كۆرۈش: 92|ئىنكاس: 2

جۇڭگو يېزىلىرىدىكى ھېكايىلەرنى دۇنيا خەلقىگە سۆزلەپ بېرىمەن (خەنجەر تەرجىمىسى ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1052
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 279
تۆھپە : 0
توردا: 53
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 16:20:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگو يېزىلىرىدىكى ھېكايىلەرنى دۇنيا  خەلقىگە سۆزلەپ بېرىمەن              
گې لىن
«گاۋمىي ناھىيەسىنىڭ دوڭبېي يېزىسى شەكشۈبھىسىزكى پۈتۈن يەر شارى بويىچە ئەڭ گۈزەل ھەم ئەڭ كۆرۈمسىز، ئەڭ ئەركىن ھەم ئەڭ بىدئەت، ئەڭ مۇقەددەس ھەم ئەڭ مەينەت، ھەم قەھرىمان ئەزىمەتلەرمۇ، ھەم ساتقىن مۇناپىقلارمۇ ئەڭ كۆپ چىقىدىغان، ھەم ھاراق كۆپ ئىچىلىدىغان، ھەم مىننەتسىز بېغىشلاش ئەڭ كۆپ بولىدىغان جاي. كەچ كۈزدىكى ئاۋغۇستتا، چېتى كۆرۈنمەيدىغان ئاققوناق ئېتىزلىرى بىپايان قان دېڭىزىغا ئوخشايدۇ. باھار شامىلى ھالسىزلىنىپ قالغان بولسىمۇ، قۇياش نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك. كۆپكۆك ئاسماندا توپ-توپ سەرگەردان بولۇتلار ئۈزۈپ يۈرۈشىدۇ...» 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، مويەن ئەسىرلىرى «سېھرىي رېئالىزم بىلەن ئەل ئىچى ھېكايىلىرى، تارىخ بىلەن شۇ دەۋر رېئاللىقى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن» لىكى ئۈچۈن 2012-يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا نائىل بولدى. ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئاجايىپ گۈزەل «دوڭبېي يېزىسى» مۇ بىر كېچىدىلا پۈتۈن دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى ئەڭ يارقىن جۇغراپىيەلىك ئىسىملارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
مويەن ئەسەرلىرىدە ئارقا-ئارقىدىن تىلغا ئېلىنغان «گاۋمىي ناھىيەسىنىڭ دوڭبېي يېزىسى» دەل مويەننىڭ تۇغۇلغان يۇرتى. جۇڭگونىڭ شىمالىدىكى بۇ مۇنبەت تۇپراق مويەننىڭ تەبىئەت ۋە ئەدەبىياتتىن ئىبارەت ئىككى خىل جېنىنى ئوزۇقلاندۇرغان.
ئاچارچىلىق ۋە غېرىبلىق ئۇنىڭ ئىجادىيەت بايلىقى بولغان
مويەن 1955-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى گۇەن مويې. «گۇەن مويې» نىڭ بالىلىق ھاياتى دەرد-ئەلەمدە، ئاچارچىلىقتا، غېرىبلىقتا ۋە خورلىنىش ئىچىدە ئۆتكەن، بۇلار «مويەن» نىڭ قەلبىدە ئاللىقاچان يىللارنىڭ ئۇنتۇلماس خاتىرىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن.
ئاچارچىلىق ھاياتلىقتىكى قاباھەتلىك چۈش. مويەننىڭ بەش-ئالتە ياشلارغا كىرگەن ۋاقتى «ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەت» نىڭ يېتىپ كەلگەن دەۋرى بولۇپ، قورسىقىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن، ئۇ ئوت-چۆپلەرنى يېگەن، دەرەخ قوۋزاقلىرىنى غاجىغان، ھەتتا كۆمۈر پارچىلىرىنى يېيىشكىمۇ مەجبۇر بولغان. 1961-يىلى باھاردا، كەنت باشلانغۇچ مەكتىپىگە بىر ماشىنا پارقىراق كۆمۈر ئېلىپ كېلىنىدۇ، مويەن دوستلىرى بىلەن ماشىنىغا يامىشىپ چىقىپ، بىر پارچىدىن كۆمۈرنى «كورس-كورس» قىلىپ غاجاشقا باشلايدۇ، غاجىغانسېرى «تەمى» تېتىپ قالىدۇ. دەرىجىدىن تاشقىرى ئاچارچىلىق بولۇۋاتقان كۈنلەردە، مويەن قوشنا كەنتتىكى مەلۇم بىر ئوڭ قانات ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن مۇنداق بىر گەپنى ئاڭلاپ قالىدۇ: ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ بىر يازغۇچىنى تونۇيدىكەن، كىتاب يېزىپ نەچچە مىڭ يۈەن قەلەم ھەققىگە ئېرىشىدىكەن، ئۈچ ۋاق تامىقىدا گۆشلۈك تۈگرە، يەنە تېخى پۆرە (خوشاڭ) يەيدىكەن، ئۇلارنى ھەربىر چىشلىگەندە، مايلىرى «جىرت-جىرت» قىلىپ چىقىپ كېتىدىكەن... ئەۋلىيالارنىڭ تۇرمۇشىمۇ بۇنىڭغا يەتمەيدىكەن! مويەن گۆشلۈك تۈگرە يېيىش ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوڭ بولغاندا چوقۇم يازغۇچى بولۇشقا بەل باغلايدۇ.
ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىكى ئاچارچىلىق خاتىرىلىرى  مويەننىڭ دۇنيا قارىشىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. شۇڭلاشقا مويەننىڭ ھېكايىلىرىدىكى بالىلار دۇنيادا پەقەت مۇنداق ئىككىلا نەرسە بار دەپ قارايدۇ: ئۇنىڭ بىرى، يېيەلەيدىغان نەرسىلەر، يەنە بىرى، يېيەلمەيدىغان نەسىلەر. ئۇ نام قازانغان ئەسىرى «سۈزۈك سەۋزە» دە «كەنت سېكىرتارىنىڭ ئاغزىدا چاينىلىۋاتقان نەرسىلەر خۇددى ئېتىز چاشقىنىنىڭ لۆمۈلدىشىگە ئوخشايتتى» دەپ تەسۋىرلەپ، يېيىشنىڭمۇ بىرخىل ھوقۇق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت چوڭقۇر تېمىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئەمما «تولغان ساغرا» ناملىق ئەسىرىدە، گۈزەل بىر ئايال دوختۇرنىڭ ئاچارچىلىق مەزگىلىدە بىر ھورنان ئۈچۈن ئاشخانا باشقۇرغۇچىسىنىڭ خورلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. بۇنداق قورقونچلۇق تەپسىلاتلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم ئېسىدىن كۆتۈرۈلمەيدۇ.
ئا        چارچىلىقتىن باشقا، غېرىبلىقمۇ مويەننىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ. «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» نەزگىلىدە، مويەن «ھاللىق ئوتتۇرا دېھقان» ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان، دەپ قارىلىپ چەتكە قېقىلىدۇ ۋە خورلىنىدۇ. باشلانغۇچنىڭ بەشىنچى يىللىقىدىلا ئوقۇشتىن چېكىنىپ كالا بېقىشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئۇ كۈنلىرىنى كەنت سىرتىدىكى كۆز يەتكۈسىز قاقاس دالىدا بىرنەچچە كالا بىلەن بىرگە ئۆتكۈزىدۇ. «كالىلار ناھايىتى بەھوزۇر ئوتلىشاتتى، مەن بىلەن پەقەت كارى يوق ئىدى؛ بۇلۇتلار بىلەن سۆزلەشكۈم بولسىمۇ، بۇلۇتلار ماڭا پەرۋا قىلمايتتى؛ ئاسماندا نۇرغۇن قۇشلار بار ئىدى، ئۇلار بەك يېقىملىق سايرىشاتتى، بولۇپمۇ بوزتورغاي، سوپىتورغايلارنىڭ يېقىملىق سايراشلىرى ئاجايىپ ئامراقلىقىمنى كەلتۈرەتتى، ئەمما ئۇلار ناھايىتى ئالدىراشلا يۈرۈشەتتى، مەن بىلەن پەقەتلا كارى يوق ئىدى...» 12 ياشلىق مويەن چۆپلۈكتە تەنھا يېتىپ نۇرغۇن شېرىن خىياللارغا غەرق بولاتتى، «دەرىجىدىن تاشقىرى» تەپەككۇر دۇلدۇلى ئەنە شۇنداق ئەركىن پەرۋاز قىلاتتى؛ ھېچكىم بىلەن پىكىرلىشىش ئىمكانىيىتى بولمىغاچقا، ئۇ كىچىكدىنلا ئۆزىگە ئۆزى سۆزلەيدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەن ئىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرى ھەم بەلگىلىك ماقالە-ئەسەر تۈسىگە، ھەم مۇئەييەن ئاھاڭدارلىققا (قاپىيەداشلىققا) ئىگە ئىدى.
مويەننىڭ سۆزمەنلىكى ئۆزى ۋە ئائىلىسىگە خېلى كۆپ ئاۋارىچىلىقمۇ ئېلىپ كەلگەن. ئانىسى ئىلگىرى ئۇنىڭغا ناھايىتى ئازابلانغان ھالدا: «بالام، جىق گەپ قىلمىغىن، بولامدۇ؟» دەپ نەسىھەت قىلغان. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ يازغۇچىلىق يولىغا رەسمىي قەدەم قويغاندا، «گۇەن مويې» دېگەن ئۈچ خەتلىك ئىسىمنى قىسقارتىپ «مويەن» دېگەن ئىككى خەتلىك ئىسىمغا ئۆزگەرتكەن ھەمدە بۇنى تەخەللۇس قىلىپ ئىشلەتكەن. بۇنىڭدىكى مەقسەت، ئانىسىنىڭ نەسىھەتىنى ئېسىدىن چىقارماسلىق، ئاز سۆزلەپ، كۆپ تەپەككۇر قىلىش، ئەستىن چىقمايدىغان ئاشۇنداق سۆزلەرنى ھېكايىلىرىغا كىرگۈزۈشتىن ئىبارەت ئىدى.
نام قازانغاندىن كېيىن، مويەن ھەمىشە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىدا تۇرۇپ بالىلىق چاغلىرىنى ئەسلەيدۇ: «ئەلۋەتتە، مەن بالىلىق ھاياتىمنى ياخشىراق ئۆتكۈزۈشنى ئويلايتتىم، ئەمما ئەدەبىيات نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇكەممەل تەربىيەگە ئىگە بولالمىغان، قورسىقىم تويغۇدەك تاماق يېيەلمىگەن، بەدىنىم ئىللىغۇدەك كىيىم كىيەلمىگەن. 15 يېشىمدىن ئىلگىرى تېخى ئېغى ئوچۇق ئىشتان كىيەتتىم، بالىلار قىلىشقا تېگىشلىك بولمىغان ئىشلارنى قىلاتتىم، مۇشۇنداق ئالاھىدە كەچۈرمىش مېنىڭ ئىجادىيەت بايلىقىم بولدى.»
دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدىكى «دوڭبېي يېزىسى»
گاۋمىي ناھىيەسى تارىخى ئۇزۇن، مول مەدەنىيەتلىك قەدىمىي شەھەر بولۇپ، ئاجايىپ-غارايىپ رىۋايەتلەر ۋە سىرلىق ئۆرپ-ئادەتلەر كەڭرى تارقالغان. چوڭلار ھەمىشە ئاغزىدىن چۈشۈرمەي ئېيتىپ بېرىدىغان ھەرقايسى سۇلالىلەر ۋە ھاكىمىيەتنىڭ ئالمىشىشى توغرىسىدىكى تارىخىي ۋە غەلىتە ھېكايىلەر مويەننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە ئەڭ دەسلەپكى ئاساسنى سالغان.
ئۇ ئىلگىرى بوۋىسىدىن كەنتنىڭ ئارقا تەرىپىدىكى كۆۋرۈكتە بىر «قارا ئالۋاستى» نىڭ بارلىقى، كېچىسى ئادەم ئۆتۈپ قالسا، «ئالۋاستى» كەينىدىن كېلىپلا ئۇنىڭ دولىسىغا ئۇرۇپ قويىدىغانلىقى ھەمدە خىرىلداپ كۈلۈپ كېتىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغانىدى. بىر قېتىم، مويەن ئاشۇ كۆۋرۈكتىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ئىختىيارسىز ناخشا توۋلاپ كېتىدۇ. ئانىسى: «يېرىم كېچىدە نېمىشقا ناخشا ئېيتىسەن؟» دەپ سورىغاندا، مويەن: «ھېلىقى ‹قارا ئالۋاستى›دىن قورقىمەن» دەپ قورقۇمسىراپ جاۋاب بېرىدۇ. ئانىسى ئۇنىڭغا: «دۇنيادىكى ئەڭ قورقونچلۇق نەرسە ئادەم...» دەيدۇ. بۇنداق گەپلەر مويەننى ئۈن-تىنسىز تەربىيەلەيدۇ ھەمدە كېيىنكى ئىجادىيىتىنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ.
مويەن باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغان ھېكايىلەردىن تاشقىرى، يەنە ئوقۇغان كىتابلىرىنىمۇ ئىجادىيەت مەنبەسى قىلىدۇ. شۇ چاغلاردا، يېزىلاردا كىتاب ناھايىتى ئاز تېپىلاتتى. مويەن ئائىلىمۇ ئائىلە كىرىپ كىتاب ئارىيەت ئېلىپ كىتاب كۆرۈش ئىستىكىنى قاندۇرىدۇ. ئەتراپتىكى ئون نەچچە كەنتكە ئېرىنمەي بېرىپ قايسى ئۆيدە قانداق كىتاب بولسا، شۇ كىتابنى ئۆتنە ئېلىپ ئوقۇيدۇ. تاشچى ئائىلىسىدىكى «فېڭشېن قىسسىسى» ناملىق قىستۇرما رەسىملىك كىتابنى ئوقۇۋېلىش ئۈچۈن، ئۇ تاشچى ئائىلىسىگە يېرىم كۈن تاش سىلىقلاپ بېرىپ، ئاندىن بۇ كىتابنى ئىككى سائەتلا ئوقۇۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
كەچقۇرۇنلىرى، كەنتتە توك بولمىسا، ئۇ كىرسىن لامپىسىنى ئىشىككە ئېسىپ قويۇپ، بوسۇغۇدا تۇرۇپلا كىتاب ئوقۇيتتى. ھەمىشە كىتاب كۆرگەچكە، ئۇنىڭ چاچلىرى چۈشۈپ ئازلاپ كېتەتتى، بۇنى كۆگەن ئانىسى: «يەنە بىر تال چېچىڭدىن ئايرىلدىڭ مانا!» دەپ ۋارقىرايتتى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، بوسۇغىمۇ بىلىنەرلىك دەرىجىدە ئولتۇرۇشۇپ كېتەتتى.
1976-يىلى، 21 ياشقا كىرگەن مويەن ھەربىي سەپكە كىرىدۇ. «ئەينى چاغدا، مەن ئەگەر مۇشۇ نامرات يېزىدىن ئايرىلسام، ھەرگىز قايتىپ كەلمەيمەن، دەپ ئويلىغان». ئۇ گەرچە تاقەتسىزلىك بىلەن كۈتكەن ئارزۇسىغا يېتىپ گاۋمىي ناھىيەسىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى كۈنلەردە ئۇ يېزىقچىلىق ئۈچۈن بۇ يۇرتقا تالاي قېتىملاپ كېلىدۇ.
بوخەي دېڭىزى پورتىدا پوستتا تۇرغان قاراۋۇلنىڭ مىزگىنى چېلىنغاندا «قەددىمنى رۇسلاپ تىك تۇرىمەن، ئەمما تەپەككۇرۇم يازماقچى بولغان ھېكايىلەر ئۈستىدە ئەركىن پەرۋاز قىلىدۇ». مۇشۇ مەزگىلدىن باشلاپ، مويەن گېزىت-ژۇرناللارغا ئەسەر يوللاشقا باشلايدۇ. ئەمما ئەۋەتكەن ئەسەرلىرى نۇرغۇن قېتىم قايتۇرۇۋېتىلىدۇ. 1981-يىلىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى، ئۇنىڭ تۇنجى ئەسىرى «باھار كېچىسى شارىلداپ ياغقان يامغۇر» ئاخىرى ئېلان قىلىنىدۇ. باھارنىڭ يامغۇرلۇق بىر ئاخشىمى بىر ياش چوكاننىڭ يىراققا ئەسكەرلىككە كەتكەن ئېرىنى چەكسىز سېغىنغانلىقى تېما قىلىنىپ يېزىلغان بۇ ھېكايە ئۇنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت ساھەسىدىكى تۇنجى قەدىمى بولۇپ قالىدۇ.
1984-يىلى، مويەن ئومۇمىي نومۇردا بىرىنچى بولۇپ ئازادلىق ئارمىيە سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىدۇ. تۆت كىشىلىك ئاددىي ياتاقتا، ئۇ ئىجادىيەتتىكى «كۆكلەش» مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئىككى يىلدا يازغان ئەسەرلىرىنىڭ خەت سانىلا سەككىز-توققۇز يۈز مىڭدىن ئېشىپ كېتىدۇ. كېيىن رېژىسسور خۇ جيەنچى تەرىپىدىن كىنو قىلىپ ئىشلەنگەن «ئىللىقلىق» ناملىق ھېكايىدىكى «ئاق ئىتنىڭ ئىلەڭگۈچ تارتىشى» دا، مويەن «گاۋمىي ناھىيەسى دوڭبېي يېزىسى» دېگەن بۇ سىمۋول خاراكتېرلىك جاي نامىنى تۇنجى قېتىم ئىشلىتىدۇ.
مويەننى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا ھەقىقىي تونۇتقىنى يەنىلا ئۇنىڭ «قىزىل قوناقلىقتا» ناملىق رومانى. بۇ رومان ئېلان قىلىنىشى بىلەن جەمئىيەتتە زور زىلزىلە پەيدا قىلىپ، شۇ چاغدىكى ياش رېژىسسور جاڭ يىمۇنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغايدۇ. جاڭ يىمۇ باش رېژىسسورلۇقىدىكى «قىزىل قوناقلىتا» فىلىمى پۈتكۈل جۇڭگونى لەرزىگە سېلىپلا قالماي، مويەن ۋە ئۇنىڭ ئاجايىپ رەڭگا رەڭ «دوڭبېي يېزىسى» نىمۇ غەربلىكلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر قىلىدۇ.
«قىزىل قوناقلىقتا» ناملىق رومان روياپقا چىققاندىن كېيىنكى 20 نەچچە يىل ئىچىدە، مويەن «گاۋمىي ناھىيەسى دوڭبېي يېزىسى» ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. «قىزىل قوناق ئائىلىسى» دە «بوۋا-مومىلىرىم» دەپ يازسا، 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا يازغان «تولغان ساغرا» ناملىق ئەسىرىدە «ئاتا-ئانىلىرىم» دەپ يازىدۇ؛ 2006-يىلى يازغان «ھايات-مامات ھارغىنلىقى» ناملىق ئەسىرىدە «بىز بۇ ئەۋلادلار» دەپ يازىدۇ. دوڭبېي يېزىسىدىن ئىبارەت بۇ يەر شارىنىڭ شەرقىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان سۈكۈتكە چۆمگەن جۇڭگو يېزىسى ئاستا-ئاستا فائۇلكنېرنىڭ «يوكناپاتافخا بازىرى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ماركىسنىڭ «مازار مۇلتى بازىرى» ناملىق ئەسىرىدىنمۇ قېلىشمايدىغان مۇستەقىل ئەدەبىيات زېمىنىگە ئايلىنىپ، دۇنيا ئەدەبىيات مۇنبىرىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولىدۇ.
جىنايى تۇيغۇغا ئىگە بولمىغان ئادەم رەھىمدىل ئادەم بولالمايدۇ
مويەننىڭ ئىجادىيىتى ئادەتتىكى خاتىرجەم تۇرمۇشقا مەركەزلەشكەندىن سىرت، يەنە رېئاللىقتىن ھالقىغان غەلىتە ئىش-ۋەقەلەرگە، مەسىلەن، ئەپسانىۋى ئۇرۇشلار، كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئاجايىپ ئۆلۈم، تەنتەنىلىك دەپنە مۇراسىمى قاتارلىقلارغىمۇ مەركەزلەشكەن. بارلىق نەپسلىك، تىنچ ۋە خاتىرجەملىك، كىشىلەر ئارىسىدىكى نامۇۋاپىق ئىشلار، ئاداۋەت، قارشىلىق، ھالاكەت ھەمدە چەكسىز مۇھەببەت بىلەن لىق تولغان تۇرمۇش كارتىنىسى ئاشۇ ئىش-ۋەقەلەر ئىچىگە يوشۇرۇنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ تىلى ئىنتايىن ئويناق، خىيالى تۈسى قويۇق، ۋەقەلىكى ھەيۋەتلىك بولۇپ، تەنتەنىلىك ئۇسلۇبقا ئىگە قىلىنغان. «نيو-يورك ۋاقىت گېزىتى» دە: «مويەن دۇنياۋى يازغۇچى» دەپ يۇقىرى باھا بېرىلگەن. نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ياپونىيەلىك يازغۇچى كېنزابۇرو ئىلگىرى «مويەن ئىجادىيىتى ئاسىيانىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ 2015-يىلى چوقۇم نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشىدۇ» دەپ ئېيتقان.
لېكىن، ئابروي ۋە نام-ئاتاق يەنىلا مويەننى رازى قىلالمىدى. يېقىندىن بېرى، ئۇ گاۋمىي ناھىيەسى دوڭبېي يېزىسىدىكى ئائىلىۋى ئىشلارنى يېزىشنى ئاستا-ئاستا ئاخىرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن دىققىتىنى رومان ئىجادىيىتىدە تىنىمسىز ئىزدىنىشكە ۋە يېڭىلىق يارتىشقا قاراتتى. مويەن ئۆزىمۇ «ئۆزىدىن ھالقىيالماسلىق باشقىلارنىڭ ئەسىرىنى كۆچۈرۈۋېلىشتىنمۇ ئارتۇق نومۇسلۇق ئىش» دەپ قارايدۇ.
2009-يىلى، ئۈچ يىللىق بېكىنمىچىلىكتىن قۇتۇلغان مويەننىڭ «پاقا» ناملىق رومانى نەشر قىلىندى. «سەھرالىق دوختۇر قىز» نىڭ بىر ئۆمۈرلۈك ھايات سەرگۈزەشتىلىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بۇ روماندا ئاساسلىقى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنىڭ كىشىلەر ئارىسىدىكى تەسىرى، بەزىلەرنىڭ بۇ ئىشقا بولغان يۈزەكى قاراشلىرى ئاساساىي تېما قىلىنغان، ئىپادىلەش ئۇسۇلى ۋە تىل جەھەتتىن ئېيتقاندىمۇ ئىلگىرىكى ئەسەرلىرىگە قارىغاندا ئۆزگىچىىلىككە ئىگە قىلىنغان. 2011-يىلى، «پاقا» ناملىق ئەسىرى زور ئۈستۈنلۈك بىلەن 8-نۆۋەتلىك «ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن.
مويەن ئۆزىنىڭ ئىجادىيىتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ مۇنداق دەيدۇ: «ئالدى بىلەن ياخشى ئادەمنى ئەسكى ئادەم قىلىپ يازدىم، ئاندىن ئەسكى ئادەمنى ياخشى ئادەم قىلىپ يازدىم. دەسلەپتا باشقىلارنى يازدىم، كېيىن ئاستا-ئاستا ئۆزۈمنى، ئۆزۈمنىڭ پسىخىك كەچۈرمىشلىرىنى، قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىكى رەزىللىكنى يازدىم. ‹پاقا›ناملىق ئەسىرىمدە دەل ئۆزۈمنى جىنايەتچى سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ يازدىم. جىنايى تۇيغۇغا ئىگە بولمىغان ئادەم زومىگەر، ناچار ئادەم بولۇپ قالىدۇ؛ جىنايى تۇيغۇغا ئىگە بولغان ئادەملا كەڭ قورساق، ئاق كۆڭۈل ئادەم بولالايدۇ.»
مويەن ئۆزىنىڭ خاراكتېرىنى مۇنداق ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلايدۇ: ئاق كۆڭۈللۈك، ئىرادىسىزلىك، ئېھتىياتچانلىق. «‹تولغان ساغرا› دا، شاڭگۈەن جىنتۇڭنىڭ ئەڭ زور ئاجىزلىقى ئۇنىڭ ئىرادىسزلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ، بۇ مېنىڭ مەنىۋى تەرجىمىھالىم. مەن تۇرمۇشتا ئىرادىسز، ئاجىز بولغاچقا، ئۆزۈمنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايتتىم، پەقەت ھېكايىلا يازاتتىم. ئادەتتە دېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان نۇرغۇن گەپلىرىمنى، قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان نۇرغۇن ئىشلىرىمنى قەلمىم ئاستىدىكى پېرسوناژلارغا دېگۈزەتتىم، قىلغۇزاتتىم. ئەسەرلىرىمدە، مەن بىردىنبىر خەۋەر يەتكۈزگۈچى بولاتتىم، مەن ‹قارا›دېسەم، ‹قارا›، ‹ئاق› دېسەم، ‹ئاق›بولاتتى. ئۇلۇغۋار غايىگە ئىگە يازغۇچىلاردا مۇشۇنداق جاسارەت بولۇشى، بىردىنبىر خەۋەر يەتكۈزگۈچى بولالايدىغان ئىرادە بولۇشى كېرەك.»
يېزىقچىلىقتا مۇشۇنداق بېشەملىك قىلىپ جار سالالايدىغان مويەن تۇرمۇشتا ئىنتايىن «ياۋاش» ئادەم ئىدى. كىشىلەرگە كەم سۆز، ئىچ مىجەز تەسىر بېرەتتى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئىلتىماسىنى رەت قىلىشتىن شۇنچىلىق قورقاتتى، ئامال بار ھەرقانداق ئېھتىياجىنى قانائەتلەندۈرۈشنى ئىستەيتتى. «نوبېل مۇكاپاتى» نى بىمەزگىل چاغدا نائىلاج ئېلىشقا مەجبۇر بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ ئادەتتە كىشىلەرنىڭ قىسقا ئۇچۇرىغىمۇ جاۋاب قايتۇراتتى؛ ئۇنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى شۇنچىلىك يۇقىرى ئىدىكى، بىر كۆرگەن كىشىنىڭ ئىسمىنىمۇ ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋالاتتى.
نام قازانغان ئۇزاق يىللاردىن بېرى، مويەن ئىزچىل تۈردە ئادەتتىكىدەك تۇرمۇش كەچۈرۈپ كەلدى. ئاددىي-ساددا كىيىندى، ياز كۈنلىرى كونىراپ كەتكەن پەلتۇسىنى كىيىۋالسا، قىش كۈنلىرى پاختىلىق جۇۋىسى بىلەن پاختىلىق ئىشتىنىنى كىيىۋالاتتى؛ ئاددىيلا بېزەلگەن كونا ئۆيدە ئولتۇراتتى، سافالىرىنىڭ پۇرژۇنلىرىمۇ بۇزۇلۇپ كەتكەن بولۇپ، ئادەم ئولتۇرسا ئىچىگە چۆكۈپ قالاتتى؛ ئىشقا بېرىپ-كېلىشتە مېتروغا ئولتۇراتتى، ئەزەلدىن كېچىكىپ قالمايتتى؛ ھەر قېتىم گاۋمىي ناھىيەسىگە بارسا، ناھىيەنىڭ چوڭ بازىرىغا بېرىشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى، چېچىنىمۇ ئادەتتىكى ساتىراشخانىلارغا كىرىپ ياسىتاتتى، تۈگرىنى ئەڭ ياقتۇرۇپ يەيتتى.
پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئۇنىڭ «نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتى» غا ئېرىشكىنىگە تەنتەنە يۈرگەن چاغلاردا، ئۇ يەنىلا ئاددىي-ساددىلىقىنى، كەمتەرلىكىنى يوقىتىپ قويمىدى، ئۆزىنى «قالتىس» چاغلىۋالمىدى. «بەش مىنۇتلا ھاياجانلىنىش يېتەرلىك، بۇنى بەك چوڭ ئىش دەپ بىلىۋالماسلىق كېرەك، بىر يازغۇچىغا نىسبەتەن، ھەممىدىن مۇھىمى يەنىلا ئەسەر، ھەرگىزمۇ مۇكاپات ئەمەس. مەن ئامال بار مۇشۇنداق داغدۇغىلىق تەبرىكلەشلەر ۋە تەشۋىقاتلار ئىچىدىن بالدۇرراق قۇتۇلۇپ چىقىپ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمنى قىلسامكەن، دەپ ئارزۇ قىلىمەن.»
«سىز ‹مۇكاپات›قا ئېرىشكىنىڭىزنى قانداق تەبرىكلىمەكچى بولۇۋاتىسىز؟» دەپ سورالغان سوئالغا مويەن «ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بىرگە تۈگرە يەپ تەبرىكلىمەكچىمەن» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

خەنزۇچە «ياشلىق تەرمىلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2012-يىللىق 12-سانىدىن ئەلىجان ئوبۇل خەنجەر تەرجىمىسى


idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1502
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 632
تۆھپە : 0
توردا: 80
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 20:41:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوشخەۋەر!!!!
جۈمە كۈنى ئابلىكىم ھەسەن ئاكامنىڭ ئىشخانىسىدا مويەننىڭ«قىزىل قوناقلىقدا»نىڭ باسما نۇسخىسىنى كۆردۈم!!
ئۇيغۇرچىسى 2ئايدىن كېيىن بازارغا سېلىنىدىكەن!!
خەلق نەشىرياتىمۇ 2كىتابىنى ئىشلەۋېتىپتۇ!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەخەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-19 20:41  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1164
يازما سانى: 79
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 259
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-19 21:30:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوشخەۋەر!!!!
جۈمە كۈنى ئابلىكىم ھەسەن ئاكامنىڭ ئىشخانىسىدا مويەننىڭ«قىزىل قوناقلىقدا»نىڭ باسما نۇسخىسىنى كۆردۈم!!
ھەقىقەتەن ياخشى خوشخەۋەكەن!!!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


يازغۇچىلار تورىمىزنىڭ يېڭى بېتى ئېچىۋىتىلگىنىگە:
ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش