كۆرۈش: 37|ئىنكاس: 1

مىھمان...(پەرىشتە) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1547
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 71
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-18 11:30:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راھىلە ۋارىس

«مىھمان»
(ھىكايە)


رىستۇراننىڭ رەڭگا-رەڭ چىراقلىرى خۇددى جىددى ۋەزىپىسى باردەك،لاپ-لاپ،لاپ-لاپ قىلىپ ئۆچۈپ –يېنىپ ،كىشىنى  بىرخىل جىددىچىلىك ئىچىگە سۆرەپ كىرسە،ئادەمگە بىئاراملىق ھېس قىلدۇرىدىغان سۇس يورۇقى،بىر كۈن ئىشلەپ قاتتىق چارچاپ كەتكەن ئادەمنىڭ ھارغىن چىرايىنى ئەسلىتەتتى.ئۇسۇل سەھنىسىدىكى كىشىلەر بولسا،تېز تانسا موزىكىسىغا ئەگىشىپ بىر-بىرىنىڭ بەل-قوللىرىنى تۇتىۋىلىپ ئۇياندىن-بۇيانغا يۈگۈرۈپ يۈرىشەتتى.كۆڭلۈمدە« ماۋۇ خەخلەر نىمانداق كەچ قالغان بازارچىدەك يۈگۈرۈپ يۈرۈيدىغاندۇ؟»دىگەنلەرنى ئويلاپ، ئۇنىڭغا دەپ بىرەي دەپ بۇرۇلۇپ قارىدىم.بۇرۇن مۇشۇنداق قىززىق گەپلەرنى قىلىپ بەرسەم ئۇ خۇددى كىچىك بالىدەك تېلىقىپ كۈلۈپ«سىززە مۇخبىر بولغاچقا ئېغىزىڭىزدىن قىززىق گەپلەر چاقماقتەك چىقىدۇ،ھە.»دەپ مېنى ماختايتتى.
بىراق بۈگۈن ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇم كەلمىدى.
بايا ئۇ ماڭا«ئەلفىرە تانسا ئوينايلىمۇ؟» دېگەندە مەن ئۇنىڭ كۆزىگە بىر ھازا تىكىلىپ قارىۋىتىپ ئاندىن مەسخىرىلىك كۈلگىنىمنى كۆرۈپ،مەندىن كۆزلىرىنى ئىتتىك ئېلىپ قېچىپ تاماكىسىنى پۇرقىرتىپ چىكىپ ئولتۇرغان ئىدى.مانا ئەمدى دائىمقىدەك نېمە دىيىشىنى،نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي خۇددى دادىسىنىڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويغان كىچىك بالىدەك يەرگە قاراپ ئولتۇراتتى.شۇ تاپتا ماڭا ئۈستەل ئۈستىدىكى قورۇمىلارمۇ خۇددى ئۇنىڭدەكلا بىچارە كۆرۈنۈۋاتاتتى.
ئۇ«قىممەت باھالىق زىننەت بويۇملىرىنى ئېلىپ بەرسەم،مۇشۇنداق ھەرخىل كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا ئېلىپ كەلسەم،مېنى كەچۈرۋىتىدۇ» دەپ ئويلاپ قانچە زورۇققانسىرى،ئۇ كۈندىكى مەنزىرە دائىم كۆزئالدىمدىن كەتمەي مېنى بىئارام قىلاتتى.
مەن مۇخبىرلىق كەسپىمنى بەكمۇ قىزغىن سۆيەتتىم.شۇنىڭ ئۈچۈن يىراق ناھىيەلەرگە زىيارەتكە بارغىنىمدا نەچچە كۈن تۇرۇپ كىتەتتىم.بىراق بۇ قېتىم توي قىلغىنىمىزغا نەچچە ئايلا بولغان سۆيۈملۈك ئىرىمنى يالغۇز قويۇشقا كۆڭلۈم چىدىماي، زىيارەتنى تىزلا تۈگۈتۈپ،بەلگىلەنگەن مۆھلەتتىن ئىككى كۈن بۇرۇن قايتىپ كەلدىم.
مەن بىكەتتە ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلماقچى بولدۇم.ئۇ چىرايلىق «بىنىس» ماركىلىق ماشىنىسىنى ھەيدەپ كىلىپ مېنى ئېلىپ كىتەتتى.بىراق دەرھال بۇ ئويۇمدىن ياندىم.مەن«بالدۇرراق ئۆيگە بىرىپ ئۇ كەلگىچە تاماق ئىتىپ تۇرسام،ئۇ ئىشتىن ھېرىپ كەلگەندە،ئۆيدىكى مىزىلىك تاماق پۇرىقىدىن مېنىڭ كەلگىنىمنى بىلىپ خۇشال بولۇپ كېتىدۇ» دەپ ئويلىدىم-دە، تاكسى توستۇم.
مەن ئۆيگە كېرىپ كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرىۋىتىپ، ئۆينى بىرەر قۇر رەتلىۋەتكەندىن كىيىن،سۆيۈملۈك ئىرىمنىڭ ئەڭ ئامراق تامىقى لەڭمەنگە تۇتۇش قىلدىم.خېمىر يۇغۇرۇپ،چىرايلىق پىلتە قىلدىم.ئاندىن لەڭمەننىڭ قورۇمىسىنى قورىدىم.
ئۇنىڭ دائىم تاماقنى يەپ بولۇپ «سۆيۈملۈگۈم قولىڭىز ئۆزىڭىزدەكلا تاتلىق جۇمۇ!» دېگەندەك ماختاشلىرىنى ئويلاپ ھوزۇرلىنىپ تۇراتتىم،سىرتتىن ماشىنا كىلىپ توختىغان ئاۋاز ئاڭلاندى.ئىتتىك بالىكونغا چىقىپ ئەينەكتىن قارىدىم-دە، بۇ مەنزىرىدىن ھەيران قالدىم.
مېنىڭ سۆيۈملۈك ئىرىم «بىنىس» ماركىلىق ماشىنىسدىن چۈشتى-دە، ماشىنىسىنىڭ ئالدىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ماشىنىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئىشىگىنى ئېچىپ،ئوڭ قولىنى ئالقىنىنى ئۇستى تەرەپكە قىلىپ ماشىنا ئىچىگە ئۇزاتتى.ماشىنا ئىچىدىن، بارماقلىرى چوكىدەك ئىنچىكە،تىرنىقىغا قىپ-قىزىل خىنە قويۇلغان، تۈلكە جىننىڭ قوللىرىدەك بىر قول چىقىپ ئىرىمنىڭ قولى ئۈستىگە قويۇلدى.ئارقىدىنلا تۈلكە جىننىڭ بېشى كۆرۈندى.
ۋۇي! ئۇنى تۈلكە جىنغا ئوخشىتىپ ئاددى تەرپلەپ قويۇپتىمەن ئەمەسمۇ؟ ئۇ خۇددى سۇنۋۇكۇڭنىڭ كىنوسىدىكى پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنىڭ ئۆزىلا ئىكەن ئەمەسمۇ؟ئۇنىڭ مۈرىسىدە يېيىلىپ تۇرغان دولقۇنسىمان ئۇزۇن چاچلىرى ،قېنىق سۈرمە سۈرتۈلگەن يوغان كۆزلىرى،تۈلكە جىننىڭكىدەك ئىنچىكە ئۇچلۇق بۇرنلىرى ئەينەكتىن قارىسا راستىنلا ئۇيغۇر خەلىق چۆچەكلىرىدىكى قان شورىغۇچ يالماۋۇزغىلا ئوخشايتتى.
بىراق مېنىڭ سۆيۈملۈك ئىرىم،ئىگىز پاشنىلىق ئۆتۈك كىيگەن،ھوشۇقىغا كەلگۈدەك ئۇزۇن پەلتۇ كىيگەن بۇ جانان قىزنىڭ قولىدىن مەھكەم تۇتقىنىچە قورۇنىڭ ئىشىگىدىن كىرىپ كەتتى.پاھ، نېمە دېگەن رومانتىك،ھە!
بالكۇننىڭ دەرىزىسىنى ئېچىۋەتتىم.سىرتتىن كىرگەن،يانۋارنىڭ مۇزدەك شامىلى يۈزۈمگە، ياق يۈرۈگۈمگە نەشتىرىنى سانچىغاندەك بولدى.نېمە قىلىشىمنى بىلمىدىم.ئۆيدىن ئوقتەك چىقىپ كەتكۈم بار ئىدى.
تۇيۇقسىز پاسىق سۆڭەك ئالۋاستىنىڭ كۈلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.
-ھا،ھا،ھا! ئايالىڭىزنىمۇ مۇشۇنداق كۆتۈرۈپ ئېلىپ چىققانمۇ؟ھا،ھا،ھا!
بۇرنۇم زىڭڭىدە ئىچىشقاندەك بولدى-دە،كۆزلىرىمگە ياش كەلدى.ئۆزۈمنى قاتتىق تۇتۇۋالدىم. «توغرا مېنىڭ سۆيۈملۈك ئىرىم ئۆيگە مىھمان باشلاپ كىرىۋاتىدۇ.مىھماننى چىرايلىق قارشى ئېلىش ساھىبخاننىڭ مەجبۇرىيتى.» مەن مىھماننى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئىشىكنىڭ ئالدىغا باردىم. قۇلۇپقا ئاچقۇچ سېلىنغان ئاۋاز ئاڭلاندى.«قېنى مەرھەممەت».ئىرىمنىڭ مۇنداقمۇ يېقىملىق سۆزلىرى بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟خۇددى مىھمانخانا كۈتكۈچىلىرىدەك.
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!!!
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام.
ئۆيگە ئەركىلەپ كىرىپ كەلگەن قىزنىڭ ئاۋۋال پۇتۇمغا چۈشكەن كۆزلىرى،ئاستاغىنە يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈپ مېنىڭ ياش لىغىرلاپ تۇرغان كۆزلىرىم بىلەن ئۇچراشتى-دە،چەكچىيىپ كەتتى.
جاۋاپ سالىمىمنى ئاڭلاپ،ئۇ قىزنى ئىتتىرىپ دېگۈدەك ئۆيگە كىرگەن سۆيۈملۈك ئىرىم ئەنقەر بولسا«ئەلفىرە!سىز...»دېگىنىچە داڭقېتىپ تۇرۇپلا قالدى.

2012-يىلى12-ئاينىڭ 19-كۈنى.   


مەنبە:پەرىشتە

mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  700
يازما سانى: 216
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1555
تۆھپە : 0
توردا: 95
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-20 05:49:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق شەيتاندىن تۆرەلگەن مىھمانغا لەنەت

كۈلۈشۈمنى كىملەر سېغىندى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش