ئومۇمنىڭ دۈشمىنى خەن خەن
ھوقۇقدارلارغىمۇ، پۇقرالارغىمۇ ئوت ئېچىش
خەن خەن يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ئۇنىڭ بۇنداق قىلمىغىنىغا ئۇزۇن بولغانىدى. 2011-يىلىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەپتىسى ئۇ ئۆزىنىڭ چېكىلىش نىسبىتى 520 مىليون قېتىم، دۇنيا بويىچە 1-ئورۇندا تۇرىدۇ دېيلىۋاتقان بلوگىدا ئارقا-ئارقىدىن «ئىنقىلاب ھەققىدە»، «دېموكىراتىيە ھەققىدە» ۋە «ئەركىنلىك كېرەك» دېگەن دەبدەبىلىك تېمىدىكى ئۈچ پارچە ماقالىنى ئېلان قىلدى. بۇ يازمىلارمۇ خەن خەننىڭ بىلوگىدىكى بۇرۇنقى يازمىلىرىغا ئوخشاشلا چاقماق تېزلىكىدە نۇرغۇنلىغان مىكرو بىلوگلارغا كۆچۈرۈلۈپ چېكىلىش سانى مىليون قېتىملارغا يەتتى. بىراق بۇ ئۈچ ماقالە مەيلى ئىپادىلەش شەكلىدە بولسۇن ۋە ياكى قايتقان ئىنكاسلار بولسۇن بۇرۇنقى يازمىلىرىغا پەقەت ئوخشىمايتتى.
ئىلگىرى خەن خەن ھەر قانداق ئېقىم مەسىلىلىرىگە بىر ئىشقا بىر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈش ئۇسۇلى بىلەن باھا بېرەتتى، بەش يىلدىن بېرىقى كىشىلەرنىڭ ئېسىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئاممىۋى ۋەقەلەردە خەن خەنننىڭ ساداسى ئۈزۈلۈپ باقمىغان ئىدى: ئۈچ بۇغا سۈت پاراشۇكى ۋەقەسىدىن قارماق تاشلاپ قانۇن ئىجرا قىلىشقىچە، شاڭخەيدە يۈز بەرگەن زور ئوت ئاپىتىدىن پويىزنىڭ رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىگىچە كىشىلەر تىراگېدىيە ۋە بىمەنە ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن خەن خەننىڭ بلوگىغا كىرىپ ئۇنىڭ يەنە نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ قېلىشتى. دۇنيادا ئىككى خىل مەنتىقە بولسا ئۇنىڭ بىرى جۇڭگوچە مەنتىقىدۇر. «بۇنى تىپىك خەن خەنچە مەسخىرە ياكى خەنخەننىڭ بىلوگدىكى كۆپ قىسىم يازمىسىنىڭ ئاساسىي تېمىسى دېيىشكە بولىدۇ. بۇ يازمىلار ۋەقەنىڭ ھەقىقى ئەھۋالى توغرىسىدىكى بايان، ئەمەلدارلار سورۇنى ئىستىلىغا بولغان مازاق ۋە چىرىك ئىدىيىگە بولغان تەنقىدنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا خەن خەننىڭ بۇ تىراگېدىيەلىك ۋەقەلەرگە بولغان قايغۇسىنى ئىپادە قىلىنىدۇ. بۇنداق يازمىلار توردا ساماندەك بولسىمۇ خەنخەننىڭ ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى يازمىلارنى جۇلالاندۇرغان. بىرىنچىدن ئۇ كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئېيتماقچى بولغان يۈرەك سۆزىنى يازىدۇ، ئىككىنچىدىن ئۇ ھەر قانداق كىشىدىن قورقماس روھ بىلەن يازىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ناھايىتى پاراسەتلىك، شۇنداق بولغاچقا ئۇ پىكىر داھىسى دەپ تەرىپلەنگەن.
بىراق بۇ قېتىم خەن خەن تېخىمۇ بۈيۈك بىر مەسىلىگە جەڭ ئېلان قىلامقچىدەك قىلاتتى. ئىنقىلاب، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك تېمىسىدىكى بۇ ماقالە توردا خەنخەننىڭ ئۈچ ماقالىسى دەپ ئاتالدى، بۇنىڭدا خەن خەن كەڭ كۆلەمدە مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان بەزى سۆز-ئىبارىلەرگە بولغان كۆزقارىشىنى بايان قىلغان. نۇرغۇنلىغان ئوقۇرمەنلىرىنى ھەيران قالدۇرغىنى شۇ بولدىكى، خەن خەن بۇرۇنقىدەك رادىكال بولماي قالغان ئىدى، ھەتتا ئۇنى مۇتەئەسسىپلىككە ئۆزگەردى دېگەنلەرمۇ بولدى. خەن خەن ئۇ يازمىلىرىدا بۇ دۆلەتنىڭ ھەرقايسى تەبىقىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى نىزا، تەبىقىلەرنىڭ داۋا تەلىپى ئوتتۇرىسىدىكى زور پەرقلەرنى ھەمدە قارىماققا ئەبەدىل ھەققانىي بىلىنىدىغان «ئەركىنلىك»، «دېموكراتىيە» قاتارلىق ئىبارىلەرنىڭ ھەر خىل كىشىلەرنىڭ قارىشىدىكى چۇڭقۇر ھاڭنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ يەنە زور ھەجىمدىكى بايانلار بىلەن پۇقرالارنىڭ ساپاسىغا بولغان ئۈمىدسىزلىكىنى ئىپادە قىلىدۇ، مەسىلەن ئۇ مۇنداق يازىدۇ: «ئەڭ مۇھىمى كۆپ ساندىكى جۇڭگولۇقلار باشقىلار ئۆلەي دەۋاتسىمۇ ئۈندىمەيدۇ، پەقەت پالاكەت ئۆز بېشىغا كەلگەندىلا غىڭشىيدۇ، ئۆمۈر بويى بىرلىشەلمەيدۇ »، « بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيادا ئەڭ ئىنقىلاپ بولمايدىغان دۆلەت، شۇنداقلا ئىسلاھاتقا ئەڭ مۇھتاج دۆلەت. ئەگەر سىز مەندىن جۇڭگودا ئىنقىلاپ قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى پۇرسىتى قايسى ۋاقىت دەپ سوراپ تۇرۇۋالسىڭىز، پەقەت شۇنى دېيەلەيمەنكى، كوچىدا ماشىنا ھەيدەۋاتقانلار قارمۇ قارشى كەلگەندە يىراق نۇرلۇق چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتكەن چاغدا ئاندىن ئىنقىلاپ دېگەنگە ئىشەنسىڭىز بولىدۇ. ئەمما بۇنداق دۆلەتتە ھەر قانداق ئىنقىلاپنىڭ ھاجىتى يوق، مائارىپنىڭ سۈپىتى بىلەن خەلقنىڭ ساپاسى شۇ دەرىجىگە يەتكەندە ھەممە ئىش تەبىئىي يۈرۈشۈپ كېتىدۇ.»
بۇ قاراشلار نۇرغۇن كىشىلەرنى غۇلغۇلىغا سالدى. خەن خەننىڭ بۇرۇنقى يازمىلىرىدىكى كەسكىن سۆزلىرى پەقەت ھوقۇق-ئىمتىياز ۋە تۈزۈلمىگە قارىتىلاتتى، ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇ قورالىنىڭ تىغ ئۇچىنى ئەزەلدىن ئۆزىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئەل رايىغا قاراتتى. زىيالىلار ساھەسىدە ئىلگىرى خەن خەننى ئالاھىدە تەرىپلىگەن ئالىملارمۇ بۇ قېتىمقى «خەن خەننىڭ ئۈچ ماقالىسى»دىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلار: خەن خەندە مەنتىقە قارىشى يوق، ئۇنىڭ ئىلمىي ساپاسى يوق، ئىلمىي تەربىيەلەنمىگەن ديىشتى. بۇلارنىڭ ھەممىسى كونا گەپلەر ئىدى، پەقەت ئوتتۇرىغا چىقمىغىنى ئۇزۇن بولغان، ئەمدى ئوتتۇرىغا چىقتى. يەنە يېڭى مەسىلىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يەنى: خەن خەن ياللانما ئوبزورچىمىدۇ دېگەن گۇمانلار بولدى، بۇ يېڭى گەپ بولدى.
خەن خەن بۇنداق ئىمتيازدىن بەھرىمان بولمىغىنى نەچچە يىل بولۇپ قالدى. بەش يىلدىن بېرى، بلوگ ئۇنىڭ تەسىرچانلىقى ۋە ھۆرمىتىنى ئاشۇردى، ئۇ ئۆزىمۇ «كۈندىن كۈنگە مەسئۇلىيەتچان قورامىغا يەتكەن كىشى» قىياپەتتە جامائەت پىكرى ئارزۇ قىلغان روللانى ئويناپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «گراژدان خەن خەن» دەپ ئاتالدى، گومىڭ ئادۋۇكاتلىق مەركىزى تەرىپىدىن گراژدانلىق مەسئۇليەت مۇكاپاتىغا ئېرىشتى، ھەر يىلى يىل ئاخىرىدا كۆپىلىگەن تاراتقۇلارنىڭ مەخسۇس زىيارەت قىلىپ نۆۋەت بىلەن تارقىتىشىغا مۇيەسسەر بولدى. 2010-يىلى 4-ئايدا «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلى خەن خەننى دۇنيادىكى تەسىرچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك شەخس نامزاتلىقىغا كىرگۈزدى. بۇ ئۇنىڭ ئەينى چاغدا بىر ۋەلەك ئۆسمۈر سۈپىتىدە مەيدانغا چىققانلىقىنى ئۇنتۇلدۇرۇۋەتتى. خەن خەن دېگەن بۇ ئىسىم ئەينى چاغدا ئاسىي ياشلارنىڭ ئوبرازىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان يىللاردا خەن خەنگە ئائىت خەۋەرلەرنىڭ ھەممىسى مەكتەپتىن قېچىش، ئاپتوموبىل مۇسابىقىسى دېگەندەك سۆزلەر ۋە ئەدەبىيات ساھەسىدىكى چوڭلارنىڭ تىل ئاھانىتى بىلەن تولغان ئىدى. خەن خەننىڭ مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئەگەشكۈچىلىرى بولسىمۇ، ئۇ چوڭلارنىڭ دۇنياسىدا ئەيىپلەشكە ۋە يالغۇزلۇقتا قالغانىدى. مەلۇم بىر كۈنى چوڭلار دۇنياسى ئۇنى تۇيۇقسىز قوبۇل قىلدى، ئۇمۇ چوڭلارنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلاندى.
ھازىر خەن خەن ئومۇمى خەلق بىلەن دۈشمەنلىشىشكە تەييارلانغاندەك قىلىدۇ. 2012-يىلى ئۇ «2011-يىلىم» ناملىق تۇنجى يازمىسىدا بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئوي خىياللىرىنى ئەسلەپ ئۆتكەن. چۈنكى ئۇ ئاسارەتكە ئەڭ ئۆچ ئادەم بولغاچقا دەسلەپكى يازمىلىرى زاماننىڭ ناچار خاھىشلىرىنى سۆكىدىغان، ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلىدىغان مەزمۇندىكى چىن يۈرىكىدىن چىققان نەپرەتلەر بىلەن تولغان ئىدى. ئۇ بۇنداق تەنقىدتىن قالتىس ئادەم شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەمدە ئاڭسىز ھالدا قالتىسلىققا ماسلاشقان ئىدى. مېنى قوللىمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئاۋام تەرىپىدىن ياللانما ئوبزورچىلار دەپ قارىلىدۇ، ئۇلار ھوقۇق-ئىمتىيازنىڭ غالچىسى، دېموكراتىيەنىڭ دۈشمىنىدۇر دەپ كەلدى. كېيىنچە ئۆزىنى تەنقىد قىلىدىغانلارنىڭ بارغانسېرى ئازىيىۋاتقانلىقىنى سەزدى-دە، بارغانسېرى ئېھتىياتچان بولۇشقا، بەزى ئىشلارنىڭ نورمال بولمايۋاتقانلىقىنى سېزىشكە باشلىدى.
خەن خەن ئۇزۇن ئويلاندى ۋە مۇنداق خۇلاسىگە كەلدى: بىر ياخشى يازارمەن ھوقۇق ئىمتىيازغا ھۇجۇم قىلغاندا چوقۇم ئاۋامغىمۇ ئوت ئېچىشى كېرەككەن.
ئۇ دۇنيانىڭ سكاننېرغا ئوخشايدىغانلىقى بايقايدۇ.
زور تەنقىد ۋە ماختاشلار ئارىسىدا 2011-يىلىنىڭ ئاخىرقى بىر ھەپتىسى مىكرو بلوگ خەن خەننىڭ جەڭگاھىغا ئايلاندى. بۇ چاغدا ھەتتا خەن خەننىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنىڭ ھاجىتى قالمىغان بولۇپ، مۇنازىرىلەشكۈچى ئىككى تەرەپ ئاللىقاچان ئۇنىڭ ئۈچ ماقالىسى توغرىسىدا ھايات-ماماتلىق جەڭنى باشلىۋەتكەنىدى.
خەن خەنگە بولغان تەنقىد بىر قانچە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىدى. زىيالىلار ئۇنىڭ ئۈچ پارچە ماقالىىسىدىكى پاكىت خاتالىقى بىلەن مەنتىقىدىكى قالايمىقانچىلىقنى كەڭ كۆلەمدە سۆكۈشتى. ئامېرىكىدا ئولتۇراقلاشقان جۇڭگولۇق ئالىملار بولسا خەن خەننىڭ ئاق نىلۇفەر مەزھىپى ۋە تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتىنى ئىنقىلاب دېيىشى ئىسيانكارلىق بىلەن ئىقىلابنى ئارىلاشتۇرۇۋەتكەنلىك دېيىشتى. شاڭخەيلىك ئالىم ۋاڭ شاۋيۈي مۇخبىرغا خەن خەننىڭ ئەڭ چوڭ خاتالىقى مەنتىقە خاتالىقى دەيدۇ. «خەن خەن ئاۋام خەلقنىڭ ساپاسىنى نەتىجە قىلىماي ئۇنى بىر سەۋەب قىلىۋالغان. مەسىلەن ئېلىپ ئېيتساق نۆۋەتتىكى ئەخلاقنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ھەممە كىشى ئېتىراپ قىلىدۇ، دەل ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى سەۋەبىدىن تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش زۆرۈر بولۇۋاتىدۇ. ئەكسىچە ساپا تۆۋەن بولسا ياخشى تۈزۈمگە لايىق ئەمەس دېيىشكە بولمايدۇ. بۇ جەھەتتە خەن خەن ئەكسىچە گەپ قىلغان.»
ۋاڭ شاۋيۈي يەنە مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن: «ھاكىم مۇتلەقلىق ئاستىدا ئاڭلىماققا شۇنچە ئالىيجاناب ۋە يېقىملىق ئاڭلىنىدىغان“ھەممىمىز گۇناھكار”“”دەپ جار سېلىش، ئەمەلىيەتتە مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ھەقىقى گۇناھى بار كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى ئاقلىغانلىق ھېسابلىنىدۇ. “مەسئۇلىيەت ۋە ھۆكۈم” دە ئارېندت كەلسە كەلمەس “كوللېكتىپ مەسئۇلىيەت” دەۋېرىشكە قارشى تۇرۇپ، بۇنى بىر خىل ساختا نادامەت چېكىش دەپ ئاتىغان. بۇتەنقىد خەن خەن ئېيتقان “پارتىيەنىڭ كەمچىلىكى ئەمەلىيەتتە كۆپ ھاللاردا خەلقنىڭ كەمچىلكىدۇر”، “خەلقنىڭ ئۆزى تۈزۈلمىنىڭ ئۆزى دېمەكتۇر” دېگىنىگە مۇۋاپىق كېلىدۇ.»
ۋاڭ شاۋيۈي ئىلگىرى خەن خەننىڭ «گراجدانلىق روھى»غا ئاپىرىن ئوقۇپ «ھازىرقى جۇڭگودا ئەدىپ ۋە داھى كەم ئەمەس، كەم بولغىنى (خەن خەندەك) گراجدانلار» دېگەنىدى. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە ئۇ شۆ يوڭ بىلەن بىرگە بۈيۈك نەزەرىيە سۆزلەيدىغان خەن خەندىن ئۈمىدسىزلەنگەن. «خەن خەن كىتاب ئوقۇمايدۇ» دېگەن گەپنى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويغان، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « ئەەدەبىي ئىجادىيەتتە تالانتقا تاينىش مۇمكىن، ئەمما ھازىر سەن ئىدىيە توغرىسىدا گەپ سېتىۋاتىسەن، بىر ئادەم ئەقەللى بىلىم بىلەن تەربىيەلەنمەي تۇرۇپلا ئىدىيەدىن ئېغىز ئېچىشى مۇمكىن ئەمەس.»
خەن خەن راستىنلا كىتاب ئوقۇمامدۇ؟ خەن خەن بۇ سوئالنى پەرۋايىغىمۇ ئېلىپ قويمىغاندەك قىلىدۇ، ئۇ بۇنى «تولىمۇ ئەخمىقانە سوئال» دەپ قارايدۇ، ھەمدە كىتاب ئوقۇشقا قارىتا ئۆزىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ –ئىلمىي ئەسەرنىلا ئوقۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئەمما ھەر خىل خەۋەر ئاخباراتلارنى چوقۇم ئوقۇش كېرەك. جياڭ فاڭجومۇ بىر قېتىملىق سۆھبەتتە خەن خەننىڭ بۇ قارىشىغا قىزىقىپ قالغان، ئۇ «ھەممە ئادەم سىزنىڭ “چىقارغىنىڭىز” نىلا كۆردى، ئەمما سىزنىڭ “قوبۇل قىلغىنىڭىز” زادى نېمە؟» دېگەندە خەن خەن جاۋاب بەرمەي تەيجى ھەركىتى قىلىدۇ. خەن خەننىڭ «يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئۆمىكى»دىكى خىزمەتدىشى ما يىمۇ مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: «خەن خەن ھەقىقەتەن كىتاب ئوقۇمايدۇ، ئۇ ئۆيىدىكى كىتاب جاھازلىرىغا ساپلا مۇسابىقە ئاپتوموبىلىنىڭ قالپىقىنى تىزىپ قويىدۇ.» ئەمما خەن خەن يېرىم كېچىلەردە ئۇنىڭغا تېلېفون بېرىپ «ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈش تۈزۈمىنىڭ زادى قانداق ئىشلىقىنى بىلەمسىز؟»، «ھىندىستاننىڭ دېمموكراتىيەسى زادى قانداق دېموكراتىيە؟» دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ قويىدۇ. «كۆپ چاغلاردا ئۇ بۇنداق ئىشلاردىن قىلچە خەۋەرسىزمۇ يۈرمەيدۇ، ئۇ ناھايىتى تەپسىلىي سوئاللارنى سورايدۇ، ئويلىنىشقا تېگىشلىك تۇتقىنى چىقىرىپ قويىدۇ، ئەمما ئويلىنىش جەريانىدىن ئورتاق بەھىرلىنەلمەيمىز. مەسىلەن ئالساق، ئىشتىن كېيىن تەكشۈرۈش دېگەندە مەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ گېرباچېف قانداق قىلىپ تۈزۈمنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق رۇسىيەنى دېموكراتىيەگە قەدەم باشلىغانلىقى توغرىسىدىكى ماتېرىياللارنى تېپىپ بەردىم، مانا بۇ خەن خەننىڭ ماتېرىيالغا ئېرىشىش ئۇسۇلى ئىدى.»
خەن خەننىڭ ئەسەرلىرنى نەشر قىلغۇچى ھەم ئۇنىڭ يېقىن دوستى لۇ جىنبو مۇنداق دەيدۇ: «ئەمەلىيەتتە خەن خەن ياىشى كىتابخان، ئۆگىنىشكە ماھىر، بىر دۆۋە ماتېرىيال ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلانسا ئۇ بىر دەمدىلا رەتلەپ چىقىدۇ.» «بەزىدە ئۇنىڭ ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە قاراپ ئۇنى رېمۇنتچىغا ئوخشىتىپ قالىمەن، چۈنكى ئۇ ئىشلارنى ناھايىتى ئىنچىكىلىك بىلەن ناھايىتى رەتلىك قىلىدۇ. كۈزىتشىمچە ئۇ دۇنيانى گويا سكاننېرغا ئوخشاش كۈزىتىدۇ.» لۇ جىنبو خەن خەننىڭ نەزەرىيە جەھەتتە ھېچقانداق تەربىيەگە قاتناشمىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، بۇ توغرىدا مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق بولغاچقا ئۇ كەيپىياتىنى بىرەر ئاتالغۇ بىلەن مۇبالىغە قىلمايدۇ». «ئۇنىڭ پاكىتلارنى تەقلىۋالىدىغان مىجەزى بار، مەسىلەن شاڭخەيدىكى قارماق تاشلاپ قانۇن ئىجرا قىلىش ۋەقەسى، چاڭ جاڭ دەرياسىدىن سۈزۈۋېلىنغان جەسەت قاتارلىقلارنى يازغاندا كۆپلەپ ماتېرىيال، دەلىل-ئىسپاتلارنى يىغىش ئارقىلىق ئاندىن خۇلاسە چىقارغان. بىراق بۇلتۇر يۈز بەرگەن چىيەن يۈنخۇي ۋەقەسىدە ئۇ ئۆزى بىر مۇسابىقە ئاپتوموبىلى ماھىرى بولغاچقا ھەر تەرەپلىمە ئىسپاتلارنى مۇلاھىزە قىلغاندىن كېيىن خۇلاسىلاپ چىقارغان ئىشنىڭ ھەقىقىتى كۆپىچىلىك ئېھتىياجلىق ھەقىقەت بولماي قالدى. ئۇنىڭ ئاۋامغا ئوت ئاچىمەن دېيىشى شۇ ۋەقەدىن باشلانغان. ئۇنى كىتاب ئوقۇمايدۇ دېيىشكە كەلسەك، ئۆز يازمىسىدا دېگىنىدەك ئۇ مەمەدانلىققا ئۆچ. ئۇنىڭ قارىشىچە ئۇ ئوقۇشنى ياخشى كۆرمەيدۇ ئەمەس پەقەت داۋراڭ سالمايدۇ خالاس. ئۇ ماڭا گاۋ خۇا يازغان “قىزىل قۇياش قانداق كۆتۈرلدى”دېگەن كىتابنى ئوقۇشۇمنى تەۋسىيە قىلغان، بىر قېتىم ئۇ “دېموكراتىيەنىڭ تەپسىلاتى” دېگەن كىتابنى ئوقۇۋېتىپ بۇ كىتاب ياخشىكەن دېگەنىدى. شۇغىنىسى ئۇ ئەپلاتونچە مۇقام توۋلاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ، ئاتالغۇلارنى چۈشەندۈرۈشكە قىزىقمايدۇ.»
شاۋ فەن خەن خەن بىلەن ناھايىتى يېقىن بولسىمۇ خەن خەن بەزىدە ئۇنىڭغا يەنىلا بىر سىردەك تۇيۇلىدىكەن. «يالغۇز كىشىلىك ناخشا ئۆمىكى»نى قۇرۇۋاتقان چاغدا ئۇ ئىككىسى خىزمەتداش ئىدى.كېيىن ئۆمەك تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن بىرمۇنچە ئادەم كېتىپ قالدى، شاۋى فەن بىلەن ما يىمۇ كەتمىدى ئۇلار «ھەر كۈنى خەن خەنگە ھەمراھ بولۇپ گويا شھازادىنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا ھەمراھ بولغاندەك ئوينىشىپ بەرگەن،» ما يىمۇ ئۆزىنى مازاق قىلىپ «خەن خەننىڭ يۇندىخورى» ئىدىم دېگەن. خەن خەننىڭ زېھنى قۇۋۋىتى ناھاىيتى تولۇق ئىدى، ئۇلار كېچىلەپ كومپىيۇتېر ئويۇنى ئوينىشىپ سەھەر 4-5 لەر بىلەن بولدى قىلىشاتتى، شىاۋ فەنلەر يېتىپلا ئۇخلاپ قېلىشاتتى، ئەتىگەندە ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ خەن خەننىڭ بلوگىدا يازما ئېلان قىلغانلىقىنى كۆرۈشەتتى، ياكى ئاپتوموبىلنى سىناش ئۈچۈن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلىشەتتى، خەن خەن كۈنىگە پەقەت 3-4 سائەتلا ئۇخلايتتى.
ئەڭ قىممەتلىك يېرى ئۇنىڭ كەم كۇتىسىز بولغانلىقىدا
زىيارەتتىن بىر كۈن بۇرۇن كەچتە شاۋ فەن خەن خەن بىلەن مىكرو ئۇچۇردا يېرىم كېچىگىچە PM2.5نىڭ مەسىلىسىنى مۇنازىرە قىلىشقان. بۇ ئىككىسىنىڭ بىر ھەپتە بۇرۇن تاماق يەۋېتىپ قىلىشقان گېپىنىڭ داۋامى بولۇپ، نېمە ئۈچۈن بېڭجىڭلىقلارنىڭ PM2.5 كۆرسەتكۈچىنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى ئىكەنلىكى توغرىسىدا قارىشى بىر يەردىن چىقمىغانىدى. بۇ توغرىلىق شاۋ فەن مۇنداق دەيدۇ: «بۇ ئىش ئۆتۈپ كەتكىلى خېلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، خەن خەننىڭ ئېسىدە ئىدى. ئۇ مەندىن يوشۇرۇن نۇرغۇن ماتېرىيال ئاختۇرۇپ ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىدى. ئەمەلىيەتتە بىر ئىشنىڭ ئاخىرىنى چىقارمىغىچە بولدى قىلمايدىغان غەلىتە ئادەم ئىدى.» «خەن خەن مۇنازىرە قىلىشقا بەك ئامراق، ئۇ يازمىسىدىىن كۆرە قىزغىن، يازمىلىرىدا بەك كەمتەر بولىۋالىدۇ.»
ۋاڭ شاۋيۈينىڭ قارىشىچە خەن خەننىڭ ئۈچ پارچە ماقالىسىنىڭ ئۈچىنچىسى - «ئەركىنلىك كېرەك» نىڭ ئازراق پايدىلىنىش قىممىتى باركەن، ئەمما «بۇنىڭ ئالدىنقى ئىككى پارچە ماقالىسىنىڭ تولۇقلىمىسى ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا چىقىپ تۇرىدۇ». شاۋ فەن مۇخبىرغا مۇنداق دەيدۇ: بۇ ئۈچ پارچە ماقالىنى نەچچە ئاي بۇرۇنلا يېزىپ بولغانىدى. «خەن خەن ئۆزىنى سورايدىغان ئادەم. ئۇ ئېغىزىدا دېمىگىنى بىلەن يۈزىنى بەك ئايايدۇ.ئەمما باشقىلارنىڭ پىكرىنىمۇ ئاڭلاۋاتىدۇ.» ئۈچ پارچە ماقالىنى نېمە ئۈچۈن ئارقا-ئارقىدىن يوللايدۇ دېگەندە «ئۇ بىر تەرەپتىن يوللاپ بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى تەكشۈرگىنى.»
«بەزىلەر خەن خەننى كونسېرۋاتىپلىشىپ كەتتى دەۋاتىدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئەزەلدىنلا بىراز كونسېرۋاتىپ ئىدى، مەن ئۇنىڭغا قارىغاندا رادىكالراق،» دەيدۇ شاۋ فەن، ئارقىدىنلا كونسېرۋاتىپ ئەمەس ، ئەمەلىيەتچىل، دەيدۇ ئۇ گېپىنى داۋملاشتۇرۇپ: «خەن خەن ئەزەلدىن خېلىلا ئەمەلىيەتچىل، بولۇپمۇ ژۇرنال چىقىرىشتا تېخىمۇ شۇنداق.» بىر ئىشنى ھەقىقى ۋۇجۇتقا چىقىرىشنى خالايدىغانلار ئەلۋەتتە ئەمەلىيەتچىل بولىدۇ، ئۇنداقلار مادارا قىلىشنى ئۆگىنىشى، تىز پۈكۈپ سودىلىشىشىنى بىلىشى كېرەك. بۇ قارىماققا ئاتالمىش غايىچىلىق بىلەن قارشىدەك قىلىدۇ، ئەمما بۇنداق ئادەمنى ھەقىقىي غايىلىك كىشى دېيىشكە بولىدۇ.
«كىچىك بازاردا چوڭ بولغان بۇ ياش كۆپ تەربىيەمۇ كۆرمىگەن، ئوقۇشتىن قالغاندىن كېيىن خىزمەتمۇ قىلمىغان، شۇڭا خىزمەتداشلىرىمۇ يوق، رىقابەت مۇھىتى بىلەنمۇ ئۇچرىشىپ باقمىغان. ئۇ بۇ دۇنيادا ئەزەلدىن يەككە يىگانە ياشاپ كەلگەن» دەيدۇ لۇ جىنبو. بۇ مۇھىت خەن خەننىڭ زېھنىنى «تېجەپ»قالغان بولۇپ، «ئۇنىڭ زېھنى جۇڭگولۇقلار دائىم زېھىنىنى سەرپ قىلىدىغان تەرەپلەرگە ئىشلىتىلمىگەن». مەيلى جۇڭگولۇقلارنىڭ ماجياڭ ئوينىشى بولسۇن ياكى «سۇنزىنىڭ ھەربى ئىشلار دەستۇرى» بولسۇن، ياكى ئادەم بولۇش يوللىرىدا بولسۇن ۋە ياكى زېڭ گوفەننىڭ ئائىلە مەكتۇبلىرى بولسۇن ھەممىسىدە كىشىلەر ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت توغرىدىسىكى بىلىملەر ئالغا سۈرۈلگەن. ئەمما خەن خەن بۇ بىلىملەرنى ئۆگەنمىگەن، ئون نەچچە يېشىدىن باشلاپلا سىرتتا ئئويناپ يۈرگەن، مۇقىم مۇناسىۋەت دائىرىسى بولمىغان، ئۆزى يالغۇزلا چوڭ بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرىكچىلىك يولىنى بىلىشى كېرەك. ئۇ ئۆزىنىڭ بىر خىل كەم كۇتىسىز مۇكەممەللىكىنى ساقلاپ كەلگەن، مانا بۇ ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىل ئادەم بولىشىدىكى تۈپ سەۋەب.»
«ئۈزۈل-كېسىل مۇستەقىل ئادەم»نىڭ گە گۇمانىي سوئال قويىدىغانلار بولسا ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرىنى لۇ جىنبو قەلەم تەۋرەتكەن، ئۇ پەقەت لۇ جىنبو نەشرىياتچىلىق گۇرۇھىنىڭ بىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ بىرى، دەپ قارايدۇ. بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، خەن خەننىڭ بلوگىدا ئېقىم مەسىلىلىرىگە ئائىت يازمىلارنىڭ تۇيۇقسىز كۆپىيىپ قېلىىشى ۋە بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان ئۈچ ماقالىسىنىڭ روياپقا چىقىشىدا. لۇ جىنبو بۇ خىل قاراشنى ئىنكار قىلدى، «مەن خىجىللىق ئىلكىدە ئېرەن قىلىمىغان قىياپەتتە خەن خەنگە بۇ گەپنى ئېيتتىم، ئۇ بولسا قىلچە قورۇنماستىن كەڭ كۇشادىلىق بىلەن جاۋاب بەردى، ئۇ: بۇنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيمەن. مەن دەسلەپ بۇ يولغا قەدەم باسقاندا بەزىلەر كىتابىمنى دادىسى يېزىپ بېرىپتۇ دېيىشكەنىدى.» زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا بولسا خەن خەن ئۆزىگە ئوخشاش ئادەملەرگە تاقەت قىلالمايدىغانلىقىنى، مۇبادا سىرتتا مۇسابىقىغە قاتنىشىۋاتقاندا بىرەر ئېلان ياكى پىلاكاتلاردىكى بىرەر ئېغىز سۆز ئۆزۈمنىڭ بلوگ يازمىلىرمدىكىگە ئوخشاپ قالسا، شۇ ھامان دادامغا تېلېفون قىلىپ بلوگىمدىكى شۇ سۆزنى ئۆچۈرگۈزىۋېتىمەن، « شۇنداق تۇرسا باشقىلار يېزىپ بېرەمدۇ، باشقىلار يېزىپ بەردى دېسە مەن تۈگەشمەمدىم.»
(داۋامى بار)
« جەنۇب ئاستانە ھەپتىلىك ژۇرنىلى» 2012-يىل 3-سانىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى