كۆرۈش: 32|ئىنكاس: 0

بارخاندىن ئەۋەتىلگەن سالام [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1581
يازما سانى: 7
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 42
تۆھپە : 0
توردا: 11
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 11:57:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارخاندىن ئەۋەتىلگەن سالام

ھىسلىرىمنى ئىزدەپ تاپالماي،
قوغلاپ باردىم سەھرايى چولگە،
چىدىيالماي چولنىڭ تەپتىگە،
ئۆزۇمنى ئاتتىم لوپنۇر كۆلگە.

چۇمۇلۇپ كەتتىم بارخاندىن ئۆتۇپ،
قۇم ئاستىدىكى سۇنىڭ يۇزىگە.
شۇ تاپتىلا سەگىدىم ئاندىن،
چۇشنىپ يىتىپ مورگان سۆزىگە.

قۇم قىرغاق بويىدا تۇرىدۇ قولۋاق،
ئۆردەكنى ئەمەس مېنى ساقلىغان.
يۈرۇپ كەتتىم بىكەتتىن شۇئان،
بۇ يولدا مەندەك ئۆردەكمۇ ماڭغان.

ھەر بارخاننىڭ تەكتىدۇر قەلئە،
يۇشۇرغان ئۆزىنى بوراندىن شۇنچە.
ئۇ گويا تارىخقا بولۇپ ئابىدە،
چىڭ تۇرغان ئۆزىنىڭ گۇۋاھ سۆزىدە.

قۇم ئوردىدا بىر ساھىپجامال،
ئالتۇنرەڭ چاچلىرى گوياكى تال- تال.
ئوڭ يېنىدا ئەركە بىر ئوغۇل،
جابدۇقلىرى ئاجايىپ سەر خىل.

تىنچ ئۇ يەر غەۋغادىن خالى،
راھەت تەبئى ئۇلارنىڭ ھالى.
ئەللەيگە مۇڭلۇق چىلىنپتۇ،
قەلىپ سازنىڭ مىڭ يىللىق تارى.

مەن يۇيۇندىم پاكلىق سۇيدە،
ئىزدەپ يۇرۇپ  بارخاندىن مەھەللە.
ھىسلىرىمدىن سوغاتلىق ئالدىم،
ئيتىپ بىرەي دەپ خەلقىمگە ئەلگە.

تەكلىپ قىلدى بىزنى ساھىپخان،
ئالسۇن دەپ ئۆتمۇشنى ئەسكە.
ئىلھاملىنىپ دەيدۇ ئۇ يەنە،
داۋان ئىشش چۇشمىسۇن تەسكە.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش