بىلال نازىم ھەققىدە
مۇراد ھەمرايوۋ
ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاجايىپ پەرزەنتى، ئاتاقلىق شائىر بىلال نازىم 1824 -يىلى باھاردا غۇلجا شەھىرىدىكى موللا يۈسۈف ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلدى. ئۇ دەسلەپكى مەلۇماتنى ئائىلىسىدە، ئاتىسىنىڭ قولىدا ئېلىپ، كېيىن غۇلجدىكى مەدرىسىلىرىنىڭ بىرىگە كىرىپ ئوقۇدى. بىلال ئۇ يەردە خېلى يىللارغىچە شەرقنىڭ بۈيۈك شائىرلىرىدىن رۇداكىي،نىزامىي، جامىي ۋە ناۋائىينىڭ ئەسەرلىر ىنى ئۆگەندى.
ئۇ ئۆز خەلقىنى قايناق ھېسسىيات بىلەن سۆيەتتى، ۋەتەنگە ساداقەتمەن ھەر بىر كىشى ئۆزۋەتىنىنى لەرزىگە كەلتۈرگەن ۋەقە-ھادىسىلەرگە تاماشىبىنغا ئوخشاش قاراپ ئولتۇرۇشى مۇمكىن ئەمەس.
بىلال نازىم ياشىغان دەۋىر ھەقىقەتەن ئېغىر زامانلار ئىدى. شىنجاڭ خەلقى ئاخىرى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمران دائىرىلىرىنىڭ زۇلمى ۋە يەرلىك قورچاقلارنىڭ ئاسارىتىگە قارشى تۇرۇپ، مىللىي ئازادلىق، ئىجتىمائىي تەڭلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۆرەشكە باش كۆتۈردى.19-ئەسىردە شىنجاڭدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرا نلىقىغا قارشى يەتتە چوڭ قوزغىلاڭ؛(1814، 1816، 1825، 1827، 1830، 1857 ۋە 1864 يىللار) يۈز بەردى. بۇ قوزغىلاڭلارنىڭ ئاساسىي كۈچى ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئىدى. قوزغىلاڭ باشلانغاندىن كېيىن،بىلال نازىم ئاكىسى جالال بىلەن بىرلىكتە قولىغا قورال ئېلىپ قوزغىلاڭغا سېپىگە كىردى. قوزغىلاڭ غەلىبىسىدىن كېيىن، ئۇ يەنە ئىجاد بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ قاچان ۋاپات بولغانلىقى ۋە قەيەرگە دەپنە قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات يوق(كېيىن بۇلار ئېنىقلاندى، بۇ ھەقتە ئايرىم ماقالىلەر بار-نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن). شۇنىڭغا قارىماي، شائىرنىڭ ئاتمىش يىلدىن ئارتۇق ئۆمۈر كۆرگەنلىكى ۋە ياركەنت شەھىرى (ھازىرقى پانفىلوف)قا دەپنە قىلىنغانلىقىنى مەلۇم.
بىلال نازىم غەزەل ژانىرىدىكى ئاساسىي لىرىك ئەسەرلىرىنى مەدرىسىدە ئۇقۇ ۋاتقان يىللاردا باشلىغان. كېيىن، ئۇلارنى يىغىپ دىۋان تۈزگەن ۋە ئۇنىڭغا «غە زەلىيات» (غەزەللەر) دەپ نام بەرگەن. بىلالنىڭ بۇ غەزەللەر دىۋانى قايتا- قايتا كۆچۈرۈلۈپ،قوليازما ھالىتىدە تارقالغان ۋە كەڭ شۆھرەت قازانغان.
ئەنئەنىۋى غەزەل ژانىرىغا خاس ئەسەرلىرىدە،ئىنسان گۈزەللىكى ۋە مۇھە ببەتنى كۈيلىگەن شائىر،ئەينى ۋاقىتتا ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئىلغار غايىلەرنىمۇ ئالغا سۈردى: يەنى كۆۈنچە ئەسەرلىرىدە باراۋەرلىك، شەخس ئەركىنى تەلەپ قىلىپ، ئادالەتسىزلىكنى تەنقىد قىلدى.
بىلال نازىم بىلەن زامانداش كۆپلىگەن شائىرلار ئۆزلىرىنىڭ غايىۋىي –سىيا سىي ۋە دىنىي-ئەخلاقىي قاراشلىرىغا مۇۋاپىق دۇنيا ۋە رىئاللىققا بولغان پۇز ىتسىيىسىنى ھەر خىل ئىپادىلەر ئىدى. مىستىك پۇزىتسىيىدىكى شائىرلار لىرىك ئەسەرلىرىدە مەۋجۇت ھاياتتىن ۋاز كېچىش تەرغىپ قىلىناتتى. لېكىن بۇنداق كەيپىياتلار بىلال نازىم شېئىرىيىتىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىدى. ئىجتىما ئىي ھاياتنى چوڭقۇرتەھلىل قىلىپ چۈشىنىش،جەدىدتچىلىكنىڭ تەسىرىنى قۇبۇل قىلىشقا باشلىغان يېڭىچە ئەدەبىي ئېقىم تەسىرى ئۇنىڭغا ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسىنى باشقىچە چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىنى بەردى. ئۇنىڭ پوئېزىيەسىدىكى تۈپ خۇسۇسىيەت مىستىك قاراش ئەمەس،بەلكى گۇمانىستىك غايىلەر بولدى. ئۇ ئىنساننىڭ بەختىيار بولۇشقا ھەقلىق ئىكەنلىكىنى،ئۇ ئۆزىنىڭ پارلاق كېلەچىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكنى كۆرسەتتى. شېئىرىيەتتە مۇھەببەتكە ئاساسىي ئورۇن ئاجراتقان شائىر، ئەينى پەيتتە سۆيگۈنى ئىنسان ھاياتىنىڭ ئەڭ زۆرۈر ۋە تىرىك كۈچى، ئۇنى ئىجابىي خۇسۇسىيەتلەر بىلەن قۇراللاندۇرغۈچى ھېس تەرزىدە تەلقىن قىلدى.
بىلال نازىم پەقەت ماھىر لىرىكىچىلا ئەمەس، بەلكى ئالدى بىلەن ئۆز دەۋر ىنىڭ ئىللەتلىرىنى ئېچىپ تاشلىغان،يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ چىرىكلىكىنى پاش قىلغان،ئىجتىمائىي ئادىللىق،ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىكىنىڭ ھىمايىچىسى ئىدى. بولۇپمۇ،ئەڭ مۇھىمى، ئۆز خەلقىنىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن،زۇلۇمغا قارشى قولىغا قورال ئېلىپ كۈرەشكە ئاتلانغان، ئاجايىپ ئەل پەرزەنتى ئىدى.شۇڭا ئۇيغۇر مېھنەتكە شلىرىنىڭ يەرلىك قورچاقلار ۋە چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمران دائىرىلىرىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قەيسىرانە كۆرەشلىرى، ئۇنىڭ«نۇزۇگۇم قىسسىسى»،«چاڭموزا يۈسۈ پخا ن»(بەزى ماتېرىياللاردا «كۇلاھلىق يۈسۈپ پادىشاھ»دەپمۇ ئېلىنىدۇ-نەشرگە تەييارلىغۇچىدىن) ۋە «غازات دەر مۈلكى چىن»قاتارلىق داستانلىرىدا ھېكايە قىلىندى.داستاندا،1825-يىلى شىنجاڭ گۇبېرناتۇرىنىڭ قوزغىلاڭنىڭ ئاكتىپ قاتناشقۇچىسى نۇزۇگۇمنىڭ تەقدىرىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە كۆرسەتمە سوراپ بېيجىڭغا يازغان خېتىگە جاۋاپ تەرىقىسىدە مۇنداق بۇيرۇق كەلگەنلىكى ئېيتىلىدۇ: «بۇ خەت كېچە بارسا،كۈندۈزگە قويماي ئۆلتۈرۈلسۇن. ئەگەر كۈندۈز بارسا،كەچكە قويماي ئۆلتۈرۈلسۇن».
بىلال نازىمنىڭ نۇزۇگۇم ھەققىدىكى قىسسىگە، نۇزۇگۇمنىڭ ئۆزى يازغان قۇشاقلارمۇ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،ھازىرغىچە ئۇيغۇر خەلق قەھرىمانلىرىدىن ئىپار خان،مايىمخان، رىزۋانگۈل ۋە باشقىلارغا ئوخشاش نۇزۇگۇمنىڭ قوشاقلىرىمۇ خەلق ئارىسىدا مەشھۇردۇر.بىلال نازىم كەلگۈسى ئەۋلادلار ئۈچۈن قىسسىسىگە كىر گۈزۈپ،خاتىرلەپ قالدۇرغان نۇزۇگۇم قوشاقلىرىنى ھازىرقى كۈندىمۇ كۆپلىگەن كىشىلەر يادقا بىلىدۇ. بىلال نازىمنىڭ يەنە بىر ئەسىرى-«چاڭموزا يۈسۈپخان»مۇ مەزمۇن ھەم شەكىل جەھەتتىن يېڭىلىق بىلەن يېزىلغان ئەسەردۇر. شۇ دەۋردە ساختىپەز يۈسۈپخان ئوبرازى ئارقىلىق روھانىيلارنىڭ رەزىل، ناچار ۋە ئىككى يۇز لىمىچىلىكىنى ئېچىپ تاشلاش ئۈچۈن خېلى زور جاسارەت كېرەك ئىدى. شۈ بھىسىزكى،بىلال نازىم بۇ داستانىدا قانداقتۇر بىر پەۋقۇلئاددە ھادىسىنى ئەمەس، بەلكى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن تىپىك بولغان ۋەقەلەرنى تەسۋىرلىگەن.چۈنكى بىلال نازىم ياشىغان دەۋىرگە نىسپەتەن،ئايرىم بىر قىسىم دىن ۋەكىللىرىنىڭ مېھنەتكە شلەرنى ئالداپ،ئۇلارنى جاھالەتتە،زۇلمەتتە تۇتماقچى بۆلىشى تەبىئىي ئىدى. شۇڭا بىز،«چاڭموزا يۈسۈپخان» داستانىنى ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتىد ىكى ئاشۇ بىر دەۋر بىلەن تونۇشۇپ چىقالايمىز.
بىلال نازىمنىڭ ئەنئەنىۋى روھتا يېزىلغان يەنە بىر چوڭ ئېپىك ئەسىرى «غازات دەر مۈلكى چىن» داستانىدۇر.مەلۇمكى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى، بولۇ پمۇ، كېيىنكى ئىككى ئەسىرلىك تارىخى ئۇنىڭ چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەش تارىخىدۇر.شۇڭا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا دائىر بىر قاتار ئەسەرلەرنىڭ مۇشۇ تېمىغا بېغىشلانغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ھال ئەمەس.
بىلال نازىمنىڭ 1864—1867 يىللاردىكى كەڭ كۆلەملىك خەلق قوزغىلىڭى تېمىسىغا بېغىشلانغان «غازات دەر مۈلكى چىن»داستانى،ئەنە شۇ تېمىدىكى ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ ياخشىسىدۇر.
ئەينى ۋاقىتتىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى كۈرەشكە شىنجاڭدا ياشىغۇچى ئۇيغۇر خەلقىلا ئەمەس،بەلكى تۇڭگان خەلقىمۇ قاتناشقان. ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنىڭ بىرلەشكەن كۈچلىرى چىڭ سۇلالىسى قوشۇنلىرىنى قوغلاپ چىقىرىپ،شىنجاڭنىڭ بىر نەچچە شەھەر ۋە مۇھىم ئاھالە پونكىتلىرىنى قولغا كەلتۈردى.شىنجاڭدىكى چىڭ سۇلالىسى گۇبېرناتۇرى ئۇيغۇر ۋە تۇڭگان خەلقلىرى ئوتتۇرىسىغا دەتالاش سېلىشقا ئۇرۇنۇپ، بۇنىڭغا مۇيەسسەر بولالمىغا ندىن كېيىن،ئۇ قورچاق ئەمەلدار مەزەمزاتنى ئۆز تەرىپىگە تارتىپ،ئۇنىڭ قولى بىلەن قوزغىلاڭنى باستۇرماقچى بولدى،بىراق، مەزەمزات قوزغالغان خەلققە كۈلپەت بېرىشكە پېتىنالمىدى. قوزغىلاڭ تەدرىجىي كۈچىيىپ، ئۇنىڭغا چىڭ سۇلالىسى ئەزگۈچىلىرىنىڭ زۇلۇمى ئاستىدا چىدىغۇسىز دەرىجىدە ئىزىلىگەن مىڭلارچە دېھقانلار قوشۇلدى. لېكىن، قوزغىلاڭنىڭ مۇتئەسسىپلەر ۋە روھانىيلاردىن بولغان ئايرىم رەھبەرلىرى ئارىسىدا دە تالاشلار توختىمىدى. بىلال نازىم ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەشكە ئازراقمۇ ھەسسىسى بولمىغان،پەقەت مەنسەپ ۋە بايلىقنى كۆزلەيدىغان بۇ بىچارە زاتلارنى قەيسەر قەلىمى ئارقىلىق رەھىمسىز پاش قىلدى. شائىر ھەقىقىي ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ جاسارىتى ھەققىدە تىرىك روھ بىلەن سۆزلىدى، ئۆلۈم يۈزىگە تىك قارىغان،ئەرك سۆيەر مەردانە دېھقانلارنى پەخىرلىنىش ھىسسىياتى بىلەن كۈيلىدى.شۇنداق،ئادالەت ۋە ھۆرلۈك ھىمايىچىسى،باتۇر ئوغلانلارنىڭ كۈيچىسى بىلال نازىم «غازات دەر مۈلكى چىن»داستانىدا ئۆز ۋەتىنى، خەلقى ئۈچۈن ئېغىر زۇلۇم ۋە ئېزىلىشتىن خالاس بولىدىغان ئاجايىپ زامانلارنىڭ كېلىشىگە كۈچلۈك ئىشەنچ بىلدۈردى.
بىلال نازىم ئۆز دەۋرىنىڭ ئەڭ بىلىملىك، ئوقۇمۇشلۇق كىشىسى بولۇپ، ئۇ شەرق پوئىزيەسى ۋە ئۇنىڭ بۈيۈك ۋارىسلىرىنىڭ ئىجادىنى ياخشى بىلەتتى، ئۇ ئۆزىنى ئابدۇراخمان جامىي ۋە ئەلىشىر ناۋايىنىڭ شاگىرتى دەپ ھېسابلايتتى. شائىر چۈشىدە ئابدۇراخمان جامىينى كۆرگەنلىكىنى ۋە شۇندىن كېيىن ئۇنى ئۇستازى دەپ بىلگىنىنى يازىدۇ. شائىرنىڭ غەزەللىرى ۋە «غازات دار مۈلكى چىن» داستانىدا ئەلىشىر ناۋائىينىڭ نامى زور ھۆرمەت بىلەن قايتا-قايتا تىلغا ئېلىنىدۇ.
رۇسىيەدە بىلال نازىمنىڭ ئەسەرلىرى ئۇ ھايات دەۋرىدىلا نەشر قىلىنىشقا باشلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، شەرقشۇناس ن.ن.پانتۇسوۋ ئۇيغۇر خەلق ئېغزاكى ئىجادى ماتېرىياللىرىنى يىغىش بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپ، بىلال نازىم بىلەن تونۇ شۇپ ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىق ئورناتتى، بۇ رۇس ئالىمى بىلال نازىمنىڭ «غازات دار مۈلكى چىن»،«چاڭموزا يۈسۈپخان»،«نۇزۇگۇم»قاتارلىق ئەسەرلىرىنىمۇ تاپقان ۋە پېتېربۇرگ شەھىرىدە نەشر قىلدۇرغا، ھەتتا بەزىلىرىنى روسچىغا تەرجىمە قىلغان.
بىلال نازىمنىڭ ئەسەرلىرى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن قەدىرلىك ۋە سۆيۈملۈكتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلار ئۆز كلاسسىكلىرىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىن باشلاپ ئۆگىنىدۇ. ئالمۇتادا ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىر نەچچە قېتىم نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر،رۇس،قازاق، ئۆزبېك ۋە ھەتتا گېرمان تىللىرىدا شائىر ئىجادى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.
ئويلايمىزكى،ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شائىرى بىلال نازىمنىڭ ئەسەرلىرى كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە مەنزۇر كېلىدۇ.
ئاپتۇر مۇراد ھەمرايوۋ: فىلولوگىيە پەنلىرى دوكتورى، پروفېسسور.
( بۇ ماقالە 1981-يىلى تاشكەنتە نەشر قىلىنغان«بىلال نازىم شېئىرلىرىدىن» ناملىق ئۆزبېكچە كىتابتىن ئېلىپ، نەشرگە تاييارلاندى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-2-21 14:36