كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 6

مۇزۇم نەگە كەتكەندۇ ( بالىلار شېئىرى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 460
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 22:43:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان ئەمەت ئۆزكان
مۇزۇم نەگە كەتكەندۇ
مۇزنى تامغا تىرىدىم ،
نۇرلار قوندى يۈزىگە .
كۆزلىرىدىن چىپىلداپ ،
سۇ تامچىدى مەڭزىگە .

ئېرىق ئاچتىم ياغاچتا ،
ئېتىزلىقىم قەلبىگە .
سۇنى ماڭدىم تە – تەلەپ ،
كوچىلاردىن مەلىگە .

ئىچتى گۈللەر تالىشىپ ،
سۇ يۈگۈردى لېۋىگە .
تاڭ سەھەردە لىغىرلاپ ،
ئايلىنۋالدى شەپنەمگە .

مېنى كۆرمەي قۇياشجان ،
ئىچىۋالدى بىر دەمدە .
كېپىنەكلەر سۇ يوق دەپ ،
كېلىۋالدى چۆرەمگە .

ئەسكە ئېلىپ شۇئانلا ،
ئىزلەپ بارساق يوق تۇرار .
مۇزۇم نەگە كەتكەندۇ ،
كېپىنەكلەر ئىزدەڭلار .

باھار قىزچاق كەپسىزكەن ،
بىزدىن چاققان چىقىپتۇ .
تېز بولايلى كېپىنەك ،
يازنىڭ ئۆيگە كېتىپتۇ .
مەنبە : قەلىمىم

idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 10:57:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ شېئىردا بالىلارچە ھېسىيات ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپتۇ

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 460
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 18:37:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەممەتجان ئەمەت ئۆزكان
يىڭناغۇچ
كىرپىكىمگە قۇندى يىڭناغۇچ ،
پەرۋازىنى كۆردۈم جىممىدە .
ئۇچۇش دېگەن نەقەر ھوزۇر ،
تىك ئۇچاردەك چۈسسە لىككىدە .

قانات قېقىش مەندىكى ئىستەك ،
قۇلىقىغا ئېيتتىم سۆزۈمنى .
گۇلزارلىققا قاراپ ئۇچتۇق بىز ،
كېپىنەكلەر سىقتى قولۇمنى .

يەلپۈنگەندە سۈزۈك قانىتى ،
غىدىقلاندى سۈزۈك يۈزلىرىم .
سىلكىنگەندەك قوللىرىم ئاستا ،
لەيلەپ كەتتى ئىغىر تەنلىرىم .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 19:29:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە كېپىنەك قۇلۇڭىزنى نىمە مەقسەتتە سىقىدۇ؟  مۇشۇ نوقتا سەل گۇڭگىمۇ قانداق؟

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1413
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 460
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 19:38:31 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلزارلىقتا بىللە ئۇچۇپ ، دوس بولۇپ قالغانىمىز ئۈچۈن قولۇمنى سىقىتى دەپ قارايمەن . دوسلۇق ۋە خۇشاللىق ئەۋجىدە قوللارنىڭ تۇتۇشىشى مۇۋاپىق بولسا كېرەك ....

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 888
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1541
تۆھپە : 16
توردا: 151
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 19:40:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئويلۇغۇنۇم توغىرىكەن ، مەنمۇ مۇشۇ مۇددادىمىكىن دەپتازا ئىشىنچ قىلالماي  سورىغان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 632
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 19:50:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ!
مۇبارەك بولسۇن!
ئەسەرلىرىڭىز تېتىملىق،تىلى تاتلىق چىقىۋاتىدۇ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-19 19:50  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش