بىر چىمدىن يۈرەك
كملەردىن سۇ ئىچىپ تۇرىسەن يۈرەك ،
چۈشۈڭدە كىملەرنىڭ كۆزلىرى ئوينار .
تۇيۇقسىز كۈلگەندە كىمنى ئەسلىدىڭ ...
يۇشۇرۇن تەنلەردە ھاياجان قوزغار .
بىر مۇڭلۇق موزىكا يالغۇز قېلىشمۇ ،
كۆڭۈلنىڭ تارلىرى نەدە چېلىندى .
ئۇنتۇشنىڭ لەززىتى تولىمۇ قىرتاق ...
بىلمەيسەن نىمىلەر نەردە ئۇنتۇلدى .
چۈشلەرنىڭ داۋامى يەنە شۇ چۈشتۈر ،
رىئاللىق كۆزىڭگە تۇرار سانجىلىپ .
خىيالنىڭ ئىچىدە مەيىن شامال بار ...
كۆڭۈلدىن چىقالماس كۆڭۈل ئايلىنىپ .
گۈللەرگە ئوخشايدۇ ئېچىلغان كۆڭۈل .
يوللاردا يوللارنىڭ غەملىرى يۈرەر.
گۈللەردەك ئېچىلماس كۆكتىكى ھېلال ،
كېچىدە قاراڭغۇ ئېچىلىپ كېتەر .
بىر چىنە سوغۇق سۇ تۇرمۇش ئەسلىدە ،
مۇھەببەت قاينىتار سوۋىتار ئۇنى .
بىر قۇچاغ غېمىم بار ھايات ھەققىدە ،
يوق بىراق ھەسرەتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى .