ximal
كۆرۈش: 175|ئىنكاس: 6

(ئۆزھال) سەنئەتنىڭ تەۋەلىگى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 12:03:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


             سەنئەت - ئىنسان ھىسياتىنىڭ ئەڭ نازۈك ھالىقىلىرىنى خاتىرلەش ئارقىلىق ئىجتىمائىي ۋەزىيەتنىڭ ئوبىكتىپ رىئاللىغىنى ئارقا كۆرۇنۇش قىلىش بىلەن بىرگە تەبىئەتنىڭ رەڭدار ، ئۆزگىرىشچان ھالەتلىرىگە باغلىنىش ئارقىلىق بارلىققا كىلىدۇ . بىراق بىز ئالدى بىلەن ھىسيات تەۋەلىگىنىڭ بارلىق ئىجادىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۇرۇشتە موھىم رول ئوينايدىغانلىغىنى ئىنكار قىلالمايمىز . ئىنسانلارنىڭ خۇشاللىق . خاپىلىق،  جۇدالىق ۋە بەخىت شاتلىغى . موھىت . ماكان - زامان پەرقى . كوللىكتىپ ئاڭ ئېقىمىغا يانداشقان ئارزۇ ئارمان ۋە ئىنتىلىشلەر دىگەندەك تۇيغۇلارنىڭ ھەممىسى ھىسيات تەۋەلىگىنىڭ دائىرىسىدە بۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قانداق بىر دەۋىردە بارلىققا كەلگەن ھىسيات ۋە تۇيغۇ بۇ يەردە ئۆز دەۋرىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى بىلەن رىئال ئەھۋالىنى ئۈزىگە مۇجەسسەملىگەن بۇلىدۇ . بىز بەزى بىر خەلىق قوشاقلىرىغا نەزەر سالساق شېئىرىدىكى تەۋەلىك تۇيغۇسى ئارقىلىق مەلۇم بىر دەۋىرنىڭ ئارقا كۆرۇنۇشى ۋە تەرەققىيات ئەھۋالىدىن ئۇچۇرغا ئىگە بۇلىمىز . ھەر دەۋىر ئۆزىنىڭ قىممەتلىك يەرلىرىنى دەل تەۋەلىك تۇيغۇسى ئارقىلىق يارىتىشتىن باشقا يەنە باشقا دەۋىر بىلەن بولغان پەرقىنى ئۈزۈل كېسىل ئاجىرىتىش ئارقىلىق قىممەتكە ئىگە بۇلىدۇ . بىز مۇقامنىڭ تېكىستلىرى نەزەر سالايلى ياكى خەلىق قوشاقلىرىغا نەزەر سالايلى شائىرنىڭ ھىسياتى . كۆز قاراشلىرى ئارقىلىق مەلۇم بىر دەۋىرنى. جەميەتنى . شۇ دەۋىرنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان تەرەققىياتى ۋە مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى ھىس قىلىپ يىتىمىز . دۇنيادا تەۋەلىگى بولمايدىغان سەنئەت بولمايدۇ . بۇ خىل تەۋەلىك باشتا دەۋرنى تۇتقا قىلسا ئىنچىكىلەپ كەلگەندە جىنىس پەرقىنى تەۋەلىك قىلىدۇ . سەنئەتنىڭ قايسى تۈرى بولسۇن مەڭگۇلۇك قىممەتنى پەقەت دەۋرى تەۋەلىگى ئارقىلىق يارىتىدۇ . شۇڭا مۇجمەل . تەۋەلىگى ئىنىق بولمىغان ھەر قانداق سەنئەت تۈرى ئەسىردىن ئەسىرگە ئۇلىشىپ كىلەلمەيدۇ ۋە ھەقىقى بەدىئىلىك نوقتىسىدىن كۈزەتكەندە ئەيىپ نوقسانلىرى كەسىپ ئەھلى بولغان ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئاشكارە قىلىدۇ . مىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ھەققىدە ئوتتۇرغا قويماقچى بولغىنىم كەڭ دائىرىدىكى سەنئەت ھەققىدە ئەمەس سەنئەتنىڭ نازۇك ئەمما تەسىر كۈچى ناھايىتى زور بۇلۇپ كەلگەن ناخشا كەسپى ھەققىدە بۇلۇپ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن .






1-         ناخشىلاردىكى جىنىسى تەۋەلىك



بىز جىنسى تەۋەلىك دىگەن ئۇقۇمنى ئالدى بىلەن ئەر ئاياللىق خۇسۇسىيتىنىڭ پەرقى توغۇرسىدا تەھلىل تەھلىل يۈرگۈزسەكلا ھەممە ئايان بۇلىدۇ . ئۇيغۇرلاردا ئايال تۇرۇپ ئاۋازى ئەركەكلەرنىڭىدەك چىقىدىغانلارنى ئەركەك زەدەك دەيىمىز. ئەرلەرنىڭ ئاۋازى ئايالىنڭكىدەك چىقسا ئۇنى مەسخىرە قىلىپ چوكان مىجەز . ئايال مىجەز دەپ ئاتايمىز ھەمدە بىزگە بۇ خىل ئاۋازلار رىئاكسىيە قىلىدۇ ۋە بۇ خىل جىنسى تەۋەلىگى ئېنىق بولمىغان ئادەملەرنىڭ ناخشا ئىيتقان ئاۋازى ئەمەس گەپ قىلغان ئاۋازىمۇ ئادەمنى بىئارام قىلىدۇ ۋە كشىلەر تەرىپىدىن يەكلىنىدۇ . بۇ يەردىكى مەسىلە نوقۇل ئاۋازنىڭ رەڭگى ئەمەس بەلكى خارەكتىر تەۋەلىك مەسىلىسىدۇر . بۇ خىل خارەكتىر ۋە جىنسى پەرىقتە كىشىلەرنىڭ باشقىلارغا قويىدىغان ساداسىز تەلىۋى ئەرلەر ئەرلەردەك بۇلۇش . ئايال ئايالدەك بۇلۇشنى مەخسەت قىلغان ھالدا بارلىققا كەلگەن . بىزدە يىقىندىن بىرى ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئەرلەردەك چىقىدىغان ناخشچىلار كۆپىيىپ قالدى . بەزى ئەرلەر ئاياللاردەك ئاۋاز بىلەن ناخشا ئىيتىشقا ھەۋەس قىلىدىغان ئىشلار كۆپىيىپ قىلىۋاتىدۇ . بۇندىن ئون بەش يىل بۇرۇن تەتىلدە ئۈرۈمچىگە كەلگەن چىغىمدا ئەرەپچە ئۇسۇل مودا بولغان بۇلۇپ بەزى ئەرلەر ئاياللاردەك كىيىم كىيىپ ئەرەپچە ئۇسۇل ئويناپ يۈرۈپتىكەندۇق . مەن ھەيرانلىق ئىلكىدە ئايالنىڭ كىيمىنى قانداق كىيىدىغاندۇ . يالغۇز يەردە كەيسىمۇ لىكىن بىر توپ خەلىقنىڭ ئالدىدا ئۇسۇل ئويناش نىمە دىگەن زور جاسارەت دەپ  ئويلاپ بۇ « مۆجىزە » خارەكتىرلىك ئىشنىڭ ئاقىۋەتلىرى ھەققىدە ھەيرانلىق بىلەن خىيال سۈرگەندىم . ھازىر گەرچە بۇ ئىشلار بىسقىپ قالغان بولسىمۇ لىكىن ئۇسۇل ناخشا شەكىلدە نامايەن بۇلۇپ ئاياللاردىن « نسىىۋە» تالىشىدىغان ئەرلەر بىلەن ئەرلەردىن « نىسىۋە » تالىشىدىغان ئىشلارنى داۋام ئەتتۈرۈشنى شەرەپ بىلىدىغان سەنئەتچىلەر بىزدە ئاز ئەمەس . (بۇ يەردە ئەر تۇرۇپ ئايالچە ناخشا ئىيتىدىغان ئەرلەر كۆزدە تۇتۇلىدۇ ) بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇن زاھىدە دىگەن بىر ناخشىچى قىز ئىيتقان ئوينايلى دوسىتلار ناملىق ناخشا قاتتىق مودا بولغان ھەم پىلاستىنكا سىىتىلىش رىكورتىنى بۇزۇپ تاشلىغان ئىدى . بۇ ئاددى تاماششبىنلارنىڭ نەزىرىدە قىزىق ناخشىدەك تۇيۇلسىمۇ لىكىن تەۋەلىك نوقتىسىدىن قىلىپ ئىيتقاندا جىنسى تەۋەلىك دەپسەندە قىلىنغاندى . بىر مەزگىللىك سۈرەن شاۋقۇندىن كىين بۇ ناخشىچىنىڭ ناخشىسىمۇ . ئۆزىمۇ بېسىلدى . ناخشىمۇ يوق بولدى . كىين بىر نەچچە قىتىم ئەرلەردەك توم ئاۋاز بىلەن بەزى ناخشىلارنى ئىيتقان بولسىمۇ لىكىن ئاقماي قالدى . باشتا قىزىق تۇيۇلغان ناخشا كىين تەۋەلىك تۇيغۇسىنىڭ دىلغۇللىغى تۈپەيلىدىن خەلىقنىڭ ئاشكارە رەت قىلىشى ئارقىلىق دەۋىرنىڭ سىناقلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمىدى . تاماششبىنلار ئايالنىڭ ئاۋازىدىن . سەنەۋەر تۇرسۇن . قاتارلىق بىر تۈركۈم ئاياللارنى تاللىۋالغان بولسا ئەرلەردىن ئابدۇرىھىم ھىيىتتەك . مەھمۇد سۇلايماندەك ناخشىچىلارنى تاللىۋالدى . ئويلاپ باقايلى ئەگەر ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ ئاۋازى سەنەۋەرنىڭدەك . سەنەۋەرنىڭ ئاۋازى مەھمۇد سۇلايماندەك چىققان بولسا ئۇلار ھازىرقىدەك سەۋىيگە يىتەلەرمىدى . مۇشۇنچىلىك نام قازىنىپ خەلىقىمىز تەرىپىدىن قارشى ئىلىنارمىدى ؟ ئالدى بىلەن جىنسى خۇسۈسىيەتنىڭ ئۆزلىگىنى قەدىرلەيدىغان ۋە ئۆزى تەۋە جىنسىنىڭ خاسلىغىنى قەدىرلەيدىغان خەلىق توپى بەزى بىنۇرمال ئاۋازلارنى ئاڭلاپ يىڭىلىق ھىس قىلغاندەك قىلغان بىلەن ئاخىرىدا يەنە بىز دىگەن ئەر كشىى ئەركىشىدەك بۇلۇش . ئايال ئايالدەك بۇلۇش پىرىنسىپى بويىچە جىنسى تەۋەلىكى ئىنىق بولغان ناخشا ھەم ناخشىچىلارنى تاللىۋالدى . بىزدىكى نۇرغۇن ناخشىلار دەۋىر تەۋەلىگىلا ئەمەس جىنىس تەۋەلىگىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئىجاد قىلىنغان بولسىمۇ بىراق بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە تېكىسىتنىڭ دەۋىر تەۋەلىگى بىلەن جىنىس تەۋەلىگى ھەققىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزۈپ ناخشا ئىيتىدىغان ناخشىچىلار تولىمۇ ئاز بۇلۇپ ئۇلار تېكسىتتىكى دەۋىر ۋە جىنىس تەۋەلىگى ھەققىدە ئويلىنىپ تەپەككۇر قىلىپ باقمايلا ئاھاڭى ئۆزىگە يارىسا ياكى ئۆزىنىڭ ئاۋاز شارائىتىغا توغرا كەلسىلا تېكسىتنىڭ جىنىس تەۋەلىگى بىلەن ھىساپلاشمايلا ئىيتىۋاتىدۇ . ئۇلارنىڭ بۇ قىلغىنى تېكىسىتتكى جىنسى تەۋەلىگىنى دەپسەندە قىلغانلىق بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ . تېكسىتتىكى جىنىسى تەۋەلىك نىمە دىگەندە بىز ئاددى قىلىپ ئىيتساق بىر شائىرنىڭ بىر قىزغا بولغان مۇھەببىتى جىنىس تەۋەلىك تۇيغۇسى بولغاندا ئۇنى بىر قىز ناخشىچىنىڭ ئوقۇشى تەۋەلىك تۇيغۇسىنى دەپسەندە قىلغانلىق ھىساپلىنىدۇ .  

مەسىلەن : ھازىر گۈلمەرەم . لەيلىگۈل . ئاسىيگۈل . خالىدەم . مىراجخان ، روزىلەم قاتارلىق نۇرغۇن ناخشىلاردا سۆزلەنگەن مۇھەببەت ھىكايىسىنىڭ تەۋەلىگى ئەركەكلەرگە مەنسۇپ بولسىمۇ لىكىن بۈگۈنگە كۈنگە كەلگەندە  ئاياللارنىڭ ناخشىسى بۇلۇپ كەتتى . ئەگەر بىر يىگىتنىڭ بىر قىزغا ئاشىق بولغان ھىسىياتنى بىر قىز تولىمۇ خۇشپېچىم ۋە نازۇك ھىسيات بىلەن ئورۇنلىسا ئۇ بىزگە بىنۇرمال پىسخكىغا ئىگە بىر ئايالنىڭ يەنە بىر ئايالنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىغىدەك ھىسياتنى نامايەن قىلىپ بىرىش بىلەن بىرگە بىزنى بىئارام قىلىدۇ . مەيلى روزىلەم بولسۇن مەيلى لەيلىگۈل بولسۇن ئۇنى ئاۋازى ھەقىقى ئەركەكتەك چىقىدىغان مەيدە . پۇتلىرىنى تۈك باسقان بىر ئەركەك ئەرلەرگە خاس ياڭراق ۋە جۇشقۇن بىر ئاۋازدا ئوقۇسا ئاندىن تېكسىىتنىڭ جىنىسى تەۋەلىگى ئېنىق ئايرىلىدۇ ۋە تاماششبىنلار بىر يىگىتنىڭ بىر قىزغا بولغان مۇھەببەت ھىكايىسىنى ھۇزۇر ئىچىدە ئاڭلاپ ھەقىقى تەسىراتقا چۈمىدۇ . ئوما ناخشىسىنى بىز يۇقۇرىدا دىگەندەك بىر ئەركەك ئوقۇسا ئوما ئورىۋاتقان بىر ئەركەكنى سىغىنغان يەنە بىر ئەركەكنىڭ ھىسياتى ئەلۋەتتە بىزگە نۇرمال تەسىر بەرمەسلىگى ئېنىق .  بۇ يەردىكى گەپ جىنىسى تەۋەلىك تۇيغۇسى بۇلۇپ مەيلى ناخشىچى بولسۇن مەيلى رېجسۇر بولسۇن بۇ ھەقتە چوقۇم دىققەت قىلىشى ۋە ناخشىدىكى جىنىسى تەۋەلىك ھەققىدە ئويلىنىشى كىرەككى ئەرنىڭ ھىسياتىنى ئايال . ئايالنىڭ ھىسياتىنى ئەر ئىپادىلەيدىغان بۇنداق بىمەنىلىكنىڭ يەنە داۋاملىششغا يول قويماسلىغى كىرەك . ئەقىل ئىگىلىرى ئويلاپ باقايلى . ئەگەر ئاشىغلىق كوچىسدا ئۇيقۇدىن بىدار بۇلۇپ چاپچىپ تۇرغان ھىسياتى بىلەن ناخشا ئوقۇپ بىر مەھەللە ئادەمنى ئۇخلاتمايدىغان يىگىتنىڭ ئوتلۇق ھىسياتى بولغان تۈگىمەس ناخشىنى گىرىمنى بولىشىغا  قىلغان بىر قىز تولىمۇ ئىنچىكە ھەم مۇڭلۇق ئاۋازدا ئوقۇسا بىز قانداق ھىسياتتا بۇلىمىز ؟ لىكىن لەيلىگۈل . گۈلمەرەم قاتارلىق نۇرغۇن ناخشىلارنى ئايال ناخشىچىلار تولىمۇ ساختا ھىسيات بىلەن خاتىرجەم ئوقۇۋاتىدۇ . بۇ ناخشىلار باشتا مۇڭلۇق ئاڭلانغان بىلەن ئادەمنىڭ كۈڭلىنى شۇ قەدەر ئىلىشتۇرۋاتقانلىغىنى تىخى بىرەر ئەقىل ئىگىىسنىڭ پىكىر قىلغىننى . غەيرىلىك ھىس قىلغىننى ئاڭلاپ ياكى كۆرۈپ باقمىدىم . قاپقارا قوي كۆزلۈگۈم ناملىق ناخشا بىر ئايال تەرىپىدىن ئوقۇلۇپ بىر ئەر رول ئالغان كۆرۇنۇشلەرنى كۆرسەم ئەركىشى بولغان مىنىڭ تىنىمدە قۇرۇت ماڭغاندەك بۇلۇپ شۈركىنىپ كىتىمەن . قاپقارا قوي كۆزلۇك بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان يىگىتنىڭ ھىسياتنى بىر قىز چىقىراق ئاۋازدا ئىيتىۋاتسا ئادەم قانداقمۇ بىئارام بولماي تۇرالىسۇن ؟ لەيلىگۈل ناملىق ناخشا ھۈكۈمەتنىڭ موھىم تارقېتىش ۋاستىسى بولغان تېلېۋىزىيە ئىستانسسلىرىدا مۇسابىقىلەرگە قاتنشىدىغان ئايال ناخشىچىلارنىڭ كۈزۈر ئەسىرى بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ لىكىن جىنسى تەۋەلىگى ھەققىدە بىرى پىكىر قىلىپ باقمىدى . يارۇ نامىلىق ناخشا ئاياللار تەرىپىدىن ئىيتلىدى ۋە ئىيتلىۋاتىدۇ . بەزى ناخشىلارنىڭ جىنىسى تەۋەلىكى ئىنىق بولسىمۇ لىكىن ھىچقانداق بىر ئايال ناخشىچى بۇ ھەقتە ئويلانمايلا ئىيتىۋاتىدۇ . يارۇ بىلەن لەيلىگۈل نامىلىق ناخشا ئۇيغۇر تارىخىدىكى بىتەكرار سەنئەت پىشۋاسى تاشۋاينىڭ ئىجادىيەتلىرى بۇلۇپ بۇ ناخشىلار تاشۋاينىڭ تۈگىمەس دىشۋارچىلىققا تولغان ھايات قىسمەتلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئىدى . بىزنىڭ بۇ دەۋرىمىزگ كەلگەندە بولسا بۇ ناخشىلار بىر ئۈرۈلۈپلا يەتتە سۇ يەتتە دۇملىسا ھالال دىگەن پەتىۋادەك ئاياللارغا ھالال نسىىۋە بۇلۇپ قالدى . بىز تەۋەلىك تۇيغۇسى بويىچە قىلىپ ئىيتساق بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . بىر چىرايلىق مۇھەببەت ھىكايىسىنى بىزگە چىرايلىق ئاۋازى بىلەن بايان قىلىپ بەرمەكچى بولغان ناخشىچىدا يالغۇز چىرايلىق ئاۋاز چىقىدىغان گاللا بولسا كۇپايە قىلمايدۇ بەلكى يەنە ئۇنى كۆنتىرۇل قلىدىغان كاللا بولمىسا بولمايدىغان بىر دەلىلنى ئوتتۇرغا قويىدۇ . ناخشىچىلار ناخشا تاللىغاندا چوقۇم ناخشىنىڭ جىنسى تەۋەلىگى ھەققىدە ئويلىنىشى كىرەك . ئۆزى بايان قىلماقچى بولغان ھىكايىدىكى ئوبرازنىڭ ئەر ئاياللىغىنى . جىنسى تەۋەلىگىنى چوقۇم نەزەرگە ئىلىشنى بىلىشى كىرەك . بۇ بىر ئاددى ساۋات لىكىن بۇ ئادى ساۋاتتىنمۇ بىخەۋەر ھالدا ناخشا ئىيتىۋاتقان « ئاتالمىش » سەنئەتكارلارنىڭ جىنسى تەۋەلىگىنى ئايرىماي زوق شوق بىلەن ئىيتىۋاتقان ھالىغا ۋاي .  




Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 12:05:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى تەۋەلىك

ھەر قانداق مىللەتنىڭ ياشىىغان شارائىتى . دىنى ئىتىقادى . تارىخى . مەدەنيىتى قاتارلىقلار شۇ مىللەتنىڭ ھازىرىغا تەسىر كۆرسىتىش بىلەن ئۇنى مەلۇم بىر مۇكەممەل بولغان رىئال ھايات سىستىمىغا ئىلىپ كىرىدۇ . بۇ خىل سىسىتىما قارىسا چۇۋالچاقتەك كۆرۈنگەن بىلەن رۇشەن بىرلىكنى ھاسىل قىلغان بۇلىدۇ . مەسىلەن قىلىپ ئىيتساق ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ سىرىتقى شەكىلگە نەزەر سىلىپ باققانلار بۇلىشى مۈمكىن . راۋاپنىڭ بىشىنىڭ شەكلى گۈمبەزنىڭ شەكلىدە ياسالغان . دۇتتارنىڭ قۇلىغىنىڭ شەكلى ئاي شەكلىدە بۇلۇپ مانا بۇ ھەقىقەت بىزنىڭ سازلىرىمىزدىن تارتىپ ئاھاڭلىرىمىزنىڭ دۇئا مۇناجاتلارنىڭ بىرىكىشى ۋە ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش ئاساسىدا بارلىققا كەلگەننىڭ نەتىجىسى دەپ قاراشقا بۇلىدۇ . ھەر قانداق مىللەتنىڭ ئالدى بىلەن ئۆزى تەۋە بولغان قەۋىمگە خاس بولغان قىممەت قاراشلىرى بولغاندەك پەقەت ئۆزىگىلا تەۋە بولغان مەدەنىيەت قاتلىمى بۇلىدۇ . دۇنيانىڭ بۇلۇش ئۈچۈن ئاۋال مىللەتنىڭ بۇلىشى كىرەك . ئاۋال بىر مىللەتنىڭ بولماي تۇرۇپ دۇنيانىڭ بۇلۇپ تونۇلۇش مۈمكىن ئەمەس . 12 مۇقامنىڭ ياڭراق مىلودىيلىرى ئەسىرلەردىن بىرى ياڭراپ كەلدى . مانا ھازىرقى كۈنگە كەلگەندە دۇنيا مەدەنىيەت سەنئەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ، بەزى بىر ئىلمى تەتقىقاتچىلارنىڭ تەتقىق قىلىدىغان ئۇبكىتىغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە دۇنيا خەزىنسىدىن قوغدايدىغان مەدەنىيەتلەر تىزىملىگىدىن ئورۇن ئىلىپ ئىقتىزادى جەھەتتىنمۇ قوللاشقا ئىرىشىپ كىلىۋاتىدۇ . مۇقامنىڭ ئالدى بىلەن قەدىرلىنىدىغان يىرى ئۇ مىللى ئاڭنىڭ موزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان تەۋەلىك قىممتىدۇ . چۈنكى مۇقامنىڭ تېكىستكە ئارلىقتا قانچىلىغان قىتىم مۇۋاپىق ياكى مۇۋاپىق بولمىغان يۇسۇندا كۆپلەپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن . بەزى تېكسىىتلەر ئالماشتۇرۇلغان . ئەمما مۇقامنىڭ مىلودىيلىرىنىڭ مۇكەممەللىگى تېكسىىتنىڭ ئالمىشش ياكى ئالماشماسلىغى بىلەن قەدىر قىممىتىنى يوقۇتۇپ بىئارام ھالەتكە كىلىپ قالغان ئەمەس . دىمەك بۇ يەردە تەۋرەنمەس نەرسە موزىكنىڭ تەۋەلىگى بۇلۇپ ئۇيغۇر رىئاللىغىدىكى ھەر قانداق بىر تەۋرىنىشتىن چىققان سادا بىلەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئاتا قىلغان مەنىۋى گۈزەللىك سادالىرىنىڭ ھەممىسى مۇقام ۋە خەلىق ناخشىلىرىنىڭ تەۋرەنمەس ئاساسى گەۋدىسىنى قۇرۇپ چىقىپ ئاخىرى غايەت زور بىر گەۋدە . غايەت كاتتا بىر مەنۋى قۇرلۇش ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى ۋە قەدىر قىممىتىنى شەرەپ بىلەن جاكارلىغان . ئۇيغۇر سەنئىتىدە مىللى سالاھىيەت بىلەن دىنى سالاھىيەت بىردەكلىكنى ساقلاپ ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق مۇكەممەل مەۋجۇتلۇق ھالىتىنى شەكىللەندۇرگەن بۇلۇپ مەيلى مۇقام بولسۇن مەيلى خەلىق ناخشىلىرى بولسۇن بىز ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ناخشا موزىكسىدىكى مۇكەممەل بىرلىكنى ۋە بىرلىششنى ھىس قىلىپ يىتەلەيمىز . بىزنىڭ بەزى ناخشىلىرىمىز كارۋان توپى ئىچىدە ماڭغان يىگىتلەرنىڭ ئوتلۇق ھىسياتى ئارقىلىق بارلىققا كىلىپ ئجاد قىلىنغان شۇڭا بىز بەزى ناخشىلاردىن كارۋان كولدۇرمىلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك ھىسياتقا چۈمىمىز .(مەسىلەن : ئىز . كارۋان ناخشىسى . ناخشىسى قاتارلىقلار ) بەزى ناخشىلار پادا باققاچ ئىجاد قىلىنغان . يەنە بەزى ناخشىلار ئەمگەك قىلىش جەريانىدا جاپا مۇشاقەتلىك ھاياتىنى ئاۋات قىلىش ئۈچۈن ئىيتىلغان . بەزى ناخشىلار تۇزچى . ئوتۇنچى . ھۈنەرۋەن - كاسىپ ، تامچى، ياغاچچى كىگىزچى ، ئوۋچىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ھىسياتىنى ئاساس قىلىپ بارلىققا كەلگەن بۇلۇپ بەزى ناخشىلاردىكى كۈي ئالاھىدىلىگى ۋە موزىكىلىق سادانىڭ بىزگە ئىلىپ كەلگەن زوقى بۇ خىل پەرىقلەرنى بىزگە ئىيتىپ بىرىدۇ . ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىدىكى مىللى تەۋەلىك پەقەت ئۇيغۇرنىڭ تۇرمۇشىدىن ئىلىنغان ھىسسى سادانىڭ بەدىئىلىككە ئايلىنىشىدىن ئىبارەت بىر سىستىمىنى شەكىللەندۇرگەن .بىز يىقىنىقى دەۋىردە يىتىشپ چىققان ئەل سەنئەتكارى تاشۋاينىڭ ئىجادىيەتلىرىنى ھەر بىر قېتىم ئاڭلىغان چىغىمىزدا بىزگە تونۇش سادالارنى ئىنىق ھىس قىلىپ يىتەلەيمىز . ئۇنىڭدا باشقا مىللەتكە تەۋە بولغان موزىكىلىق تەۋرىنىش مەۋجۈت ئەمەس . مۇقامنىڭ نۇرغۇنلىغان ئاھاڭلىرى خۇددى مىھرىبان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ ئەللەي ناخشىلىرىدەك يېقىملىق تۇيۇلىدۇ . بۇ يەردىكى سەۋەپ ئۇيغۇرنىڭ رىئال تۇرمۇشىدا ياڭرىغان ھەر بىر سادانى كومپازىتۇرلار قەلەمگە ئالغان . ھەممە ئۇيغۇرغا ئورتاق ۋە يىقىن بولغان موزىكىلىق ئاھاڭ بىلەن رىتىم ئۇنىڭ جىسمى ۋە ۋۇجۇدىغا سىڭىپ كەتكەن . ئۇيغۇرلار ھەر دەۋىردە ئۆزىنىڭ تەۋەلىگى ئىنىق بولغان نۇرغۇنلىغان ناخشا موزىكىلارنى ئىجاد قىلغان بۇلۇپ بۇ خىل ئىجاد ئۇيغۇر خەلىقنىڭ جاپا مۇشاقەتلىك تۇرمۇشىنى . قانلىق قىسمەتلىرىنى . مەنبە قىلغان ھالدا بارلىققا كەلگەن . بىشىغا سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان دەرىت ئەلەملەر كىلىپ ھەتتا مىللەت خارەكتىرلىك قىرىلپ كىتىش قىسمىتى كەلگەن ئەھۋاللار تارىختا كۆپ بولغان . مانا مۇشۇنداق رىئاللىق ئۇيغۇر خەلىقنىڭ ئىچىدىن يىتىشپ چىققان سەنئەتكارلارنىڭ قەلبىنى زىلزىلىگە سالغان . ئۇلارنى خىيالى ئۆمىت يولىغا ۋە بىشىغا ھەر قانچە دەرىت ئەلەم كەلسىمۇ ھاياتقا چىن ئىشقىنى بىرىپ ياشاشقا ئۈندىگەن . ئەقىل پاراسەت ۋە نازۈك ھىس تۇيغۇغا ئىگە خەلىق سەنئەتكارلىرى شۇ چاغدىكى ھىسياتىنى ئەنە شۇنداق موزىكىلىق سادالارغا ئىلتىجا قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىگىلمەس سۇنماس روھىنى ۋە ئىدىيسىنى نامايەن قىلغان . تاشنىڭ ئۈستىگە مىڭ يىل مۆلدۈر چۈشسىمۇ ئۇ تاش پىتى تۇرىۋىرىدۇ . پاكىز ئەينەكنىڭ ئۈستىگە سۈپسۈزۈك يامغۇز تامچىلسىىمۇ داغ بۇلۇپ قالىدۇ . ئۆزىنىڭ دات پەرياتلىرىنى پەقەت سەنئەتكە ئىلتىجا قىلىپ بايان قىلىشنى ئۈگەنگەن سەزگۈ خەلىقنىڭ قولىدىن سەنئەت ئەسەرلىرىنى يارىتىشتىن باشقا نىمە ئىش كەلسۇن ؟ بىزدە ئامېرىكىچە ئازاپ . رۇسچە قىسمەت . يەھۇدىيچە ياشاش روھى مەۋجۇت بولمىغان ئەھۋالدا موزىكىلىرىمىز پەقەت ۋە پەقەت ئۇيغۇرغا خاس بولغان ئازاپ تۇيغۇسىنى يىتىلدۇرۇش بىلەن بىللە بىزنىڭ مىللى كىملىگىمىزنى ئەڭ رۇشەن ۋە باشقا مىللەتلەردىن پەرىقلىق بولغان بىر سىستىما ھالىتىدە يىتىلدۇرۇپ چىققان . بۇ خىل ئۇيغۇرغىلا خاس بولغان موزىكا ئاڭ سىېستىمىسىنى ئۇيغۇرغا خاس قىسمەت ياراتقان . ئۇيغۇر موزىكىسى ئۇيغۇرنىڭ دوپپىسىدۇر . ئۇيغۇرنىڭ گىلىمىدۇ .ئۇيغۇرنىڭ سامسسىدۇر . ئۇيغۇر موزىكلىرىنىڭ تەۋەلىگى تۈرك دۇنياسىنىڭ ئانا سەنئەتلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تامامەن قادىر بۇلۇپ ئۇنىڭ قەدىر قممىتىىن ۋە تەتقىققات قىممىتىنى تۈرك ئالىمىدىكى رولىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ . بارلىق تۈركى مىللەتلىرىنىڭ يىلتىزى تەسەۋۋۇپ ئىقىمىنى ئاساس قىلغان ھالدا مەۋجۇت بولغان بولسا بىزدە كۆپ قىرلىق زامان ماكان بوشلىغىنى ياراتقان موزىكىلىق خۇسۇسىيەت مەۋجۇت . تۈركىيىنىڭ موزىكىلىرى قارا خانىيلار دەۋرىنىڭ ئوردا ئاھاڭىنى مەنبە قىلغان ئاساستا تەرەققى قىلغان بولسا ئۆزبىك ئاھاڭلىرىنىڭ تەۋەلىگى خانىقا ئاھاڭىنى ئاساس قىلىپ بۈگۈنگە كەلگەن . بىراق ئۇيغۇرلادا ۋىلايەت - ۋىلايەت . شەھەر شەھەرگە ھەتتاكى مەھەللىۋى ئاھاڭلار جەمگاھى بۇلۇپ ئىجاد قىلىنغان بۇلۇپ دۇنيادىكى ھەر قانداق تەۋرىشىنى پەقەتلا ئۇيغۇرچە ھىس قىلىدىغان ۋە ھىس قىلدۇرىدىغان خىلمۇ خىل ئاھاڭلار بىزدە مەۋجۇت . بىزدە خانىقا ئاھاڭلىرىمۇ . ئوردا ئاھاڭلىرىمۇ . ۋە يەنە يەرلىك مەھەللىۋى ئاھاڭلارمۇ مەۋجۇت . كۇچا ئاھاڭلىرىدىكى جانلىق مىلۇدىيەلەر . قۇمۇل ناخشلىرىدىكى ئەۋرىشىملىك . ئىلى ناخشىلىرىدىكى مەردانىلىق . تۇرپان خەلىق ناخشىلىرىدىكى سىداملىق ، قەشقەر ناخشىلىرىدىكى جەڭگىۋارلىق ھەم مۇڭنىڭ ھەممىسىنى بىز ئۇيغۇر خەلىق ناخشىسى دەپ ئاتالسىمۇ لىكىن ئۇنىڭدىكى سىھرى كۈچنى بىر يولىللا تەتقىق قىلغىلى بولمايدۇ . ئەگەر تەتقىق قىلىش توغرا كەلسە ياكى باھا بىرىش توغرا كەلسە چوقۇم پارچىلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭ كۈي شەكلى ۋە دەۋرىلىگگە قاراپ تەتقىق قىلىش ۋە باھا بىرىش كىرەك . ئادەتتە ئەدەبى ئەسەرلەرنى ياكى يازما تارىخنى ئۆزگەرتىش مۈمكىن . خالىغانچە بورمىلاپ چۈشەندۇرۇش ئارقىلىق باشقا مىللەتلەرگە تونۇشتۇرغاندا خاتا تۇيغۇ پەيدا قىلىش مۈمكىن بولسىمۇ لىكىن ئۆزگەرىتكىلى بولمايدىغان رىئاللىق دەل موزىكا بۇلۇپ ئۇنى قەلەم بىلەن ئۆزگەرتىۋالغىلى بولمايدۇ . يولداش ۋاڭ لوبىڭ ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنى بىر ئۈمۈر تەتقىق قىلىپ ئۆزىنىڭ ھايات ئالىمىدە ناھايىتى يۇقۇرى بىر پەللىنى ياراتقان بولسىمۇ لىكىن ئۇيغۇرخەلىق ناخشىلىرىدىكى مىللى تەۋەلىك نوقتىسىنى چۈشەنمەي ئۈتۈپ كەتتى ۋە ئاھاڭلارنىڭ رىتىمىنى ئىگىز پەس قىلالىغان بولسىمۇ لىكىن كۈي شەكلىنىڭ مەڭگۇ مۇقىملىشىپ كەتكەن ئورنىنى ئىگىز پەس قىلالمايلا قالماستىن مىلۇدىيلەر پەقەت ئۆزى تەۋە بولغان قەۋىمگە خاس بولغان بىر شەكىلدىن چىقالمىدى . قارىسا ئۇيغۇرچىغا ئوخشايدىغان بىر قارىسا خەنزۇچە ئاھاڭغا ئوخشايدىغان بۇ خىچىر ئاھاڭلار بىر مەزگىل داۋراڭ پەيدا قىلغان بولسىمۇ لىكىن ئورنىنى مۇقىملىيالمىدى . تەۋەلىگىنى ئىنىق قىلالمىدى . ئاھاڭلارنى ئىگىز پەس قىلىپ ئاۋازلارنىڭ يۇقۇرى تۈۋەن ئورنىنى ئالماشتۇرۇش ئارقىل ۋاڭ لوبىڭ دەۋرىنى ياراتقان بولسىمۇ ئۇيغۇر موزىكىسىنىڭ تەۋەلىك دەۋرىنى يارىتالمىدى ، بۇيەردىكى مەسىلە موزىكىنىڭ تەۋەلىگى بۇلۇپ ئۇنى باشقا مىللەتتىن بولغان بىر موزىكانىت ياكى تەتقىقاتچى بىر نەچچە يىللا تەتقىق قىلىپ يارىتالايدىغان ئاسان نەرسە ئەمەس . تەۋەلىك - بىر مىللەتنىڭ سالاھىيەت كىنىشىكىسدۇر . ئۇنىڭ جىسمى ۋە روھىدۇر . تەۋەلىك ئۇنىڭ دۇنيا ئىتىراپ قىلىشتا . تونۇشتا . تەتقىق قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان مەۋجۇتلىغىدۇر . شۇڭا بىزنىڭ تەۋەلىگىمىز ئۇيغۇر بولغان ئىكەن ئالدى بىلەن ئۇنى چۇشۇنۇش . قىزىش ئۈچۈن ئۇيغۇرنى چۈشۈنۈش كىرەك . ئۇيغۇر بۇلۇشنى ھەممىلا ئادەمدىن تەلەپ قىلالمىساقمۇ لىكىن بىزنىڭ ھىس تۇيغۇ ئارقىلىق ئىجاد قىلىنىدىغان تەۋەلىك دەل ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىدۇر . بۇنى ئاللادىن باشقا ھىچقانداق بىر مەۋجۇتلۇق ئاستىن ئۈستۇن قىلۋىتەلمەيدۇ ۋە ئۆزگەرتىشكە قادىر بۇلالمايدۇ . چۈنكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاڭ سىسىتمىسىنى . پەلسەپىسىنى . ئەدەبىياتىنى . تارىخى قىسمەتلىرىنى . دىنى ئىتىقادىنى . قىممەت قاراشلىرىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ بىردىنلا موزىكىلىق قانۇيىتىنى چۇشىنىش ، تەتقى قىلىش . دوراش ئارقىلىق نەق ئۈزى قىلىپ چىقىش ئىلمى نوقتىدىن قىلىپ ئيتقاندا مۈمكىن ئەمەس . نىمىشقا مۈمكىن ئەمەس . بۇ يەردە بىر مىسال بار . ئىلى ناخشىلىرى ھاراق پۇرايدۇ . قەشقەر ناخشىلىرى ئەزان پۇرايدۇ دەيدۇ بىر بىر سەنئەت پىشۋاسى . ئىلى ناخشلىرى سايرامدىن ئۆتكەندىن كىين پۇرىغىنى يۇقۇتىدۇ دەيدۇ بىر كومپازىتۇر . قەشقەر خەلىق ناخشىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن قەشقەرلىك بۇلۇش كىرەك دەيدۇ يەنە بىر كومپازىتۇر . دىمەك بىر مىللەتتىن بۇلۇپ تۇرۇپ باشقا بىر يۇرىتنىڭ ئەسلى ساداسىنى خەلىققا تاپشۇرۇش مۈمكىن بولمىغان ئىكەن باشقا بىر مىللەتتىن تۇرۇپ بىراقلا ئۇيغۇر خەلىق ناخشا موزىكىسى ھەققىدە بىر نەرسە دىيىش قاپ يۈرەكلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . ئۇيغۇر سەنئىتى ئۆزىنىڭ تەۋەلىگىنى ئىنىق قىلىپ بىكىتىپ بولغان . شۇڭا ئۇنى خالىغانچە ئوينايمەن . پايدىلنىمەن . ئۈزۈمنىڭ قىلىپ پايدا ئالىمەن دەيدىكەن مىنىڭ ئۇنىڭغا بىرىدىغان جاۋابىم مۈمكىن ئەمەس . چۈنكى ئۇيغۇر سەنئىتى ۋە ناخشا موزىكىلىرى كىم پايدىلىنىمەن دىسە شۇ تەرەپكە ئىغىپ كىتىدىغان پىشمىغان . يىتىلمىگەن سىسىتىما ئەمەس بەلكى تارىخنىڭ ئىگىز پەس دوقاللىرىدىن ساق سالامەت ئۈتۈپ بىزگە كەلگەن مۇكەممەل ، تەۋەلىگى ئىنىق بىر سىستىمىدۇر .


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  130
يازما سانى: 283
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 628
تۆھپە : 0
توردا: 88
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 16:06:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەيلى روزىلەم بولسۇن مەيلى لەيلىگۈل بولسۇن ئۇنى ئاۋازى ھەقىقى ئەركەكتەك چىقىدىغان مەيدە . پۇتلىرىنى تۈك باسقان بىر ئەركەك ئەرلەرگە خاس ياڭراق ۋە جۇشقۇن بىر ئاۋازدا ئوقۇسا ئاندىن تېكسىىتنىڭ جىنىسى تەۋەلىگى ئېنىق ئايرىلىدۇ -

نېمىدا قىزىقارلىق ئىنتۇناتسىيەدە يازىسەن دەيمەن.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-21 16:59:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزلار قىزلارنى سېغىنىپ سالام يوللاۋاتسا توخۇ ئېتىم ئۆرلەپ شۇڭا گەپنى قاتتغراق تەلەپپۇزدا دەۋاتىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۆزھال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-7-21 17:00  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1734
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 80
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 16:09:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماقالىنى ئەستايىدىل كۈرۈپ چىقتىم،  قىسمەن تەخرسىز مەسىللەرنى   ۋاختىدا  بايقاپسىلەر .  مىنىڭچە بۇ ماقالىدىن ئىلمى پايدىلىنىشىمىز كېرەك. يەنى، كەسپى تەربىيەلەش ئورۇنلىرىنىڭ دەرىسلىك تىزىسىغا كىرگۈزىلىشى كېرەك  دەپ قارايمەن.
بىزدە تېخىچە ھەل قىلىنماي قالغان تالاي مەسىلىلەر مەۋجۇت.مىسال: يۇقۇردىكى ناخشا ئىلمىنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسى .
مەسىلەن؛ بىزدە مۇزىكا جۇغراپىيەسى، مۇزىكا  كونتېكىستى، مۇزىكىلىق ئانالىز قاتارلىق خەلقئارا ناخشا ئىلمىدە كەم بولسا بولمايدىغان موھىم بىلىملەر ئۇيغۇرسەنئەت بۈشۈكلىرىدە تېخىچە مەۋجۇت ئىلىم قاتارىدا ئەمەس بولغاچ، تالايلىغان مۇنەۋۋەر  تالانت ئىگىلىرى ناتوغرا تەپەككۇر نەزىريەسى بىلەن قۇراللىنىپ ئۆز سەنئىتىنىڭ پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىدىكى ئاتامانلىق ئورنىغا گۇمان بىلەن قارايدىغان ، ھەتتا  ئەخلەت ئىمپورت مۇزىكىلارغا  بازار ئېچىشتا ساددىلارچە پىدايى بۇلۇۋاتقان  بىر قاتار مەسىلىلەر  دىيارىمىزدا ئاللىقاچان بىر ئىجتىمائى ھادىسىگە ئايلىنىپ قالدى.
بۇ زور كىرزىس  سىلى كەبى  قۇلىدا قەلەم بىلەن دۇتتارنى تەڭ تۇتالايدىغان ئىجتىھاتلىق ، مەسئۇلىيەتچان ياشلارغا قالدى ئاداش..
ئەمدىكى مەسىلە،  بۇ ماقالىنى تېخىمۇ  تۇلۇقلاپ سېستىمىلىق تۈزۈپ چىقىشىڭلار زۈرۈردەك قىلىدۇ. ئالدى بىلەن جۇغراپىيلىك تەۋەلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. ئاندىن مەلۇم جۇغراپىيەلىك تەۋەلىككە ئىگە ئۇيغۇر ناخشىلىرىنىڭ
  جىىنسى تەۋەلىك ، كۈي سېستىما تەۋەلىگى ، ئاۋاز ئورنى تەۋەلىگى قاتارلىق مەلۇل ئىنىچكە  ئىزاھلارنى  تېخنىكىلىق شەرھىلىگىلى بۇلىدۇ. قالغان (مىللى) تەۋەلىك ۋە دەۋىر تەۋەلىگى قاتارلىق مەسىللەر مۇئەييەن ئۇقۇمغا ئىگە ناخشىلارنىڭ ئىجراسىدا تەبىيلا تىڭشىغۇچىلارنىڭ ئېڭىدا زاھىر بۇلىدۇ دەپ قارايمەن، قالدى گەپ لەرنى كۈرۈشكەندە دىيىشەيلى ئامان بۇلۇڭلا!.


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  862
يازما سانى: 227
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 452
تۆھپە : 0
توردا: 69
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-10-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 17:35:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىكى يوق پىكىر غەليانلىرى ئىچىدە ياشاپ ئاسماندىن بىر ئەۋلىيا چۈشۈپ ئىشنى ئوڭشايدىغاندەك ئون يىل ساقلاپ ئەمدى قەلەم تەۋرەتكىنىم قىزىق . بىر ئىشنى ئۈزىمىز قول تېقىىپ قىلمىساق ھىچكىمنىڭ قىلىپ بەرمەيدىغانلىغىنى ھىس قىلغان چاغدا ئاندىن يىزىشقا باشلىدىم . بۇ ماقالىنىڭ ئايىغىن يىزىپ مۇكەممەل قىلىشقا تىرىشىمەن لىكىن ۋاقىت مەسىلىسى ئالدىمدا تۇرىۋالدى . لىكىن بىر ئامال قىلىپ يازغانلىرىمنى تولۇقلاشقا ۋە داۋامىنى يىزىشقا تىرىشىمەن .

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  500
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 221
تۆھپە : 0
توردا: 72
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2012-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-7-22 19:00:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



        ئىلى ناخشىلىرى ھاراق پۇرايدۇ . قەشقەر ناخشىلىرى ئەزان پۇرايدۇ دەيدۇ بىر بىر سەنئەت پىشۋاسى . ئىلى ناخشلىرى سايرامدىن ئۆتكەندىن كىين پۇرىغىنى يۇقۇتىدۇ دەيدۇ بىر كومپازىتۇر . قەشقەر خەلىق ناخشىسىنى ئوقۇش ئۈچۈن قەشقەرلىك بۇلۇش كىرەك دەيدۇ يەنە بىر كومپازىتۇر .
        مەن ئاڭلىمىغان گەپلەركەن بۇ؟

        ناخشىلاردىكى ‹‹جىنسىي تەۋەلىك مەسىلىسى››ناملىق بۆلەكتىكى قاراشلار كىشىنى قايىل قىلىدىكەن،لېكىن،شۇ بويىچە رىئاللاشتۇرۇشتۇرۇلسا،ئايال ناخشىچىلارغا ناخشا كاساتچىلىقى بولامدۇ نېمە؟!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش