بىلال نازىم شېئىرلىرىدىن
(مەزكۇر توپلامدىكى شېئىرلار ئىنكاس شەكىلدە پۈتۈن يوللىنىدۇ. نەشىرگە تەييارلىغۇچى ۋە مۇنبەر مەسئۇلىنىڭ رۇخستىسىز باشقا مۇنبەرلەرگە كۆچۈرۈپ چاپلاشقا، كۆچۈرۈپ نەشر قىلىشقا بولمايدۇ)
23
ماڭا بولدى ئەمدى مەلۇم، چۈن ئىكەن بۇ تەليىم شۇم،
ئشقىدا بۇلۇپ چۈن بۇم، چىللىماق ئەيلەپ ئادەت.
بۇ نىچۈك ئەلەمدۇر، ئەي يار، كۆرەدۇر يۈزۇڭنى ئەغيار،
مېنى سورغالى قىلىپ ئار، كۆرەرسەنمۇ فەقىر غايەت؟
يوقسا ئەيلەگىل تەرەھھۇم زەئىپ بىلالىڭغا، ئەي يار،
نە يۈزىدە رېڭى قالدى، نە دىلىدا سەبرۇ تاقەت.
24
كى ئەرزىمنى ئېيىتاي،دىلرەبا ئىشىت،
ئايا غۇنچە ۋاش يۈزى، بەرنا ئىشىت.
بۇلۇبدۇر مېنى مەپتۇن قىلماق ئۈچۈن،
قەددى قامەتىڭ تۇرفە زىيا، ئىشىت.
قاشىڭ يايىغا كىپرىگىڭ ئوق ئېتىپ،
ئاتارسەن دەممۇدەمكى گويا، ئىشت.
سەۋەپ بۇ ئېرۇر يىغلاماقىم مانى،
بېشىمغا چۈشۇبدۇركى سەۋدا،ئىشىت.
ساچىڭ ئەجدەرىي بىزنى دەم تارتادۇر،
نەدىن قىلمايىن ئەمدى، غەۋغا، ئىشىت.
كى يالدا تۈنىدە كۆتەرسەڭ نىقاپ،
يۈزۇڭدىن پەرۋەرش ئىتتىفاقا ئىشت.
كۈنگە ئايلانغۇسى ئۇشبۇ قارا تۈن
يۈزۇڭ نۇرى ئاپتاپ بولسا، ئىشىت.
سېنى كۆرسە ناگاھ بارلۇر بەندىلەر،
كى بەھرام ۋەيا بولسا دارا،ئىشىت.
كى ھۆرمەت قىلۇر گۈل نىھالىڭ كۆرۈپ،
ئېرەم بارغىدا گۈل ھەم ئەنۋا، ئىشىت.
تەقى زوق ئېتەرلەر يۈزۇڭنى كۆرۈپ،
يەنە لەيلى، شىرىنۇ ئۇزرا، ئىشىت.
ئۆتۇپدۇر ۋادىيۇ رەبىئۇلجامال،
بۇ ئەسىردە سەنسەن زۇلەيخا، ئىشىت.
يۈزۇڭ غۇنچە گۈلدۇر، بىلالىي بۇلبۇل،
كۆرۈپ غۇنچىنى بولدى، شەيدا ئىشىت.
25
ساقىيا،دىلخەستەمەن كەلگىل بۈگۈن پەيمانە تۇت،
تولدۇرۇپ پەيمانىنى لەئىلگۇل مەيى جانانە تۇت.
سىپقىراي ئول بادەنى يارى ۋاپاسىز ئىشىقىدا،
قالمىسى پەيماندا گەر، تولدۇرۇپ سەن يەنە تۇت.
دەممۇ-دەم، سائەتمۇ-سائەت مەينى كەلتۈرگىل، ئىچەي،
تۈنۇ كۈن،بەلكى داۋام ئۆتكۈزمەيىن بىر ئانە تۇت.
ئەمدى مەسخۇش بولدى دەپ، قىلما خىيال، ئەي ساقىيا،
دەفئي غەم ئەيلەر ماڭا،سەن بادە بىپايانە تۇت.
يارنىڭ دەردۇ پىراقىنى ئۇنۇتقۇم بنر يولى،
ھەم ئۆزۇڭنى، ساقىيا، ئەيلەپ ماڭا مەيخانە تۇت.
بادەنى ھەر قانچە تۇتساڭ،ھەم بىلال لەۋ تامشىتۇر،
شامدىن تا سۈبھى-يۇ، سۈبھىدىن تا دەمى خۇپتەنە تۇت.
26
نە بولغاي زەررە رەھىم ئەتسەڭ، بۇلۇپمەن بىقارار، ئەي دوسىت،
يۈرەرمەن دەردى ھىجرىڭدە كى يىغلاپ زار-زار، ئەي دوسىت.
تىلەپ دائم ۋىسالىڭنى كويىڭدا تەلمۈرۈپ يۈردۈم،
كۆرەلمەي نائۈمد بولدۇم، ئېلىپ كۆزلەر غۇبار،ئەي دوسىت.
ئەگەر رۇمۇ تامان كەتسەم، ئۈزۈلمەس بۇ دىلىم سەندىن،
قىلىپ سەن مەن غېرىپنى غەمزە بىرلە بىقارار، ئەي دوسىت.
جامالىڭ شەمئىدە كۆيدۇم بۇلۇپ مەن مىسلى پەرۋانە،
مېنى قىلدى پىراقىڭ خەلقى ئالەم ئىچرە خار،ئەي دوسىت.
قېلىپ مەن خىرمانى ئوت ئىچرە كىم گويا سەمەندەردەك،
ئول ئوتتىن ئاجرىتىپ ئالماققا قىلدىڭ بىزنى ئار،ئەي دوسىت.
كى بۇلبۇل،شاتۇتى،قۇمرى،سەئىۋەلەر ھالىمغا زار يىغلار،
تەرەھھۇم قىلمىدىڭ بىر دەم بۇلۇپ مەن خار-زار، ئەي دوسىت.
ئەلەم دەشتىدە مەجنۇندەك بۇلۇبدۇر بۇ بىلالىڭ ھەم،
ئايان ئىشق زورىدىن رۇستەمى داستان بىمادار، ئەي دوسىت.
27
ئاھ كىم، كۆڭلۈمنى ئالدى بىر لاتاپەتلىك يىگىت،
ئوينىتىپ تۇمقارا تۇلپار ئول كامالەتلىك يىگىت.
قامەتى شەمشادىغا ئەيلەي تۈمەن مىڭ جان پىدا،
ھۆسى ئىقلىمىدا يوق ئانداغ مالاھەتلىك يىگىت.
بولغۇسى ھەيران قەمەر يۈزى زىياسغا ئۇنىڭ،
بولمامىش پەيدا يەنە ئانداغ سائادەتلىك يىگىت.
ماڭا نەدوست ئەلگە ۋەسفىن لازىم قىلماققا ۋەلىك،
ھېچ شاھلار ئىچرە يوق ئۇنداق ئادالەتلىك يىگىت.
ۋەسفىنى ھەددىن ئاشۇرساڭ، ئەي بىلال، يوقتۇر ئەجەپ،
كائىنات ئىچرە ئانىڭدەك يوق دىيانەتلىك يىگىت.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-6-2 15:35