كۆرۈش: 1265|ئىنكاس: 0

مۇھەممەدجان سادىق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
m  s.jpg

مۇھەممەدجان سادىق
مۇھەممەدجان سادىق ئۇيغۇرلارنىڭ ماياكوۋىسكىيىسى دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن، شېئىرىيەت ئىجادىيىتىدە باشتىن-ئاخىر چاچما شېئىر شەكلىنى قوللىنىپ، نۇرغۇن نادىر شېئىرىي ئەسەرلەرنى خەلققە تەقدىم قىلغان ئاتاغلىق شائىر، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىياتشۇناس،بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب شەكىللەندۈرگەن ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى، ئۇ 1934-يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان، 1941-يىلىدىن1951-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرى "روشەن" باشلانغۇچ مەكتىپى، ئەخماتجان قاسىمى نامىدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە، رۇس گىمنازىيەسىدە، 1954-يىلىغىچە ئۈچيىل سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. 1954-يىلىدىن ئېتىبارەن خوتەن ۋە قەشقەردە، 1961-يىلىدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، ئىلىپېداگوگىكا ئىنىستىتوتىدا ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. كېيىن ئىلى پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتى، ئەدەبىيات فاكولتېتىنىڭ مۇدىرلىق خىزمىتىنى ئىشلەپ1993-يىلى پېنسىيىگە چىققان.
       مۇھەممەدجان سادىق 1951-يىلى 17 يېشىدا "ئېلى گېزىتى" دە ئېلانقىلىنغان "بىرىنچى مايدا" ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكەكىرىشكەن.
      پېداگوك، شائىر، يازغۇچى، تەتقىقاتچى مۇھەممەدجان سادىق ھاياتىدا«گۈمبەزلىك قەبرىنىڭ سىرى»، «تەڭرىتاغ ناخشىسى»، «زۇلپىقار»، «بوز ئەر»، «مۇھەببەت ۋە تەبەسسۇم»، «ئىلى پەرزەنتلىرى»، «قېلىن قاردىكى ناخشا»، «ئىلى خەمسىسى»، «خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى» قاتارلىق كىتابلىرىنى خەلقىگە قالدۇرۇپ 2012-يىلى 78 يېشىداغۇلجىدا ۋاپات بولدى.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بابۇر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-9 10:59  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش