مۇنبىرىمىز ئەزالىرىنى رەتكە سېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش
«يازغۇچىلار مۇنبىرى»نىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئەزالىرىنى رەتكە سېلىش ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك ئۇقتۇرۇش چىقىرىمىز. بارلىق ئەدىبلىرىمىز ۋە تورداشلارنىڭ ئاڭلىق بويسۇنۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مۇنبەرگە يېڭىدىن تىزىملىتىپ كىرمەكچى بولغان ئەزالارنىڭ ئۆز ئىسىم - فامىلىسى ۋە دائىم ئىشلىتىۋاتقان تەخەللۇسى بىلەن تىزىملىنىپ كىرىشىنى سەمىمىي تەلەپ قىلىمىز. ئۇنداق بولمايدىكەن ئەزالىق نامى بىردەك تەستىقلانمايدۇ. تەلەپكە نامۇۋاپىق ھالدا تىزىملىتىپ كىرگەن ئىلگىركى بىر قىسىم ئەزالارنىنىڭ تور ئىسمىنى ئۆز ئىسىم-فامىلىسىگە ھازىردىن باشلاپ ئۆزگەرتىۋېلىشىغا بۇيرۇيمىز ياكى قىزغىنلىق بىلەن ياردەم قىلىمىز. ئۆزگەرتىشنى پەقەتلا خالىمىغان، پەردە ئارقىسىغا ئۆتۈۋېلىپ ئىنكاسچىلىق قىلىدىغان بىر قىسىم ئەزالارىنىڭ تورىمىزغا يوللىغان تېما ۋە ئىنكاسلىرى تەستىقلانمايدۇ ياكى ئۆچۈرۈلىدۇ.
ئۆزگەرتىلگەن ئىسىملار ئۇددۇللۇق مۇشۇ تېما ئاستىغا ئۇقتۇرۇش قىلىنىپ تۇرىدۇ. شۇڭا مۇنبەرداشلارنىڭ مۇشۇ ئۇقتۇرۇشىمىزغا دائىم نەزەر ئاغدۇرۇپ تۇرۇشىنى چىن كۆڭلۈمىزدىن ئۈمىد قىلىمىز!
ھۆرمەت بىلەن:
شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى
2013-يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى