كۆرۈش: 2072|ئىنكاس: 18

بىلال نازىم شېئىر لىرىدىن-توپلام

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىلال نازىم ھەققىدە

مۇراد ھەمرايوۋ

      ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاجايىپ پەرزەنتى، ئاتاقلىق شائىر بىلال نازىم 1824 -يىلى باھاردا غۇلجا شەھىرىدىكى موللا يۈسۈف ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ دەسلەپكى مەلۇماتنى ئائىلىسىدە، ئاتىسىنىڭ قولىدا ئېلىپ، كېيىن غۇلجدىكى مەدرىسىلىرىنىڭ بىرىگە كىرىپ ئوقۇدى. بىلال ئۇ يەردە خېلى يىللارغىچە شەرقنىڭ بۈيۈك شائىرلىرىدىن رۇداكىي،نىزامىي، جامىي ۋە ناۋائىينىڭ ئەسەرلىر ىنى ئۆگەندى.
ئۇ ئۆز خەلقىنى قايناق ھېسسىيات بىلەن سۆيەتتى، ۋەتەنگە ساداقەتمەن ھەر بىر كىشى ئۆزۋەتىنىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ۋەقە-ھادىسىلەرگە تاماشىبىنغا ئوخشاش قاراپ ئولتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.
       بىلال نازىم ياشىغان دەۋىر ھەقىقەتەن ئېغىر زامانلار ئىدى. شىنجاڭ خەلقى ئاخىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمران دائىرىلىرىنىڭ زۇلمى ۋە يەرلىك قورچاقلارنىڭ ئاسارىتىگە قارشى تۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق، ئىجتىمائىي تەڭلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۆرەشكە باش كۆتۈردى.19-ئەسىردە شىنجاڭدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرا نلىقىغا قارشى يەتتە چوڭ قوزغىلاڭ؛(1814، 1816، 1825، 1827، 1830، 1857 ۋە 1864 يىللار) يۈز بەردى. بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ئاساسىي كۈچى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىدى. قوزغىلاڭ باشلانغاندىن كېيىن،بىلال نازىم ئاكىسى جالال بىلەن بىرلىكتە قولىغا قورال ئېلىپ قوزغىلاڭغا سېپىگە كىردى. قوزغىلاڭ غەلىبىسىدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىجاد بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ قاچان ۋاپات بولغانلىقى ۋە قەيەرگە دەپنە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق(كېيىن بۇلار ئېنىقلاندى، بۇ ھەقتە ئايرىم ماقالىلەر بار-نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن). شۇنىڭغا قارىماي، شائىرنىڭ ئاتمىش يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەنلىكى ۋە ياركەنت شەھىرى (ھازىرقى پانفىلوف)قا دەپنە قىلىنغانلىقىنى مەلۇم.
     بىلال نازىم غەزەل ژانىرىدىكى ئاساسىي لىرىك ئەسەرلىرىنى مەدرىسىدە ئۇقۇ ۋاتقان يىللاردا باشلىغان. كېيىن، ئۇلارنى يىغىپ دىۋان تۈزگەن ۋە ئۇنىڭغا «غە زەلىيات» (غەزەللەر) دەپ نام بەرگەن. بىلالنىڭ بۇ غەزەللەر دىۋانى قايتا- قايتا كۆچۈرۈلۈپ،قوليازما ھالىتىدە تارقالغان ۋە كەڭ شۆھرەت قازانغان.
ئەنئەنىۋى غەزەل ژانىرىغا خاس ئەسەرلىرىدە،ئىنسان گۈزەللىكى ۋە مۇھە ببەتنى كۈيلىگەن شائىر،ئەينى ۋاقىتتا ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئىلغار غايىلەرنىمۇ ئالغا سۈردى: يەنى كۆۈنچە ئەسەرلىرىدە باراۋەرلىك، شەخس ئەركىنى تەلەپ قىلىپ، ئادالەتسىزلىكنى تەنقىد قىلدى.
       بىلال نازىم بىلەن زامانداش كۆپلىگەن شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ غايىۋىي –سىيا سىي ۋە دىنىي-ئەخلاقىي قاراشلىرىغا مۇۋاپىق دۇنيا ۋە رىئاللىققا بولغان پۇز ىتسىيىسىنى ھەر خىل ئىپادىلەر ئىدى. مىستىك پۇزىتسىيىدىكى شائىرلار لىرىك ئەسەرلىرىدە مەۋجۇت ھاياتتىن ۋاز كېچىش تەرغىپ قىلىناتتى. لېكىن بۇنداق كەيپىياتلار بىلال نازىم شېئىرىيىتىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئىجتىما ئىي ھاياتنى چوڭقۇرتەھلىل قىلىپ چۈشىنىش،جەدىدتچىلىكنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىغان يېڭىچە ئەدەبىي ئېقىم تەسىرى ئۇنىڭغا ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسىنى باشقىچە چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىنى بەردى. ئۇنىڭ پوئېزىيەسىدىكى تۈپ خۇسۇسىيەت مىستىك قاراش ئەمەس،بەلكى گۇمانىستىك غايىلەر بولدى. ئۇ ئىنساننىڭ بەختىيار بولۇشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى،ئۇ ئۆزىنىڭ پارلاق كېلەچىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكنى كۆرسەتتى. شېئىرىيەتتە مۇھەببەتكە ئاساسىي ئورۇن ئاجراتقان شائىر، ئەينى پەيتتە سۆيگۈنى ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ زۆرۈر ۋە تىرىك كۈچى، ئۇنى ئىجابىي خۇسۇسىيەتلەر بىلەن قۇراللاندۇرغۈچى ھېس تەرزىدە  تەلقىن قىلدى.
بىلال نازىم پەقەت ماھىر لىرىكىچىلا ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئۆز دەۋر ىنىڭ ئىللەتلىرىنى ئېچىپ تاشلىغان،يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلغان،ئىجتىمائىي ئادىللىق،ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكىنىڭ ھىمايىچىسى ئىدى. بولۇپمۇ،ئەڭ مۇھىمى، ئۆز خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن،زۇلۇمغا قارشى قولىغا قورال ئېلىپ كۈرەشكە ئاتلانغان، ئاجايىپ ئەل پەرزەنتى ئىدى.شۇڭا ئۇيغۇر مېھنەتكە شلىرىنىڭ يەرلىك قورچاقلار ۋە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمران دائىرىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قەيسىرانە كۆرەشلىرى، ئۇنىڭ«نۇزۇگۇم قىسسىسى»،«چاڭموزا يۈسۈ پخا ن»(بەزى ماتېرىياللاردا «كۇلاھلىق يۈسۈپ پادىشاھ»دەپمۇ ئېلىنىدۇ-نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن) ۋە «غازات دەر مۈلكى چىن»قاتارلىق داستانلىرىدا ھېكايە قىلىندى.داستاندا،1825-يىلى شىنجاڭ گۇبېرناتۇرىنىڭ قوزغىلاڭنىڭ ئاكتىپ  قاتناشقۇچىسى نۇزۇگۇمنىڭ تەقدىرىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە كۆرسەتمە سوراپ بېيجىڭغا يازغان خېتىگە جاۋاپ تەرىقىسىدە مۇنداق بۇيرۇق كەلگەنلىكى ئېيتىلىدۇ: «بۇ خەت كېچە بارسا،كۈندۈزگە قويماي ئۆلتۈرۈلسۇن. ئەگەر كۈندۈز بارسا،كەچكە قويماي ئۆلتۈرۈلسۇن».
      بىلال نازىمنىڭ نۇزۇگۇم ھەققىدىكى قىسسىگە، نۇزۇگۇمنىڭ ئۆزى يازغان قۇشاقلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،ھازىرغىچە ئۇيغۇر خەلق قەھرىمانلىرىدىن ئىپار خان،مايىمخان، رىزۋانگۈل ۋە باشقىلارغا ئوخشاش نۇزۇگۇمنىڭ قوشاقلىرىمۇ خەلق ئارىسىدا مەشھۇردۇر.بىلال نازىم كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن قىسسىسىگە كىر گۈزۈپ،خاتىرلەپ قالدۇرغان نۇزۇگۇم قوشاقلىرىنى ھازىرقى كۈندىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر يادقا بىلىدۇ. بىلال نازىمنىڭ يەنە بىر ئەسىرى-«چاڭموزا يۈسۈپخان»مۇ مەزمۇن ھەم شەكىل جەھەتتىن يېڭىلىق بىلەن يېزىلغان ئەسەردۇر. شۇ دەۋردە ساختىپەز يۈسۈپخان ئوبرازى ئارقىلىق روھانىيلارنىڭ رەزىل، ناچار ۋە ئىككى يۇز لىمىچىلىكىنى ئېچىپ  تاشلاش ئۈچۈن خېلى زور جاسارەت كېرەك ئىدى. شۈ بھىسىزكى،بىلال نازىم بۇ داستانىدا قانداقتۇر بىر پەۋقۇلئاددە ھادىسىنى ئەمەس، بەلكى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن تىپىك بولغان ۋەقەلەرنى تەسۋىرلىگەن.چۈنكى بىلال نازىم ياشىغان دەۋىرگە نىسپەتەن،ئايرىم بىر قىسىم دىن ۋەكىللىرىنىڭ مېھنەتكە شلەرنى ئالداپ،ئۇلارنى جاھالەتتە،زۇلمەتتە تۇتماقچى بۆلىشى تەبىئىي ئىدى. شۇڭا بىز،«چاڭموزا يۈسۈپخان» داستانىنى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىد ىكى ئاشۇ بىر دەۋر بىلەن تونۇشۇپ چىقالايمىز.
      بىلال نازىمنىڭ ئەنئەنىۋى روھتا يېزىلغان يەنە بىر چوڭ ئېپىك ئەسىرى «غازات دەر مۈلكى چىن» داستانىدۇر.مەلۇمكى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، بولۇ پمۇ، كېيىنكى ئىككى ئەسىرلىك تارىخى ئۇنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەش تارىخىدۇر.شۇڭا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دائىر بىر قاتار ئەسەرلەرنىڭ مۇشۇ تېمىغا بېغىشلانغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ھال ئەمەس.
       بىلال نازىمنىڭ 1864—1867 يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك خەلق قوزغىلىڭى تېمىسىغا بېغىشلانغان «غازات دەر مۈلكى چىن»داستانى،ئەنە شۇ تېمىدىكى ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ ياخشىسىدۇر.
ئەينى ۋاقىتتىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە شىنجاڭدا ياشىغۇچى ئۇيغۇر خەلقىلا ئەمەس،بەلكى تۇڭگان خەلقىمۇ قاتناشقان. ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ بىرلەشكەن كۈچلىرى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ،شىنجاڭنىڭ بىر نەچچە شەھەر ۋە مۇھىم ئاھالە پونكىتلىرىنى قولغا كەلتۈردى.شىنجاڭدىكى چىڭ سۇلالىسى گۇبېرناتۇرى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان خەلقلىرى ئوتتۇرىسىغا دەتالاش سېلىشقا ئۇرۇنۇپ، بۇنىڭغا مۇيەسسەر بولالمىغا ندىن كېيىن،ئۇ قورچاق ئەمەلدار مەزەمزاتنى ئۆز تەرىپىگە تارتىپ،ئۇنىڭ قولى بىلەن قوزغىلاڭنى باستۇرماقچى بولدى،بىراق، مەزەمزات قوزغالغان خەلققە كۈلپەت بېرىشكە پېتىنالمىدى. قوزغىلاڭ تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئۇنىڭغا چىڭ سۇلالىسى ئەزگۈچىلىرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئىزىلىگەن مىڭلارچە دېھقانلار قوشۇلدى. لېكىن، قوزغىلاڭنىڭ مۇتئەسسىپلەر ۋە روھانىيلاردىن بولغان ئايرىم رەھبەرلىرى ئارىسىدا دە تالاشلار توختىمىدى.  بىلال نازىم ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەشكە ئازراقمۇ ھەسسىسى بولمىغان،پەقەت مەنسەپ ۋە بايلىقنى كۆزلەيدىغان بۇ بىچارە زاتلارنى قەيسەر قەلىمى ئارقىلىق رەھىمسىز پاش قىلدى. شائىر ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ جاسارىتى ھەققىدە تىرىك روھ بىلەن سۆزلىدى، ئۆلۈم يۈزىگە تىك  قارىغان،ئەرك سۆيەر مەردانە دېھقانلارنى پەخىرلىنىش ھىسسىياتى بىلەن كۈيلىدى.شۇنداق،ئادالەت ۋە ھۆرلۈك ھىمايىچىسى،باتۇر ئوغلانلارنىڭ كۈيچىسى بىلال نازىم «غازات دەر مۈلكى چىن»داستانىدا ئۆز ۋەتىنى، خەلقى ئۈچۈن ئېغىر زۇلۇم ۋە ئېزىلىشتىن خالاس بولىدىغان ئاجايىپ زامانلارنىڭ كېلىشىگە كۈچلۈك ئىشەنچ بىلدۈردى.
      بىلال نازىم ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ بىلىملىك، ئوقۇمۇشلۇق كىشىسى بولۇپ، ئۇ شەرق پوئىزيەسى ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك ۋارىسلىرىنىڭ ئىجادىنى ياخشى بىلەتتى، ئۇ ئۆزىنى ئابدۇراخمان جامىي ۋە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شاگىرتى دەپ ھېسابلايتتى. شائىر چۈشىدە ئابدۇراخمان جامىينى كۆرگەنلىكىنى ۋە شۇندىن كېيىن ئۇنى ئۇستازى دەپ بىلگىنىنى يازىدۇ. شائىرنىڭ غەزەللىرى ۋە «غازات دار مۈلكى چىن» داستانىدا ئەلىشىر ناۋائىينىڭ نامى زور ھۆرمەت بىلەن قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنىدۇ.
      رۇسىيەدە بىلال نازىمنىڭ ئەسەرلىرى ئۇ ھايات دەۋرىدىلا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، شەرقشۇناس ن.ن.پانتۇسوۋ ئۇيغۇر خەلق ئېغزاكى ئىجادى ماتېرىياللىرىنى يىغىش بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپ، بىلال نازىم بىلەن تونۇ شۇپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى، بۇ رۇس ئالىمى بىلال نازىمنىڭ «غازات دار مۈلكى چىن»،«چاڭموزا يۈسۈپخان»،«نۇزۇگۇم»قاتارلىق ئەسەرلىرىنىمۇ تاپقان ۋە پېتېربۇرگ شەھىرىدە نەشر قىلدۇرغا، ھەتتا بەزىلىرىنى روسچىغا تەرجىمە قىلغان.
       بىلال نازىمنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قەدىرلىك ۋە سۆيۈملۈكتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئۆز كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىن باشلاپ ئۆگىنىدۇ. ئالمۇتادا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىر نەچچە قېتىم نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر،رۇس،قازاق، ئۆزبېك ۋە ھەتتا گېرمان تىللىرىدا شائىر ئىجادى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.
      ئويلايمىزكى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شائىرى بىلال نازىمنىڭ ئەسەرلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە مەنزۇر كېلىدۇ.

       ئاپتۇر مۇراد ھەمرايوۋ: فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور.

    ( بۇ ماقالە 1981-يىلى تاشكەنتە نەشر قىلىنغان«بىلال نازىم شېئىرلىرىدىن» ناملىق ئۆزبېكچە كىتابتىن ئېلىپ، نەشرگە تاييارلاندى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-21 14:36  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2013-1-28 19:42:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار ئاكىنىڭ يىقىنقى تىرىشچانلىقى ھەقىقەتەن ياخشى بولىۋاتىدۇ . بۇمۇ ناھايتى ياخشى تىما ئىكەن رەخمەت بەگياركا .
ئەمما سىز بىلەن مۇڭدىشىدىغان بىر مەسىلە بار . ئاللاھنىڭ بىزنى پات ئارىدا ئۇچراشتۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . شۇ چاغدا تەپسىلى مۇڭدىشارمىز .

ۋاقتى: 2013-1-28 19:44:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

  موللا بىلال بىن موللا يۈسۈپ  نازىم ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇنغا ئىگە شەخس ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر ئەدەبىيات  غەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىق .

ۋاقتى: 2013-1-28 19:58:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەندىمۇ بىر كىتاب بار بەگيار ئاكا، «بىلال نازىمى تەتقىقاتى» دەپ. ئەۋەتىپ قوياي، كۆرۈپ باقارسىز.

ۋاقتى: 2013-1-29 10:43:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم!
كۆپ ئەجىر قىوسىز!
رەھمەت!!!!!!!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-29 10:44  


ۋاقتى: 2013-1-29 14:26:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىلاسسىكلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن، بىلال نازىمنىڭمۇ غەزەللىرىنى مەكتەپتىكى ۋاقىتتىلا ياقتۇرۇپ ئوقۇيتتىم، تەرجىمھالى بىلەن بار ئىدى.
كىلاسسىكلىرىمىز توغرىسىدىكى ماقالىلەرنىمۇ، شۇلار توغۇرلۇق يېزىلغان ئەسەرلەرنىمۇ ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن.
خۇددى شۇلار كۆز ئالدىمدا باردەك.........
بەگيار ئاكىمىزنىڭ ئەجرىگە تەشەككۈر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-21 14:33:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بىلال نازىم شېئىرلىرىدىن


(مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرلار ئىنكاس شەكىلدە پۈتۈن يوللىنىدۇ. مۇنبەر نەشىرگە تەييارلىغۇچى ۋە مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ رۇخستىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا، كۆچۈرۈپ نەشر قىلىشقا بولمايدۇ)


                    غەزەللەر
                     1
  يارنىڭ كويىدا ئۆلمەكلىك سائادەتتۇر ماڭا،
بەلكى ئىشقىدا زەبۇن بولماق ھالاۋەتتۇر ماڭا.

يارسىز كۆرگەن ئۆمۈرنىڭ قانچە بولسۇن لەززىتى،
چۇن ئۇنىڭسىز بۇ مۇسۇلمانلىق زالالەتتۇر ماڭا.

بەلكى بىر ئارتۇقچە زەخمەتتۇر ئانىڭسىز دەلەتىم،
بولسا گەر شاھلىق مۇيەسسەر، ئۇل پالاكەتتۇر ماڭا.

زاھىدا، يارسىز ئەمەل بىرلە سېنىڭ زۇھدىڭ نېتەي،
ئۇل نىگارىم يادىكىم قۇربى ۋىلايەتتۇر ماڭا.

نە كېرەك يارسىز ماڭا شاھى فەرىدۇن دۆلىتى،
يار بىلە بولسام گەدالىق كاتتا دۆلەتتۇر ماڭا.

تەنە قىلما، زاھىداكىم، گەرچە بولغۇم بىئامال،
يادى مەشۇق قىلماغىم تەقدىر ئىرادەتتۇر ماڭا.

بۇ مېنىڭ ھالىمغا كۈلدى تەنە ئېتىپ خەلقى جاھان،
ئۇشبۇ خىل بولماقلىقىم ھەقتىن ئىنايەتتۇر ماڭا.

نە خۇش ئەردى، ئەي ئاشىقلار، يار ئەگەر قىلسا قەتىل،
بىلسەڭىز ئۇشبۇ قەتىل ئەيىنى شاھادەتتۇر ماڭا.

يارنىڭ ۋەسلى نېسىپ بولماس بىلالغا شۈبھىسىز،
گەر ئىزىڭنى گەردىنى تاپسام كۇپايەتتۇر ماڭا.
                    2
ئۇشبۇ كاج رەپتار پەلەكننڭ بولسىلا دەۋرانى ھېچ،
يەر يۈزنىڭ خەلقىگە بولسا بىراۋ سۇلتانى ھېچ.

ھۆسىن ئارا بولسا بىراۋ كىم مۇشتەرىدەك جىلۋىلىك،
بولسا ئاي يۈزلۇك، كۆزى ئاھۇ، چىشلىرى مارجانى ھېچ.

ھەزرىتى نۇھتەك ئۆمۈر كۆرسە بىراۋ ئۇل ھەم نەدۇر،
تىب ئارا خەلقى جاھاننىڭ بولسىلا لۇقمانى ھېچ.

يا بىراۋنىڭ قۇۋىتى بولسا ئەگەر رۇستەمچە ھەم،
ياكى ئۆز ئەسرىدە بولسا بارچىنىڭ پالۋانى ھېچ.

ئەي بىلال، تەرك ئەيلەگىل ھەم لافى ئاشىقلىقنى سەن،
گەر نىكاھ قىلساڭ ئۆزۈڭگە مەھلىقا ئۇزرانى ھېچ.

                    3
سۈبھى دەمدە بىر كۈنى مەسچىد سېرى  قىلدىم يۈرۈش،
ھەم يولۇقتى ئالدىما بىر مەھۋەشە كىم خۇلقى خۇش.

بادەئىي ئىشقىدىن ئىچتىم، شۇنچە سەرخۇش قىلدىكى:
بىخۇد ئولدۇم ئۇل زاماندا، بۇ باشىمدىن كەتتى ھۇش.

مەرھابا ئەيلەپ كۈلۈپ ئۆتتى يېنىمدىن ئۇل پەرى،
ھەم مۇھەببەتنىڭ مەيىدىن ئۇل زامان قىلدۇردى قىلدۇدى خوش.

ھەم كۆزۇمدىن بولدى غايىپ، كۆرمىدىم ئاندىن بېرى،
يادىدا دىۋانىلىك ئەمدى قىلۇر ھەر دەم خۇرۇش.

كۈندۈزى ئايدەك يۈزى چىقماس خىيالدىن لەھزە ھەم،
كېچىسى چىقماس چۈشىمدىن دىلبەرى زاتىنە قوش.

ئەمدى تاپسام خاكى پايىم سۇرمە ئەيلەي كۆزۇمە،
بۇل ئۈمىددۇر كىم مۇھەببەت بەھرىدىن ئالسام ئۈلۈش.

گەر تاپاي دېسەڭ بىلال، ئۇل ماھىيۈزنىڭ ۋەسلىنى،
بارتىنىڭدا يىغلا ھەققە، زاھىرىڭدا بول خامۇش.

                     4
مەندراق ئەتكەن مېنى ئۇل يارنىڭكى سۈيىدۇر،
يىغلاتىپ كۆپ بىمادار ئەتكەن ئۇنىڭ بەد خويىدۇر.

ھەم ئەلەمنىڭ ۋادىسىدا مىسلى مەجنۇن قىلماغى،
ئۇل زىناخدانى بىلە ھەم مۇشتەرىدەك رويىدۇر.

دال سۈپەت ئېگىلمىكى بۇ سەۋرى يەڭلىغ قامەتىم،
يارنىڭ ھىجرى بىلە ئىشىقۇ مۇھەببەت ئويىدۇر.

زاھىدا، تەن ئەتمەگىل ئىشىق ئىچرە مەجنۇن بولدى دەپ،
چۇن سەبەب بولغان ماڭا ئۇل دىلبەرى جادۇيىدۇر.

زار بولسا بۇ جاھان خەلقى مۇنەججىم ئەھىلىسىز،
تۆھمەت ئەتمە سەن زۇھەلگە ئۇل پەرىنىڭ رويىدۇر.

سۈبھى دەمدە چىقسا يۇلتۇز خەلق ئۇنى چۆلپان ئاتار،
بۇ بىلال ئېيىتۇر پەرۋەرشنىڭ يۈزى دىل يۇيىنۇر.

                         5
گۈلمىدى، غۇنچەمىدى، يارىم، سېنىڭ باشىڭدىكى،
كېچدە تونا ئالمىدىم كىملەر ئىدى قاشىڭدىكى؟

قاش قاقارىم كېلەدۇر، كىرپىك ئاتارىم كېلەدۇر،
بېلىگە ئالما تۇگۈپ، يايلاغانچى يارىم كېلەدۇر.

زەڭگەرى توننى كىيىپ،خەستە كۆڭۈلگە ئوت سېلىپ،
تاڭ ئېچىلغان غۇنچىدەك،يۈزى ئانارىم كېلەدۇر.

نەۋباھارنىڭ ئەپكىنى تەكسە بولار ئاق تىن قارا،
غەم قىشىنى ھەيدىمەككە نەۋباھارىم كېلەدۇر.

بىر كۆرۇپ ھەسىرەت ئوتىدا ئۆرتىنۇرمەن مۇتتەسىل،
كۆيدۈرۈپ، ئۆلتۈرگىلى كۆزى خۇمارىم كېلەدۇر.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-21 14:34  


ۋاقتى: 2013-2-21 21:45:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ  رەخمەت  مەن  مۇشۇ غەزەللەرنى  تاپالماي  يۈرگەنتىم

ۋاقتى: 2013-2-22 00:10:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bagyarئەجرىڭىزگە رەھمەت،داۋامى باردۇ؟

باھا سۆز

داۋامى بار، داۋاملىق يوللايمەن  ۋاقتى: 2013-2-22 02:02 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-22 13:04:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                           بىلال نازىم شېئىرلىرىدىن


(مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرلار ئىنكاس شەكىلدە پۈتۈن يوللىنىدۇ. مۇنبەر نەشىرگە تەييارلىغۇچى ۋە مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ رۇخستىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا، كۆچۈرۈپ نەشر قىلىشقا بولمايدۇ)


                             6
ۋاھ، نە خۇشتۇر خەستەلىكتە كۆرسىلەر يارىم كېلىپ،
ياكى يالغۇزلۇقتا ياندا تۇرسا دىلدارىم كېلىپ.

ياد ئېتەر بولسام باناگاھ ئۇل پەرى يۈزلۈكنى كىم،
كۆلبەم ئىچرە بىر دەما ئولتۇرسا گۈلزارىم كېلىپ.

كەلسە غەمنىڭ لەشكىرى باشىمنى ئايلاندۇرغانى،
بۇلبۇلى گويالىق ئەتسە ئۇل شېكەرخارىم كېلىپ.

قۇتۇلۇر ئەردىم بۇ غەمدىن ئۇل دىلئارامىم كۆرۈپ،
ۋە ئەگەرچەندىكى قەتىل ئەتسە دىلازارىم كېلىپ.

بۇ كۆڭۇلنى بارچە غەملەردىن خالاس سىلغاي ئىدى،
بىر نەزەر قىلماق بىلە ئۇل شوخ خۇنخارىم كېلىپ.

نەچچە ۋاخ ئەيلەپ سەۋر، ئەي بىلال،ساقت بول،
مەرھەمەت ئەيلەر، سىتەم ئەتكەندە غەمخارىم كېلىپ.

                                    7
شاد ئولغىل، ئەي كۆڭۈل، كۆلبەمگە جانانىم كېلۇر،
مىزبان ئولغىل ئۇنىڭ ئالدىدا، مېھمانىم كېلۇر.

كەلسە ناگاھ كۆلبەم ئىچرە، ئەيلىگەيسەن سەدىقە جان،
شاد ئەتمەككە مېنى ئول شاھى سۇلتانىم كېلۇر.

بەلگە قۇللۇق پۇتاسىنى باغلايىن باشلاپ بۈگۈن،
يۈزى گۈلدەك ئاچىلىپ، ئۇل غۇنچە رەيھانىم كېلۇر.

كۇفرى ئەھلى تاپ بېرەلمەسلەر ئۇنىڭ بىر تىغىغا،
قاتىلۇ جاللات ئاتالغان نۇرى ئىمانىم كېلۇر.

ھەم بولۇپ ھەق ئەمرى بىرلە يەر يۈزىگە پادىشاھ،
ھەم سۇلايماندەك بولۇپ ئول شاھى كەنئانىم كېلۇر.

ئاتىغان ئۆز ئىسىمنى ھەم ئىمامەل مەھدى دەپ،
بارچە مۆمىنلەر ئاتاسى ئول سۇلايمانىم كېلۇر.

تالىب ئېرسەڭ، ئەي بىلال، دائىم دۇئا قىل روھىغا،
گەر ئىجابەت قىلسا تەڭرىم پىرى نۇردانىم كېلۇر.

                         8
دەرىخا، كەلمىدى مەن خەستىگە ئۇل دىلرەبادىن خەت،
تۇرۇپ ئەردىم تۇتۇپ كۆز، كەلمىدى نازۇك ئادادىن خەت.

ۋەيا بىر دەردكە قالدى، يا بىراۋنىڭ پەندىنى ئالدى،
كى بىر باھانە بولدى، كەلمىدى ئول گۈزەلدىن خەت.

كى بەلكى نامەسى-يۇ، نە دىرەك، ھەڭگاماسى ھەم يوق،
نېچۈكتىن كەلمىدى ئول غۇنچەباش قاشى قارادىن خەت؟

كى مەندىن كۆڭلى قالدى ياكى مەندىن ئۆزگىنى تاپتى،
كى يوقسا كەلگەي ئەردى دىلبەرى ساچى سىيادىن خەت.

كى ئىنساپىن تىلەپ ھەقتىن، بىلال، ئەمدى تەھەممۇل قىل،
كېلەرلەر سەبر قىلساڭ بنر كۈنى ئول بىناۋادىن خەت.

                       9
ھەم كىرەرگە باغ ئارا كىرمەككە بوستاندۇر نىيەت،
ھەم نىگارى بىرلە ئەيىش ئەتمەككە ئىمكاندۇر نىيەت.

سەير ئىتىپ گۈلزارغا بارماق، گۈلنى ئۈزمەك رەسىمدۇر،
ھەم نىگارىغا بەرمەكلىككە رەيھاندۇر نىيەت.

نەۋباھار ئايەمىدە گۈلزار سارى  قويماق قەدەم،
سەير ئەتمەكلىكتە بىلمەك سۇننى سۇبھاندۇر نىيەت.

نىيەتى زاھىد بۇدۇر بولسا جەھەننەمدىن خالاس،
ئىشىق ئەھىلى زار يۇرمەك تەركى خەنداندۇر نىيەت.

ئۇشبۇ كوھىستان ئارا دوستسىز بىلالىي ھەر كېچە،
خەتىمە قۇرئان ئەيلەمەككە ۋەسلى جاناندۇر نىيەت.

                            10
دەرىغ، تۇرپا جاپا ئەتتى بىزگە، ئەي ئالىي جاناب،
بۇ بائىسدىنكى دەمۇدەم بۇ يۇرەك بولۇپ بىتاب.

كۆزۈمدىن ئۇچتى ئول ئاي، پەرىمۇ ۋەيا بىر قۇش،
كەپتەرمەن- ئۇنىڭ ئوۋى، ئۇل قارچىغاي-ئۇقاب.

ناگاھان كۆردى مېنى سالدى ئشقى چاڭگىلن،
تېنىمگە زەخىم ئۇرۇپ، بۇ دىلىمنى قىلدى خاراب.

ئۇل ئاينى فەررۇخ ھۇمادەك تىلەپكى ئىڭرارمەن،
كۆزۈمدىن جىگەر قانى ئاققۇزۇپ مىسالى ئاب.

كۆزۈم ياشىنى كۆرۇپ قاتىلىما قىلۇر غەيرەت،
قانم تۆكەرنى پەرۋەش، ئەجەبكى بىلدى ساۋاب.

بىلالىي، غەم يېمەگىلكى، شەھىدى ئشق ئولغۇڭ،
بۇ نەبى بورلماغىڭ ئەرمىش ئىرادەئى ۋاھھاب.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-22 13:07  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-26 13:43:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      بىلال نازىم شېئىرلىرىدىن


(مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرلار ئىنكاس شەكىلدە پۈتۈن يوللىنىدۇ. مۇنبەر نەشىرگە تەييارلىغۇچى ۋە مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ رۇخستىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا، كۆچۈرۈپ نەشر قىلىشقا بولمايدۇ)

                             11
ئېيىتۇرسەنكى، غەمگە باشىم غەمخانە  بولدى نەيلەيىن،
بىر سۆز بىلەن ئاشنا يارىم بېگانە بولدى نەيلەيىن.

يامان كۆرمەڭ مېنى، دوسىتلار، ئېگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن،
كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ، ۋەتەننىڭ گەۋھىرىدۇرمەن.

كىشى بىلمەس لەتىف سۆز دۇرلىرىنى ئەل ئۇزە يەشتىم،
كى سۆز بابىغا كەلگەندە سۇخەنۋەرلەر دۇرىدۇرمەن.

ئۆزۇم ۋەسپىنى ئېيتسام،دىلبەر ئېيىتۇر: «ئۇنچە ئەرمەس سەن»،
كەلتۈرگەن سۆزگە سىزنى دىلرابا ئۈزرە پارىدۇرمەن.

كى تەرىپ ئەيلىدىڭ كۆپ باغ ئارا غۇنچە كۆرۈپ ئۇنى،
سەھەر يېڭى ئېچىلغان غۇنچىلارغا مۇشتەرىدۇرمەن.

نە ھەد بار بىزگە ئاي يۈزلۈك سۆزىنى تىلغا كەلتۈرمەك،
قۇلىنىڭ قۇللىرى ئالدىدىكى بىر چاكارىدۇرمەن.

قىيا باقسا قىلىپ شەپقەت ئەگەر بىز خەستىگە ئول ئاي،
دېگەيمەن شاد بولغاندىن خالايىق بەھتارىدۇرمەن.

بىلەن بازىرىدا يىغلاپ بۇ نازىم يالۋۇرۇپ يارغا،
كى ئېيىتۇر بىر قىيا بارقساڭ، نە بولغاي بىر قارىدۇرمەن.

                     12
ئىلاھى، ئۇل پەرىگە مەن غېرىپنى ئەيلەگىل شەيدا،
پىراقىدا مېنى قىلغىل مىسالى بۇلبۇلى گويا.

مەجازىي ئاپتىپىدا قۇرۇتقىل بۇ جەسەتنى پاك،
كى ئاندىن سۇڭ كۆيدۈر ئىقى ھەق ئىچرە، ئايا شاھا.

ئۇنى خۇددى ۋەدىيۇ، ھەم مېنى سەيفۇلمۇلۇك ئەتگىل،
مېنى ھەم مىسلى مەجنۇنۇ ئۇل ئاينى ئەيلىگىل لەيلا.

ئۇل ئاينىڭ ئوخشاشى شىرىن، خېرىدار ئۇنىڭغا مەن فەرھاد،
تاغى ئەيلە مېنى ۋامىق، ئۇل ئاينى ھەم قىلىپ ئۇزرا.

شەھىدى ئشق قىلغىل ئول پەرىنىڭ كويىدا، يا رەب،
ئۇقۇسۇن تا قىيامەت ئۇشبۇ قىسسەم ئاقىلۇ دانا.

بەشەرىنىڭ بارچىسى يارىمغا مەپتۇن، لالۇ ھەيراندۇر،
كى بەرداش قىلا ئالغايمۇ مەلەكلەر كۆرسىلەر ئايا؟

نىگارىم بىر مەجازىي ھەم ھەقىقىيدۇر ئۇنىڭ ئىشىقى،
مەجازىي گەرچە زەر دۇركىم، ھەقىقىي- گەۋھەرى يەكتا.

بىلال ئشقى مەجازىيىنى ئايلاندۇر ھەقىقەتكە،
بۇلۇپدۇرلار مەجازىي چۈن ھەقىقىي نەزدىدە رەسۋا.
                                   13
ئەي سابا، يەتكۈر بۈگۈن مەندىن نىگارىمغا سالام،
نەچچە ئايدۇر ئايرۇ چۈشكەن بەندى زارىمغا سالام.

سورسا ھالىمنى، دېگىل ئشقىڭدا كۆپ ئاۋارىدۇر،
ئاندەلف يەڭلىغ، دېگىل ئۇل لالەزارىمغا سالام.

بىكەسۇ بىچارەيۇ دىلخەستەيۇ ھەيران ئېرۇر،
ئەيلىگىل ئىزھار ئەھۋالىمنى، يارىمغا سالام.

بەندىلىك ئەيلەر، دېگىل يىغلاپ سېنىڭ ئشقىڭدا كىم،
كۆپ ماھاللىقتىن دېدى يۈزى ئانارىمغا سالام.

بىر-بىر ئېيىتىپ بۇ بىلالنىڭ ئەرزىنى يار ئالدىدا،
ئانچە زىنھارلاپ دېگىل سەن شاھسۇۋارىمغا سالام.

                                14
ئەرزىم ئىشتگىل، ئەي يارى دىلخاھ،
ھەر تۈ چېكەرمەن ھىجرىڭدە يۈز ئاھ.

ئشقىڭدا دائىم يىغلاپ يۈرىيمەن،
بولغىل بۈگۈن سەن ھالىمدىن ئاگاھ.

بىچارە بولدۇم، كويۇڭغا كەلدىم،
رەھمەيلە ماڭا، ئەي يارى ھەمراھ.

ئىشىقىڭ ئەسرى - بىچارەدۇرمەن،
لۇتفۇ كەرەم قىل، ئەي يۈزى بەرنا.

ئەي جان، سۈپەتىڭ قانداق پۈتەيىن،
ھەم غۇنچە لەبلىك،رۇخسار دىلئارا.

ھەم قامەتى گۈل، ھەم ساچى سۇمبۇل،
مەن مىسلى بۇلبۇل يارىمغا شەيدا.

مۇلايىم سۆزلۇك، ھەم ئاھۇ كۆزلۇك،
خۇرشد يۈزلۇك، ھەم قەددى زىبا،

سەيفۇل مۈلۈك مەن، سەنسەن بادەئىي،
مەن مىلى ۋامۇق،سەن منسلى ئۇزرا.

مەن مىسلى پەرھاد، سەن بىزگە شىرىن،
مەن مىسلى مەجنۇن، سىز بىزگە لەيلا.

سېنى سوراقلاپ، ئىزلەپ چىقارمەن،
ئىلى شەھىرىدىن جۆنەپ بۇخارا.

لۇتفۇ كەرەم قىل يايغۇز بىلالغا،
ھەم كۆڭلى تىنسۇن، ئەي ماھى سىما.


ۋاقتى: 2013-2-26 19:05:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگيار، 5-، 11-غەزەللەردە مەسىلە باردەك قىلامدۇ-نېمە؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alahidin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-26 19:06  


باھا سۆز

مەن سېلىشتۇرۇپ باقاي ئالاھىدىن ئەپەندى  ۋاقتى: 2013-2-26 09:21 PM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2013-2-28 10:53:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                                                       بىلال نازىم شېئىرلىرىدىن


(مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرلار ئىنكاس شەكىلدە پۈتۈن يوللىنىدۇ. مۇنبەر نەشىرگە تەييارلىغۇچى ۋە مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ رۇخستىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا، كۆچۈرۈپ نەشر قىلىشقا بولمايدۇ)

                           15
ئەي نەئەيلەي، بۇ پەلەك قىلدى نىگارىمدىن جۇدا،
ئەندەلف يەڭلىغ بۇلۇپ مەن گۈلئۇزارىمدىن جۇدا.

بۇ جۇدالىقتىن بېرى ھەسرەتۇ غەمگە يار مەن،
ھەم مېنى قىلغان ئۈچۈن ئەغيار يارىمدىن جۇدا.

يىغلىماي نەيلەي بۈگۈن بنر خەستەيۇ ئاۋارە مەن،
ئۇشبۇ پۇرسەتلەردە بولدۇم بىقارارىمدىن جۇدا.

بەختى قاچقان بولمىسام، ھەم تەلىيىم شۇم بولمىسا،
بولغاي ئەردىممۇ بۈگۈن يۈزى ئانارىمدىن جۇدا.

غۇنچەباش نازۇك بەدەننىڭ ئاي يۈزىن كۆرگەن زامان،
بۇ بىلال ئېيىتۇر: «بولۇرمەن ئاھۇ-زارىمدىن جۇدا».


                            16


بولغىلى، ئەي نازنن، ئول ئاي جامالىڭدىن جۇدا،
كىم بولۇپمەن بارچە غەم-ئەندۇھلارغا ئاشنا.

ياش بالىلار تەقب ئەيلەر دەردى ھىجرىڭدە سېنىڭ،
تاش ئاتۇر ئارقامدىن ئەيلەرگە نزا بىرلە جاپا.

دىلرەبا، ئاڭلاپ پىغانىم زەررە رەھمىڭ كەلمىدى،
بىلمەيىن كۆڭۇلنى بەرگەنگە بۇ ھىجراندۇر جازا.

ئىشىتىپ ھالىمغا ھەيران بولدىلەر خەلقى جاھان،
بەزدى نالەمدىن مېنىڭ بېگانە-يۇ ھەم ئاشنا.

نەزىم قىلسا ئۇشبۇ دەردىڭنى بىلالىي تىنماين،
قايسى بىر دەردىڭنى دەپتەرگە پۈتۈپ قىلغۇم ئادا؟

                          17


بىر كۈنى قىلدى تەكەللۇم ناز قىلىپ يارىم ماڭا،
قەھ-قەھە بىرلە كۈلۈپ ئۇل يارى دىلئازارىم ماڭا.

دېدىكى، نە ۋەجدىن ئول چىرايىڭ زەپىران؟
سوردى ھالىم رەھىم ئەيلەپ ئول دىلئازارىم ماڭا.

يىغلىدىم دەردىمنى ئېيىتىپ ئول دىلئارامىمغا كىم،
لۇتف ئەيلەپ قىلدى تەكەللۇم ئول شېكەرخارىم ماڭا.

ئۇشبۇ نەۋھى سۆزلىشىپ تۇرغانن كۆردى شۇم رەقىب،
رەشىكدىن قەسىت ئەيلەدىلەر نەچچە ئەغيارىم ماڭا.

تېزدىن ئالغىل فەنا غارىغا ئۆزڭ، ئەي بىلال،
دېدى-يۇ قىلدى نەسىھەت يارى گۇفتارىم ماڭا.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-2-28 10:55  


ۋاقتى: 2013-2-28 12:14:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجرىڭىزدىن تۇلىمۇ سۈيۈندۈم. رەھمەت

ۋاقتى: 2013-3-1 02:58:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىرماي ئوقۇمىسام ساقلىۋالدىم يوللىغۇچىغا كۆپ تەشەككۈر.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش