bagyar يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 23:03
بۇ تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلىشى،ئەزالارنىڭ ھەقىقى ئىسىم- ...
مەنمۇ بەگيار بىلەن ئوخشاش قاراشتا.
بۇ ئۇقتۇرۇش ئىسىم- فامىلە ياكى تەخەللۇس توغرىسىدىكىلا ئۇقتۇرۇش بولۇپ قالماستىن يەنە مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ مۇنبەردىكى ئىش- پائالىيەتلىرى توغرىسىدىمۇ ئاز- تولا ئەسكەرتىش بېرىلگەن ئۇقتۇرۇش ئىكەن .
مۇنبەر ئۆگىنىش -ئۆگىتىش سورۇنى . مەنمۇ بۇ مۇنبەرگە ئۆگىنىش ئۈچۈن كۆز سېلىپ، زىيارەت قىلىپ يۈرگىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ ، دادىللىق بىلەن رەسمىي ئەزا بولۇپ كىرگىنىمگە ئاران بىر يىل بولدى ، چۈنكى مەن يازغۇچىلار مۇنبىرىگە ھەقىقىي ئىسمى- جىسمىغا لايىق يازغۇچىلارلا ئەزا بولۇپ كىرىشكە ھەقلىق دەپ قاراپ كەلگەن . ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك ئىشتىياقىم تۈرتكىسىدە ئانچە- مۇنچە قەلەم تەۋرىتىپ بېقىۋاتقان بولساممۇ ، ئۆزەمنى بۇ مۇنبەردە ئەدەبىيات ھەۋەسكارى ئەمەس پەقەتلا بىر ئىخلاسمەن ئوقۇرمەن ھىساپلايمەن .
دىمىسىمۇ يېقىندىن بېرى ئەزا بولۇپ كىرىۋاتقان ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى ئاجايىپ يۇقۇرى بولىۋاتىدۇ .لېكىن ئاز ساندىكىلەرنىڭ تېما ئىنكاس يوللىغاندىكى قىززىققانلىقى، ئالدىراڭغۇلىقى، ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. شۇڭا مېنىڭ مۇنبەرداشلىرىمىزدىن سەمىمىي ئۈمىت قىلىدىغىنىم :
تېما -ئىنكاس يوللىغاندا ئىملاغا دىققەت قىلىشنى دائىملىق ئادەتكە ئايلاندۇرغان بولساق. بۇ ئانا تىلىمىزغا قىلغان ھۆرمەت بولۇپلا قالماي، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە قىلغان ھۆرمىتىمىز .
ئەھمىيەتلىك مۇنازىرىلەردە سوغۇققان بولۇپ، باشقىلارنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىشتىن ، ناھەق ئازار بېرىشتىن ساقلانساق.
«يازغۇچىلار مۇنبىرى» نىڭ ھەقىقي تۈردە يازغۇچىلارنىڭ مۇنبىرىگە لايىق نوپۇزىغا ھۆرمەت قىلساق . مۇنبەر ھەر بىرىمىز ئۈچۈن بىر قاتتىق ئۆلچەمدىكى ئىمتىھان قەغىزى بولسۇنكى، ھەرگىزمۇ مەشق ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان چورنىۋاي قەغەز بولۇپ قالمىسۇن .
قىسقىسى ، باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەنلىك ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزگە قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەتتۇر .