جەمئىيىتىمىزنىڭ 2013-يىللىق ھەيئەت رىياسەت يىغىنى ئېچىلدى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2013-يىللىق ھەيئەت رىياسەت يىغىنى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ئېچىلدى. يىغىنغا ئاپتونۇم رايۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئازات سۇلتان رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىندا يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، باش كاتىپ دوڭ لىبو بەرگەن شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 2012-يىللىق خىزمەت دوكىلاتى قاراپ چىقىلدى. 2013-يىللىق خىزمەت پىلانى مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىلدى. شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ بۇلتۇر ئېلان قىلغان توختاملىق يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت نەتىنجىلىرىنى نەقلەشتۈرۈش چارىسى، يەنە بىر قىسىم توختاملىق يازغۇچىلارنى كېڭەيتىپ بېكىتىش، يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە2013-يىلى قوبۇل قىلىنىدىغان يېڭى ئەزا نامزاتلىرىنى قاراپ چىقىش قاتارلىق مەزمۇنلار مۇھاكىمە قىلىندى. ئاخىرىدا ئازات سۇلتان سۆز قىلىپ 2013-يىللىق خىزمەتلەرنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى شەرھىلەپ ئۆتتى ۋە ھەيئەت رىياسەت ئەزالىرى ۋە يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت ئورگىنىدىكى خادىملاردىن كۈتىدىغان تەلەپ ۋە ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى.
1.ئالدىنقى يىلى باشلانغان ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ «ئەسلى ئەسەر ۋە تەرجىمە قۇرۇلۇشى» ئۈچۈن 300 پارچىدىن ئارتۇق كىتاپ قوبۇل قىلىنىپ، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىكوم تەشۋىقات بۆلۈمىگە 176 پارچە كىتاپنى تەكشۈرۈپ نەشر قىلىشقا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. بۇنىڭدىن 118 پارچە كىتاپ نەشر قىلىنىپ (بىر تۈركۈم كىتاپلار ھازىر جىددى بېسىلىۋاتىدۇ) تارقىتىلدى. بۇ خىزمەت ئىزچىل ھالدا يۈرگۈزىلىپ كەلمەكتە.
2.ئاتونۇم رايۇنلۇق كۇتۇپخانە بىلەن بىرلىشىپ ئۆتكۈزىۋاتقان «يازغۇچىلار لېكسىيەخانىسى» بۇ يىلمۇ داۋاملىق يولغا قويۇلدى. بۇ يىل جوۋ تاۋ، ئازات سۇلتان،ئىمىن ئەخمىدى، غەيرەت ئاسىم، ئېركەش، جاۋ گۇاڭمىڭ قاتارلىق كۆپلىگەن ئەدىبلىرىمىز ھەر خىل تېمىلار بويىچە لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. بۇلاردىن باشقا غۇلجا، توقسۇ، گۇچۇڭ، باركۆل قاتارلىق جايلاردا يازغۇچىلىرىمىز تۇرمۇش ئۈگىنىش پۇرسەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئەدەبىي لېكسىيە پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىدى. لېكسىيەگە قاتناشقان ئومۇمىي ئادەم سانى 2000 ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.
3.بىر يىل جەريانىدا 300 نەپەردىن ئارتۇق ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىغا تۈرلۈك تەربىيەلەش، ئىجادىيەت سىمىنارىيەلىرىگە قاتنىشىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە 100 نەپىرىدىن ئارتۇقى شاڭخەي، بېيجىڭ، خۇنەن قاتارلىق ئىچكىرىدىكى تەررەققى قىلغان رايۇنلارغا ئەۋەتىلدى. باشقا پائالىيەتلەر بولسا جەمئىيىتىمىزنىڭ ئۈرۈمچى جەنۇبىي تاغدىكى «ئىجادىيەت مەركىزى»دە ئېلىپ بېرىلدى.
4.ھەر مىللەت يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنى ئېچىش خىزمىتى ئىزچىل يولغا قويۇلدى.قازاق يازغۇچىسى «سالى سەيدىۋاقاس ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»،«ئۆزبەك شائىرى پۇرقەت تەۋەللۇتىنىڭ 150 يىللىقىنى خاتىرلەش يىغىنى»،شاڭخەيدە غەيرەت ئاسىمنىڭ «كېپىنەك دەۋرى» ناملىق كىتابى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى،خەنزۇ يازغۇچى لى جەننىڭ «مورى دەرياسى» ناملىق رومانى ھاققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يەتتە نەپەر شىنجاڭ يازغۇچىسىنىڭ ئەسەرلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى قاتارلىق 10 نەچچە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئېچىلدى.
5.يازغۇچىلىرىمىزنىڭ جايلارغا بېرىپ تۇرمۇش ئۈگىنىش، ئېكىسكۇرسىيە ۋە زىيارەت قىلىش پائالىيەتلىرى پىلانلىق تەشكىللىنىپ تۇردى. جەنۇپ ۋە شەرقىي شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ شىمال سەپىرى، شىنجاڭ يازغۇچىلىرىنىڭ شىزاڭ سەپىرى قاتارلىق زىيارەت پائالىيەتلىرى تەشكىللەندى.
6.ياسىنجان سادىق، ۋاھىتجان ئوسمان قاتارلىق بەش نەپەر شىنجاڭ يازغۇچىسىنىڭ ئەسەرلىرى مەملىكەتلىك «تۇلپار» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
7.ئاپتونۇم رايۇنلۇق «تەڭرىتاغ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇكاپاتى»غا ئەسەر قوبۇل قىلىش، باھالاش خىزمىتى ئۇتۇقلۇق ئىشلەندى.