م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى 2013-2-22 17:05
يېڭى يىللىق پائالىيەتلەرنىڭ مەزمۇنى مول،دائىرىسى كەڭ ...
مۇھەممەد توختى سەببەتنىڭ دېگەن پىكرىنى مەنمۇ قوللايمەن. 2012-يىلى كونا مۇنبەر بار ۋاقتىدا مەن بۇ ھەقتە بىر تېما يوللىغانىدىم. ئۇستاز يازغۇچى- شائىرلاردىن تارتىپ ھەۋەسكار قەلەمكەشلەرگە قەدەر بۇ پىكرىمنى قوللىغانىدى. «يازغۇچىلار مۇنبىرى» نىڭ باش مۇھەررىرى ئەيبۇ ياقۇب ئاكىمۇ ئىپادە بىلدۈرگەنىدى. مەن بۇ يىغىنىدا مۇشۇ ھەقتىكى گەپلەرنىڭ بولۇنغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە مۇھەممەد توختى سەببەت دېگەندەك يېزا- قىشلاقلاردىكى كۆپ ئوقۇيالمىغان، ئەمما ئەدەبياتقا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان قەلەم ئىگىلىرىنى يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ يېقىندىن قوللاپ، ئۇلارنىڭ تەربىيەلىنىشى، تېخىمۇ ئېسىل ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشى ئۈچۈن رىغبەت ۋە مەدەت بېرىپ قويۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن...