلاق ئىدىيىسى ھەققىدە › ‹ بۇلاق › 1998-يىللىق 3- سان . ‹ قاراخانىلار تارىخى ھەققىدە ئومومى بايان › ، ئۇيغۇر كىلاسىسىك ئەدەبىياتى تىزىسىلىرى › فارابى : ‹ پەزىلەتلىك شەھەر ئاھالىسى › شىنىجاڭ خەلق نەشىرىياتى 2006- يىلى نەشىرى .     
تامام .مەنبە :ئۆزكان

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1008
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-18 22:23:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان ئەمەت ئۆزكان
ئېۋگېنىې ئىئونېسكونىڭ ‹‹ ئورۇندۇق ›› ناملىق درامىسى ھەققىدە
1950 – يىلى 5 – ئاينىڭ 11- كۈنى كەچتە پارىژ چۈش سەيلىچىسى تىياتىرخانىسىدا فرانسىيەلىك مەشھۇر دراماتورگ ئېۋگېنىې ئىئونېسكىنىڭ ‹‹ تاقىر باش ئايال ناخشىچى ›› ناملىق بىر پەرىدىلىك درامىسى ئوينالغان . ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ‹‹ ئورۇندۇق ›› دېگەن ماۋزۇدىكى بىر پەرىدىلىك سەھنە ئەسىرىمۇ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن . بۇ دراما ‹‹ تاقىر باش ئايال ناخشىچى ››ناملىق ھازىرقى زامان غەرپ بىمەنە تىياتىرچىلىق ئېقىمىدىكى تىياتىرىنىمۇ بېسىپ چۈشكىدەك بىمەنە تىياتىر بولۇپ ، بىمەنە تىياتىر ئېقىمىدىكىلەر مەۋجۇدىيەتچىلىك پەلسەپىسى بىمەنىلىك قارىشىدىكى ئالبېرت كامۇنىڭ ‹‹ بىمەنىچىلىك پەلسەپىسى ››نى ئۆزىنىڭ ئىجادىيتى ۋە دۇنيا قارىشىنىڭ ئىددىيۋى ئاساسى قىلغان . بۇ ئېقىمدىكى دراما تورگلار بىمەنىلىك پەلسەپىسىنى ئۆز ئەسىرىدە ئىنىق ۋە ئوبرازلىق ئىپادىلەشكە تىرىشقان ھەم ئۇتۇققىمۇ ئىرىشكەن . ئۇلارچە دۇنيا بىمەنە ، ئەقىلگە سىغمايدۇ ، دۇنيا ئىدراكسىزلىققا تولۇپ كەتكەن ، ئىدراكسىز دۇنيادا ھاياتنىڭ مەنىسى بولمايدۇ ، مەنىسىز دۇنيادا ئالاقىلىشىش قورالى بولغان تىل ئۆز رولىنى يوقىتىدۇ . ئۇلار ئەسەرلىرىدە ۋەقەلىكنىڭ پەقەت بولماسلىقىنى قوغلىشىدۇ . ۋەقەلىك بار دېيىلسە شۇ ئەسەر ئاپتۇرىنىڭ ياكى دراما تورگنىڭ قابىليەتسىزلىكىنى ئىپادىلەيدۇ . ‹‹ ئورۇندۇق ›› ناملىق درامىنىڭ ئومومى كۆرىنىشى مۇنداق : يېشى 90 ( 99 ياش دەپ بايانلىنىدۇ ) دىن ھالقىغان بوۋاي بىلەن موماي بىر ئارالدا تەنھا ياشايدۇ ، ئۇلار ئۆيى ھېساپلىنىدىغان ماياك مۇنارىغا مېھمان چاقىرىدۇ . پالاق ئاۋازى ، ئىشىك قوڭغۇرىقىنىڭ جىرىڭلىشى ئاڭلىنىدۇ . قارشى ئېلىش ئىما – ئىشارەتلىرى قىلىنىدۇ ، سەھنىدە ئىككىسىدىن باشقا ئادەم كۆرىنمەيدۇ ، ئەمما ئورۇندۇقلار كۆپىيىپ بارىدۇ . ئاخىرىدا ئىككىسى سىققۇدەك جايمۇ قالمايدۇ . ئەڭ ئاخىرىدا ئىككىسى ناھايىتى قورقۇشۇپ ھەم جىددىلىشىپ دېرىزىدىن ئۆزىنى سۇغا تاشلىۋالىدۇ . ئۇلارنىڭ مېھمان چاقىرىشتىكى مۇددىئاسى ئۆز ئۆمرىدە بايقىغان ئىنسان ھاياتىنىڭ سىرىنى جاكارلاش ئىدى . لېكىن ئۆزى جاكارلىماي ، بۇنى ھەم گاچا ھەم ساۋاتسىز بىر ‹‹ناتىق ››قا ھاۋالە قىلىدۇ ، ‹‹ ناتىق ›› سەھنىگە چىقىش بىلەنلا قىرى ئەر – ئايال دېڭىزغا سەكرىۋالىدۇ . چۈنكى ، ئۇلار سانسىزلىغان نۇتۇق ئاڭلىغۇچىلار يەنى ئورۇندۇقلار تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرىلىدۇ . تۆۋەندە بۇ درامىغا قارىشىمنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن .
1. بۇ سەھنە ئەسىرى دراما چىلىقتىكى ۋەقەسىزلىكنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈششۈرۈپ ، ۋەقە ھەجىمىنى چەكسىز كېڭەيىتكەن . يەنى ئەنئەنىۋى تىياتىرچىلىقتىكى ۋەقەلىكنىڭ يۇقىرى چېكى بىلەن تۆۋەن چېكىنى بۇزۇپ تاشلاپ ، بىر تەرەپتىن ۋەقەسىزلىكنى ناھايىتى ئىخچام ھالەتكە چۈششۈرسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەقەلىكنى چەكسىز ئۇزارتىۋەتكەن . درامىدا بوۋاي بىلەن موماي ، ھەم گاچا ھەم ساۋاتسىز ‹‹ ناتىق ›› ، ئورۇندۇقتىن باشقا ھېچنەرسە سەھنىدە كۆزگە چىلىقمايدۇ . پالاق ئاۋازى ، ئىشىك قوڭغىرىقىنىڭ ئاۋازى ، قارشى ئېلىش سۆزلىرىنى ئىپادىلىگۈچى تاۋۇش ۋە ئىما – ئىشارەتلەردىن باشقا تىۋىش يوق . ئەڭ ئاخرىدا بوۋاي بىلەن موماي ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىۋالىدۇ . كۆرىشكە بولىدۇكى ، درامىدا ۋەقەلىك دەيدىغان نەرسە يوق . ۋەقەسىزلىك ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان . ئەمما درامىدا يورىتىۋاتقان مەنە ھەققىدە ئىزدەنسەك ، درامىدا ۋەقەلىكنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايقايمىز . دراما تورگ درامىدا مۇبالىغە ئۇسۇلى ئارقىلىق ئادەملەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . ئادەملەرنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى – تۆۋەن بولۇشى ، قىممىتىنىڭ كەمسىتىلىش تۈپەيلى دېرىزىدىن ئۆزىنى تاشلىۋىلىشتەك تىراگىدىيگە دۇچار بولىدۇ . يەنە بىر تەرەپتىن تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ئادەمنىڭ ئۆزى ياسىغان ئورۇندۇق تەرىپىدىن سىقىپ چىقىرلىشى ، غەرپچە سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ئادەملەرگە بولغان تەھدىتىدىن ئىبارەت . ئورۇندۇقلارنىڭ كۆپىيىپ ، ئاخرىدا ئىككىسى سىققۇدەك جايمۇ قالماي جىددىلىشىپ ھەم قورقۇشۇپ ئۆزىنى دېڭىزغا تاشلىۋىلىشى غەرپچە ئىجتىمائىلاشقان يىرىك ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى زىديەتنىڭ كەسكىنلىشىشىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت . ئادەملەرنىڭ  غەرپ جەمئىيتىدىكى ئورنىنىڭ تۆۋەنلىشى . درامىدىكى مانا مۇشۇنداق مەنا بۇ درامىغا چەكسىز ۋەقەلىك ئاتا قىلغان . دېمەك بۇ دراما يوشۇرۇن چەكسىز ۋەقەلىككە ، ئاشكارە ۋەقەسىزلىككە ئىگە .
2. كۆپ قىرلىق سىمۋولىزىملىق ئالاھىدىلىك درامىنىڭ ئەسلى ئىپادىلىمەكچى بولغان مەناسىنىڭ ماكان ۋە زامان چىگرىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان . دراما يورۇتقان مەنانىڭ دائىرسىنى ئىزدىسەك ، دراما ۋەقەلىكىنىڭ چەكسىزلىكىنى ئەينى زامان ۋە ماكان دائىرسى بىلەن چەكلەپ قويىمىز . ئەمما درامىنىڭ كۆپ قىرلىق سىمۋولىزىملىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشى ، بىزدىن ماكان ۋە زامان چىگرىسىنى چەكسىز ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلىدۇ . بوۋاي بىلەن موماي يېشىدىن قارىغاندا ئالدىنقى  ئەسىرنىڭ ( 19 – ئەسىر ) كېيىنكى يىرىمى ، كېيىنكى ئەسىرنىڭ ( 20 – ئەسىر )  ئالدىنقى يىرىمىدا ياشىغان ھازىرقى زامان ئادىمى . ئورۇندۇق ئادەمنى ھاياتلىق سەھنىسىدىن قوغلاپ چۈششۈرەلەيدىغان كۈچ ئىكەنلىكى سۈپىتىدە چۈشەنسەك ، دراما ۋەقەلىكى ھازىرقى زامان ۋە ماكان دائىرسىدە بولىدۇ ( يوشۇرۇن ۋەقەلىك كۆز دە تۇتىلىدۇ ) . بوۋاي بىلەن موماي ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ دەسلەپكى ئەجدادى ھېساپلىنىدىغان ئادەمئاتا ، ھاۋۋا ئانا ، ئورۇندۇقنى بوۋاي بىلەن موماينىڭ مېھمانغا چاقىرغان كېيىنكى ئەۋلادى دەپ قوبۇللىساق ، بۇ دراما ۋەقەلىكى ئالەم بىنا بولۇپ ، ھاياتلىق شەكىللىنىپ ، ئادەملەر ھاياتلىق ئالىمىگە قەدەم قويغاندىن تارتىپ تاكى يىراق كەلگۈسىگىچە بولغان زامان ، ماكاننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . درامىمۇ يورۇتقان مەنە جەھەتتە ئىنسانىيەتنىڭ ئەسلىنى ئۇنۇتقانلىقىنى ، ئۆزىگە بولغان خائىنلىق ، ئۆزىدىن ياتلىشىشتىن ئىبارەت تارىخى جەريانلىرىنى ئېچىپ بېرىش يۆلىنىشىگە قاراپ  يۈزلىنىدۇ .
3. ئۇلار – بىمەنە تىياتىر ئېقىمىدىكىلەر تىلنىڭ ئەسەردىكى ، جەمئىيەتتىكى قىممىتىنى تۆۋەن ئورۇنغا قويىدۇ ، ئىچكى تىلنى قوغلىشىدۇ . بۇ درامىدا چۇڭقۇر مەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تىل مەۋجۇت . ئۇ تىل ئەسەر مەنىسىنىڭ ئادەمگە تەسىر قىلىپ ئادەمنى سۆزلەتكەندىكى ، ئادەمنى چۇڭقۇر ئويغا سالغاندىكى ئىچكى تىل – مەنىۋى تىل – مەنى تىل . تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقەلىشىش قورالى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت رولىدىن قارىغاندا مەنىۋى تىل بىلەنمۇ ئەسەر مەزمۇنىنى چۈشەنگىلى ، ئەسەرنىڭ بىزگە تارقاتقان مەنە ئۇچۇرىنى ھېسسى قوبۇل قىلغىلى بولىدۇ . دېمەك بۇ درامىنى بىز يەنىلا قىياسەنلەپ چۈشۈنەلىدۇق . دراما مەزمۇنىغا ئاپتۇرنىڭ دۇنياغا قارىشى يوشۇرۇنغان . مەنىۋى تىلدا ئاپتۇرنىڭ قەلب دۇنياسى ئاشكارلانغان . قەلب ئاشكارلانغان ئىكەن درامىدىن ھوزۇرلانغۇچى درماتورگنىڭ نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلدى . دېمەك ئەسەردىن ھوزۇر ئالغۇچى بىلەن ئاپتۇر ئالاقىلىشالىدى . يەنى ئەسەردىن ھوزۇر ئالغۇچىغا دراما تۆرگنىڭ دۇنياغا قارىشى ، ھېسسىياتى ئايدىڭ بولدى . مانا بۇخىل ئىچكى مەنىۋى تىل درامىنىڭ ئاشكارا تىل ئارقىلىق ئىرىشىدىغان ئۈنۈمىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى ئۈنۈمگە ئىرىشىشى مومكىن . چۈنكى مەنىۋى تىل ھوزۇرلانغۇچىنىڭ روھى دۇنياسىغا بىۋاستە كىرىدۇ ، ئارلىقتا ۋاستىچە بولىدىغان تاۋۇشلۇق تىل بولمىغاچقا تەپەككۇرنى ئۇدۇللا قوزغىتىش ئۈنۈمىنى ئىشقا ئاشۇرغان . ئۇلار – بىمەنىچىلەر ھاياتنى بىمەنە – مەنىسىز دەپ چۈشىنىدۇ ، بىراق بۇ درامىدا ھاياتتىن مەنە ئىستەپ ، ماياتنىكنى سىمۋوللاشتۇرۇپ ئەسلىدىكى مەنىلىك ھاياتنى تاپماقچى بولىدۇ . ( 1 – ۋە 2- دۇنيا ئۇرىشى ياۋروپالىقلارنىڭ ماددى مەۋقۇلاتلىرىنى ئۈزۈل – كېسىل ۋەيران قىلىپ قالماستىن ، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىنىمۇ قۇرۇغداپ  .  تەپەككۇر بوشلۇقىغا يېڭى سۇئاللارنى ۋە يېڭى سۇئاللارغا يۈكلەنگەن ئىزدىنىش ، چۈشكۈنلۈكنىڭ پەيدا بولىشىغا سەۋەپ بولغان )  ماياتنىكنىڭ ئىستىمال مەنىسىنى سىمۋوللاشتۇرۇپ ، ماياتنىكنىڭ پاراخۇتلارغا يول كۆرسەتكىنىگە ئوخشاش ھاياتلىق دېڭىزىدىكى ئادەملەرگە يول كۆرسەتمەكچى بولىدۇ . ئۆلۈمگە نىسپەتەن ئۈمۈتسىزلىك ۋە ئىنتىلىشنى ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلۇشنىڭ مومكىن ئەمەسلىكنى ئىتراپ قىلىدۇ . يەنە كېلىپ مۇشۇ درامىنىڭ ئۆزىلا بىر بەلگە چىرىغى . ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى ، ھاياتلىقنىڭ مەنىۋىيەت ئالىمىدىكى ماياتنىك مۇنارى . ئىنسانىيەتكە قىلىنغان پەندى – نەسھەت . ئاشكارا ۋەقەسىزلىك ، يوشۇرۇن چەكسىز ۋەقەلىك ؛ ئاشكارا تىلسىزلىق ، يوشۇرۇن مەنىۋى تىل ئامىللىرىنىڭ سېلىشتۇرمىلىق ئۈنۈمى ئەسەرنى ئېلاستىكىلىققا ئىگە قىلىپ يۇقارقى پىكىرلەرنى قۇۋەتلەيدۇ .
4. دراما تاماششابىنلارنىڭ مەنىۋى لەززەتلىنىش ، ئېستېتىك زوق ئېلىشتىكى زامان ۋە ماكان چەكلىمىلىكىدىن بۆسۈپ چىقىش بىلەن قىممىتى تۆۋەنلىمىگەن بولسىمۇ ، كۆرۈپلا ھوزۇرلاندۇرۇش ، جەلىپ قىلىش تەسىرى    كۆرىنەرلىك بولۇش رولىنى يوقاتقان ، مۇنداقچە ئېيىتقاندا ئاۋامغا يۈزلىنىش ئىمكانىيتى ئىنتايىن ئاجىز  . بۇ دراما تاماشىبىنلاردىن خېلى مەلۇمات تەلەپ قىلىدۇ . ھازىرقى زامان ئادەملىرى ئىچىدىن چۈشەنمەيدىغانلارمۇ چىقىدۇ ، ھازىرقى زاماندىن ئىلگىرى ياشىغان ئادەملەر ئىچىدىن چۈشۈنىدىغانلارمۇ بولىدۇ ، كەلگۈسى زاماندا چۈشۈنىدىغان ۋە چۈشەنمەيدىغانلار يەنە چىقىدۇ . بۇنىڭدىن مەلۇمكى تەسىرنىڭ كۆرىنەرلىك تۆۋەنلىشى تاماشىبىنلارنىڭ چەكلىكلىكىدىن ئىبارەت . ئەمما ، بىر ئەسەرنىڭ ياكى مۇشۇ درامىنىڭ كىتاپخانلىرىنىڭ ، تاماشىبىنلىرىنىڭ شۇ ئەسەرنىڭ ۋە ياكى مۇشۇ درامىنىڭ قىممىتىگە تەسىر كۆرسىتەلمىگىنىگە ئوخشاش ، بۇ درامىدىمۇ شۇنداق . چۈشىنىش جەھەتتىكى بۇخىل ھادىسىنىڭ سەۋەبىياتى يۇقارقى يۈزە قاراشلارنىڭ ئۆزىمۇ پۈتۈنلەي چۈشەنگەنلىكتىن ئەمەس ، چۈشۈنىشنىڭ ئازراق باشلانغانلىقى ، چۈشۈنىشنىڭ گىرۋەكلىرىدە تۇرىۋاتقانلىقىدىن دىرەك بېرىدۇ ، خالاس .
مەنبە : ئۆزۈم

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 295
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1008
تۆھپە : 0
توردا: 107
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 00:13:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنجى بىلدۈرگۈ
ئۆتمۈشتىكى مۇنەججىملەر ئاسماننى 12 بۇرۇجقا بۆلگەن . بۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :
1 – ئاي – سوغا ( كۆنەك )
2 - ئاي - بېلىق
3 – ئاي – قوزا  
4 – ئاي - ئۇي
5 –ئاي – قوشكېزەك ( ئاراندىز )
6 – ئاي – يولۋاس ( قۇچىق ‹ قىسقۇچپاقا › )
7 –ئاي – تىمساخ ( ئارىسلان ) ، ( قۇچىق – نەق )
8 –ئاي – بۇغداي بېشى
9 –ئاي –تارازا (ئۈلكۈ )
10 –ئاي –چايان
11- ئاي - يا ( ياچاق )
12 – ئاي - ئوغلاق
بۇنىڭ ئەرەپچە – پارىسچە تەڭداش  ئاتىلىشى :
1 - ئاي - دەلۋە
2 –ئاي - ھۇت
3 - ئاي - ھەمەل
4 – ئاي - سەۋر
5 - ئاي - جەۋزا
6 – ئاي – ئەسەد
7 –ئاي – سەرەتان
8 – ئاي – سۇنبۇل ( سۇنبۇلە )
9 – ئاي – قەۋس
10 –ئاي – مىزان
11- ئاي – ئەقرەب
12 –ئاي - جەدى
ئايلارنىڭ ئەرەپ ئىسلامچە ناملىرى :
1 – ئاي – مۇھەررەم ( چەكلەنگەن )
2 –ئاي – سەپەر ( سارغايغان ، كۈزگى يامغۇر )
3- ئاي – رەبىيەلئەۋۋەل ( رەبىئە – ئەتىياز )
4 –ئاي -  رەبىيەلئاخىر
5 – جامادىيەلئەۋۋەل ( جاماد – ئۇيىغان ، قاتقان )
6 – ئاي - جامادىيەلئاخىر
7– ئاي - رەجەپ ( يىلتىز ، قورقۇش )
8- ئاي – شەبان ( شاخ ، تارماق )
9– ئاي -  رامزان ( رەمەزان – روزا تۇتىدىغان ئاي ، رەمزان – تومۇز ، قاتتىق ئىسسىق )
10– ئاي -  شەۋۋال ( تېز ، ھاپسان )
11– ئاي – زۇلقەدە ( قەدە – ئولتۇرماق ، تۇرۇق )
12 – ئاي – زۇلھەججە  ( ھەج قىلىدىغان ئاي ،  ھەججە – يىل ئاخىرى ، ھەج قىلماق )
يەتتە كۈننىڭ ئەرەپچە ، پارىسچە نامى :
ئەرەپچە ؛
ئەسبۇئ – ھەپتە يەنى يەتتە كۈن
يەتتە كۈن - سەبىت ، ئەھەد ، ئەسنەين ، سۇلاسە ، ئەربەئە ، خەمىس ، جۈمئە
ئىسلام دىندا ‹‹ جۈمە ›› ئارام ئېلىش كۈنىدۇر .
پارىسچە ؛
ھفتە روز – يەتتە كۈن
يەتتە كۈن – دوشنبە ( دۈشەمبە ) ، سەشنبە - سېھشەنبە ( سەيشەمبە ) ، چھارشنبە – چەھارشەنبە ( چاشەمبە ) ، پنجشنبە – پەنجشەنبە ( پەيشەمبە ) ، ئادىنە – ئازنا ، شنبە ( شەمبە ) ، يكشنبە ( يەكشەمبە )
ئىسلام ئەقىدىسى بويىچە ئاللانىڭ يەتتە كۈندىكى ياراتمىشى :
دۈشەنبە – ئاي ، كۈن ، يۇلتۇزنى ياراتتى ، پەلەك ئىچىدە تۇرغۇزدى .
سەيشەنبە – قۇش – قۇرتلارنى ، پەرىشتىلەرنى ياراتتى .
چارشەنبە – سۇنى ياراتتى .  يەل ، بۇلۇتلانى چىقاردى .ياغاچ ، ئوت – يەملەرنى ياراتتى ، ئۈندۈردى ، روزى ( رىزىقى – تەسىبە ) لەرنى ئۈلەشتۈردى .
پەيشەنبە – ئۇجماق ۋە تامۇغنى ( جەننەت ۋە دوزاخنى ) ، رەھمەت ۋە ئازاپ پەرىشتىلىرىنى ياراتتى . ھۆرلەرنى ياراتتى .
ئازىنە – ئادەمنى ياراتتى .
شەنبە – نەرسە ياراتمىدى .
يەكشەنبە – كۆكلەرنى ياراتتى . ( ‹‹ قىسسەئى رابغۇزى ›› دىن )
خرستىئانلار ‹‹ ئىنجىل ›› دىكى بايان ئاساسىدا تەڭرىنىڭ يەتتە كۈندىكى ياراتمىشى ؛ تەڭرى پۈتكۈل مەخلۇقاتنى ياراتقان ،
بىرىنجى كۈن – يورۇقلۇق بىلەن قاراڭغۇلۇقنى ئايرىپ ، كۈن بىلەن تۈننى ھاسىل قىلغان .
ئىككىنجى كۈن – يۇقۇرى بىلەن تۆۋەننى ئايرىغان .
ئۈچىنجى كۈن – ئوت – چۆپ ، دەل – دەرەخ ۋە كۆكتاتلارنى ياراتقان .
تۆتىنجى كۈن – كۈن ، ئاي ، يۇلتۇزلارنى يارىتىپ ، يىل ، ئاي ، كۈنلەرنى بەلگىلىگەن .
بەشىنجى كۈن – بېلىق ، سۇ جاندارلىرى ۋە ھايۋانلارنى ياراتقان .
ئالتىنجى كۈن – چار پايلار ، ھاشاراتلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارنى ياراتقان . ئاخىرىدا بۇ دۇنيانى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئەرلەر بىلەن خوتۇنلارنى ياراتقان .
يەتتىنجى كۈن – تەڭرى مەخلۇقاتنى يارىتىش ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئارام ئالغان .
يۇقارقىلارنى ‹‹ قۇتاغۇ بىلىك ›› نىڭ ئىزاھات سۆزلۈكى ۋە ‹‹ نورۇزنامە ›› ناملىق ئەسەردىن مۇھەممەتجان ئەمەت ئۆزكان رەتلىگەن .
ئىككىنجى بىلدۈرگۈ
ئاسمان جىسىملىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلدىكى نامى
1.        سەكەنتىر – زۇھەل ( ساتۇرن ) يۇلتۇزى
2.        ئوڭاي – مۇشتەرى ( يۇپېتر ) يۇلتۇزى
3.        كۇرۇد –  (مىررىخ - مارس )يۇلتۇزى
4.        سەۋىت – زۆھرە ، چولپان ( ۋېنېرا ) يۇلتۇزى
5.        ئارزۇ – ( ئوتارۇد – مېركۇرىي )يۇلتۇزى
6.        يالچىق – ئاي ، قەمەر ، ماھ
7.        ياشىق – قۇياش  - شەمس ، كۈن
8.        قاراقۇش – مۇشتەرى ( يۇپېتر ) يۇلتۇزى
9.        يىلدىرىق – چوڭ پىسا يۇلتۇزى
10.        يىتىكەن – چوڭ ئېيىق ياكى يەتتە قاراقچى يۇلتۇزى
11.        ئايغىر – سىرئىوس يۇلتۇزى
12.        ئېرەنتىر – مۇشتىرى يۇلتۇزى
13.        چايان – ( ئەقرەپ ) يۇلتۇز نامى
يۇقارقىلار ‹‹ قۇتادغۇبىلىك ›› نىڭ ئىزاھات سۆزلۈكى ۋە ‹‹ نورۇزنامە ›› دىن پايدىلىنىپ مۇھەممەتجان ئەمەت ئۆزكان رەتلىگەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1727
يازما سانى: 104
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 462
تۆھپە : 0
توردا: 48
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-2

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-3-23 21:54:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالىس ئەمگەكلىرىڭىزدىن بىرى بولغان ‹‹ بىلدۈرگىلەر ›› نى ساقلىۋالدىم . ئوبدانلا ئەستايىدىللىق بىلەن تەييارلاپسىز .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2703
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 92
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-12 14:19:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىلىشتۇرما ئاساستا تەييارلىغان بىلدۈرگىلەرنى ساقلىۋالدىم ...

ئىچىمدىكى ئىچىمدىدۇر ...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2703
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 92
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-6-4

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-5-20 21:02:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
م.ئە.ئۆزكان يوللىغان ۋاقتى  2013-2-18 00:45
. ئۆزلۈك ئېڭىمىز
ئىپتىدائى ئىنسانلار ئۆلۈمدىن ئىبارەت  ...

بۇ ماقالە ھەققىدە دەسلەپكى ھەزىم ۋە چۈشۈنۈشۈم تۆۋەندىكىچە :
1. زور زېھىن ۋە كۆپ ئىزدىنىش سەرىپ قىلىنىپتۇ . ئاپتۇرنىڭ تىرىشچانلىقى ، ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىمەن .
2. ماقالىنىڭ كىرىش قىسمىدا باش نوقتىنەزەر يەنى ئىپتىدائى تەپەككۇرنىڭ موتىفى ( ئانا تېما ) ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ ، ئانا تېما ئاتالغۇسى ئۈستىدە يانداشما بېرىلگەن .
3. داۋامىدا ئۆلۈم ۋە ئۆلۈم ئېڭى ، جىنسىيەت ۋە جىنسىيەت ئېڭى ، تەنھالىق ۋە تەنھالىق ئېڭى ، ئىنسان تەبئىتى ۋە ئىنسان تەبىئىتى ئېڭى ، ئۆزلۈك ئېڭى ھەققىدە توختالغان . بۇ جەرياندا بەزى يانداش نوقتىنەزەرلەر ئوتتۇراغا چىقىرىلغان .
4. ئۆزلۈك ئېڭى ئۈستىدە توختالغاندا تارىخىمىز يىراقلاردىن بۈگۈنگىچە تۇتاشتۇرۇلغان . خۇلاسە سۈپىتىدە مۇنداق دېيىلگەن دەپ قارىدىم : بىز يايلاق دەۋرىدىكى تەبىەتنى قىزغىن سۆيۈشتەك تەبىئەتكە بولغان ئىتىقادىمىز بىلەن بۈگۈنگە ئۇلاشتۇق ھەم روناق تېپىۋاتىمىز . تەبىئەتكە بولغان يىقىنلىق ، ئۇنى سۆيۈش ، تەبىئەتنىڭ چەكسىزلىكى ، كەڭلىكى ، بىپايانلىقى مەنىۋىيتىمىزگە بىغىشلاۋاتقان بۈيۈكلىكى – بۇ بىزنىڭ دەستۇرىمىز .
5. بۇ تېما ئىلمى ماقالە بولۇش سۈپىتى بىلەن لىرىك ۋە ھېسسى ئامىللارنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن . بۇ ھەقتە ئوتتۇرا مەكتەپ ، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ، ئالى مەكتەپلەرنىڭ ئەدەبىيات نەزىرىيەلىرىدە ماقالە – ئىلمىيلىككە ۋە ئەدەبىيلىككە ئىگە ئالاھىدە ژانىدۇر دېگەن مەزمۇنلار ئېسىمگە كەلدى . مۇشۇ ياقتىن ئىلمىي ماقالىلەرگە لىرىك ۋە ھېسسى ئامىللارنى سىڭدۈرۈش ئورۇنلۇقتەك بىلىندى .
6. ماقالىدە بىزگە تاپشۇرغان يانداش نوقتىنەزەرلەر خېلى كۆپ بولۇپ ، بۇنى ئايرىپ چىقىش خېلى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلىشقا توغرا كېلىدىكەن ( ئەمما ئايرىپ چىقىش ئويۇم پەيدا بولدى ). بۇ بەلكىم ماقالە ئىگىسنىڭ ئەجرىگە بىلدۈرگەن شەخسى ھۆرمىتىم ھەم ماقالىنى ئوقۇغۇچىلارغا نىسپەتەن پايدىلىنىش ئۇچۇرى بولۇپ قىلىشى مومكىن دەيدىغان قارىشىم بار .
7. ماقالىنىڭ مىتود مەسىلىسدە دىننى كىتابلاردىن خېلى كۆپ تۈردە نەقىل ئالغان . لىكىن بۇنى ماتىرىيالىزىملىق ، مەدەنىيەت نوقتىسىدىن پايدىلنىپ ، بىزگە مەلۇملۇق بولغان ئىنسانىيەت كىلاسسىك يازمىلىرى بىلەن ئوبدانلا جىپسىلاشتۇرغان . ماتىرىيال دۆۋىسىگە كىرىپ قىلىشتىن خېلىلا ساقلىنالىغان .
8. ئەپسانە ، ئېپوس ، رىۋايەت ، چۆچەك دېگەن ژانىرلار نامىنى ئىخچاملاشقا ئۇرۇنۇپ ، قىسقىراق ئاتالغۇغا يىغىنچاقلاشقا بولامدۇ – يوق ؟
9. بەزى يېڭى ئاتالغۇلار ، مەسىلەن : سۇيۇقلاندۇرۇلغان ھېسسىيات مالىكۇلىسى دىققىتىمنى تارتتى .
10 .ئىلمى ماقالىدە لىرىك ، ھېسسى ئامىللارنى سىڭدۈرۈشكە بولامدۇ – يوق ؟ بۇ ئەدەبىيات نەزىرىيەسىگە بىرىپ تاقىلىدىغان بولغاچقا ئىنىق بىر نەرسە دېيەلمەي قالدىم . مەن بايقىغان لىرىك ، ھېسسى ئامىللار سىڭدۈرۈلگەن قۇرلاردىن مىسال : ئىپتىدائى ئىنسانلار پۈتمەس – تۈگىمەس سىرلار بىلەن چىرمىشىپ كەتكەن كائىناتنى ئەمدىلا بىلىشكە باشلىغاندا ، كەچلىرى تاغ ئۆكۈرلىرىدە گۇلخان يېقىپ ، سوغۇق تاشلارغا يۆلەنگىنىچە خىياللار قاينىمىغا غەرق بولۇشتى . بىر ھازادىن كېيىن گۇلخان ئۆچۈپ ، چىل بۆرىلەرنىڭ ھۇۋلاشلىرى يىقىنلاشتى . بۇ ۋاقىتتا ئۆڭكۈر ئاللىقاچان سوۋىغان بولۇپ ، ئۇلار يەنىلا ئېڭىكىنى يۆلەپ ئولتۇرشاتتى . ئاھ ! ... نېمە دېگەن قورقۇنۇشلۇق ، بۆرىلەر ئۆڭكۈر ئىچىگە كىرىشتى . ۋەھىمە ، قورقۇنۇش ، يۇلقۇنۇش ، چىرمىشىش ، تىپىرلاش ، ئۆلۈم ، ۋەھشىلىك ، ياۋۇزلۇق ، باتۇرلۇق ، قەھرىمانلىق ، كۈچتۈڭگۈرلۈك ، ياۋايى ھايۋان ، ئۇچار قۇشقا ئايلىنىپ بۇ ۋەھىمە ئىچىدىن ئېتىلىپ چىقىپ كېتىش ، ياكى پۇررىدە ئۇچۇپ كېتىشكە بولغان تەشنالىق ... بۇلار ھەممىسى گىرەلىشىپ ، ئادەملەرنىڭ پىكىرگە باغلانغان تەنھالىقى ئەنە شۇنداق باشلاندى .
ئىش قىلىپ بۇ ماقالە ئوبدانلا ئۇتۇقلۇق بولۇپتۇ ، مەتبۇئاتلاردا كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بولسا ياخشى بولاتتىكەن .

ئىچىمدىكى ئىچىمدىدۇر ...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش