مەھەللەمگە كەلمىگىن زىنھار
كۆرۈپ قالدىم سېنى ،سايەڭنى،
مەھەللەمگە كەلمىگىن زىنھار.
بىز ئايرىلىپ كەتتۇق شۇ كۈنى،
ئۇنۇتماققا تىۋىندىم ئەي يار.
روجەكلەردىن ئەۋتكەن خېتىڭ،
قۇرۇپ ئالدى كۆز ياشلىرىمنى.
باھاردەك تىز كەتتى ھىدلىرىڭ
ياكى بىراۋ ئەپ كەتتى ئۇنى.
كىلىشىڭدىن كۈتمىدىم شاتلىق،
پۇراقلىرى كەلدى ئازاپنىڭ.
بۇ ھەردەمكى قايتىلانغان چۈش،
كۈلكىسىمۇ ھازىدار يارنىڭ.
مەھەللەمگە قەدەم باسمىغىن،
تەۋرەپ كەتتى جىمى جىمجىتلىق.
تاڭ ساباسى ھېچبىر كۈلمىدى،
قىلاي دەمسەن گۈلشەننى ساسلىق.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئايشەمگۈل بارات تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-1-18 18:01