تاللاڭيانفون نۇسخىسى | كومپيۇتېر نۇسخىسىنى كۆرۈش
كۆرۈش: 158|ئىنكاس: 3

دىلداش-ئەدىبلەر سورۇنىدا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1021
تۆھپە : 5
توردا: 235
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                  ئەدىبلەر سورۇنىدا

                                                      ( ھېكايە )

                                         كامىلجان ناسىر دىلداش


كەچكى شەپەق نۇرىغا چۈمۈلگەن ناھىيە بازىرى شۇ تاپتا كۆزۈمگە باشقىچە كۈرۈنمەكتە. قەلبىمدىكى تەشنالىق، تاقەتسىزلىك قەدەملىرىم ئۈچۈن مەدەت بەرمەكتە. ئۆز ئۆزۈمگە سۆزلەپ كېتىۋاتىمەن. مەن ئارمان قىلغان پۇرسەت ئاخىرى يىتىپ كەلدى.بالىلىقىمدىن بىرى شائىر، يازغۇچىلارغا شۇنداق ھەۋەس قىلاتتىم. قايسى بىر شائىر-يازغۇچىنىڭ بىرەر پارچە ئەسىرىنى ئوقۇغىنىمدا ئۆزۈمنىڭ شائىر ياكى يازغۇچى بولالمىغانلىقىمدىن ئۆكۈنەتتىم. گەرچە تەڭتۈش دوستلىرىم كەسپىمگە ھەۋەس قىلسىمۇ، ئەشۇ ھەۋەستىن پەيدا بولغان ئارمان قەلبىمدە پىنھان ئىدى. بۈگۈن بىر شائىر دوستۇمنىڭ تەكلىپ قىلىشى بىلەن دىيارىمىزدىكى ئەدىبلەر سورۇنىغا قاتنىش پۇرسىتى ماڭا يېقىنلاپ كەلمەكتە.ئىچ-ئىچىمدىن خۇشاللىق ئۇچقۇنلىرى چاچرىماقتا. مەن ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان، ھۆرمىتىمدە سانايدىغان قەلەم ئىگىلىرى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرىشىمەن. ئۇلار بىلەن دىدارلىشىمەن،ئۇلارنىڭ تۈرلۈك مەزمۇندىكى پاراڭلىرىنى ئاڭلايمەن. ئۇلار بىلەن ئۇزاق مۇڭدىشىمەن... ئەنە شۇنداق ئىزگۈ خىياللار بىلەن « چاچقۇ» رېستۇرانى ئالدىغا كەلگەنلىكىمنىمۇ سەزمەي قاپتىمەن. سائىتىمگە قاراپ دىيىشكەن ۋاقىتتىن 30 مىنۇت بۇرۇن كەلگەنلىكىمنى بىلدىم.
مەن رېستۇران ئالدىدا ئۆچەكتىكى قۇشقاچ بالىلىرى دان ئېلىپ كەلگەن ئانىغا تەلمۈرگەندەك ئۆتكەن ئادەملەرگە زېھنىم بىلەن قارايمەن. ناتۇنۇش ئادەملەر توپىدىن ئۆزۈم تېخى كۆرۈشۈپ باقمىغان ئاپتورلارنى ئىزلەش بىلەن ئاۋارە. تېلفۇنۇمنىڭ جاراڭلىق سايرىشى خىيالىمنى بۆلىۋەتتى.
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،شۇنداق،مەن رېستۇران ئالدىدا ساقلاۋاتىمەن.بولىدۇ،يەنە ساقلاي.
ئارىدن بىر نەچچە مىنۇت ئۆتكەندىن كىيىن جىمخور تەخەللۇسى بىلەن ھېكايە يازىدىغان دوستۇم كۈلۈمسىرىگەنچە ماڭا قاراپ يېقىنلىدى.
رېستۇران ئىچى بۈگۈن كۆزۈمگە باشقىچە چىرايلىق كۆرۈنەتتى.رەت-رەت تىزىلغان شىرە-ئۇرۇندۇققا جايلاشقان ئادەملەر توپىدىن قايسى بىر تۇنۇشۇمنى ئىزدىگەندەك تەلمۈرۈپ باققاچ جىمخورنىڭ ئارقىسىدىن كېتىۋاتىمەن. ۋۇجۇدۇمغا يامرىغان تەققەززالىق قەدىمىمنى تېخىمۇ ئىتتىك ئېلىشىمغا تۈرتكە بولماقتا. ئايرىمخانىغا كىرگىنىمىزدە بۇ يەردە 6 ئادەم ئولتۇرغان ئىكەن. بىز بۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ كۈرۈشكەندىن كىيىن ئورۇندۇققا جايلاشتۇق. مەن بۇلارنىڭ ئۆز-ئارا پاراڭلىرىنى ئاڭلىغاچ ئۇلارنىڭ كىملىكىنى بىلىشكە ئالدىراپ قىزىقسىنىپ قارايتتىم. ئۇلارنىڭ قىزىق چاقچاقلىرىدىن گاھىدا كۈلۈپمۇ قوياتتىم. قورۇمىلار  شىرە ئۈستىگە پەۋەس تىزىلغاندىن كىيىن ھاراق كەلتۈرۈلدى. ھاراقنىڭ ئېغىزى بىلەن تەڭلا قارامتۇق كەلگەن، ئوتتۇرا بوي، چاچلىرى ئانچە مۇنچە ئاقارغان،ھەر بىر سۆزلىرىدىن يۇمۇر تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان بىر كىشى گېلىنى قىرىۋالغاندىن كىيىن:
-مەن ئالدى بىلەن ئۆزۈمدىن باشلاپ مېھمانلارنى تۇنۇشتۇرۋالغاندىن كىيىن ئاندىن رومكىنى سەكرىتەي،مەن ھەممىڭلارغا تونۇشلۇق بولساممۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۆزەمنى ماختاپ تۇنۇشتۇرۋىتەي.مېنىڭ ئىسمىم نەجمىدىن، دادامنىڭ ئىسمى تۇردى. بۇ ئىككى ئىسىمنى قوشساق نەجمىدىن تۇردى.ئۆزەم مەمۇرى كادىر، داڭلىق يازارمەنلىكىمنى ھەممىڭلار بىلىسىلەر، ھېكايىلىرىم ئۈچۈن تالاي ئوبزور يىزىلغان، ھازىرغىچە 3 پارچە كىتاۋىم نەشىرىياتتا يورۇقلۇق ئىزدەپ ئۆچرەتتە-دەپ سۆزىنى تۈگىتىپ، تاقىر بېشىنى يېنىك تاتىلاپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى بىلەن نەزەر سالدىم. ئۇ ئادەم گەرچە ئاددى-ساددا كىيىنگەن بولسىمۇ كۆزۈمگە شۇقەدەر قەدىرلىكتەك تۇيۇلدى.تونۇشتۇرۇش مۇشۇ تەرتىپتە داۋاملىشىپ ئاخىرلاشتى.مەن بۇ سورۇندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ خېلى تۇنۇلغان ئەدىبلەردىن ئىكەنلىكىنى، ئاپتۇنۇم رايۇندىن كەلگەن ئىككى نەپەر يازغۇچىنى كۈتۈۋىلىش يۈزىسىدىن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان، ناھىيىمىز تەۋەسىدىكى ئەدىبلەر جەم بولغان بۇ سورۇنغا داخىل بولالىغانلىقىمدىن ئىچىمدە سۆيۈنۇپ ئولتۇرغاچ ، ئاپتۇنۇم رايۇندىن كەلگەن ئىككى ئەدىبكە چاندۇرماي نەزەر سالدىم.ئۇلارنىڭ قورۇما يىيىشى، ھاراق ئىچىشى، ھەر بىر ئىغىز گەپلىرى مەسلىكىمنى قوزغايتتى. ئىچىشۋازلىق ئەۋج ئالماقتا، سورۇندىكىلەرمۇ خېلىلا قىزىپ قالغاچقىمۇ يۇمۇرلار ئارقا-ئارقا ئارقىدىن سەپراس بولماقتا.كۈلكىلەر ياڭرىماقتا...
-قەلەمداشلار، باياتىن بېرى خېلى كۈلۈۋالدۇق.بىر دەم ئەدەبىياتىمىز توغرىسىدا ئاز-تولا سۆزلەشسەك قانداق؟-دىدى ئارىدىن بىرى. ئۇنىڭ پىكرى ھەممەيلەننىڭ رازىلىقىغا ئېرىشتى. ئازادلىقتىن بۇرۇنقىلاردىن تارتىپ ھازىر مەيدانغا كەلگەن ئەدىبلەرگىچە ئۇلار ئۈستىدە مۇلاھىزە بولۇندى. بىرى بىر شائىر توغرىسىدا سۆزلەپ ماختىسا، يەنە بىرى ئۇنىڭ پىكىرىگە قارشى چىقاتتى.مەن ئوتتۇرىدا دىيىلىۋاتقان مۇلاھىزىلەردىن مەمنۇن ئىدىم ۋە بۇ سورۇنغا داخىل بولغانلىقىمدىن سۆيۈنۈپ ئولتۇراتتىم...
ئارىدىن بىرى دىيارىمىزدىكى مەن ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان بىر شائىر توغرىسىدا سۆز باشلىدى. مەن بارلىق دىققىتىم بىلەن ئۇنىڭ بايانلىرىغا قۇلاق سېلىشقا باشلىدىم. ئۇنىڭ بايانلىرى شۇ قەدەر ياخشى داۋاملىشىپ باراتتى. ئۇنىڭ سۆزلىرى مېنى بارغانچە زوقلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى ئاۋۇندۇرۇپ بارماقتا. ئارىدىن قەھرىمان دەيدىغان بىرى :
-ئۇ ئادەممۇ چاغلىق تەقلىدچى، ھە دىسىلا كونا مۇقامدا توۋلايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئادەمنىڭ ئەخلاق– ئىستىلى بۇزۇق. « لەي-لەي » خانا ماراپلا يۈرۈيدىغان ئادەم. مەن ئۇنى بىر نەچچە نۆۋەت مېھمانخانىلاردا قىزلارنى يۆلەپ يۈرگەنلىكىنى كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ قالدىم. يازغانلىرىغا ئىتائەت قىلمايدىغان ئادەم ئۇ...- دىدى مەنمەنچىلىك بىلەن. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ باراتتى. غەزەپ ئىچىدە بۇ سۆزلەرنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىغىم كەلمىدى. لېكىن نىمە ئامال؟ ئەگەر بۇ سورۇنغا تەكلىپ بىلەن كەلمىگەن بولسام تازا بىر مۇشتلاپ ئاچچىقىمنى چىقىراتتىم. غەزەپلىرىمنى ئىچىمگە يۈتۈپ، يېنىمدىكى بىراۋنىڭ رومكىسىغا قويۇلۇپ تېخى قولىغا ئالمىغان ھاراقنى زورلاپ ئىچىۋەتتىم. ئەتراپىمدىكىلەر ماڭا ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ قېلىشتى. پاراڭ يەنىلا داۋاملاشماقتا . ھەر بىر سۆز ئەدەبىياتىمىزدىكى تونۇلغان ئەدىبلەرنى ماختاش بىلەن  باشلىنىپ ئاخىرى غەيۋەت بىلەن ئاخىرلاشماقتا. مەن ھۆرمەتلەيدىغان، ئەسەرلىرىنى سۈيۈپ ئوقۇيدىغان ئەدىبلەرگە ھاقارەت قىلىنماقتا .
مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم سۆزلەۋاتىمەن. توۋا! ۋاقتىنى، زېھىنىنى سەرپ قىلىپ جاپالىق ئىزدىنىپ، ئەل كۆڭلىگە ياققىدەك ئەسەرلىرى بىلەن ئاۋامنىڭ ئېتراپ قىلىشغا ئېرىشكەن، ئەل قەلبىدە سۈيۈنۈش پەيدا قىلغان،ئۆلمەس ئەسەرلىرى بىلەن يۈرەكلەرگە نەقىش چەككەن،تالاي مۇكاپاتلار بىلەن ئۆز ئوبرازىنى ياراتقان ئۆتكۈر پىكىرلىك ئاپتورلارنىڭ سورۇنىمىزدا ئولتۇرغان ئەدىبلەرنىڭ نەزىردە ئەرزىمەس ئادەم قاتارىدا سانىلىشى مېنى تولىمۇ قىيناپ، يۈرۈكۈمنى ئاچچىق ئۆرتەپ بارماقتا.سورۇنداشلارغا بولغان غەزىپىم ئاشماقتا. ئىزتىراپلىق خىياللىرىم ئاۋۇپ بارماقتا ئىدى. ئايرىمخانا ئىشكىنىڭ زەردە بىلەن ئېچىلىشى خىيالىمنى بۆلۈۋەتتى.ئىشكتىن قېنىق گىرىم قىلغان بىر نەچچە ئايال كىرىپ، نەجمىدىن تۇردى ئاكىغا زەردە بىلەن قاراپ :
-ھەي تاز، رەڭلىك ئولتۇرىمىز دەپ چاقىرغان ئادەم ئالدىمىزغا چىقىپ تاكسى پۇلىنى تۆلىمەي تۇرىسەنغۇ؟-دىدى غەزەپلەنگەن ھالدا.
-بولدى-بولدى.كوت قىلما! پۇلدا چاتاق يوق. ھېلى بەرسەك بولىدۇ،نىسى دەپتەرگە يېزىپ قويۇپ تۇرغىنە.
سورۇندا كۈلكە كۆتۈرۈلدى. ياسانچۇق ئايال سورۇندىكىلەرگە بىر قۇر نەزەر سېلىۋالغاندىن كېيىن بىر چەتتە مۈگىدەپ ئولتۇرغان قەھرىمانغا قاراپ :
-ھەي لاۋزا شائىر، چىرايلىق ھەدەڭنى كۆرۈپ مۈگىدەيسەنغۇ؟-دىدى مازاق قىلىپ.
ياسانچۇق ئايالنىڭ سۆزى بىلەن تەڭلا قىقاس كۈلكە ياڭرىدى.سورۇن ئەۋجىگە چىقماقتا، سورۇندا ئولتۇرغان ئەدىبلەرگە بولغان غەزىپىم قەلبىمدە كۈۋەجەپ،تۇمۇرۇمغا ئېقىۋاتقان ھاراق بىلەن كەيپىم ئۆرلىمەكتە، مەن ھاجەتكە چىقىشنى باھانە قىلىپ ئەدىبلەر سورۇنىدىن ئايرىلدىم. يول بويى ئۆزەمگە ئۆزەم سۆزلەپ ماڭماقتىمەن.«ھەي ئەدىبلەر!»... دەيمەن ئۆزۈمگە ...


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-5 01:23  


mukam.cn

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1145
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 209
تۆھپە : 0
توردا: 33
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياحشى چىقىپتۇ،ئىجادىتىڭىز سەمەرىلىك بولسۇن!

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1701
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 31
تۆھپە : 0
توردا: 4
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 11:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھايات شۇنداق سىز قەدىرلىگەن ، سۆيۈنگەن نەرسىنىڭ سىز ئويلىغاندەك بولىشى ناتايىن . ھىكايىڭىز راسلا ياخشى چىقىپتۇ ....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  99
يازما سانى: 449
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1021
تۆھپە : 5
توردا: 235
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-7
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغانلىغىڭلاردىن خۇرسەنمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش