كۆرۈش: 56|ئىنكاس: 2

بۇ تۈنلەر يورۇقتۇر خىيال بولسىلا [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  700
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1555
تۆھپە : 0
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 22:47:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پايانسىز تۈنلەرنىڭ قوينىغا پاتتىم ،

ئارمانرەڭ خىياللار مەنزىلى چەكسىز .

يۇلتۇزۇم ئىزلىدىم يېشىمدەك ئاقتىم ،

يۈرىگىم تەكتىدە پارلىماقتا ئىز .



ئۈمىتلىك كۆزلىرىم يولۇڭدا تالدى ،

ھىجراننىڭ جاللىتى چاپىمەن دەيدۇ .

قەدىم كۈي بارخانلار ئاستىدا قالدى ،

توغراقلار بەستىمگە دەرمان تىلەيدۇ.



تۆكۈلۈپ بارماقتا كەچكۈز ياپرىقى ،

زىمىندەك ھالسىراپ پارلايدۇ روھىم .

ئۆمرۈمدىن بەت ئۆرۈپ ھەر بىر ۋارىقى ،

كۆيمەكتە قۇياشتەك نۇر تۆكۈپ قەلبىم .



ئاسىيمەن ئۆزۈمگە قاچاق جەڭچىدەك ،

ئۆزۈمگە جەڭ ئىلان قىلدىم كۈندە مىڭ .

چۈشەنسەڭ نىگارىم مېنى ئۆزۈڭدەك ،

ياشايتۇق ئالەمدە كۈلۈپ بىجىرىم .








بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارتۇچ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-18 22:48  


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1538
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 76
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 12:31:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇچ، سىزگە سالام.

ئاخىرقى مىسرادىكى «بېجىرىم»نى «ھەر قېتىم» دەپ ئۆزگەرتىپ قويغان بولسىڭىز.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1538
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 76
تۆھپە : 0
توردا: 7
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 12:32:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ تۈنلەر يورۇقتۇر خىيال بولسىلا

پايانسىز تۈنلەرنىڭ قوينىغا پاتتىم ،

ئارمانرەڭ خىياللار مەنزىلى چەكسىز .

يۇلتۇزۇم بۇ كېچەيېشىمدەك ئاقتى ،

يۈرىگىم تەكتىدە پارلىماقتا ئىز .



ئۈمىدلىك كۆزلىرىم يولۇڭدا تالدى ،

ھىجراننىڭ جاللىتى چاپىمەن دەيدۇ .

قەدىم كۈي بارخانلار ئاستىدا قالدى ،

توغراقلار بەستىمگە دەرمان تىلەيدۇ.



تۆكۈلۈپ بارماقتا كەچكۈز ياپرىقى ،

زىمىندەك ھالسىراپ پارلايدۇ روھىم .

ئۆمرۈمدىن بەت ئۆرۈپ ھەر بىر كېچەمدە ،

كۆيمەكتە قۇياشتەك نۇر تۆكۈپ قەلبىم .



ئاسىيمەن ئۆزۈمگە قاچاق جەڭچىدەك ،

ئۆزۈمگە جەڭ ئىلان قىلدىم كۈندە مىڭ .

چۈشەنسەڭ نىگارىم مېنى ئۆزۈڭدەك ،

ياشايتۇق ئالەمدە كۈلۈپ ھەر قېتىم.

- بۇ شېئىرىڭىز ئۈستىدە ئايرىم بىر توختىلارمەن.




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئازاد تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-19 12:36  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش