admin يوللىغان ۋاقتى 2013-2-15 21:05
بۇ تېمىدىكى رۇزى كېرەم يارى، م.ياسىن ئەرتۈرك ، ھەس ...
م. توختى سەببەس تېخىمۇ خاتا بوپتۇ. سەۋەبى، م. توختى بولسا ئىسمى مۇھەممەد فامىلىسى توختى سەببەت (سەببەس ئەمەس!) بولسا ئەدەبىي تەخەللۇسى دېگەندەك خاتا تۇيغۇ بېرىپ قويىدۇ. تولۇق ئىسمىنى پاتقۇزغىلى بولمىسا
م.سەببەت دەپ ئالساقمۇ ياكى
مەتتوختى سەببەت دەپ ئالساقمۇ بولىۋىرىدۇ. ئىسىمنىڭ توغرىسى مۇھەممەدتوختى بولغان بىلەن ئادەتتە مەتتوختى دەپ ئېلىشنىڭمۇ خاتا يىرى يوق، مەتبوئاتلاردىمۇ مەتتوختى سەببەت دەپ ئېلىنغان. بۇ ھېچبولمىغاندا
م.توختى سەببەس دېگەندىن ياخشى! قالغىنى ئىسىمنىڭ ئىگىسى بىر نەرسە دېسۇن!
ئەدەبىي تەخەللۇس ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ ئۆزگەرتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. مەسىلەن: تۇرغۇن پەيزۇللا يۇلغۇن دېگەن ئىسىم مەتبوئاتلاردىمۇ مۇشۇنداق ئېلىنىدۇ، بۇنى ھەممەيلەن بىلىدۇ، بۇنداق ئاپتورلىرىمىز ئۆزگەرتمىسىمۇ بولىدۇ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا abdurexit eli تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-16 16:06