كۆرۈش: 35|ئىنكاس: 0

سەيدىمۇھەممەت مېھمان:كۆڭلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  356
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 324
تۆھپە : 0
توردا: 160
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 00:42:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        
    
              كۆڭلۈم

سەيدىمۇھەممەت مېھمان

بىرسى ساڭا سانجىيدۇ نەشتەر،
شىرىن سۆزدە خۇيلىنىپ تۇرۇپ.
بىرسى يالغان قەسەملەر بىلەن،
يۈرمەكتىدۇر قاپقانلار قۇرۇپ.
ئۈگۈنىۋال قانداق ياشاشنى،
كەتمە كۆڭلۈم لېكىن ئاھ ئۇرۇپ.


مىھىر تىلەپ يۈرەر بىراۋلار،
غورۇرىنى شامالغا سېلىپ.
تۈك ئۈندۈرۈپ تۇخۇمدىن تېخى،
كەتكەنلەر بار شۇنچە كېرىلىپ.
كۆرمىگەننى كۈرۈپ كۈنىسەن،
قالما كۆڭلۈم ئەسلا ھار ئېلىپ.


نان تىلىمە تۇنۇش دۈشمەندىن،
ئوت كەتسىمۇ خامانلىرىڭغا.
بۈگۈن ساڭا ئۇۋاق بەرگەنلەر،
سۇ سېپىدۇ ئارمانلىرىڭغا.
قارشى چىقار يەنە بىراۋلار،
كۆڭلۈم سىنىڭ تۇتقان يۇلۇڭغا.


ئۈگۈنىۋال قانداق ياشاشنى،
كۆرمىگەننى كۈرۈپ كۈنىسەن.
ھايات دىگەن رومكىدىكى مەي-
تەمى قانداق تېتىپ بىلىسەن.
ياشاش ئۈچۈن ئۈمۈدلەر كىرەك،
تاڭلا بەلكىم كۈلۈپ يۈرىسەن.

ئىجادىيىتىم:سەيدىمۇھەممەت مېھمان2012-يىلى 24-ئاپرېل شەھرى خوتەن


        

مىھرىمدە ئېچىلغىن چوغلۇق گۈلىدەك، سەن ئۈچۈن سەكپارە ھامان بۇ يۈرەك....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش