ئەلرام
بىر تال گۈلنىڭ ياپرىقى بىلەن
ئاشىقىڭمەن پەقەتلا سېنىڭ
كۆرمەك بۇلۇپ ئۆيۈڭ ئالدىغا،
باردىم سەن يوق،ئىشك يېپىقلىق.
شۇ ھالەتنى كۆرگەندىن كېيىن،
باستى مېنى ئېغىر غېرىپلىق.
دېرىزەڭگە قارىدىم ئاستا،
ئۇمۇ ھەتتا تۇرار ئىتىكلىك.
ناخشا ئېيتاي دېدىم ئەمما،مەن-
قىلالمدىم يەنە يىنىكلىك.
ئەگەر ناخشا ئېيتىپلا قالسام،
چىقار رەنجىپ ياندىكى قوشناڭ.
دەيدۇ تېخى ئىگىركىدەكلا،
كەت بۇ يەردىن،يۇقال ئەي ساراڭ.
ياق،مەن ھەرگىز قۇرقۇنچاق ئەمەس،
ئويلاپ سېنى ئارقامغا ياندىم.
سۆزگە سېنى تۇتۇپ بەرگۈم يوق،
لېكىن،سۆزسىز مەن دەرىتكە قالدىم.
شۇنداقتىمۇ يەنە ئويلۇدۇم،
سەن سىرلىقسەن پىنھانغا قاچساڭ.
ئاشىقىڭمەن پەقەتلا سېنىڭ،
ماڭا چىراي ئاچساڭ ،ئاچمىساڭ.
بىر تال گۈلنىڭ ياپرىقى بىلەن
بىر تال گۈلنىڭ ياپرىقى بىلەن،
بىلىۋالدىم شامال سىرىنى.
ئۇ يەتكۈزۈپ سۆزلەرنى ئەينەن،
يۇيار ئىكەن كۆڭۈل كىرىنى.
بىر تال گۈلنىڭ ياپرىقى بىلەن،
چۈشەندىمغۇ تۇپراق،مېھىرنى.
ئۇ گۈزەللىك بەرسىمۇ گۈلگە،
ئالار ئىكەن گۈلدىن سېھىرنى.
بىر تال گۈلنىڭ ياپرىقى بىلەن،
سىر ئىچىدە باقتىم ھاياتقا.
يەنە شۇ گۈل بولدى بىر سەۋەپ؛
مەن ئىرىشتىم ئۈمىد-قاناتقا.
سېغىندۇرغان بىر قىز بار شۇنداق
كۆزۈم ئۇچۇق يۈرسەممۇ دائىم،
قارچۇقۇمغا قاتقان شۇ سىماھ.
خىيالغا كۆپ بىرىلگىنىمگە،
گۇۋاھ بۇلۇپ قالدى كۆپ ئىماھ.
ئاخشاملىرى ئاينى كۆرسەممۇ،
ئەشۇ چىراي يەنە بار ئايدا.
ئەمما،يوللار يۇلتۇزدەك يىراق،
پىچىرلايمەن كۈتكىنىم قايدا؟
ئۇ چۈشۈمگە ئىز سالسا دەيمەن ،
باش ياستۇققا يەتكەن ۋاقىتتا.
سېغىندۇرغان بىر قىز بار شۇنداق،
ئۆتمەكتىمەن كۆيۈپ ھاياتتا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلرام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-18 22:22